|
|
|
|
بوكىس شاھى ـ مۇھەممەت ئالى
مۇھەممەت ئالىنىڭ ئەسلى ئىسىمى كارشوس مېرسېلېس كىراي. ئۇ 12 يېشىدىن تارتىپ بوكىس مەشىق قىلىشقا باشلىغان، 1959 يىلى ۋە 1960- يىلى ئىككى قېتىم ئالتۇن پەلەي مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن، شۇنىڭدىن كىيىن، كەسپى ماھىرلار سېپىگە قوشۇلغان. 1964- يىلى شۇچاغدىكى بوكىس ساھەسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك رەقىپ، بوكىس شاھى لىستوننى يېڭىپ، دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكسىيور مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇق ئورنىنى تارتىۋالغان.(1964- يىلى 2- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۇ پۈتۈ دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلغانلىقىنى ھەم ئىسىمىنى مۇھەممەت ئالى دەپ ئۆزگەرىتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان) 1965- يىلى يەنە لىستون بىلەن تۇتۇشۇپ، 1 مىنوت 42 سىكونىت ئىچىدىلار لىستوننى ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويۇپ، دۇنيا بوكىس ساھەسىنى لەرزىگە سالغان. 1967- يىلى قىسىمغا قاتنىشىشنى (ۋىتنام ئۇرۇشىغا بېرىشنى)رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 5 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان، كىيىن گەرچە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لىكىن بوكىس كىنىشكىسى 1970- يىلىغىچە بىكار قىلىنغان. 1974- يىلى يەنە دۇنيا چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن، 1978- يىلى، ئۈچىنچى قېتىم دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكسىيور مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇق ئورنىغا چىققان، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لىكىن 1980- يىلى قايتىدىن بوكىس سەھنىسىگە قايتىپ كەلگەن.
ئالىنىڭ مۇشىت ئېتىش ئۇسۇلى ئۆزگىرىشچان، قەدەملىرى چاققان، ئاتقان مۇشىتى ھەم تىز ھەم كۈچلۈك، جىسمانى كۈچى تولۇپ تاشقان، ھەركەتلىرى ماسلاشقان. كەسپى بوكىس ھاياتىدا، ئۇ جەمئى 60 قېتىم مۇسابىقىگە چۈشكەن بولۇپ، 57 قېتىم ئۇتقان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 37 قېتىمىدا رەقىبىنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويغان، مەغلۇپ بولغان 4 قېتىمىنىڭ ئىچىدىكى 3 قېتىمىدا نۇمۇرى كەملەپ رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويغان. 1996- يىلىدىكى ئاتلانتا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، ئولىمپىك مەشئىلىنى ياندۇرىدىغان تەنھەركەتچى بولۇپ سايلانغان. ئالى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بېغىشلىغان بولۇپ، 1998- يىلى ب د ت تەرىپىدىن ‹ تىنىچلىق خەۋەرچىسى › مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
مەنبە: http://bbs.ifeng.com/viewthread.php?tid=13679304
01
02
03
04
05
06
07
08
09
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
|
|
|
|
|
|