مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 803|ئىنكاس: 13

قانداق قىلاي بۇ ئىشقا ‹ساتىرا› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22704
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7018
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3267 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 10:44:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قانداق قىلاي بۇ ئىشقا

‹ساتىرا›


خوشنام بېقىپ توخۇنى،

قويۇپ بەرگەچ مەيلىگە.

باغچا ساناپ ھويلامنى،

كېلەر بولدى <سەيلىگە>.


قوغلىغانغا چىقمىدى،

كۈندۈز بىلەن كىچىدە.

يەپ تۈگەتتى ئۈنگەننى،

ئۈچ_تۆت كۈننىڭ ئىچىدە،


<تاق>دىسەممۇ چىقمايدۇ،

ھەر تەرەپكە پالاقلاپ.

مىنى زاڭلىق قىلىدۇ،

بار ئاۋازدا قاقاقلاپ.


سەيلە قىلسا ھويلامدا،

ئۇيان- بۇيان يۈگۈرۈپ.

<گۈل>چىېكىدۇ ھەريانغا،

كەينى بىلەن تۈكۈرۈپ...


خوشنام كۆرۈپ بۇ ئىشنى،

كىتەر بەزى ئالىيىپ.

خوشنا بولغاچ كۆرۈپ چوڭ،

مەن تۇرىمەن سالپىىيىپ.


دوستۇم سىزگە بىر سۇئال،

گۇنا كىمدە ئيتىڭا؟

قانداق قىلاي بۇ ئىشقا،

بىر يولىنى تېپىڭا...؟


مەنبە :كىچىك ئاتامنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-6 11:59 AM  


زوررو

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 818
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8427
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 727 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 11:39:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوشنا قولۇملار ئارا،
ساقلانماق تەس بۇنىڭغا.
تەمكىن ھەم بەك سوغۇققان.
بولۇڭ دائىم ئۇنىڭغا.

توخۇ كىچىك جىدەل چوڭ،
قەلب ئازار يېمىسۇن.
قوشنىڭىز ھەم سىزنىمۇ،
كۆزى كىچىك دېمىسۇن.

سوراپ قالار ئۆزىنى،
سەۋر قىلىڭ داۋاملىق.
دەز كەتمىسۇن دوستلۇققا،
ئەڭ مۇھىمى ئىناقلىق.

ئۆزرە ئېيتىڭ قوشنىغا،
چۈشەندۇرۈڭ چىرايلىق.
ھىس قىپ قالار ھەممىگە،
زىيان دېگەن بەك ئاچچىق.

كۈنلەر ئۆتەر ئاي ئۆتەر،
كېتىپ قالار ھەممىسى،
ئەمما كەتمەس ئاداۋەت،
ئېشىپ غېمى غۇسسىسى.

يىراقتىكى تۇققاندىن،
قوشنا ئەلا ھەرقاچان.
كۆڭۈللەرگە كەتسە دەز،
بۇ ھەممىدىن بەك يامان.


ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2719
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 962 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 11:42:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىچىگە يۇشۇرۇنغان مەزمۇننىڭ ۋەزنى خىلى باركەن.....................................

ساغلام مەزمۇن يوللاپ، مەدەنى تور مۇھىتى يارىتايلى، مەن مىسرانىم مۇنبىرىنى ياخشى كۆرىمەن.

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 1591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22995
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3410 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 12:09:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلار يېزىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ . باشقىلارنىڭ ھويلا ئاراملىرىدا دانلىغان توخۇنىڭ تۇخۇمى ھارام بولىدۇ . بۇنى كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلمەمدىكىن تاڭ ، توخۇلىرىنى سۇلاپ بېقىشقا پەقەتلا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80615
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3017
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-5-25
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 12:51:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توساق قويۇڭ سەيلىككە،
كىرەلمىسۇن توخۇلار.
ياكى ئېيتىڭ خوشنىغا،
باقسۇن ئۇنى قۇمۇدا...

ھەققىڭىزنى يەپ كەتسە،
سۈكۈت قىلىش بولمايدۇ.
ھارام يېگەن توخۇدىن
قىلچىلىك نەپ كەلمەيدۇ.

ھەققىڭىزنى قوغداڭ سىز،
توخۇلارنى كىرگۈزمەي.
دىققەت قىلسۇن خوشنىڭىز،
ئاڭا ھارام يېگۈزمەي.

خوشنىڭىزغا ۋە سىزگە
پايدا بولار شۇنداقتا.
چۈنكى ئاللاھ سورايدۇ
قىيامەتتە چوقۇملا.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80615
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3017
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-5-25
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 03:32:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئاندا بىر قىسسە بار: بىر ئادەمنىڭ قويلىرى بىر كىشىنىڭ ئېتىزلىقىغا كىرىپ زىرائەتلىرىنى يەپ كېتىدۇ. زىيانغا ئۇچرىغۇچى كىشى داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئەرز قىلىپ كېلىدۇ. داۋۇت ئەلەيھىسسالام قوينى زىرائەت ئىگىسىگە تۆلەم سۈپىتىدە بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. بىراق سۇلايمان ئەلەيھىسسالام مەسىلىگە باشقىچە قاراپ، قوي ئىگىسى زىرائەتلەرنى قايتا تېرىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولغۇچە قويلاردىن (سۈتى، يۇڭى، مايىقى...قاتارلىقلاردىن) زىرائەت ئىگىسى پايدىلىنىپ تۇرۇشنى ئېيتىدۇ.
مۇشۇ پەتىۋا بويىچە بولغاندا، سىزگە زىيان سالغان توخۇلارنى سىز تۇتۇپ قېلىپ تۇخۇمىدىن پايدىلانسىڭىز، خوشنىڭىز سەيلەرنى قايتا تېرىپ ئۆستۈرۈپ بەرگەندە توخۇسىنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
باللا، مۇسۇلمان دېگەن باشقىسىنىڭ ھەققىنى يېمەيدۇ ھەم باشقىلارغا بوزەك بولۇپ ئۆز ھەققىنى تارتقۇزۇپ قويۇپمۇ ئولتۇرمايدۇ.
شۇڭا، ھەق-ئادالەت مەسىلىسىدە قۇرئان كۆرسەتكەن بويىچە، خەقنىڭ ھەققىنى يېمەسلىك ۋە ئۆز ھەققىدىن مەھرۇم بولۇپمۇ ئولتۇرماسلىق كېرەك.
سىزنىڭ خوشنىڭىزغا سۈكۈتتە يول قويغىنىڭىز، ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ زۇلۇم قىلىشىغا ياردەملەشكىنىڭىز، ئۇنىڭ گۇناھتا ئەزۋەيلىشىگە، باشقىلارغا زىيان سېلىشىغا ياردەملەشكىنىڭىز بولىدۇ.
قۇرئاندا دېيىلىشىچە «ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن مەنئى قىلىدىغان جامائە مەقسىتىگە يېتىدۇ». زولۇمغا، زىيانغا قاراپ تۇرغۇچى زىيان تارتىدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 696
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6040
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 722 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 10:19:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ توخۇنى كاتەككە سولاپ  باقسا ياكى كەڭرەك ھويلىغا سولاپ باقسا ياخشى، سىرىتلارغا قاچسا ۋاقتىدا كاتەككە ھەيدەش كىرەك. توخۇ باققۇچىنىڭ كارى بولمىسا خوشنىلارنىڭ مىڭ جاپادا تېرىپ ئۆستۇرگەن گۈل-گىياھ ، سەي-كۆكتاتلىرىنى چوقىلاپ ،تاتىلاپ بۇزىدۇ ھويلا ئاراملارغا توختىماستىن تەرەت قىلىپ ئادەمنى بىزار قىلىپ خوشنىلار ئارا ئارازىلىق پەيدا قىلىپ جىدەلنىڭ سەۋەپچىسى بولۇپ قالىدۇ.
ياخشى يىزىپسىز رەخمەت سىزگە!

خارلانماسلىقنىڭ يولى ـ خارلىماسلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81460
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 10:22:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ ، ھازىر بەزى گەپلەرنى يازغىلى بولمايدۇ، مىڭ جاپادا يازسىڭىز نۇرغۇنلار چۈشەنمەيدۇ...ھې ھې ھې

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4160
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 362 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 11:26:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توخۇ كىرسە ھويلىغا،
تۇتۇۋېلىڭ بىرىنى.
ئىزدەپ كىرسە خوشنىڭېز،
چۈشەندۈرۈڭ سىرىنى.

چالۋاقىسى ئايالى،
سىز ئىزدەيسىز ئېرىنى.
ئۇمۇ قىلسا تەتۈرلۈك،
تازا سېلىڭ قېرىنى.

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3407
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 383
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1337 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 01:14:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن ياخشى قامچىلاش بوپتۇ بەزى ئادەملەرنى.....................

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش