مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1424|ئىنكاس: 22

يانفۇن مۇزىكىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 601
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8664
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 12:56:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۇلۇغ باشلىغۇچى ،تەغدىر قىسمەتلىرىگە دۇچار بولغان چاغلاردا،ھاياتقا بولغان يۈكسەك ئىنتىلىش بولسىلا ،قەلىبىمىزنىڭ سۈتتەك ئاق نۇرلارغا تولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر مەۋجۇدات ئۆزىگە خاس تۇيغۇلار بىلەن قەلبىمنى سىنىماقتا.بىراق مەن  غالىپ كەلدىم ھايات يولۇمنى توسقان ئاشۇ قىسمەت توزانلىرى ئۈستىدىن غالىپ كەلدىم .مانا بۈگۈن ماڭا ئوخشاش ئازغۇن بەندىمۇ تەغدىرنىڭ قىسمەت چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ ھاياتقا يېڭىچە روھ،يېڭىچە ئۈمۈت بىلەن قارىماقتا.
توۋا يۇرتتىن ئايرىلغانغا مانا ھەش پەش دېگۈچە 4-5ئاي بولۇپ قاپتۇ ،قايناق ھىسلارغا تولغان بۇشەھەر يەنىلا ئۆز خاسلىقىنى يوقاتماي ماڭا خۇددى:- كەلگىن ئەلنىڭ پەرزەنتى دەۋاتقاندەك ئىللىق قوينىنى ئاچماقتا.ھەممە نەرسە شۇپېتى پەقەت مېنى ھىساپقا ئالمىغاندىلا،يات يۇرتنىڭ تۇرمۇشى مېنى ئۆزگەرتكەنىدى، بىراق ئانا يۇرتۇم مېنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ .
چوڭقۇر ھاياجان ئىلكىدە ۋوگزالدىن ئايرىلىپ تاكسى تۇسۇش ئۈچۈن تاشيولغا چىقتىم .قايناقلىققا تولغان بۇ شەھەردە  تاكسى تۇسۇشنىڭ بۇنچە تەسلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكىنمەن.ئالاھەزەل 10مىنۇتتىن كىيىن ئاخىرى بىر تاكسى توختىدى .ماڭا خۇددى بىرسى قاراۋاتقاندەك خىيالدا ئارقىمغا قارىغىنىمچە تاكسىغا چىقتىم.ۋە شوپۇرغا
:-قىزىلكۆۋرۈككە  ،شۇندا دېگىنىمچە يالىت قىلىپ شۇپۇرغا قارىدىم .
:-ۋاي ئەكبەر ،بۇ سەنمۇ ئاداش بىر يىل بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى ،قانداقراق ئەھۋالىڭ.....
شوپۇر بولسا مېنىڭ بۇرۇن بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم ئىدى ،ئۇمۇ مېنى كۆرۈپ كىچىك تىللىرى ئېچىلىپلا كەتتى،   
:-ئوخخو !ئەمەرغۇ سەن بامۇ يا ؟ ئوقۇش پۇتتۇرۇپلا يوقاپلا كەتتىڭ نەلەردە يايراپ يۈردۈڭ ئاداش بىزدەك دوستلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟...  
ئۇ گەپ قىلغاچ تاكسىنى قوزغاتتى .:-ئامال يوق ئادا دەسلەپتە كۆنەلمىدىم سەن بىزدەك ئويناپ كۆنۈپ قالغان بالىلار راست گەپ قىلسام بۇنداق ئىشقا قوڭى پايلىمايدىكەن  ، ئامال قانچە بىزگىمۇ جان كېرەكتە ئاتا-ئانا بىزگە بەخشەندە ئەمەستە ،بىر ئاي بولدى ئاداش  شوپۇرلۇق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم مەنمۇ ھازىر 20نىڭ قارىسىنى ئالدىم دېگەن بىلەن يەنلا جەمىيەتنىڭ لۈكچەكلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بىر بىكار تەلەت ئىدىم .ئۆزەمگە خاس بولمىغان تۇيغۇلار ئىچىدە ئەكبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماقتىمەن ،يۇيۇقسىز ئۇنىڭ ياناۇنى جىرىڭلاپ كەتتى .
:-ھەي ! ئالىمما  ،نەدە ئاداش ، .....ئۇ قارشى تەرەپ بىلەن بىر ئۇزاقتىن ئۇزاق پاراڭلىشىپ كەتتى ،بىر ھازا سۆزلەشكەندىن كىيىن يانفۇننى قۇيۇپ :-ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ دىگەن شۇدە ئاداش ، ئالىمىن تۇنۇيسەنغۇ ، شۇ تىلفۇن قىپتۇ ھازىر ،پويىز ئىستانسىدا بىزنى كۆرۈپتىكەن شۇنچە شەرەت قىلسىمۇ بىر كۆرمەپتىمىز ، بولدى بۈگۈن كىرامۇ قىلمىدىم  ئاغىينىلەر جەم بولغاندا تازا بىر ئوينايلى.
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ماشىنىنىڭ رولىنى بۇرىدى ، دېگەندەكلا ۋوگزالنىڭ ئەتراپىدا ئالىم بىزنى ساقلاپ تۇراتتى .ماشىنىدىن چۈشۇپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم  راست گەپ قىلسام ئۇنىڭ مىجەزى ماڭا ياقمايتى. بۇرۇنمۇ مەكتەپتە ئوقۇغان چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ قالاتتىم .
:_ئەسسالامۇلەيكۇم بالاڭزا بامۇ يە؟يوقاپلا كەتتىڭ ئاڭلىسام شە كۆرۈپ كەپسىەن
ئەسسالام دەپ كەتكىنىنى مانىڭ نەلەدە تۇرۇپ ئۆگەنگەندۇ ئەدەپ دېگەننى ،شۇلارنى ئويلاپ ئالىمغا قول ئۇزاتتىم .
ئۇنىڭچە ئەكبەر سۆز باشلاپ ئارىمىزدىكى جىمىجىتلىقنى بۇزدى .: ئاران ئۈچراشتۇق دوستلار كونا گەپنى تەگەشمەيلى ،چىقىڭلار ماشىنىغا ،قالدى گەپنى ماڭغاچ دېيىشىمىز .
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ماشىنىنى قوزغاتتى.ئۇنى دېيىشىپ بۇنى دېيىشىپ ئاخىرى قاۋاققا بېرىشنى قارار قىلىپ رولنى قاۋاقخانغا بۇرىدى.
بۈگۈن شەنبە بولغاچقىمۇ بۇ يەر قايناپ كەتكەنىدى.
:فۇيەن
ئالىم شۇنداق دېگىنىچە مۇلازىمەتچىنى چاقىردى ،ھايال بولمايلا كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك بىر ئۇيغۇر قىزى يېنىمىزدا پەيدا بولدى.سەن بۇيرۇتە ،مەن بۇيرۇتاي دەپ قاۋاقخانىدىكلى مەرتلىك كۆرىشىنى باشلىۋەتتۇق .
ئاخىرى ئالىم :-بولدى بۈگۈن سىلەنى مەن  مېھمان قىلاي،دوستلارغا بولغان كۆڭۈل سوۋغام بوپ قالسۇن ،ئەمەرمۇ باركەن مانا ،بۇرۇنقى ئۇقۇشماسلىقلار نىڭ ئورنىنى تولدۇرغىنىم بوپ قالار.
ئۇ شۇنداق مۇلازىمەتچىگە بىر نېمىلەرنى يازدۇرغىلى  تۇردى، مەن تولىمۇ ھەيرانلىق ئىلىكىدە ئۇنىڭغا قارىدىم ۋە
:ئالىم نىمانداق مەرتلىشىپ كەتتىڭ ،قارىغانسد بىرەر بايلىق كانىدا ئىشلەۋاتقان ئوخشىمامسەن؟
؛-شۇ ئاداش شەڭىرىمىزدىكى ھەممە پۇقرانىڭ يانچۇقى ئۇنىڭ بانكىسى بوپ قالدى ھازىر ،ھۇشىيار بولمىساڭ سېنىمۇ جوندەپ قۇيىدۇ بۇ ھارام تاماق .   
ئەكبەر شۇنداق دېگەچ رومكىنى ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى.
ئۆتكەندە دەيسەن، قىز دوستۇم بىلەن بازار ئايلىنىپ كېتىۋاتسام بىرسى ھە دەپ قىزدوستۇمىنڭ سومكىسىنى ماتلىغىلى تۇرۇپتۇ، ئاچچىغم كېلىپ گەجگىسىدىن بىرنى ئېلىپ قارىسام مۇشۇ ئالىم ئەمەسما، ھەيتتاڭەي ئەگەر باشقا بىرسى بولۇپ قالىدىغان بولسا شۇ يەردىلا ئاغزى بۇرنىنى قان قىلىۋىتەتتىم ...
:-كىم سېنى ئۇنداق پوچى قىزنالا بىلەن بىرگە ماڭسۇن دەپتۇ ، شۇ كۈنى ئەگەر سەن بولمىغان بولساڭ ئۇ قىزنىڭ پۇلى تۈگۈل ئۇقىزنىڭ ئۆزىنىمۇ تەڭ ئوۋلىغان بولاتتىم.
:-سېنىڭ بۇ كەسپىڭنى بىلگەن قىزلار ئاشۇ بىرجۈپ قولىرىڭغا كۆيمىسە  جامالىڭغا ھەرگىزمۇ قارىمايدۇ.
سورۇندىن يەنە ئەبقەش كۈلكە كۆتۇرۇلۇشكە باشلىدى ، سورۇنىمىز ھەزىل چاقچاق كۈلۆە ئىچىدە داۋاملاشماقتا ئىدى،
ئەكبەر ئۆزىگە توختىغان ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەت ھاراقنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن بىزگە قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى  
:-ئاداشلار ،مەن ئەمدى ئىچىشنى مۇشۇ يەدە توختىتاي،كەچتە يەنە ماشىنا.....
:- نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن ئەل-ئاغىينىلەر ئاران بىر جەم بولغاندا، ئولتۇرە جىم ،پۇل دېگەن تېپىلىدۇ ئەمما دوست دېگەن كۈندە ئۇچرىمايدۇ جۇمۇ.
:- شۇنى دەيمەن ئاران بىر ئولتۇغاندا،قۇلاق مىدىرلىغۇچە ئىچىمىز ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىمنىڭ بىزنى مېھمان قىلمىقىمۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەس ، ئۇ يەنە قىزچاقلارنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرمىسا بولمايدۇ،مۇشۇ بانادا، ئۆتكەنكى ئۆچۈڭنى ئېلىۋالمامسەن.....
:-بوپتۇ سىلەر بۇنداق دەپ تۇرۋاساڭلار ،مەندىمۇ ئامال يوق بۇگۇن قانغۇچە بىر ئوينايلى ،بولسا ئىچىشنى مەشەدە توختىتىپ جىنچاۋغا(ئالتۇن كۆۋرۇك)چىقىپ كىرسەك قانداق دەيسىلەر؟
ئىچكەن ھاراقنىڭ كۈچىدىنمۇ بۇ تەكلىپ ھەمىمىزگە ياقتى، شۇنىڭ بىلەن بىز رولنى ئىككىنچى مەنزىل بولغان ئاتالمىش قىزلار دۇنياسىغا بۇرىدۇق،يەنە شۇ كونا مەنزىرە ، دوقمۇشلاردا تەيتەيلەر ،ئۇيغۇر قىزلىرى  پاچىقىنى ئۇچۇق قويغىنىچە خېرىدار ساقلاپ تۇراتتى .
:-ئالىم ،قېنى سەن باشلىغىنە بىزنى ،بۇنداق يەرلەر ساڭا ناتۇنۇش ئەمەسقۇ بالاڭزا،
:-قارىغاندا كىچىك خۇتۇن مەشەدە ئوخشىمامدۇ ،شۇڭا باياتىن موككىدە خوش يېقىپتۇدە،ھا!ھا!ھا!
كۈلكە چاقچاق ئىلكىدە بىر ساتىراچخانىغا كىردۇق . ساتىراچخانا ئىچى لىققىدە قىزچاقلار بىلەن تولغان ،ئۇلارنىڭ  بەدىنىدىن چىققان كۈچلۈك ئەتىر پۇراقلىرى ئىسسىق ھاۋاغا قۇشۇلۇپ بۇ يەرنى تولىمۇ دېمىق ۋە سېسىق قىلىۋەتكەنىدى .بىردەمدىن كېيىن  ۋىجىككىنە كەلگەن بىر تەيتەي چىقىپ ئالىم بىلەن  كۆرۈشتى.ئۇلار بۇرۇندىنلا تۇنۇشكەندە دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
ئالىم بىز چۇشەنمەيدىغان تىللار بىلەن دۇكاندىكى تەيتەي خوجايىن بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولۇپ كەتتى.بىر مەھەل ئۆتكەندىن كېيىن  بىر ئۇيغۇر قىزى چىقىپ ئالىم بىلەن ناھايىتى قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى ،ئۇلارنىڭ پارىڭى ھىچبىر تۈگەي دېمەيتى .ئۇنىڭغىچە ئەكبەر ئالدىرتىپ ئۇلارغا ۋاقىردى،
:-خۇتۇنۇڭ بىلەن ھېلىغىچە پاراڭلىشىۋال ئاداش ، گېپىڭنى قانغۇچە دىيىشىۋالىسەن تېخى.
ئاشنىسى شۇكەندە دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە، ئۇنىڭغىچە بىر بىرىدىن ياش قىزچاقلار يېنىمىزدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
:-تاللىۋال ئاداش يېڭى ماللار ،شۇ ئالىمنىڭكىنى ھىساپقا ئالمىغاندا.
:-تاللايدىغان ماگزىندىكى ماللار ئەمەستۇ،كۆڭۈل يايرىسىلا بولدى شۇنداقمۇ يا؟
چىققانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر قىزلىرى بولۇپ چەتئەلنىڭ مودىللىرىدەك ئۇيەر بۇيەرلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىۋالغانىدى.
:-نىمىگە كىيىملىرىگە قاراپ كەتتىڭ ئاداش خىزمەت ئىھتىياجى دېگىنە .
ئەكبەرنىڭ گېپىگە ھەممىمىز كۈلۈپ كەتتۇق. مەنمۇ ئۇقىزلارنىڭ ئارىسىدىن خېلى رەڭلىك بىرسىنى يىتىلەپ ياتاققا ئەپچىكەتتىم.ئۇ 19ياشلاردىكى(كۆڭلۈمدە شۇنداق ئويلىدىم)غۇنچە بويلۇق بىرئۇيغۇر قىزى ئىدى.
مانا ئۇنىڭ ئايرىم ھۇجرىسىغىمۇ كىردىم .بۇيەرمۇ كۈچلۈك ئەتىر پۇرىقى بىلەن تولغان ،ناھايىتى رەتسىز بىر ياتاق ئىدى،ئۇكرىپلا مەندىن ئوڭايسىزلانغان چېغى ھاپىلا -شاپىلا ھۇجۇرسىنى يۇغۇشتۇرۇشقا باشلىدى .
ئىسمىڭ نېمە؟ ئىختىيارسىز ئۇنىڭدىن سورىدىم ،گەرچە بۇيەردىكىلەر ئۆز ئىسمىنى ئاشكارلىمىسىمۇ ،ئۇنىڭ ئاغزىدىن سۆز ئالغىم بار ئىدى.
:_زۆھرە، سىزنىڭچۇ؟
ۋاھ!ئىسمى زۆھرەكەن تېخى،ئاتا-ئانىسى پاھىشخانىدا چاقنىغان زۆھرە يۇلتۇز بولسۇن دەپ مۇشۇنداق قويغان چېغى.
:-ھە ،مىنىڭ ئىسمىما،بىلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق ،ئىككى سائەتلىك خوجايىنىم دەپ بىل.
:-سېنى يېڭى ماللار دەيدۇ ،بۇ يەردە ئىشلىگىلى ساڭا قانچىلىك بولدى.
:-بىرە يىلدەك بوپ قالدى،قانداق دەيسىز.  
نېمە بىر يىل ، بىر يىلغىچە نەچچە ئەركەكنىڭ ئاستىدىن چىقتى بۇ بۇزۇق ،ئويلايتىم ئىچىمدە .
توۋا ،مۇشۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمەنما؟كۆڭلۈمدە ئاتالمىش يىگىتلىك غۇرۇرۇم <<مەن>> بىلەن سۇقۇشىۋاتاتتى
ھاي نىم بوپتۇ ، دوستلار بىلەن ئاران كىرگەندە .كۆڭلۈم خوش بولسىلا بولدى ئەمەسمۇ.
ئۇنىڭغىچە ئۇ ئۆزىگە خاس بولمىغان بىرخىل ناز -كىرەشمىلەر بىلەن يېنىمدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى ، مەنمۇ ئۆزەمنى تۇتالماي ئۇنىڭ قولىنى تارتىپ يېنىمدا ئولتۇرغۇزدۇم.ئۇ ئەمدى يىشىنەي دەپ تۇراتتى.تۇيۇقسىز سايرىغان يانفۇن يۈرىكىمنى قاتتىق ئىزىۋەتتى،يانفۇن قىلغان ئادەمدىن قورقۇپ ئەمەس بەلكى يانفۇندىن چىققان تېلىفۇن مۇزىكىسدىن ئېسەدىرەپ ئۇنىڭغا قارىدىم.
بۇ مۇزىكا دەل بىر چاغلاردا ناھايىتى مودا بولغان <<پاھىشە قىزنىڭ مۇھاببىتى>>دېگەن ئاۋازلىق ئەسەرنىڭ مۇزىكىسى ئىدى.يۈرىكىم توختىماي تىپىرلايتى،شۇ تاپتا نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالغانىدىم. گويا ۋاقىت توختاپ قالغاندەك ھۇجىرنىڭ ئىچى جىمجىتلققا چۆمگەنىدى. ئۆزەممۇ ئۇقمايلا ئۇنىڭغا قاراپ قاپتىمەن .
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان شەبنەم ئاستا -ئاستا مەڭزىنى بويلاپ چۈشمەكتە ئىدى،چۇڭقۇر خىيالغا پاتقان كۆزلىرىدىن ،ئادەم ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان بىر خىل ئېچىنىش تۇيغۇسى چىقىپ تۇراتتى.  
:-يوقال!
قاتتىق ۋاقىرىدىم ،ئۇ ئاغزىنى تۇتقىنىچە بۇ يەردىن ئوقتەك يۈگرەپ چىقىپ كەتتى.  مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالغانىدىم،شۇ تاپتا ئۆز ئۆزەمدىن  نۇمۇس قىلىش ئىلىكىدە بېشىمنى چاڭگاللىغىنىمچە كارۋاتتا ئولتۇرۇپ چوڭقۇر ئويغا پېتىپ قالغانىدىم.يانفۇن مۇزىكىسى  دۇنيانىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تېخىچە سايراۋاتاتتى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش : يازغۇچىغا نىسبەتەن قالايمىقان پوزىتسىيەدە بولماسلىقىڭىزنى  ئۈمۈت قىلمەن ،تەنقىدى پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىز.



                        مەنبەسى: ئەپچىلەم

گـەرچـە مـەن جەمىيـەت تەرىـپىدىن لۈكـچـەك دەپ ئاتالغـان بولـسامـمۇ، لېـكىن  ئۆزەمنـىڭ ھامـان بىر پارلىغـان يۇلـتۇز بولـىدىغانلـىقـىمغا ئىشىنىمـەن ...

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2418
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24680
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 4396 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 01:34:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت رەڭگى بۇ ئىكراندا ئانچە ياخشى چىقمىدى ، باشقا رەڭدە بولغان بولسا بۇ كەمگە ئوقۇپ بولاتتىم ، كۆك رەڭ بىرخىل چاپاق ۋە خەتلەر خارادەك كۆرۈنۋالدى .

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1007
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5333
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 01:39:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمىنڭ كۆزىنى چاقىدىكەن.خەت رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بولغىدەك!

«كىمىكى ئىلىم ئىلىش يولىغا قەدەم قويسا،ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتكە ماڭىدىغان يولنى ئىچىپ بەرگەن بولىدۇ!»

<<ئانا &am

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10693
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12683
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 5495 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 01:41:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلارنى قوغداش ھەربىر ئەركەكنىڭ مەسۇليىتى

ۋاي-يۈرۈگۈم.....

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82117
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3217
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 02:01:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر پاھىشىنىڭ،«ئېچىنىشلىق»ھىكايىسىنى ئاڭلايدىكەنمىزدە؟؟؟

يازغۇچىلار ئېلھامنى پاھىشەخانىدىن ئالىدىغان بوپ كەتتىمۇ نىمە؟؟

ئاھ!! بۇ كۈنلەمۇ ئۆتۈپ كىتەر......

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6392
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 02:21:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز

سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم ئۈچۈن مۇشۇ كۈنگە قالدىممۇ
ئي ئۇلۇغ اللە دەرتمەننڭ ئىگىسى سەن يالغۇزنىڭ يارىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 1099
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6880
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 4391 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 02:22:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف  بۇجەمىيەت نىم بۇپ كىتىپ باردىغاندۇ  ...

تاغ سۈپەت قەددى بار ئىگىلمەيدىغان،
شىرسۈپەت روھى بار يىڭىلمەيدىغان .
ھەق ئۈچۈن ئۆلگەن بار تىرىلمەيدىغان.
شۇنداق بىر ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن.

زەنجىردەك بوغارمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81203
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5432
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 03:05:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىم  بوپ  كىتىپباردىغاندىمىز  .،.،.،ھەي........

قاغا ئۇچسا  قاناتىگە قاراڭلار ، گۇناھ قىلسا زەنجىر بىلەن  باغلاپ  تاناۋىنى  تارتىڭلار !!!!

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8036
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 656 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 05:29:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا راسىت شۇنداق ئىش بارمىدۇ؟ بەزى يەرلىرى نۇمۇس قىلارلىق يەنە تىمىدا تەسۋىرلەنگەندەك ئۇلانى قوللىغۇچى ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس، شۇنداق جايلادىكى قىزلانى قوللاپ ئوغۇللىرىمىز شۇنداق يەرگە بىرىپ بەگەچكە بۇنداق قىزلىرىمىزنىڭ سانى كۆپىيىدۇ.توۋا دىسە شۇنداق قىزلانىڭ قىپ يۇرگەن ئىشلانى ئۆز ۋىجدان غۇرىرىغا ئىلىپ شۇنداق يەلەگە ئوت قويىۋىتىدىغان ئوغۇللىرىمىز يوقمىدۇ؟ئاللا بارلىق ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللىرىمىزغا كۇچلۇك ئىمان،غۇرۇر ئاتا قىلسۇن.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 05:48:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا دىمىسە بىكار بەزى ئىشلارغا

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش