مەن سېنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى ئېدىم
بېلەمسەن مەن سېنى مەڭگۈلۈككە خاتېرەمدىن ئۆچۈرمەكچى،سەندەك بىر ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى،ئۆزۈمنىڭ يېڭىچە تۇرمۇشۇمۇشىنى يڭېچە ئارزۇ –ئۆمۈتلەر ۋە خىياللار بىلەن باشلىماقچى ئېدىم.بەلكىم مەندە بۇنداق خېياللارنىڭ پەيدا بولغىنىمنى بۇرۇنلا يەنى ،ئائىلەڭدىكىلەر بىزنىڭ ئائىلىگە ئەلچى كېرگۈزگەندە رەت قىلىنغاندىلا ،مېنىڭ «بولدى مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ يەردە توختاپ قالسۇن ،بەلكىم پىشانىمىزگە مۇشۇنداق پۈتۈلگەن بولغېيتى ،ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىسىز بىزمۇ بەخىتلىك بولالمايمىز .بەخىتلىك بولۇڭ »دېگەن گېپىمدىن بىلگەن بولغېيتىڭ ياكى سەنمۇ مۇشۇنداق ئويلاردا بولۇپ «سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز توغرا ،موھەببەتنى زورلىغىلى بولمايدۇ،ئۆزۈمگىمۇ ئايان مەن سىزگە ماس كەلمەيمەن ،بەخىتلىك قىلالمايمەن.ئاتا-ئانىڭىز تاللىغان بالا ناھايتى ياخشى بالا،ئۇ سىزگە بەك ماس كېلىدۇ،ئۇ سىزنى چوقۇم بەخىتلىك قىلالايدۇ.سىزگە بەخىت تىلەيمەن .»دەپ خۇشاللىق بىلەن ماڭا بەخىت تىلىگەن ۋە ھازىرقى يولدىشىمغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولغىيتىڭ .
بېلەمسەن مەن توي كۆينىكى كېيگەن شۇكۈنى ئۆزۈمنىڭ ھاياتىمنى ۋە بارلىقىمنى يولدۇشۇمغا ئاتىغان .ئۇنۇڭغا ئىشەنگەن،قەلبىمدە ئۇنى يۈلەنچۈگۈم ،مېنى چۈشىنىدىغان ،قوغدايدىغان،ئىشىنىدىغان ئادىمىم دەپ بېلگەن ئېدىم.شۇڭلاشقىمۇ مەن ئۇنۇڭغا تويدىن بۇرۇنلا، بىزنىڭ ئارىمىزدكى ئىشلارنى ئېنىق دېگەن.بىزنىڭ پەقەت يېقىن دوسلاردىن ئېكەنلىگىمىزنى ،ئارىمىزدا ئۆز-ئارا ۋە باشقىلارغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىگىنى ئېيىتقان.
ئەپسۇس ،تويدىن بۇرۇن «مەن ساڭا ئىشىنىمەن ،قانداقلا بولمۇسۇن مەن سېنى چوقۇم بەخىتلىك قىلىمەن »دەپ نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن يولدۇشۇم ،مانا ئەمدى مەندىن ئورۇنسىز گۇمانلىنىپ
كۆڭلىمگە ئازار بېرىدىغان بۇلۇۋالدى.سەن يوللاردا ئۆتۈپ قالساڭمۇ سېنى مەقسەتلىك مۇشۇنداق قىلىدۇ دەيدۇ.ئۇنىڭ ئورۇنسىز گۇمانلىنىشلىرىدىن سېنى يەنە ئەسلەشكە ،يەنى سەن بىلەن يېڭىلا تۇنۇشقان ۋاقىتلاردىن تارتىپ،تاكى ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنى ئويلاشقا توغرا كەلدى.لېكىن مەن شۇنچە ئويلاپمۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا باشقىلارنى گۇمانلاندۇرغۇدەك ئىشلارنىڭ ،تېتىقسىز چاقچاقلارنىڭ بولغىنىنى ياكى ئۆزۈمنىڭ تويدىن كېيىن سىنى ئەسلەپ باققىنىمنى بېلەلمىدىم.لىكىن يەنىلا يولدۇشۇمنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق بولمۇغۇر خېياللاردا بولغىنىنى ،نېمىشقا مېنى بۇنداق قېينايدىغانلىقىنى بېلەلمىدىم .بەلكىم ئۇ كۆڭلىدكى ئادىمىنىڭ سايىسىنى يوقىتالماي ئازاپلىنىپ ،مېنىمۇ ئۆزىدەك كۆرۈپ ئۆزىدەك ئازاپلىنىپ يۈرۈشۈمنى خالىماي شۇنداق قىلىۋاتقاندۇ ياكى بولىمىسا ئۇنىڭ كۆڭلى ئەزەلدىن شۇنداق پەس بولسا كېرەك........
مەن سېنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى ئېدىم شۇنداقلا ئۇنتۇپمۇ بولغان ئېدىم.ئەگەر يولدۇشۇم يەنە ئورۇنسىز گۇمانلاردا بولسا ،سېنى يەنە ئەسلەشكە يەنى ئېككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇنى ئازاپلىغىدەك ،گۇمانلاندۇرغۇدەك ئىشلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىگىنى ئىسپاتلاشقا توغرا كېلەمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-5 10:43 PM