يېمەك-ئىچمەك _ ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تورۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل. ئىنسان كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاش-تاماقسىز ياشىيالمايدۇ.
ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئۆزىگە خاس يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ كەلگەن. قەدىمدىن بۇيان ئاتا-بوۋىلىرىمىز چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللىنىشتىن سىرت يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى ئۈستىدىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان. ئۇلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر خىل كۆكتات، ئۆزلىرى تېرىغان ئاشلىق ۋە باققان چارۋىلارنىڭ گۆشلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل مېزىلىك تائاملارنى ئىجاد قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ياشاش مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ كەلگەن. بۇ ئىزدىنىشلەر كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ياشاش مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.
جەمىيەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشى، ئادەملەرنىڭ ئىستىمال كۆز قارىشىنىڭ يوقۇرىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەككە بولغان تەلىپىمۇ بارغانسېرى ئاشماقتا. يېمەك-ئىچمەكنى نوقۇل ھالدا قورساق تويغۇزۇش دەپ قاراشتىن جىسمانىيىتىگە ئوزۇق تولۇقلاش، ساغلاملىقنى ئاساس قىلىش دېگەن قاراشقا ئۆتتى. بۇ بىزنىڭ ئەنئەنىۋى تاماقلىرىمىزنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
كۆپلىگەن ئائىلە ۋە ئاشخانىلاردا ئەنئەنىۋى تاماقلىرىمىز ئېتىلىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزنىڭ ئوزۇقشۇناسلىق نەزەرىيە بىلىمىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، ياشاۋاتقان مۇھىتىمىزنىڭ بۇلغىنىشى، يېمەك-ئىچمەككە خېمىيىلىك تەركىپلەرنىڭ تۇپراق ۋە باشقا ھەرخىل تاشقى سەۋەبلەردىن قوشۇلۇشى بىلەن ئوزۇقلۇق تەركىبىدىن كۆرە زىيانلىق تەرىپىنىڭ ئېشىپ بېرىشى كىشىلەرنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا. بۇ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ھەر بىرىمىزنىڭ ئالدىغا قويۇلغان تەخىرسىز سۇئال بولۇپ قالدى.
خوش، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە ئىزدىنىشىمىز كېرەك. بىز ياشاۋاتقان بۇ گۈزەل تۇپراق ئاتا قىلغان نۇرغۇن نېمەتلەر بىزنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەپ ئۆز ساغلاملىقىمىزنى قوغدىشىمىزنى كۈتمەكتە. ئەلۋەتتە بۇ بىزنىڭ بايقاش ۋە چوڭقۇر ئىزدىنىشىمىزگە باغلىق.
ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزنىڭ ئېتىقادىمىز، ياشاش ئۇسۇلىمىز قىلچىمۇ ئوخشىمايدىغان كىشىلەر ئاچقان چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى ئاشخانىسى، كالا گۈشى ئۈگرىخانسىغا كىرىپ كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تورۇۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ ئېتىقادى، ئىشلەتكەن خۇرۇچلارنىڭ شۇبھىلىك ياكى ئەمەسلىكى بىلەن ھېساپلاشمايلا شۇ ئاشخانىلاردا غىزالىنىۋاتقانلىقى بىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرماي قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ شۇبھىلىك نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىپ ئىمان-ئېتىقادىنى بۇلغاشتىن توسۇش ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.
ئويلاپ باقايلى، شۇلار ئەتكەن تاماقلارنى، شۇلار قورۇغان قورۇمىلارنى نېمىشقا بىز قىلالمىغۇدەكمىز؟ ئۇلار ئىشلەتكەن خۇرۇچلارنىڭ ئەسلىسىنى يەنىلا ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل تۇپراقنىڭ ھەممىلا يېرىدىن تاپالايمىز ئەمەسمۇ. خۇرۇچلارنىڭ ھەممىسى تەبىئەت دۇنياسىدىن ئېلىنغان. پەقەت ئىنسانلار ئۆز نەپسى خاھىشى بىلەنلا ھەر خىل نەرسىلەرنى قوشۇپ پىششىقلاش ئارقىلىق شۇبھىلىك نەرسىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ قولىمىزنىڭ پەنجىسىمۇ ئوخشاشلا بەش، ئەقىل ئىدراكىمىزمۇ ئۇلاردىن كەم ئەمەس، كەم بولۇۋاتقىنى بىزدىكى ئىزدىنىش خالاس.
بۇ يەردە يەنە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدە تېتىتقۇ، ماش ئويما قاتارلىقلاردىن شۇبھىلىنىش تۇيغۇسى مەۋجۇت. بۇ خىل تۇيغۇنى ئىلگىرى بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدە تولىمۇ ئاز ياكى يوق دىيەرلىك بولغانلىقىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. لېكىن جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى مىللى كارخانىچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ھالاللىق ئۆلچىمىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۆسۈملۈك خۇرۇچىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلىرىمىز ۋە شەخسلىرىمىز مەيدانغا كەلدى. ئەلۋەتتە بۇ بىزنىڭ شۇ خۇرۇچلارنى سېتىۋېلىشتىكى ھۇشيارلىقىمىزغا باغلىق.
مەن گەرچە ئاددى بىر ئاشپەز بولساممۇ، مىللى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلىرىمىز قاتارىدا، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىز ئۈستىدە توختاۋسىز ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. يېمەك-ئىچمىكىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىلىكىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا تۈزۈپ چىققان ئۇيغۇر تائاملىرى توغرىسىدىكى كىتابىم پات ئارىدا كەڭ خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىسى.
تۆۋەندە ئۆزۈم ئىجاد قىلغان ئىككى تۈرلۈك تائامنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلىنى كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
شاھىنشاھ قوي پاچىقى
خام ماتىريالى: قوينىڭ ئالدى پۇتى، چامغۇر، سەۋزە، قوينىڭ ئىچ يېغى، تۇخۇم، كىراخمال، باش پىياز.
تەم خۇرۇچلىرى: سۇيېغى، تۇز، ئاقمۇچ، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، قاقمۇچ، سامساق، غولپىياز، كۇنجۇت، يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ، لاچىندانە.
قۇشۇمچە:(پۇرچاق بوتقىسى،قىزىلمۇچ قىيامى، قىزىلمۇچ مېيى، تېتىتقۇ)
تەييارلاش ئۇسۇلى: بېلىقنى پاكىزە يۇيۇپ توغرايمىز، باشقا ماتىرياللارنىمۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بۇيىچە توغرىۋالساق بۇلىدۇ.
شورپىسىنى تەييارلاش: قازانغا يېرىم چۇمۇچ ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا غولپىياز، سامساق، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ ۋە قۇشۇمچە تەم خۇرۇچلارنى سېلىپ، مەزلىك پۇراق چىققىچە قورۇپ تۇز سېلىپ يەتتە چۇمۇچ سۇ قۇيۇپ بوش ئوتتا قاينىتىمىز .
يۇملاق ماش ئويما، نىپىز ماش ئويما، مايلىق يېسۋىلەكلەرنى شورپىغا سېلىپ بىر قاينىتىپ، شورپا قاچىسىغا سۈزۈۋالىمىز. ئاندىن بېلىقنى سېلىپ 5مىنۇت ئەتراپىدا بوش ئوتتا قاينىتىپ سورپا قاچىسىغا ئالىمىز.
شورپىنىڭ تۇز تەمىنى تېتىپ بېلىقنىڭ ئۈستىگە قۇيىمىز .
شورپا ئۇستىگە كۇنجۇت، چانالغان سامساق، غولپىياز(كىچىك غولپىياز بولسا تېخى ياخشى) سىپىمىز.
قازانغا ئازراق قىزىلمۇچ مېيى قۇيۇپ قىزىغاندا شورپىنىڭ ئۇستىگە قۇيۇپ پەردازلاپ مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقساق بۇلىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: تەمى ئۆزگىچە بولۇپ ئاچچىق چۈچۈك، يېيىشلىك، شەكلى كوركەم، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى.
مەزكۇر شورپا 2011- يىلى7- ئاينىڭ 21- كۇنى سەلتەنەت تاماقخانىسىدا تۇنجى قېتىم تەييارلىنىپ كەسىپداش دوستلارنىڭ ۋە شۇنداقلار كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى.
يۇقىرىقى قورىما، تائاملار شاڭخەي تائام يەرمەنكىسىدە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە قورىمىسى دەپ باھالانغان بولۇپ، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ نەشىر قىلىش ۋە سودا خارەكتىرلىك ئىشلىتىلىشىگە يول قۇيۇلمايدۇ.
پەقەت تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن يوللاندى.
تېخىمۇ كۆپ ساۋادلارغا ئىگە بولاي دىسىڭىز :ئاشپەز تورى
غا مەرھەمەت قىلىڭ!
سەمىمىي ئەسكەرتىش: تېمىدىكى ماش ئويمانى ھازىر خېلى كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ. سېتىۋالغاندا ئازغىنە ۋاقىت ئاۋارىچىلىقىدىن قورقمىسىڭىزلا ئۇنى ئىشەنچىلىك يەردىن سېتىۋالالايسىز. ئارتۇقچە گۇمان قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆزىمىزنىڭ ئىزدىنىشىدىنمۇ ئىزدەپ كۆرەيلى!