مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3000|ئىنكاس: 36

ئاللاتائالانىڭ بىر كەم يۈز ئىسمى بار. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77848
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5561
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 07:08:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيىم

ئاللاتائالانىڭ 99،يەنى بىر كەم يۈز ئىسمى بار.ئۇلارنى ياد قىلغان ئادەم جەننەتكە كىرمەي قالمايدۇ.ئاللا تاقتۇر،تاقنى ياخشى كۆرىدۇ

1.ئاللاھۇ
مىڭ قېتىم <يائاللاھۇ> دېسە،ئاللاتائالا ئۇ بەندىسىنى ئەسھابى كېرەملەردىن قىلۇر.
2.رەھمانۇ
پەرز نامازدىن كېيىن<يا رەھمانۇ>دېسە،دىلى قاراڭغۇلۇقتىن ۋە ئۇنۇتقاقلىقتىن پاك بۇلۇر.
3.رەھىمۇ
ھەر كۈنى بامدات نامازدىن كېيىن،101<يا رەھىمۇ<دېسە ھەممە كىشى بۇ كىشىگە مېھرىبان بۇلۇر.
4. مالىكۇ
داۋاملىق<يامالىكۇ>دېسە دۇنيا ئاخىرەتتە ئۇلۇغلۇققا نېسىپ تېپىپ مەخلۇقاتلار ئارىسىدا ئىززەتلىك بۇلۇر.
5. قۇددۇسۇ
داۋاملىق<يا قۇددۇسۇ>دېسە،دۇنيا ئاخىرەتتە ئۇلۇغلۇققا نېسىپ تېپىپ،مەخلۇقاتلار ئارىسىدا ئىززەتلىك بۇلۇر،101 قېتىم دېسە بېشى قىيىپ،كۆڭلى ئىلىشىشىدىن ئامان بۇلۇر ۋە ئۇ كېسەلگە شىپالىق بېرۇر.
5. مۇئمىنۇ
ھەركىشى بۇ ئىسىمنى ئۇقۇسا ئاللاتائالا يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا دۈشمەنلىرىدىن ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.
6. مۇھەمىنۇ
غۇسلى تاھارەتتىن كېيىن101 قېتىم<يا مۇھەمىنۇ>دېسە،دىلى ناھايىتى روشەن بۇلۇپ ئاسان ياد بۇلۇر.
7. ئەزىزۇ
بامداتتىن كېيىن 41 قېتىم<يا ئەزىزۇ>دېسە،ئاللا ئۇ كىشىنى ھېچ كىشىگە مۇھتاج قىلماس.
8. جاپپارۇ
ھەركۈنى21 قېتىم ئۇقۇسا ئاللا ئۇ كىشىگە زور كۈچ بېرىپ،زالىملاردىن ئامان بۇلۇر.
9. مۇتەكەببىرۇ
جىمادىن ئىلگىرى 11 قېتىم ئوقۇپ جىما قىلسا ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلۇر.
10. خالىقۇ
ھەر بەندە كېچېسى<يا خالىقۇ>دېسە،بىر پەرىشتە ھەمراھ بۇلۇپ،بۇ كىشىنىڭ قىيامەتكىچە ئاللادىن ئەپۇ سورار.
11. بارىئۇ-يامۇسەۋۋىرۇ
بۇ ئىسىمنى تۇغماس ئاياللارغا يەتتە كۈن روزا تۇتقۇزۇپ،ئېغىز ئاچقان زامان،ھەركېچىسى بۇ ئىسىمنى سۇغا ھۈرۈپ ئىچۈرسە ئاللانىڭ پەرمانى بىلەن پەرزەنت ئاتا قىلۇر.
12. غاپپارۇ
بۇ ئىسىمنى داۋاملىق ئۇقۇسا ئاللا گۇناھىنى كەچۈرۈپ ياخشىلاردىن قىلۇر.
13. قاھھارۇ
بۇ ئىسىمنى داۋاملىق ئۇقۇسا نەپسى ھەۋىسىدىن خالاس قىلىپ دۇنيانى سالقىن قىلۇر.
14. ۋەھھابۇ
چاچكا نامازدىن كېيىن،سەجدىدە 9 كۈن بۇ ئىسىمنى ئوقۇسا ئاللادىن باشقىغا مۇھتاج بولمىغاي.
15. رەززاقۇ
بۇ ئىسىمنى داۋاملىق ئۇقۇسا رىزقى نىسبىتىنى ئاللاتائالا كەڭرى قىلۇر.
16. پەتتاھۇ
بۇ ئىسىمنى داۋاملىق ئۇقۇسا قەلبى روشەن بۇلۇپ،ھەممە ئىشلىرى راۋان بۇلۇر.
17. ئەلىمۇ
بۇ ئىسىمنى كېچىسى ئوقۇسا ئىلىمنى ئاسان قىلۇر،بىلگەننى ھەرگىز ئۇنۇتماس.
18. قابىزۇ
ھەركىشى بۇ ئىسىمنى قىرىق پارە نانغا يېزىپ يېسە،دەردكە داۋا رەنجىگە شىپا بۇلۇر.
19. باستۇ
بۇ ئىسىمنى 10 قېتىم ئوقۇپ قولىغا ھۈرۈپ يۈزىنى سىيلىسا،كىشىگە مۇھتاج بۇلماس.
20. خافىزۇ
3 كېچە-كۈندۈز روزا تۇتۇپ،4-كۈنى 70 قېتىم دۈشمىنىگە شىلتىسا ھەرگىز كۈچى يەتمەس.
21. مۇئىززۇ
دۈشەنبە ياكى جۈمە كېچىسى 141 قېتىمدىن ئوقۇسا ئىناۋەتلىك بۇلۇر.
22. رافىئو
پېقىر كىشى 40 كۈن بۇ ئىسىمنى ئوقۇشنى ئادەت قىلسا  ئاللا بۇ كىشىنى بايلىققا ئېرىشتۈرۈر.
23. مۇزىللۇ
زالىملاردىن زالىملىق يەتسە،70 قېتىم ئوقۇپ<ئى،رەببىم،پالان كىشىنىڭ زۇلىمىدىن ساقلىغايسەن>دېسە،ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ.
24. سەمىئۇ
پەيشەنبە كۈنى چاچكا ۋاقتى بىلەن ھېچ بىر سۆز قىلماستىن بۇ ئىسىمنى ئوقۇسا مۇرادىغا ھاسىل بۇلۇر.
25. بەسىرۇ
جۈمە كۈنى پەرىز بىلەن سۈننەت ئوتتۇرىسىدا ئېتىقاد بىلەن 100 قېتىم ئوقۇسا،ئاللا ئۇنىڭ دۇئاسىنى قۇبۇل قىلۇر.
26. ھەكىمۇ
بۇ ئىسىمنى تۈن كېچىدە ئوقۇسا ئۇيقۇ غالىب بۇلۇپ كۆزى ئۇيقۇغا كەتسە بۇ كىشىگە سىر كۆرسىتىدۇ.
27. ئەددىلۇ
جۈمە كېچىسى بۇ ئىسىمنى 20 پارچە نانغا يېزىپ يىسە جەمئىي ئەلەم خەلقى بۇ كىشىگە مېھرىبان بۇلۇر.
28.لەتىفۇ
ھەر كىشىنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ پېقىر بولسا،ياكى بىرەر كېسەل بولسا،2 رەكئەت ناماز ئوقۇپ 100 قېتىم بۇ ئىسىمنى ئوقۇسا ھالى ياخشى بۇلۇر ۋە بايلىققا قاراپ ماڭۇر.
29.ھەلىمۇ
بۇ ئىسىمنى يېزىپ ئاشلىق ئارىسىدا قويسا چاشقان ۋە مىتە بالاسىدىن ئامان بۇلۇر.
30.خەبىرۇ
داۋاملىق يامان ئىشلارنى ئويلايدىغان كىشى بۇ ئىسىمنى كۆپ ئوقۇسا يامان خىياللاردىن ياخشى خىيالغا ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغانغا ئۆزگىرىدۇ.
31.ئەزىمۇ
بۇ ئىسىمنى كۆپ ئوقۇسا،خالايىقلار ئارىسىدا ئىززەت-ھۆرمەتلىك بۇلۇر.
32.ئەلىيۇ
داۋاملىق ئوقۇشنى ئادەت قىلسا ۋە ئۆزىگە ھەمراھ قىلسا،قەدىرلىك ۋە ھۆرمەتلىك بۇلۇر،مۇساپىر ئوقۇسا ۋەتىنىگە ئېرىشىدۇ.
33.ھەفىزۇ
بۇ ئىسىمنى ھەركۈنى 16 قېتىم ئوقۇسا.ھەممە پىتنىلەردىن ئاللا ئامان قىلۇر.
34.ھەسىبۇ
بىر نەرسىنى داۋاملىق ئوغرى ئالسا ياكى كۆزىگە بىر نەرسە كۆرىندىغان بولسا،بۇ ئىسىمنى داۋاملىق ئوقۇسا ھەرگىز ئوغرى دەخلى قىلالماس ۋە كېسىلگە شىپالىق بېرۇر.
35.كەرىمۇ
بۇ ئىسىمنى داۋاملىق ئوقۇسا دۇنيادا ئاخىرەتتە ئېزىز ۋە مۇكەررەم بۇلۇر.
36.مۇجىبۇ
بۇ ئىسىمنى داۋاملىق ئوقۇسا ھەم ئوقۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلسا ھەر مەقسىتى تېزلىك بىلەن ھاسىل بۇلۇر.
37.شەھىدۇ
ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلمىغان بالىنىڭ پېشانىسىگە بۇ ئىسىمنى ئوقۇپ ھۈرسە،ئاللانىڭ ئىزنى بىلەن ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىدىغان بۇلۇر.
38.ۋەكىلۇ
ئوت-سۇ ياكى باشقا نەرسىلەردىن قورقۇنچىسى بولسا،بۇ ئىسىمنى ئوقۇشنى ئادەت قىلسا ئاللا قورقۇنچىسىنى دەفئى قىلىپ ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.
  39.سەللەتى
فەبى ئەلا سەللەتىنى ئوقۇسا مېلى تېزلىك بىلەن چىقار،ئوغرى تۇتۇلۇپ خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا بۇلۇر.
40.شەكۇرۇ
دۇنياسى ئاز بولغان بۇلۇپ پېقېر بولسا ياكى كۆزى قاراڭغۇلىشىدىغان بولسا،40قېتىم ئوقۇپ سۇغا دەم قىلىپ يۈزىنى يۇسا ئاللا شىپالىق بېرۇر.

41.كەبىرۇ
بۇ ئىسىمنى كۆپ ئوقۇسا ھەممە كىشىلەر ئارىسىدا قۇدرەتلىك ۋە ئىززەتلىك بۇلۇر.
42.مۇقىتۇ
بالىسى ئاتا-ئانىسىگە بوي سۇنمىسا،پىيالىگە سۇ ئېلىپ 7 قېتىم ئوقۇپ ھۈرۈپ ئىچۈرسە ياخشى ئادەملەردىن بۇلۇر.
43.جەلىلۇ
بۇ ئىسىمنى ئىپاۋ ۋە زەپە بىلەن قاچىغا يېزىپ چايقاپ ئىچسە خالايىق ئارىسىدا ناھايىتى ھۆرمەتلىك بۇلۇر.
44.رەقىبۇ
سەپەرگە چىقار ۋاقىتتا ئۆزىگە ھەم مىلىغا ھۈرسە ھەممە ئاپەتلەردىن ئامان بۇلۇر.
45.ۋەدۇۋدۇ
2كىشى ئوتتۇرىسىدا ئاداۋەت بولسا،يەيدىغان نەرسىگە مىڭ قېتىم ئوقۇپ ھۈرۈپ بەرسە،ئاداۋىتى تۈگەپ ياخشىلىشىپ قالۇر.
46.ۋاسىئۇ
بۇ ئىسىمنى داۋاملىق ئوقۇسا رىزقى ئىشىگە ناھايىتى تېز ئىچىلۇر.
47.باسىئۇ
داۋاملىق بۇ ئىسىمنى ئوقۇسا دىلى روشەن بۇلۇپ،ئاللادىن قورقۇدىغان بۇلۇر.
48.ھەققۇ
بىر نەرسىنى ئوغرى ئالسا،بىرپارچە قەغەرگە<يا ھەق>نى يېزىپ ساقلىغاي ۋە قولىغا<يا ھەققۇ>دەپ ئوقۇپ،ھۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ غەزەپ بىلەن ئوقۇسۇن،ئاللانىڭ كارامىتى بىلەن مېلى تېپىلۇر.
49.قەۋىيۇ
خېمىرنى نوقۇتتىن كىچىكرەك مىڭ دانە كومۇلاچ قىلىپ<يا قەۋىيۇ>نى ئوقۇپ ھۈرۈپ ئۆي قۇشلىرىغا يىدۈرسە ۋە يەنە<يا قەۋىيۇ>نى ئوقۇپ دۈشمەننى كۆز ئالدىغا ئەكەلسە دۈشمىنى مەغلۇپ بۇلۇر.
50.مەتىنۇ
سۈت يوق ئايالغا بۇ ئىسىمنى يېزىپ ئىچۈرسە سۈتى كۆپ بۇلۇر.
51.ۋەلىيۇ
بۇ ئىسىمنى كۆپ ئوقۇسا ئاللانىڭ ئەۋلىيالىرىدىن بولىدۇ،ئايالى بىلەن بىرگە بولسا ياخشى خۇلىقلق بولىدۇ.
52.ھەمىدۇ
پاھىشە ۋە بۇزۇق كىشىلەرگە بۇ ئىسىمنى يېزىپ ئىچۈرسە،ئەخلاقلىق،توغرا نىيەتلىك،ھەرقانداق ئىلىم تەلەپ قىلسا تەلىپى تېز ھاسىل بۇلۇر.
53.مۇھىييى
زەخمىلەنگەن كىشى بۇ ئىسىمنى ئوقۇپ ئەزالىرىغا ھۈرىسە تېزدىن شىپالىق تاپىدۇ.
54.مۇھىتۇ
نەپسى ۋە دۈشمەننىڭ يوقىلىشى ئۈچۈن بۇ ئىسىمنى ھەركۈنى 41 قېتىمدىن ئوقۇسا نەپسى ۋە دۈشمىنى يوقىلىدۇ.
55.ھەييۇ
بۇ ئىسىمنى داۋاملىق ھەركۈنى 41 قېتىمدىن ئوقۇسا ئۇ كىشى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ.
56.قەييۇم
ھەركۈنى 41 قېتىم<تا ھەييۇ-قەييۇم،لائىلاھە ئىلائەنتە>دېسە دىلى قاراڭغۇلۇقتىن كۆتۈرلۈپ دەرىجىسى ئۆسىدۇ.
57.ۋاجىدۇ
بۇ ئىسىمنى كۆپ ئوقۇسا كۆڭۈل بايلىقى ھاسىل بولىدۇ.
58.ماجىدۇ
بۇ ئىسىمنى كۆپ ئوقۇسا كۆڭلى سەزگۈر ۋە دىلى روشەن بولىدۇ.
59.ۋاھىدۇ
بۇ ئىسىمنى كۆپ ئوقۇسا ھەر تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرلەردىن ئامان بۇلۇر ۋە كۆپ كىشىلەرگە مېھرىبان بۇلۇر.
60.ئەھەدۇ
بۇ ئىسىمنى يالغۇز خالى ئولتۇرۇپ مىڭ قېتىم ئوقۇسا پەرىشتىلەرنىڭ ھەركىتىنى ئاشكارا كۆرەر ۋە ئاڭلار.
61.سەمەدۇ
كۆپ ئوقۇسا ھاجەتلىرى راۋا بۇلۇپ،خەلقلەر بۇ كىشىگە مېھرىبان بۇلۇپ ھېچ كىشىگە مۇھتاج بولمىغاي.
62.قادىرۇ
داۋاملىق ئوقۇسا ھەرقانداق مەقسىتىنى ئاللا بېرىدۇ.تاھارەت ئىلىۋېتىپ ئوقۇسا دۈشمىنى مەغلۇپ بۇلۇر.
63.مۇقتەدىرۇ
ئۇرۇش ۋاقتى ياكى خەۋپ ئۈستىدە ئوقۇسا ھېچبىر زەخمەت كۆرمىگەي.
64.مۇقەددىمۇ
ھەركۈنى 100 قېتىم ئوقۇسا دىلى ئاللانىڭ مۇھەببىتىدىن باشقا نەرسىگە قاراتمىغاي.
65.ئەۋۋەلۇ
پەرزەنتى بولمىسا جۈمە كېچىسى<يا ئەۋۋەلۇ>دەپ مىڭ قېتىم ئوقۇسا مەقسىتى تېزدىن ھاسىل بۇلۇر.
66.ئاخىرۇ
دۈشمىنىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئوقۇسا مەقسىتى ھاسىل بۇلۇر.
67.زاھىرۇ
ھەركىشى بۇ ئىسىمنى تەكرار ئوقۇسا قەلبىنى ئاللا ئۇ كىشىنى نۇر بىلەن يورىتىدۇ.
68.باتىنۇ
ھەركۈنى300 قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئوقۇسا،دىلى ناھايىتى روشەن بۇلۇپ ئاللانىڭ ئىزنى بىلەن ئەسراۋلارنى بىلگۈچىدىن قىلۇر.
69.ۋالىييى
بۇ ئىسىمنى داۋاملىق دېسە ياخشى ئىشلار ئۇنىڭغا نېسىپ بۇلۇر.
70.مۇتەئالى
داۋاملىق دېسە ئۆزىنىڭ تەڭداشلىرى ئارىسىدا ئىناۋەتلىك بۇلۇر،يامان قىلىقلىق ئاياللار ھېيىز ۋاقتىدا<يا مۇتەئالى>دەپ ئوقۇسا يامان قىلقىدىن ياخشى قىلقىغا يانۇر.
71.بەررۇ
كۆپ ئوقۇسا ئاللانىڭ ئېھسانى ئۇ كىشىگە كۆپ بولىدۇ.كىچىك بالىلارغا70 قېتىم ئوقۇپ ھۈرسە جىمى ئاپەتلەردىن ئامان بولىدۇ ۋە ياخشى پەرزەنتلەردىن بولىدۇ.
72.تەۋۋابۇ
كۆپ ئوقۇسا گۇناھلىرىدىن تۆكۈلۈپ ئۇ بەندىگە تۆبە-كارامەت ھاسىل بولىدۇ،ھەر تۈرلۈك گۇناھلاردىن يىغىلۇر.
73.جامىئۇ
بىر نەرسىنى ئوغرى ئالسا<يا جامىئۇنناسى،يا غامىئۇنناسى>دەپ يېزىپ<ئەليەۋمى يا رەببى>دەپ داۋاملىق ئوقۇسا ئوغرى ئالغان نەرسە چىقىدۇ.
  74.غەنىيۇ
دۇئاسى قۇبۇل بولمىسا ۋە پېقېر بولسا داۋاملىق ئوقۇشنى ئادەت قىلسا،تېزلىك بىلەن دۇئاسى قۇبۇل بۇلۇر ۋە غەنى بۇلۇر.
75.مۇغىنى
كىشىدە ساقايماس كېسەل بولسا بۇ ئىسىمنى ئوقۇپ ياكى دەم قىلىپ ئىچسە كىسەلدىن خالاس بۇلۇر.
76.مۇئىتى
دۇئاسى قۇبۇل بولمىسا بۇ ئىسىمنى داۋاملىق ئوقۇپ بەرسە،دۇئاسى ئىجابەت بۇلۇر.
77.مانىئۇ
ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدا مۇناسىۋەت ياخشى بولمىسا بۇ ئىسىمنى كۆپ ئوقۇپ بىر-بىرىگە مېھرىبان بۇلۇر.
78.زاررۇ
بىر مۈشكۈل ئىشقا گىرىپتار بولسا،جۈمە كېچىسى مىڭ قېتىم ئوقۇسا ئىشى ئاسان بۇلۇر.
79.نافىئۇ
ھەر كىشى ئېغىر زەخمىلەنگەن بولسا،7كۈنگىچە بۇ ئىسىمنى ئوقۇسا زەخمىلەردىن خالاس تاپار،ھەرقانداق مۈشكۈل ئىشى ئاسان بۇلۇر.
80.نۇرۇ
قۇرئاندىن<سۈرە نۇرۇ>نى7 قېتىم ئوقۇپ ئاخىرىدا<يا نۇرۇ>نى مىڭ قېتىم ئوقۇسا دىلى روشەن بۇلۇر.
81.ھادى
ئاسمانغا قاراپ<يا ھادى>دەپ قولىغا ھۈرۈپ،كۆزىگە سۈركىسە مەرىپەت تاپار.
82.بەدىئۇ
ھەركىشىنىڭ بېشىغا بىرەر مۈشكۈل ئىش كەلسە<يا بەديئىسسە  ماۋاتى ۋەل ئەرزە>نى ئوقۇسا ھەممە ئىشى ئاسان بۇلۇر.
83.باقى
بۇ ئسىمنى داۋاملىق ئوقۇسا شۇ كىشى ناھايىتى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ.
84.ۋارىسۇ
بۇ ئىسىمنى مىڭ قېتىم ئوقۇسا،زەخمەتتىن خالاس تاپقاي.
85.رەشىدۇ
مۆمىن ئادەم بېشىغا كېلىشمەسلىك كەلسە،چارە قىلالمىسا خۇپتەندىن كېيىن<يا رەشىدۇ>دېسە شۇ ئىشنىڭ ئۇسۇل چارىسىنى ئاللا دىلىغا سالىدۇ.
86.سادىقۇ
بۇ ئىسىمنى داۋاملىق ئوقۇسا تىلدا يالغانچىلىق بولسا راست سۆزلۈك بۇلۇر،بۇ كىشىگە غايىپتىن خەۋەر كېلۇر.
87.سەبۇرۇ
ئاغرىق كىسەل ياكى بىرەر تەشۋىش بولسا بۇ ئىسىمنى ئۈچ مىڭ قېتىم ئوقۇسا خالاس تاپىدۇ،دەردىگە داۋا،رەنجىگە شىپا،مۈشكىللىكى راۋا بۇلۇر.
  88.غەپۇرۇ
بەزگەك ياكى باشقا كىسەلگە گىرىپتار بولسا مۇشۇ ئىسىمنى دىمىدە قىلىپ ئىچسە ياكى ساقلىسا شىپالىق بېرۇر.

كام قالغان ئىسىملىرىنى بىلىدىغانلار بولسا تولۇقلاپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن..

                        مەنبە: ئىگىسىز خاتىرە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-5 10:57 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hakekat + 213 ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ..
nurmuhammat + 206 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 419   باھا خاتىرىسى

ناماز بىزگە پەرز،بىز ئاللاھقا قەرز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 11:06:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 1900
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4927
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1245 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 11:28:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا ساللامۇ      بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-5 11:38 AM  


ئادەمنىڭ كۆزى قارا ،يۇرىكى قىزىل بۇلدۇ،لىكىن ھازىر ئادەملەرنىڭ كۆزى  قىزىل يۇرىكى قارا .............

مەن گۇلگە ئامراق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12411
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 11:32:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىر قىپسىز رەھمەت! ساقلىۋالدىم.

تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75669
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4590
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 401 سائەت
تىزىم: 2012-2-13
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 11:37:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئى ئۇلۇغ رەببىم ئاللاھ رامىزان ئايلىرىدا بارلىق بەندىلەرنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن ئامىن

♥ غۇرۇرلۇق بول ئۇيغۇر بولساڭ ♥

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 1831
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2156 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 11:43:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ رامىزان ئايلىرىدا ئىسلام توغۇرلۇق تىمىلار خىلى كۆپ يوللىنىپ بىلىشكە تىگىشلىك ، ئۆگىنىشكە تىگىشلىك خىلى بىلىملەرنى ئۆگىنۋالدىم رەھمەت

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

كۈتكەن كۈنلەر ، كەلگەندەك ئەمە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25644
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7689
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 6474 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 11:50:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ اللاھنىڭ 99 ئىسىم سۈپەتلىرىنى يىزىپ تۇرۇپ يادلاۋاتىمەن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ئالقىنىڭنى  كەڭ ياي ، ئۇنىڭدىن تۆكۈلگەن رەھمەت نۇرلىرى ، سىېنىمۇ ، باشقىلارنىمۇ خۇش قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3550
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 688 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 12:05:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھرېبان پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىسمىنى توغرا يازساق بولمامدۇ؟ مۇنداق ئاندا ساندا ئىسلامىي كىتاپلارنىمۇ ئوقۇپ قويايلى !! بۇ خالىغانچە ئاتايدىغان داھىيلىرمىزنىڭ ئىسمى بولمىسا يە!!!
جۇڭگۇ مۇسۇلمانلى ژورنىلدا ئاللاھ تائالا دەپ يىزىلغان.
پەرۋاسىز دەپ سالغان بىرەر ئىغىر سۆزىمىز ئۈچۈن قىيامەتتە  بىزلەر جاۋاپكارلىققا تارتىلىشىمىز  مۇمكىن قىرىداشلار(بىلىپ بىلمەي قىلغان گۇناھلاردىن ئالاھ تائالاغا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن)

شۇڭا ئەزىزلەر سۆزلەشتىن بۇرۇن سۆزىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىشىشىمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر.

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 1234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13397
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 8851 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 12:08:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى خاسىيەتلىك دۇئالار دىگەن كىتاپدىن ئالغانمۇ نىمە . قىزىل تاشلىق چوڭراق كىتاپ . ئاللاھ نىڭ كىتاپلاردا ھەم ئىسىملاردا چەك يوق لىكىن ماۋۇ تىمىدا بىددەت بار  . ئاللاھ بىددەت ئىشىلارنى ياختۇرمايدۇ .

ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

تاجىڭ~ئەخلاق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10484
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7431 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 12:09:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا يادقا ئېلىۋالغۇلۇق.
رەخمەت تىما ئىگىسى ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن

قىزلار سۇدىن ياسىلىدۇ.ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلماڭ.نۆل سىلسىيە گىرادۇستىن چۈشۈپ كەتسىلا ئۇ مۇزغا ئايلىنىپ سىزنى توڭلىتىپ ئۆلتۈرىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش