كىچىك بوغالتىرلىقنىڭ ئىستىقبالى يوق
كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيەتكە بولغان چۈشەنچىسى ھەرخىل بولىدۇ،كەسىپ مەيدانىدىكى كىشىلەر بولسا تىز سۈرئەتتە ئۆرلەپ، كەسىپتە بۆسۈپ چىقىش دەپ چۈشىنىدۇ. يىل بويى ئۇششاق ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتكەن،تارازىدا ئولتۇرمايدىغان، يۇقىرى ئۆسۈشتىن ئۈمىدى يوق كىشىلەر باشقىلارنىڭ نەزىرىدە مەغلۇپ بولغانلار ھىسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولسا دەل بوغالتىردۇر.
خەلقئارادا بوغالتىرلارنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە ھۆكۈم قىلىدىغان ئۆلچەم بولۇپ،بوغالتىرلىق توپىدىكىلەر ئومۇمىي خىزمەتچىلەر سانىنىڭ 3%تىن5%كىچە ئىگەللىگەن بولۇش ئىكەن. ئىش ئورنىنىڭ گىرەلىشىپ كەتمەسلىكى ئۆچۈن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىر بوغالتىر بىر كاسىسىر تەينىلەنگەن بولىدۇ،بىر ئادەم ھەم بوغالتىرلىق ھەم كاسسىرلىق بىلەن شۇغۇللانسا، شەخسىي غەرىزى بولمىغان تەقدىردىمۇ، گۇمانغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ. بوغالتىر شىركەتنىڭ يادرولۇق قىسىمىدىن ئورۇن ئالغان. باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بولسا پەزىلەت ۋە مۇناسىۋەتتە تەڭ يىتىشكەندىلا ئاندىن شىركەت بوغالتىرى بولغىلى بۇلىدۇ. زامانىۋى شىركەتلەرنىڭ مەسئۇل بوغالتىرى كۆپ ھاللاردا شىركەت باشقۇرۇش قاتلىمىدا بولغانلىقتىن، مالىيە باش نازارەتچىلىك ئورنى بولسا (CFO)باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق(CEO) ئورنىغا چىقىشتىكى كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان تاللاش بولۇپ قالغان. بىر شىركەتنىڭ باشقا بىر شىركەتنى كونترول قىلالىغان- قىلالمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشىتىكى بەلگىنڭ بىرى – مالىيە ئىستراتىگىيىسنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالىغان-قىلالمىغانلىقىغا باغلىق.
بىراق تارماقلارنىڭ مۇھىملىقى بۇ تارماقتىكى ھەممە ئادەمنىڭ مۇھىملىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.شۇخىل ئاساسىي خىزمەتلەرنى قىلىدىغىنى كىچىك بوغالتىر،ھەتتا ئون يىل ئىشلىسىمۇ يەنە شۇ كىچىك بوغالتىر، ئەڭ يارىماسلىقى شۇيەردىكى 35تىن ئۆتۈپ، 10يىلدىن ئاشسىمۇ يەنىلا كىچىك بوغالتىرلىق ئورنىدا تۇرغان ئەرلەردۇر. ئۇلاركىلاسسىك تىراگىدىيەلەردىكى شەخىسلەردۇر. ئۇلار كېچىلەپ ئىشلەپ، باھالاش بېسىمىنى يەلكىسىگە يۈك قىلىپ، يىلدىن- يىلغا قىلچىمۇ يېڭىلىق،ھالقىش بولمىغان تەكرار خىزمەتنى ئوبدان ئىشلەيدۇ، ئوبدان ئىشلىمىسە مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدۇ،ئەمما ئوبدان ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ ياخشى باھا، تەقدىرلەش ياكى ئۆسۈش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ. باشقا شىركەتكە ئالماشقاندىمۇ <<شەرەپلىك >> تارىخى بولمىغانلىقى ئۆچۈن، پەقەت كىچىك بوغالتىرلىقلا قىلالايدۇ. باشقىلار <<سەن 10يىل ئىشلەپ، 35كە كىرىپمۇ يەنە ئادەتتىكى بوغالتىرلىقتا قېپقالغىنىڭغا قارىغاند،ا يا ئىقتىدارىڭ يوق، يا ئەخلاقىي پەزىلىتىڭدە مەسىلە بار، ئۇنداق بولمىسا نىمىشقا شۇنچە يىل ئىشلەپمۇ شۇھالدا قالىسەن؟>>دەپ سوراپمۇ قالىدۇ. ئادەتتىكى بوغالتىرنىڭ كاپىتال يۈرۈشلەشتۈرۈش.مالىيە تەدبىرى بەلگىلەش ئىشلىرىغا قاتنىشىش پۇرسىتى بولمايدۇ.دېبىت-كېردىت بىلەنلا ھەپىلىشىپ ئۆتكەن. بۈگۈنكى كۈندە مالىيە ئىشلىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش دەۋرىگە كىرىپ، دېبىت-كېردىت ئۇياقتا تۇرسۇن، قۇر تەقسىملەپلا ئىنتىريەلەرنى ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىدىغان، فۇنكىسىيە ئىجرا قىلىپلا نەچچە ئون بەت مەلۇمات جەدۋىلىنى تىزلا پۈتتۈرگىلى بۇلىدىغان بولدى. ھازىرقى كۈندە ئىلگىرىكى بەزى تېخنىكلىق مىقدارلارنى بىلمەيدىغانلارمۇ ھىساب قىلالايدۇ. ئۆزىدە ھېچقانچە تېخنىكا ئامىلى بولمىسىمۇ، ئىنچىكە ۋە سەۋرچان ھەم ئەقلى- ھوشى بىجىرىم بولسىلا، تولۇقسزنى پۈتتۈرگەن تەقدىردىمۇ تامامەن ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. ئەگەر سىز يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بىلەنمۇ يەنىلا كىچىك بوغالتىر بولۇپ، ئەتىدىن –كەچكىچە بېشىڭىزنى ئىچىڭىزگە تىقىپلا ياشاپ ئۆتسىڭىز ، ئوتتۇرا ياشقا بارغان چاغدا قەلبىڭىزدىكى زەرداپنى ئۆزىڭىزلا تېتىپ، باشقىلارنىڭ ھىسداشلىىغىمۇ ئەرزىمەي قالىدىغان گەپ.
بەزىلەر بوغالتىرلىقنى ناھايىتى ئېتىبارلىق كەسىپ دىيىشىدۇ، ئۇلانىڭ كۆزدە تۇتقىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيە ئىقتىساس ئىگىلىرىدۇر. يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيە ئىقتىساس ئىگىلىرى بازارغا كىرگەن بىر شىركەتنىڭ بوغالتىرلىق ئىستراتىگىيسى ۋە مالىيە كۆرسەتكۈچىنى بىكىتىدۇ. شۇڭا ئۇلار خىزمەتتىكى قالتىسىلىقى بىلەن، شىركەتلەر تالىشىدىغان ئىقتىساس ئىگىلىرىدۇر.
شۇنداقتىمۇ ئاساسىي خىزمەتلەرنى قىلىدىغان، نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپلەر،كەسپىي مەكتەپلەردە تەربىيلىنىپ چىققانلارغا قارىساق، تەمىنلەش تەلەپتىن مۇتلەق ھالقىپ كەتكەن. مۇنداقلا قول پۇلاڭلىتىپ قويسا، بىر توپ ئادەم ھازىر بۇلىدۇ. بىر ئادەم مۇۋەپپىقىيەت قازىنالىدىمۇ يوق باھا بىرىشتە، ئۇنىڭ باشلىقىدىن قانچىلىك ئېشىپ كەتكەنلىكىگە قاراش كىرەك. بىرىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك بوغالتىر باشلامچىلىرىنى تاللاش ئېلىپ بېرىلغاندا، ئۈنۋان، ئوقۇش تارىخى،ئىلمى ماقالە قاتارلىق شەرتلەر قويۇلدى.. ئىككىنچى نۆۋەتتە شەرتلەر ئۆزگىرىپ، <<چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار، چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ مالىيە باش نازارەتچىسى بولغان بولۇش>>دىگەن شەرتگە ئۆزگەردى، نىمە قىلسۇن مۇنداق مەرتىۋىلەر، تىلغائالغۇدەك ھېچنىمىسى يوق. مانا بۇ كىچىك بوغالتىرلىقنىڭ قايغۇسى.
تەرجىمىدە: ئۆزلەت
مەنبە:
http://blog.sina.com.cn