مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 471|ئىنكاس: 12

ئالغا ئىلگىرلەش بىلەن ئارقىغا چېكىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاناڭ سۈتىنى ئاق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64807
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7083
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 09:07:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېقىن تارىخىمىزدىكى ئالغا ئىلگىرلەش نەتىجىلىرىمىز  بىلەن ئارقىغا چېكىنىش نەتىجىمىزگە قىسقىچە نەزەر !!!


مۆلجەرلى


ئالغا ئىلگىرلەش نەتىجىلىرىمىز —

1.مىللىتىمىزنىڭ نۇپۇس سانى بۇندىن بۇرۇنقى 100 يىللارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە يۈكسەلدى . (مەسىلەن _ مىللىتىمىزنىڭ 70 يىل بۇرۇنقى سانى بىلەن ، ھازىرقى سانىنى سېلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە كۆپ).

2.مىللىتىمىزنىڭ بىلىم-سەۋىيىسى (شۇنچە قىيىنچىلىقلارغا قارشى) نەچچە ھەسسە يۈكسەلدى . (مەسىلەن—مىللىتىمىزنىڭ 70 يىل بۇرۇنقى دوكتۇر-ئىنجىنىرلار، ئاكادېمىك-فىراففېسسۇر، ئالىم-ئۆلىمالار بىلەن ھازىرقىلارنىڭ سانىنى سېلىشتۇرغاندا، نەچچە-ئون ھەسسە ئارتۇق).

3.مىللىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى (شۇنچە ئېغىر شارائىتلارغا قارشى) بۇرۇنقىدىن بىر قەدەر يۈكسەلدى . ( مەسىلەن- ئىقتىسادى يۇقىرى دەرىجىدىكىلەرنىڭ ئۈيلىرىدە بىر يۈرۈش كومپىيۇتىر ، ئائىلە بېشىغا بىردىن تېلېفۇن، بىردىن ماشىنا تېپىلسا، تۈۋەن دەرىجىدىكى ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە بىردىن تېلېۋۇزۇر بىلەن بىردىن يەڭىل چاقلىق ئىشەك ھارۋۇسى تېپىلىدۇ ).

4.مىللىتىمىزنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيىسى (شۇنچە ئۆزگىرىشلەرگە قارشى) بۇرۇنقىدىن خېلىلا يۈكسەلدى . (مەسىلەن _ يۇرتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇندىن 70 يىل بۇرۇن كىيىلگەن بەزى كىيىم نۇسخىلىرى ھازىر كىيىلمەيدۇ ، بەزى خۇراپى ئادەتلەر ئەمەلدىن قالدى. قارغۇلارچە مازار-غۇجاملارغا چۇقۇنۇش يۇقالدى، يېشىغا توشمىغان قىزلارنى قېرى بوۋايلارغا زورلاپ بىرىش يۇقالدى، قىز بالىنى ئۇقۇتماي ئۆي خىزمەتچىسى قىلىۋېلىشلار يۇقالدى ).

5.مىللىتىمىزنىڭ مىللى ئاڭ-سەۋىيەسى (شۇنچە چېچىلاڭغۇلۇقلارغا قارشى) بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە يۈكسەلدى . ( مەسىلەن _ بۇندىن 100 يىللار بۇرۇنقى ئاق تاغلىق-قارا تاغلىق دەيدىغان زھەرلىك كېسەل ، بۇندىن 30 يىللار بۇرۇنقى قەشقەرلىق - ئاتۇشلۇق دەيدىغان قىزغانچۇغلۇق كېسەللىرى ،  بۇندىن 20 يىللار بۇرۇنقى جەنۇپلۇق - شىماللىق دەيدىغان يۇرتۋازلىق كېسەللىرى تۈگىدى ، چۈنكى بۇ يۇرتۋازلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى مىللىتىمىز تۇنۇپ يەتتى .


ئارقىغا چېكىنىش نەتىجىلىرىمىز _

1.مىللىتىمىزنىڭ نۇپۇس سانى ئاز بولغان 100 يىللار بۇرۇن ، بىزنى دۇنيا ئەھلى تۇنۇيتى ، بۈگۈنكى دۇنيا تەققىياتى چىكىگە يەتكەن ، ئەتىگەندە كۈنچىقىش تەرەپتە بىر ھادىسە يۈزبەرسە، شۇ سائەتنىڭ ئۈزىدە كۈن پېتىش تەرەپتە ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئۇنىڭدىن خەۋەردار بۇلالايدىغان زاماندا ، بىزنى تۇنۇيدىغان ئىنسانلار ناھايەت دەرىجىدە ئاز. مانا بۇلار بىزنىڭ چېكىنىشىمىز !.

2.مىللىتىمىزنىڭ بىلىم سەۋىيەسى ئېشىپ ئالىم-ئۆلىما، ئاكادېمىك-فىراففېسسۇر، دوكتۇر-ئىنجېنىرلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشقان بولسىمۇ ، ئەينى دەۋرىدىكى ئالىم-ئۆلىمالارغا ئوخشاپ ئۈزىنىڭ بارلىقىنى ئاللاھ يۇلىدا تەقدىم قىلالايدىغان، ئابدۇقادىر داموللام ، ئابدۇل ئەزىز داموللام ، سابىت داموللاملاردەك خەلىقنى ئالغا يىتەكلىيەلەيدىغان ، ۋەزىيەتنى توغرا مۇھاكىمە قىلالايدىغان ، قورىقماستىن تۇرۇپ خەلىق ئالدىدا باشلامچى بۇلالايدىغان ،  ھەقىقى ئالىم-ئۆلىمالار يوق . ئۈنۋان دىسە مەۋلىۋى ئەمما ، ئۈلەم دىسە يۈرىگى تىترەيدىغان جانباقتىلار ،  نام-ئابرۇي ، مەنسەپ-شۆھرەت دىسە دۇنيانى قاترايدىغان دىۋانىلەر ئىنتايىن كۆپ . ئەخمەتچان قاسىم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتېلى تەۋفىق، لۇتفۇللا مۇتەللىپلەردەك ئۆز ھاياتىنى ۋەتەن-مىللىتى ئۈچۈن تەقدىم قىلالايدىغان، خەلىقنىڭ ئالدىدا يولباشلاپ ماڭالايدىغان شائىر-يازغۇچىلار ئەسلا يوق .  مانا  بۇلار بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭ چېكىنىشىمىز !.

3.مىللىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى بۇندىن 50-60- يىللاردىكىدىن خېلىلا يۈكسەلدى ، بىراق بۇ ئىقتىسادلارنى نەگە ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان ، ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى تۇرمۇشىنىلا ئويلاپ، تۈۋەندىكى بىچارىلەرگە مېھرى-شەپقەت قۇلىنى سۇنمايدىغان ، ئۆزلىرى ئالى ماشىنىدا ماڭسا، ئاددى ئېشەك ھارۋۇسىدىن يول بىرىشنى تەلەپ قىلىدىغان مۇتەكەببىر ، بېخىل بايۋەتچىلەر بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئاشتى .  مانا بۇلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر چېكىنىشىمىز !.

4.مىللىتىمىزنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيىسى بۇرۇنقىدىن ئاشقاندەك ، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە كىيىنىش كۆرۈنىشىمۇ خېلى سۈپەتلىك كۆرۈگىنى بىلەن، ئەسلى مىللى ئەن-ئەنىمىزگە زىت بولغان قىياپەتلەر ، غەيرى دىن ۋە غەيرى ئىنسانلارنىڭ چىركىن مەدىنىيەتلىرىنى ئۆزىلىرىگە سىڭدۈرگەن كىشىلەرنىڭ سانى بۇرۇنقىدىن نەچچە-ئون ھەسسىلەپ ئاشتى . بۇرۇنقىدەك ئۆلەك مازارغا چۇقۇنۇش يۇقالغىنى بىلەن ، تىرىك مازارغا چۇقۇنۇش تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا. يېشىغا تولمىغان غۇنچە قىزلارنى زورلاپ ئەرگە بېرىش ئىشلىرى يۇقالغىنى بىلەن، بويغا يەتكەن گۈزەل قىزلارغا ئەجداتلىرىمىزدەك ئەركەكلەرچە ئىگەدارچىلىق قىلالماسلىقتىن ئىبارەت، ۋىجدان زەئىپلىكى كېسىلى يۈز ھەسسىلەپ ئاشتى. مانا بۇنداق ۋىجدان زەئىپلىكىمىز سەۋەبىدىن، ئىگىسىز-پاناسىز قالغان بىچارە قىزلار ھەرقايسى يۇرتلاردا ئونلاپ-يۈزلەپ تېپىلىدۇ . مانا بۇلار بىزنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئارقىغا چېكىنىشىمىز !.

5.مىللىتىمىزنىڭ مىللى ئاڭ-سەۋىيەسى بۇرۇنقىدىن ئاشقاندەك كۆرۈنسىمۇ ، يەنىلا مىللى ئاڭسىزلىقتىن ئىبارەت روھى پىسىخولوگىيەلىك يۇقۇملۇق كېسەل، (سەن مىللەتچى مەن دىنچى ، سەن ئاسىيالىق مەن ياۋرۇپالىق ئۇيغۇر، سەن ئىستانبۇللۇق مەن ئۈرۈمچىلىك ئۇيغۇر دىگەندەك تەرەققى قىلغان يۇرتۋازلىق كېسىلى بىخسۈرۈپ ، بەزى بىر يۇرتلۇق كىشىلەر ئۆزئارا بىزلىشىۋېلىش، باشقا يۇرتلۇقنىڭ پىكرى توغرا بولسىمۇ ئۇنى قىلچە ئىتىبارغا ئالماسلىقتەك ئەخلاقسىزلىق يۇقۇملۇق كېسەللىرى يەنىلا بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە يامرىماقتا . مانا بۇلار بىزنىڭ يىلدىن-يىلغا ئارقىغا چېكىنىۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى !.


بۇ ھەقتە يەنە مىسال كەلتۈرسەك مىساللار ناھايىتى كۆپ، بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرلەر تارىخىدىكى سىياسى ئىلگىرلەش بىلەن ، سىياسى ئارقىغا چېكىنىش جەريانىدىكى بەزى مەسىللەر ئۈستىدە بۇندىن كېيىن توختىلىشىمىز مۇمكىن .


بۇندىن كېيىنكى دەۋرىمىزدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش نەتىجىسى يۇقىر بۇلامدۇ ؟ ياكى ئارقىغا چېكىنىش نەتىجىسى يۇقىرى بۇلامدۇ ؟


بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئەزىز مىللىتىمنىڭ، دەۋرىمىزدىكى ئىلىم ئىگىلىرى بولغان ۋىجدان ئىگىلىرىگە ۋە كەلگۈسىمىزنىڭ ئىستىقباللىق مىراسخورلىرى بۇلىدىغان ياشئىزباسار، ۋىجدان ساھىپلىرغا قالدۇردۇم .


بۇلار ئۆزەمنىڭ ئاددى مۇلاھىزىلىرىم بۇلۇپ، بەزى نامۇۋاپىق پىكىرلىرىم بۇلىشى مۇمكىن، ئەزىز قېرىنداشلارنىڭ تۈزۈتىش بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .


ئالى ئېھتىرام بىلەن — مۆلجەرلى


_ _ _ _ _مەنبە — ئۆز قەلىمىم .





ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hokumran + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئاناڭ سۈتىنى ئاقلايمەن دىسەڭ - ئانا يۇرتۇڭغا قان-تەرىڭنى سىڭدۈر

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2418
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24680
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 4396 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 10:17:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تور دۇنياسىدا مىللىتىمىز ئۈستىدە مۈنچىلىك تەپەككۇر قىلىدىغان قېرىنداشلارمۇ بار ئىكەن ھە - ؟

تەشەككۈر !

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 10:21:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا كوپ تەشەككۇر  

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38436
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3611
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 2548 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 10:22:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن كۆپ تەرەپتىن  ئويلىنىپ ياخشى  مۇلاھىزە قىپسىز   ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك  مەسىلىلەر

笑只是个表情,于快乐无关 

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3319
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 11:09:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تەپەككۇر قىپسىز ، تەشەككۈر

ھاياتنىڭ مەنىسى ئارزۇ - نىيەتلەرگە قاراپ ئىنتىلىشنىڭ گۈزەللىكى ۋە قۇدرىتىدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ ھەربىر مىنۇتى يۈكسەك مەقسەتكە ئېگە بۇلىشى كېرەك .

چــــــــــــــــــــــــــوغ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 12:03:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇندىن كېيىنكى دەۋرىمىزدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش نەتىجىسى يۇقىر بۇلامدۇ ؟ ياكى ئارقىغا چېكىنىش نەتىجىسى يۇقىرى بۇلامدۇ ؟
مەن شەخسەن يۇقىرى كۆتىرلىدۇ دىيەلەيمەن،چۈنكى بىر نەچچە يلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئىشلار كۆپلىگەن ئۇيغۇرلىرىمنى بىلىنى قايتىدىن باغلاشقا روھلاندۇردى دەپ قارايمەن.مەن تېمىدىكى‹‹بىزنىڭ چىكىنىشىمىز››دىگەن سۆزنى بىزنى چىكىندۈردى دەپ ھەزىم قىلدىم

قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!كەلدى ئايەم كۈلدى ئالەم.خۇشال كۈنلەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68603
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 595 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 12:32:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز دەپلا قويماي ئۈزىمىزدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىك ئۈستىدە ئوبدان ئويلىنىپ كاللىمىزنى سىلكېۋىتەيلى ، ئويغىنايلى ئويغىنايلى قېرىنداشلار!!!!!  بولمىسا ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە يەم بۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13511
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1303 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 12:48:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىختىسادى جەھەتتە ئالغا ئىلگىرلىگەندەك قىلغان بىلەن ئىدىلوگىيە جەھەتتە داتلىشىش ئېغىر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83273
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3162
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-7-31
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 02:35:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز گە كۆپ رەخمەت !

بىكاربولسىڭىز دۇنياۋەزىيتىگە دىققەت قېلىپ قۇيۇڭ!http://military.china.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83273
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3162
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-7-31
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 02:44:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەخسى كۆز قارشىمنى دىسەم  چۇقۇم ئالغا ئېلگىرلەيدۇ . مىساللار بەك جىق !مەسلەن يەئۇدىلار .ياپۇنلار . شۇ قاراتەنلىكلەر . بۇلارنىڭ قايسىبىرى ئارقىغا چىكىنمىگەن . ئەمما بىز كۈتۈپ ئولتۇرساق پۈتۈنلەي تۈگىشىمىز .شۇڭا تىرشايلى . ھەممىىزنىڭ مەجبۇريىتى بار .  

بىكاربولسىڭىز دۇنياۋەزىيتىگە دىققەت قېلىپ قۇيۇڭ!http://military.china.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش