|
|
|
|
چىمبۇلاق تورى تومۇز ئېيىنىڭ 5- كۈنى (5- ئاۋغۇست) تەنتەربىيە خەۋىرى : بۈگۈن شىنجاڭ كوماندىسى ۋە شىنجاڭ پۇتبۇل مەستانىلىرى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى ، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە كۈنسىرى ئېشىۋاتقان ھەمكارلىق روھى ۋە كەيپىياتى بىلەن بۈگۈن رەقىبى چىڭخەي كوماندىسىنى ، 3:0 نەتىجە بىلەن يېڭىپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تارىخىغا شەرەپلىك بىر بەت ئاچتى .
بۈگۈن مەيدانغا كەلگەن تاماشىبىنلار سانى خېلى كۆپ بولۇپ شىنجاڭ لۇتۇن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى تەشكىللىشىدىكى مەدەت بېرىش ئۈچۈن كەلگەن شىركەت - كارخانا ، تەربىيىلەش مەركەزلىرى مەيداننىڭ قىزغىنلىقىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى .
مۇسابىقە باشلىنىپ 15 مىنۇت بولغاندا ناھايىتى چىرايلىق چىققان بىر ئىختىيارى توپنى پەرھات باشلىدى ، قايتىپ چىققان توپنى 18- نۇمۇر مەخمۇت تېپىپ كىرگۈزدى ، مەيدان گۈلدىراس ئالقىش سادالىرىغا چۆمدى ، 2- توپنى 9 - نۇمۇرلۇق ئەخمەتجان ۋاراتارغا ناھايىتى چىرايلىق تەپتى ۋە قارشى تەرەپ مۇداپىيەچى ئەزاسىنىڭ پۇتىغا تېگىت ۋارتارغا كىردى . تولىمۇ كەسكىن بولغان ئالدىنقى يېرىم مەيدان بىزنىڭ كوماندىمىزنىڭ قارشى تەرەپ مەيدانىنى بېسىۋىلىشى بىلەن ئاياغلاشتى ، ئەگەر بەزى توپلارغا يەنە تەلەي قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا ئالدىنقى مەيداندا تېخىمۇ كۆپ توپ كىرىشى مۆمكىن ئىدى .
شىنجاڭ كوماندىسى ئىككىنجى مەيداندا تېخىمۇ كۆچلۈك ھۇجۇم تەشكىللىدى ، ئەمما قارشى تەرەپمۇ كۈچلۈك مۇداپىيەدە تۇردى ، ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئىككى توپ ۋاراتارغا كىرمەي قالدى ،كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 40 مىنۇت بولغاندا 20 - نۇمۇرلۇق ماھىرنىڭ ۋاتارغا شۇنداق چىرايلىق كىرگەن بىر توپنى ئوفسايىت قىلىپ ئېتىراپ قىلمىدى ، ئەمما مۇسابىقە داۋاملىشىپ 43 مىنۇت بولغاندا قارشى تەرەپ 5- نۇمۇرلۇق ماھىرى توپ ئېلىپ كېتىۋاتقان كوماندىمىزنىڭ غوللۇق ئەزاسى 7- نۇمۇر ئەسقەرنى يېقىتىۋەتتى ، ھەمدە ئىككىنجى قېتىم سېرىق كارتا بېرىلىپ ، ئىككى سېرىق بىر قىزىل كارتىغا ئايلىنىپ مەيداندىن چقىرىۋىتىلدى ، دەل مۇشۇ چاغدا كوماندىمىزغا بېرىلگەن ئىختىيارى توپنى 2- نۇمۇرلۇق تالانتلىق ماھىرىمىز مۇستافا تولىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدە ، تولىمۇ چىرايلىق تېپىپ ۋاراتارغا كىرگۈزىۋەتتى ... نەتىجە 3:0 مەيدان ئالىقىش سادالىرىدا تەۋرىنىپ كېتەي دېدى .
مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا كوماندىمىز ئەزالىرى مەستانىلىرىنىڭ ئالدىغا سالامغا باردى ، مەستانىلەر كوماندىمىز ئەزالىرىنى قورشىۋىلىپ ، پەرھاتنىڭ بوينىغا گۈل چەمبىرەكلەرنى ئاستى ، بۈگۈن مەستانىلەرمۇ ، كوماندا ئەزالىرىمۇ ئېنتايىن خۇشھال ... جۈملىدىن چىمبۇلاق خىزمەتخانىسىدىكى خادىملارمۇ بۈگۈنكى ئەمگىكىدىن تولىمۇ رازى بولدى . شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق ئالغا ...
غەلبە سىلەرگە مەنسۇپ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-6 12:02 PM
|
|
|
|
|
|