مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5194|ئىنكاس: 73

ھورۇن خوتۇننى ئىشچان قىلىشنىڭ ئامالى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4066
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 07:24:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن بىر كەمبەغەل باينىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپتۇ . قىز ئۆزىنىڭ ھورۇنلىقى بىلەن نام چىقارغان ئىكەن . كەمبەغەل ،-- ھورۇن خوتۇنۇمنى پەقەت ئۇرمايمەن ، دەپ ۋەدە بەرگەن ئىكەن .
ياش كېلىنچەك كۈن بويى بىكار يۈرىدىكەن ، ئۇ يەردىكى نەرسىنى بۇ يەرگە ئېلىپمۇ قويمايدىكەن . كۈن بويى لاغايلاپ يۈرۈپ غەيۋەت قىلىشتىن باشقىنى زادىلا بىلمەيدىكەن . ئېرى بولسا ۋەدىسىدە تۇرۇپ ، ئۇنى بىرەر قېتىممۇ ئۇرماپتۇ .
لېكىن ، بىر كۈنى ئۇ ئىشقا ماڭىدىغان چېغىدا مۈشۈككە شۇنداق دەپتۇ :
- ماڭا قارا ھورۇن ، گېپىمگە ياخشىراق قۇلاق سال ، ئىشتىن قايتقىنىمدا ئۆيدىكى ھەممە ئىش ھەممە ئىش تەق بولسۇن ، ئۆيلەرنى سېرىپ - سۈپۈرۈپ ، تاماق ئېتىپ ھەم چاق ئىگىرىپ تۇرغىن ، ئەگەر ئېيتقانلىرىمنى قىلمىساڭ ، شۇنداق ئەدىپىڭنى بېرىمەنكى ، بىر ئۆمۈر ئېسىڭدىن چىقمايدۇ .
مۈشۈك بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئوچاق ئۈستىدە مۈگدەپ يېتىۋېرىپتۇ ، خوتۇنى بولسا ئېرىم ئەقلىدىن ئېزىپتۇ ، دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا شۇنداق دەپتۇ :
- ھەي ئېرىم ، نېمىلەرنى دەۋاتىسەن ؟ بۇ ئىشلار مۈشۈكنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغۇ .
- قولىدىن كېلەمدۇ - كەلمەمدۇ ، ماڭا بەرىبىر ! - دەپتۇ ، - بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭدىن باشقا كىمگە بۇيرۇيمەن ؟ ئىشتىن كەلگۈچە تاپىلغان ئىشلارنى قىلمىسا ، شۇنداق ئەدىپىنى بېرىمەنكى ، بىر ئۆمۈر ئېسىدىن چىقمايدۇ !
ئۇ شۇنداق دەپ ئىشقا كېتىپتۇ . ياش كېلىنچەك بولسا ، ئۇ قوشنىسىڭكىدىن بۇ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ قۇرۇق گەپ سېتىپ يۈرۈپتۇ ... ئۆيىگە كېلىپ قارىسا ، مۈشۈك مۈگدەپ ياتقانمىش ، ئوچاقتىكى ئوت ئۆچۈپ قالغانمىش .
كېلىن مۈشۈكنى ئىشقا سالماقچى بولۇپ :
- قېنى مۈشۈكجان ،تۇر ، ئۇچاققا ئوت ياق بولمىسا كۆرگىلىڭنى كۆرسەن ! - دەپتۇ ، لېكىن مۈشۈك پەرۋا قىلماي خورەك تارتىپ يېتىۋېرىپتۇ .
ئېرى ئىشتىن قايتىپ كەپتۇ . قارىسا تاپىغان ئىشلارنىڭ بىرىسمۇ ئورۇنلانماپتۇ . ئۇ ، مۈشۈكنى خوتۇنىنىڭ بېلىگە باغلاپ ، قامچا بىلەن راسا بىر ساۋىداپتىكەن ، خوتۇنى ئېرىگە يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ ، چۈنكى مۈشۈك ئايالنىڭ بېلىگە ھەممە تىرناقلىرىنى پاتتۇرۇپ قان قىلىپتۇ .
- بولدى ، بولدى ، مۈشۈكنى ئۇرما ! ئۆي ئىشلىرىنى بىلىمگىنى ئۈچۈن ئۇ گۇناھكار ئەمەسقۇ ؟
- بولمىسا ئۇنىڭ ئورنىدا ئۆزۈڭ ئىشلەشكە ۋەدە بېرەمسەن ؟ - دەپ سوراپتۇ ئېرى .
- ۋەدە بېرىمەن ، ئېيتقانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى قىلىمەن ، لېكىن بۇ مۈشۈكنى ئۇرما ! - دەپتۇ خوتۇنى .
ئۇلار شۇنداق كېلىشپتۇ . ياش كېلىنچەك ئۆز دەردىنى ئانىسىغا ئېيتماقچى بولۇپ ئۆيىگە بېرىپتۇ .
- مەن مۈشۈكنى بېلىمگە باغلاپ ئۇرماسلىى ئۈچۈن ھەممە ئىشنى ئۆزۈم قىلىشقا ۋەدە بەردىم ، - دەپتۇ ئۇ ئانىسىغا ، بۇنى ئاڭلاپ دادىسى گەپكە ئارىلىشىپتۇ :
- ۋەدە بەردىڭمۇ ، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىڭ كېرەك . بولمىسا مۈشۈك ئەتە يەنە كالتەك يەيدۇ ، - ئۇ شۇنداق دەپ قىزىنى ئېرىنىڭ قېشىغا ماڭدۇرۇپتۇ .
ئەتىسى ئېرى يەنە مۈشۈككە ئىش تاپىلاپتۇ ، لېكىن مۈشۈك بۇ قېتىممۇ ئورنىدىن مىدىرلىماپتۇ . ياش كېلىنچەك بولسا كۈن بويى قوشنىلىرىنىڭ ئۆيىدە يۈرۈپتۇ . ئېرى ئىشتىن قايتىپ كېلىپ مۈشۈكنى يەنە خوتۇنىنىڭ بېلىگە باغلاپ راسا ساۋاپتۇ . ياش كېلىنچەك ئېرىنى ئاتا - ئانىسىغا چاقماقچى بولۇپ ئۆيىگە بېرىپتۇ ، لېكىن دادىسى ئۇنى بىر ۋارقىراپ قوغلاپتىكەن ، ئايغىنى كۆتۈرگەن پېتى قېچىپتۇ .
ئېرى ئۈچىنچى كۈنى مۈشۈككە يەنە ئىش تاپشۇرۇپتۇ .مۈشۈك كۆپ تاياق يىگەن بولسىمۇ بەرىبىر ھېچ نەرسە قىلالماپتۇ . ئەمما ، ھەممە ئىشنى ياش كېلىنچەكنىڭ ئۆزى قىلىدىغان بولۇپتۇ .ئوت يېقىپتۇ ، سۇ ئەكىرىپتۇ تائام تەييارلاپتۇ ، ئۆينى سۈپۈرۈپتۇ ھەم چاق ئىگىرىپتۇ . قىسقىسى ، ئۇ پۈتۈن ئىشنى ئورۇنلاپتۇ ، بىچارە مۈشۈككە ئۇنىڭ ئىچى ئاغرىيدىكەن مۈشۈكنىڭ تىرنىقىنىڭ ئۆزىگە سانجىلىشىنى خىيالىدىن زادىلا كەتكۈزمەيدىكەن . كەچتە ئېرى ئۆيگە قايتىپ قېلىپ قارىسا ، ھەممە ئىش تەق تۇرغىدەك . شۇنىڭ بىلەن ئۇ :
- قورقما مۈشۈك ئەمدى ساڭا قول تەككۈزمەيمەن ! - دەپتۇ .
ياش كېلىنچەك ئۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولۇپ ، داستىخان سېلىپ ئېرىنىڭ ئالدىغا تاماق كەلتۈرۈپتۇ ، ئىككىسى مەززە قىلىپ يەپتۇ .
كېيىن بۇ ئىش ئادەتكە ئايلىنىپ قاپتۇ . مۈشۈكمۇ كەلتەك يىمەپتۇ ، ياش كېلىنچەك بولسا تولىمۇ چاققان بولۇپ كېتىپتۇ . ئۇ ، ئېرىنىمۇ ، ئۆزىنىمۇ خۇشال قىلىپتۇ .


مەنبە . كەڭساي مۇنبىرى

ئالتۇننىڭ كۈندىلىك باھاسىنى بىلەكچى بولسىڭىز ‹‹ بىر مىسقال ئىقتىسات تورى ›› غا كىرىڭ !!!
www.1miskal.com

بىر يۈز يىگىرمە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22875
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7323
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 07:31:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ كۆزۈمدىن چاتاق چىقتىمۇ ياكى ما تېمىدا چاتاق بامۇ ؟

دىللار ئاللاھ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8057
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 07:32:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Kikax يوللىغان ۋاقتى  2012-8-5 07:31 PM
مېنىڭ كۆزۈمدىن چاتاق چىقتىمۇ ياكى ما تېمىدا چاتاق بامۇ ...

تىما ئاشۇنداقكەن

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5803
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 610 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 07:32:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت شەكلى نورمال ئەمەسقۇ؟

Tarixingdir ming asrlar ichra pinhon o’zbegim
Senga tengdosh Pomiru, oqsoch Tian – shan o’zbegim
So’ylasin Afrosiyobu, so’ylasin Urxun xati
Bitta tarix shodasida, bitta marjon o’zbegim

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4250
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 07:35:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملا خاتالىقى كۆپ بولۇپ كىتىپتۇ ،دىققەت قىلمىساق بەزى يەرلەرنى چۇشەنمەك تەس ئىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغداي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-5 07:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1805
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2187
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7199 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 07:36:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچەخەت بۇ  ياكى ئۆمچۈكنى سىياغا چىلاپ  يۈگۈرتىڭلامۇ يا  

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

♥ غۇرۇرلۇق بول ئۇيغۇر بولساڭ ♥

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 1848
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6174
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2158 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 07:36:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆي ئىشىنى قىلالمىغان قىزنى نىمە دىگۈلۈك ئەمدى ، ئۇ ھەر بىر كىلىن بولغۇچىنىڭ مەجبۇرىيتى
ئاۋۇ كىلىنمۇ تازا دەلتىرەككەن ، ئىرىنىڭ قىزىم ساڭا دەي كىلىنىم سەن ئاڭلا دىگىننى ئۇقماي قاپتۇدە بىچچارە ،
لىكىن ياخشى ئاخىرلاشقان ھىكايىكەن مەن مۇشۇنداق ئاخىرى ياخشىلىق بىلەن ئاخىرلاشقان ھىكايىلەرگە ئامراق

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2418
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24680
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 4396 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 07:36:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نورمال تىمىكەنغۇ ؟ نىمىگە تاڭ قالغاندۇ ماۋۇلار ؟،،،،

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

♥ غۇرۇرلۇق بول ئۇيغۇر بولساڭ ♥

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 1848
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6174
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2158 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 07:36:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن شۇنداق نورمال كۆرەلىدىمغۇ باللا ،

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

بىر يۈز يىگىرمە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22875
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7323
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 07:45:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2012-8-5 07:36 PM
نورمال تىمىكەنغۇ ؟ نىمىگە تاڭ قالغاندۇ ماۋۇلار ؟،،،،{:1 ...

ماۋۇلار ؟؟؟؟   پاھ پاھ پاھ    ئالى ئەزا دېگەن ئالى ئەزا ھە ،... نېمدىگەن پاساھەتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش بۇ  ...             ھېلىقى  قېرىندېشىم ، دوستۇم ، بالىلار دېگەن ناچار سۆزلەرنى ئىشلەتماي ماۋۇلار  ، ئاۋۇلار دەپ سۆزلىشىلى  خەلىق  ،   ئالى ئەزا بولدىكەنمىز ...

دىللار ئاللاھ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش