مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 310|ئىنكاس: 5

خاراباتى نەزەرىدىكى قەھرىمانلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81464
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 07:03:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خاراباتى نەزەرىدىكى قەھرىمانلىلىق

(مۇھاكىمىلىق فېليەتون)


ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

164846zp7bzof9aao8pabf.jpg

تىلماچ ئىلاۋىسى:


بۇ ئىلاۋىنى كۆرۈپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ «ئىلاۋە يېزىشقا بەك ئامراق تىلماچكەن» دەپ مېنى ئەيىبلىمەسلىكىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنۈمەن. ھەممە ئىش زۆرۈرىيەتتىن تۇغۇلىدۇ. ماقالە ئەمەلىيىتى تەرجىمە ئىلاۋىسى يېزىشمنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇردى. ئوقۇرمەنلەر بۇ نوقتىنى چۈشەنسىكەن، دېگەن ئۈمىددىمەن

بۇ ئىلاۋىنى كۆرۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ «ئىلاۋە يېزىشقا بەك ئامراق تىلماچكەن» دەپ مېنى ئەيىبلىمەسلىكىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنۈمەن.

ھەممە ئىش زۆرۈرىيەتتىن تۇغۇلىدۇ. ماقالە ئەمەلىيىتى تەرجىمە ئىلاۋىسى يېزىشمنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇردى. ئوقۇرمەنلەر بۇ نوقتىنى چۈشەنسىكەن، دېگەن ئۈمىددىمەن.

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەسلى ماۋزۇسى: «خاراباتى مۇنداق دەيدۇ: قەھرىمان يېنىمىزدا، خائىنمۇ يىراقتا ئەمەس» ئىدى. لېكىن، مەن بۇ ماۋزۇنى « خاراباتى نەزەرىدىكى قەھرىمانلىق» دەپ ئۆزگەرتىپ تەرجىمە قىلدىم. ئۆزىمىز راست گەپنى دېيەلمىگەننى ئاز دەپ، باشقا مىللەت ئەدىب، ئالىملىرى يازغان چىن سۆز، ھەقىقى ئۇرغۇلۇق ماقالىلارنىمۇ بۇزۇپ، ھېچ بولمىسا ئۇرغىنى پەسەيتىپ تەرجىمە قىلىش ھازىرقى ئۇيغۇر تىلماچلىرىنىڭ دەۋرگە ماس تەرجىمە ئىستىلى.  پېقىر بۇ خىل « ئورتاق تەرجىمە ئىستىلى چەمبىرىكى» دىن قۇتۇلۇشقا شۇنچە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولساممۇ، يەنىلا ماقالىنىڭ ماۋزۇسىنى بولسىمۇ ئۆزگەرتمەي كۆڭلۈم ئۇنمىدى. ھەي! ئىستىل دېگەن گەپ كېسەل دېگەن مەناغا يېقىن كېلىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ تېخىمۇ ئاسان ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىمدا گەپ يوق.

ئەسلى گېپىمگە كەلسەم، ئۆتكەنكى بىر تەرجىمە ئەسىرىمنىڭ بېشىدا، ئۇقۇرمەنلەرگە: چەتئەل ئالىم، ئەدىبلىرىنىڭ بىز توغرىلىق يازغان ماقالەلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تەرجىمە قىلىپ تۇرىدىغانلىقىم① توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدىم. مەزكۇر تەرجىمە نەق شۇ ۋەدەمنىڭ يەنە بىر قېتىم ئەمەلىيلىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەقىللىق ئۇقۇرمەنلەرگە مەلۇم، رادىئو دولقۇنلىرى ۋە ئىنتېرنېت قۇدرىتى دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە تارايتىۋەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادا مۇتلەق ۋە مەڭگۈ مەخپىي قالىدىغان ھېچقانداق سىر يوق. (ئۇنىڭ ئىلگىرى-كېيىن ئاشكارە بولۇشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، خالاس)


1. «دۇنياۋىي مەتبۇئاتتا كىملەرنىڭ گېپى» ناملىق ماقالە كۆزدە تۇتىلىدۇ.

كېسپ ئېيتىش كېرەككى، بۈگۈنكى دۇنيا ئۇچۇر دۇنياسى، ئۇچۇر كىمنىڭ تېزگىنىدە بولسا، غەلىبە شۇنىڭ، بايلىق شۇنىڭ، ئىمتىياز، ھوقوق....شۇنىڭ، قىسقىسى، دۇنيا شۇنىڭ.

يەر شارىدا ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇرىۋاتقان سانسىزلىغان يېڭىلىقلارنىڭ شۇ كۈنىلا بىزگە ئۇچۇر بولۇپ يېتىپ كېلىشى (ئۇنىڭ ماھىيىتىنى دەرھال بىلەلمەسلىك بىزنىڭ گۇناھىمىز ئەمەس) دەل بىز تەرىپلەپ كېلىۋاتقان ئۇچۇر ۋاستىسىنىڭ كارامىتى. زامانىۋىي ئۇچۇر ۋاستىسىلا بولىدىكەن، جاھاننىڭ ھەرقانداق جايىدىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلار، ھەتتا ئەڭ ئەرزىمەس يېڭىلىق بولغان ھالەتتىمۇ باشقا جايلارغا تېزلىكتە تارالماي قالمايدۇ. چەتئەلنىڭ ئىلىم-پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت.... يېڭىلىقلىرى بىزگە قانداق تېز يېتىپ كەلگەن بولسا، بىزنىڭ ئەھۋالىمىزمۇ ئۇلارغا شۇنداق تېز، ھەتتا بىزگە كەلگەن ئۇچۇردىنمۇ تېز سۈرئەتتە يېتىپ بارىدۇ.

يەنە بىر تەكىتلەپ ئۆتۈشۈم زۆرۈركى، بىزگە ئەرزىمەس ئىش بولۇپ تۇيۇلغان، دىققىتىمىزنى زادىلا تارتمايدىغان كىچىككىنە ئىشلىرىمىزمۇ .... تۈرلۈك زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا شۇ كۈنىلا ئاڭلىنىدۇ. چەتئەلنىڭ يېڭىلىقلىرى بىزگە مەخپىيەتلىك بىلىنمىگىنىگە ئوخشاش، بىزنىڭ ھەرقانداق ئىشلىرىمىزمۇ دۇنياغا سىر ئەمەس....

پېقىر تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان تۆۋەندىكى ماقالىمۇ، بىزنىڭ دۇنياغا ئاشكارە بولمىغان ھېچ يېرىمىز قالمىغانلىقىنىڭ يەنە بىر پاكىتى. ماقالىدە، كىلاسسىك شائىرىمىز خاراباتىنىڭ قىممىتى ئېشىپ بېرىۋاتقان پەلسەپەۋىي قاراشلىرى ئارقىلىق، بۈگۈنكى ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ مېھنەتنى ۋىجدانىغا ئۇيغۇلاشتۇرۇش دەرىجىسىگە نەزەر ئاغدۇرۇلىدۇ. خاراباتىنى ئەمەس، ئۆزىمىزنىمۇ بىلىپ بولالمايۋاتقان، خاراباتىنىڭ ئىدىيىسىنى چۈشىنىش تۈگۈل، ئۆز ئىدىيىمىزنىڭ يۆنىلىشىنىمۇ بېكىتىپ ئۈلگۈرمىگەن مۇشۇ كۈنلەردە بىر چەتئەللىك ئالىمنىڭ ۋىجدانىمىز توغرىلىق قەلەم تەۋرىتىشى تولىمۇ خالىس نىيەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ۋە قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئەمگەك دەپ قارايمەن.

ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

-1-  


قەدىمى مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇرلار ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ئوتتۇرا - مەركىزىي ئاسىيانى ئۆزىنىڭ ھاياتلىق ماكانى قىلىپ ياشاپ كەلدى. ئۇلار مۇشۇ كەڭ ئىچكىي قۇرۇقلۇق رايۇنىدا ئاجايىپ جەلىپكار ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەت تىندۇرمىسىنى شەكىللەندۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈندكى غوللۇق بىر پەن- «ئۇيغۇر تەتقىقاتى» ئۈچۈن يېتەرلىك ماتېرىيال مەنبەسى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دەۋر تىۋىشلىرىگە ماس ھالدىكى ئىنسانى تەلپۈنۈشلىرى بىلەن ئۆز نامىنى جاھان بويلاپ ئاڭلاتتى. ئەمدىلىكتە ئۇلار دۇنيانىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقاد تەتقىقاتى ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدىغان رېئالنى بىر تېما .....شۇنداق دېيەلەيمەنكى، بۇ جەھەتتە ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مۇھىم روللارنى ئالىدۇ. ھەتتا يېقىن كەلگۇسىدە ئۇلارنىڭ ئۆزلۈك ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى پۈتكۈل دۇنيانىڭ نوپۇز ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئورتاق باش قاتۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغان قىزىق مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇ مەسىلىگە ئوبيېكتىپ ۋە يېتەرلىك جاۋاب تېپىلمىغۇچە تۈرلۈك ئىلم ۋە نوپۇز ئىگىلرىنىڭ تەلەپپۇز ۋە تەتقىقاتى پۈتۈن بولمايدۇ.

ئۇلارنى خەنزۇ، ھىندى، روس قاتارلىق كۆپ نوپۇسلۇق مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا قاپسىلىپ ياشاۋاتقانلىقى سەۋەپلىك، ئاز نوپۇسلۇق مىللەت (ئەتراپتىكى كۆپ نوپۇسلۇق مىللەتلەر ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە سېلىشتۇرۇپ شۇنداق دەپ ئاتايدۇ) دېيىشكە مەجبۇرمىز. ئەمما پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار يەنىلا كۆپ نوپۇسلۇق مىللەت. ھازىرقى ئېقىۋاتقان سۆز بويىچە ئېيتقاندا، چوڭ مىللەت. ئۇلارنىڭ بۇددا، ھىندى، خىرىستىئان مەدەنىيىتىنىڭ قىسىلچىقىدا ياشاپ تۇرۇپمۇ ئۆزىگىلا خاس بولغان مەدەنىيەت بوستانلىقىنى بەرپا قىلالىغانلىقى كىشىنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ. دەل مۇشۇ يېرى، بۇ مىللەتنىڭ بۈيۈكلىكىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، چوڭ مىللەت ئىكەن، دېگۈزىدۇ ھەرقانداق كىشى.

مەن، ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىپ يۈرگىلى ئۇزۇن يىللار بولدى. يېقىندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت بىر پارچە ماقالە يېزىپ، دوكتۇرلۇق ئىلمىي تاجىنىمۇ كىيدىم. ئويلاپ باقسام، مۇشۇ مىللەت تەتقىقاتى بىلەن ھەپىلەشكىنىم ۋە ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلگىنىم ماڭا كۆپ نان بېرىپتۇ. مۇشۇ سەۋەپلىك شان-شەرەپنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەپەككۈر ئۇسۇلۇممۇ بارغانسېرى ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىۋېتىپتۇ. ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرى ۋە بۈگۈنكى دەۋر قەلەم ساھىبلىرى يازغان ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇغانسېرى، ئۆزۈمنى ئۇلارغا شۇنچە يېقىنلىشىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. ھەتتا ئارىلىقتىكى ئېرقىي پەرق يوقاپ، ئۆزۈمنى ئۇيغۇر بولۇپ قالغاندەك سېزىمەن بەزىدە. ئەجدادىم راستىنلا ئۇيغۇرمىدىكىن _ تاڭ! ئىرقىي ۋە ئېرسىي مۇھەببەت تەتقىقات ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان بولسىچۇ؟ .....

تەتقىقاتىمنىڭ مەقسىتى بۇ  بولمىسىمۇ، لېكىن مەن شۇنداق ئويلاپ كېتىمەن. شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، ئۇلاردىن كەلگەن ھەر بىر ئۇيغۇرچە ئەسەر مېنى قىزىقتۇرىدۇ. ئەسەر ئارقىلىق ئۇلارنى قايتا كۆرگەندەك بولىمەن. نېمىشقىكىن، ئۇيغۇرلار يازغان ھەر قانداق بىر ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا چۆكىمەن. ئۇلارنىڭ سەلتەنەتلىك ئۆتمۈشى، كىرىزىسكە تولغان بۈگۈنى ۋە سانسىز سۇئاللار يېغىپ تۇرىدىغان كېلەچىكىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزىمەن....

تېخى يېقىندىلا، زوردۇن سابىر (ئاڭلىسام، بور زات ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ)، مەمتىمىن ھوشۇر، توختى ئايۇپ، مۇھەممەد باغراش، نۇرمۇھەممەت توختى، ئەختەم ئۆمەر.... قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بەدىئىي پاساھەت ۋە پىكرىي بالاغەتتە يۈكسەك پەللە ياراتقان ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ھەم ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئەسئەت سولايمان قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ كۈچلۈك كەسپىي ۋە مىللىي مەسئۇليەت ئېڭى بىلەن يېزىلغان يۇقىرى سەۋىيىلىك ماقالىلىرىنى ئوقۇپ سۈيۈنگەنىدىم. مانا ئەمدى، ئىلگىرى ئسمىنى زادىلا ئاڭلاپ باقمىغان ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان ئاتلىق بىر ئاپتۇرنىڭ «خاراباتى» ناملىق كىتابى (كىتاپقا ئەسەرنىڭ ژانېرى ئەسكەرتىلمەپتۇ، لېكىن، مېنىڭچە بۇ، يامان ئەمەس يېزىلغان بىر پارچە رومان) ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن. كىتابقۇ ۋاي دەپ كەتكۇدەك يوقۇرى سەۋىيىدە يېزىلغانمۇ ئەمەسكەن. لېكىن ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان خاراباتى دېگەن زات ماڭا راستىنلا قالتىس ئادەم بولۇپ تۇيۇلدى. ئېسىمگە ئالسام، ئىلگىرى بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ «مەسنىۋى خاراباتى» نامىدىكى ئەسەرلەر توپلىمىنىمۇ كۆرگەن ئىكەنمەن.

خاراباتىنىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا، «خاراباتى» ئۇنىڭ تەخەللۇسى، بۇ، دەۋائىي ئىشق يولىدا، ئۆز ئەقىدىسى كويىدا خاراپ بولغۇچى دېگەنلىك. ئۇ مىلادى1638-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقسۇ شەھرىگە قاراشلىق ئېگەرچى يېزىسىنىڭ چوغتال كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىپ، تەخمىنەن 1737-يىلى ئۆز يۇرتىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ ئاقسۇ چوغتالدىكى « ھاجى خاراباتى مازىرى » نامىدا ئاتالغان قەدىمىي مازاردا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

17-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر پەلسەپە ۋە شېئىرىيەت تارىخىنى ۋاراقلىغاندا، بۇ زاتنىڭ نامى كۆرۈنەرلىك ئورۇندا گەۋدىلىنىپ تۇرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇدەررىسلىك ھاياتى تېخىمۇ تەسىرلىك.

ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ۋە تەتقىقاتچىلار بىر نۇقتىغا دىققەت قىلدىمۇ-يوق، بىلمىدىم. مەرىپەتپەرۋەرلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك-خاراباتى ئىدىيىسىنىڭ جان تومۇرى. «خاراباتى» ناملىق كىتابتا بۇ نوقتىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. كىتابنىڭ قىممىتى دەل خاراباتىنىڭ مۇشۇ خىل روھىنى كۈچەپ يۇرۇتقانلىقىدا.

خاراباتى-مەشھۇر پەيلاسوپ، شائىر، مائارىپچى ۋە كاتتا دىنىي ئۆلىما. ئۇنىڭ ھەر بىر ئەمگىكىگە_تەربىيەت، مۇلاقەت، تەپسىر ۋە تەلقىنلىرىگە؛ ھەم يەنە شېئىر، پەتىۋا، مۇنازىرە ۋە تەرغىباتلىرىغا ....مەرىپەتپەرۋەرلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسى يېتەكچى كۈچ بولۇپ سىڭدۈرۈلگەن. قۇرئان ۋە ھەدىستىن باشقا ئىلىم تۈرلىرىگە يول بېرىلمەيدىغان ئاشۇ دەۋر مۇھىتىدا بۇ قالتىس جاسارەت ۋە ئادەمنى ئىچ-ئىچىدىن قايىل قىلىدىغان ۋىجدانى بېشارەت. توغرا، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ۋىجدان. شۇنداق دىيىش كېرەككى، مىللەت مەسىلىسى _ ۋىجدان مەسىلىسى. ئىلىم ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل پىداكارلىقنى خاراباتى بىلەن زامانداش بولغان غەرب ئالىملىرىدىن قانچىلىك ئادەم ئىشقا ئاشۇرالىدى؟ ئۇيغۇرلار دۈچ كەلگەن ئاشۇ جاھالەتلىك مۇھىتقا سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندىچۇ؟

خاراباتىنىڭ ئەمىلىيىتىلا ئەمەس، ئىدىيىسىمۇ ئۆز دەۋر ۋىجدانىنىڭ يول ئاچقۇچىسى، يۇرۇتقۇچىسى. ئۇنداقتا، بۈگۈنگە نىسبەتەنچۇ؟ مېنىڭ توختىلىدىغىنىم دەل مۇشۇ تېما.

خاراباتىنىڭ ۋىجدانى بۇرچ چەمبىرىكى دىنىي ئەخلاق، مىللىيەت، روھىيەت ۋە مەرىپەت ...كەبى كۆپ ساھەلەرنى قورشاپ تۇرىدۇ. لېكىن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يادروۋىي تارتىشچانلىق كۈچى يەنىلا مىللىيەت مەركىزىدىن تارىلىدۇ. ئەگەر مەزكۇر ئالىمنىڭ مىللىيەت مايىللىقىنى ئەقىدە قورشاۋىنىڭ يادروسى دېسەك، قەھرىمانلىق ئۇقۇمى ئۆز نۆۋىتىدە پايدىلىق مېھنەت ئۇقۇمىنىمۇ ئۆز دائىرسىگە قوشۇۋالىدۇ. بۇ تەرىپى بىز چۈشىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى «قەھرىمان» ئاتالغۇسىنىڭ چېگراسىنى كېڭەيتىپ، بىزنىڭ يېنىمىزغىچە، تېخىمۇ مۇھىمى، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىگىچە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ھال، ھەركىم خالىغانچە قول سوزۇشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بۇ شۆھرەت پەللىسىنىڭ پەشتىقىنى زور دەرىجىدە چۈشۈرۈپ ئادەتتىكىدىن پەرقسىز بىر تەكشىلىككە قويىدۇ. قارىسىڭىز، سىزمۇ، مەنمۇ قەھرىماندەك، يەنە بىر قارىسا، ھەممىلا ئۇيغۇر قەھرىماندەك. تېخىمۇ قىزىقارلىقى، خاراباتى ھەزرەتنىڭ مىللىي بۇرچ مىزانى بويىچە ئېيتقاندا، ھەر بىر ئادەمنىڭ خائىن بولۇشىمۇ بەك ئاسان. بىر قارىسا، ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىلا خائىندەك. ئۇيغۇر ئۇقۇرمەنلەر، خاراباتى ئىدىيىسىدىكى مۇشۇ خىل يادرولۇق مايىللىقنى ھېس قىلدىمىكىن؟ مېنىڭچە، خاراباتىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئۇنىڭ مېھنەتلىرى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن ئاكتىۋال ئىدىيىسىنىڭ تەشەببۇسچىسى بولغانلىقىدا. خاراباتى ئىدىيىسىنىڭ ئۇلۇغلۇقى دەل ئۇنىڭغا قىممىتى ئېشىپ بېرىۋاتقان پەلسەپەۋى مايىللىقنىڭ يادرو قىلىنغانلىقىدا. يەنە كېلىپ، بۇ خىل مايىللىقنىڭ غايىۋى يۈكسەكلىكتىن ئاۋامنىڭ مېھنەت ئىمكانىيەتلىرىگە ئۇيغۇن بىر پەللىگە چۈشۈرۈلگەنلىكىدە. يەنى ئەنئەنىۋى قەھرىمانلىق ئۇقۇمىنىڭ مەنا پاسىلىنى رېئاللاشتۇرۇپ، ئۇنى ئادەتتىكى خەلق ئاممىسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان مېھنەت پائالىيىتى قىلالىغانلىقىدا. شۇڭا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ھېچ بولمىسا، ئۆز مېھنەتلىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان مۇشۇ كەڭ قول مىزاننى رېئاللىقىغا تەدبىقلاپ بېقىشلىرى كېرەك.

2

خاراباتى ئىسلامنىڭ چىن ماھىيىتىگە يەتكەن تەقۋادار مۇسۇلمان. ئۇ، بارلىق ئەھلى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش، ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس» نى ئىسلام روھىنىڭ جان تومۇرى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭچە، ھەقىقىي مۇسۇلمان بىر ئاللاغىلا چوقۇنىشى، ئەۋلىيا-ئەنبىيا، خوجا-ئىشان، پىر-مۇشىرىكلار سىماھسىغا باش ئۇرماسلىقى لازىم. ئاللاتائالا بىلەن نوپۇز تالاشقانلار دەھرى سانالغىنىغا ئوخشاش، ئۇلارغا (خۇجا-ئىشان، پىر-ئەۋلىيالارغا) ئەگەشكەنلەرمۇ ھەم كامىل مۇسۇلمان جۈملىسىدىن ئەمەس.

خاراباتى ئىسلامنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە ئەمەل قىلىشنى مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ ئەك ئۆلچەملىك مىزانى دەپ تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاللانىڭ ۋەھىيىسى بولغان «قورئان كەرىم» نىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ناھايىتى دانا ۋە كەڭ قوللارچە تۈزۈلگەن قانۇن ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە «قورئان » ۋە «ھەدىس» نى ھەركىم ئۆز خاھىشى بويىچە تەفسىر قىلماسلىقى لازىم. ئەمما، ئۇنى ئۆلۈك تەدبىق قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.«قورئان كەرىم» دە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ناھايىتى كەڭ ئىمكانىيەتلەر قالدۇرۇلغان. ھەر بىر مۇسۇلمان مۇشۇ ئىمكانىيەتلەرنىڭ پاسىلىنى سوزۇۋەتمىگەن ۋە بۇزۇۋەتمىگەن شەرت ئاستىدا، ئۇنىڭ روھىنى ئۆز پائالىيەتلىرىگە ئەمەلىي تەدبىق قىلسا بولىدۇ.

ئۇ، بىر تەرەپتىن، مەۋجۇد ئېتىقاد ئۇدۇملىرى ۋە ئادەتلەشكەن دىنىي ئەھكاملارنى ئىسلامنىڭ ئەمەليىتىگە قايتۇرۇش ئارقىلىق، بۇزۇلغان مىللىي ئەخلاق نىزاملىرى ھەم ئۇنىڭغا بۇرمۇلىنىپ سىڭگەن دىنىي ئەقىدىلەرنى پاكلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، «قورئان كەرىم» دىن ئۆز مىللىتىنىڭ ئەھۋالىغا باپ تەفسىر ئىمكانىيەتلىرىنى ئىزدەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر بولۇشقىمۇ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئورۇنىدۇ. ئۇ مۇنداق قارايدۇ: ئۇيغۇرلار-مۇسۇلماندۇر، شۇنىڭدەك، مۇسۇلمان بۇلۇشتىن مۇقەددەم ھەم ئۇيغۇردۇر.

كۆرۈشكە بولۇدىكى، خاراباتى ئۆزىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمان دەپ تۇنۇيدۇ. دىنىي ئېتقاد بىلەن مىللىي ئادەت ئارلىشىپ، ئاجرالماس بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن بىر دەۋردە، يەنە كېلىپ، دامۇللام ئۈنۋانى بىلەن دىنىي ئىلىمنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىگە پۇت قويغان بىر ئادەمنىڭ مىللىي تەركىبىنى ئېتىقاد قاينىمىدىن سۈزۈپ چىقالىشى ۋە ئۇنى ئېتىقادىغا زىتلاشمايدىغان بۈيۈك بىر مەۋقەگە قويالىشى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋر مۇھىتىدا كام ئۇچرايدىغان مۆجىزىۋىي ھادىسە. مەن دىنىي ئىلىم ساھەسىدىكى تالاي زاتلارنى تەتقىق قىلىپ كۆرگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاخىرقى ھېسابتا مىللىتىنىڭ بالىسى بولماي، دىننىڭ ئادىمى بولۇپ چىقىدۇ. ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئەنئەنە بايلىقىنى ئۆزى ئېتىقاد قىلغان دىننىڭ خىسلەت زېمىنىدىن ئاپىرىدە بولغان ئۈندۈرمە دەپ بىلىدۇ. ئۇلارچە، ئۆزى ئالدى بىلەن مۇخلىس، ئاندىن قالسا مىللىي گەۋدە ئىچىدىكى ئادەم، مۇخلىس بولۇشقا يارالغان، مۇخلىس بولۇپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، يەنە بەزى زاتلارنىمۇ ئۇچرىتىش مۈمكىن. بۇ خىلدىكىلەر دىنىي مەنپەئەت بىلەن مىللىي  مەنپەئەتنى مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىپ، يەنە بىر ياققا-مىللەتچىلىك توپىغا ئېغىپ كەتكەن. ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارنىڭ مىللەتچىلىكى ئەسەبىيلىك دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىپ، ئېتىقادىدىن يىراقلىشىشقا ئېلىپ بارغان. ھەتتا خۇدانىمۇ تونۇمايدىغان ھالغا يەتكەن. ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنى زېمىننىڭ ئەركىسى، ئادەملەرنىڭ ئەلاسى، دەپ بىلىپ، باشقا مىللەتلەرنى ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەنلىكى دەل ئۇلارنىڭ دىندىن ياتلىشىپ، خۇدادىن يۈز ئۆرىگەنلىكىدۇر. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلار ھەممە قەۋىم ئاللانىڭ ئوخشاش بەندىلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن بولاتتى.

ئەمدى خاراباتىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ساۋاق ۋە شەرھى، تەقسىرلىرىدە ئېتىقاد بىلەن مىللىي مەنپەئەتنى ئوت بىلەن سۇ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويىدىغان دىۋەڭ ئالامەتلەرنى كۆرمەيمىز. بىرنى يوقىرى، بىرنى تۆۋەن ئورۇنغا قويۇپ، قايسىدۇر بىر ياققا كەسكىن ئېغىپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەيمىز. ئۇ پەقەت مىللىي مەنپەئەتكە دىنىي ئېتقادىدىن پايدىلىق تەركىپ ئىزدەيدۇ. مىللىي ئېممونېتېتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق دىنىي كۈچتۈڭگۈرلۈكنى نامايىش قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر» ئۇقۇمىنى «مۇسۇلمان» ئاتالغۇسىنىڭ ئالدىغا قويۇشى - دەل ئۇنىڭ ئىسلام چەمبىرىكى ئىچىدە تۇرۇپ، مىللىي  مەنپەئەتكە دىندىن ئىمكانىيەت ئىزدەش ئىدىيىسىنىڭ روشەن ئىپادىلىنىشىدۇر. بۇ ھەرگىزمۇ ئېغىش ئەمەس، تېنىش تېخىمۇ ئەمەس. ئەكسىچە، ئىنساننىڭ يارالمىش ۋە كەچمىش قىسمەتلىرىگە باپ ھالدىكى مەنىۋى ئۇيغۇنلۇقتۇر. ئۇنىڭ ئادەتتىكى سۆزلىرىدىمۇ ئېتىقادقا ئۇيغۇن ھالدىكى مەنىۋى ئىزدىنىش مەۋقەسى ئۆز ئىزىنى قالدۇرۇپ بارىدۇ.

مىلادىيە 1658-يىلى يازدا، خاراباتى ھەزرەت ئىككىنچى بۇخارا ئاتالغان قەدىمىي ئاستانە قەشقەرگە ئىلىم تەھسىل قىلماق ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. يولدىكى بىر چۈشكۈندە مۇسۇلمان بىر ئەركەكنىڭ، سارايدىن چىقىپ كېتىۋاتقان يوچۇن قالماققا «تەخىيىڭ ئايرىلىپ قالدى» دەپ تەكرار-تەكرار ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەخەي قالماقنىڭ ئەمەس ئىدى. سەۋەپ، قالماقنىڭ مىنىپ  ماڭغىنى خېچىر ئىدى. خېچىرنىڭ تەخىيى بار دېگەننى كىم ئاڭلىغان؟ غەزىپى تاشقان خاراباتى قولىنى كاناي قىلىپ توۋلاۋاتقان كىشىگە يۈزلىنىپ كېلىپ، شۇنداق سورايدۇ:

- ئۆزلىرى كىم بولىلا تەقسىر؟

- مەن. . . . يولوچى. قەشقەرلىك، تەقسىر . . . ._  خۇددى بىر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندەك دۇدۇقلاپ جاۋاپ بېرىدۇ مېھمان.

- ئەپتىلىرىدىن قەشقەرلىك ئىكەنلىكلىرىنى بىلدىم. دەيمەنكى: ئۆزلىرى زادى كىم بولىلا؟

- پېقىرنى چىم① بولىلا دەۋاتاملا؟ . . . – يېنىشلاپ بىر سورىۋېتىپ ئاندىن جاۋاپ بېرىدۇ مېھمان، - ھە، ئۆزلىرىگە ئوخشاشلا ئەلھەمدۇللا مۇسۇلمانمەن تەقسىر، قەشقەر خانلىق مەدرىسىنىڭ خادىمى.

① «كىم» دېگەننى «چىم» دەپ ئاتاش قەشقەرنىڭ تەلەپپۇز ئادىتىدە ھازىرمۇ بار ئىكەن.

- ئاغزىڭنى يۇم! ! – تۇيۇقسىزلا  ھاۋا  گۈلدۈرلىگەندەك  توۋلايدۇ خاراباتى.

ئۇنىڭ بىرەرسىنى «سەن»لىشىمۇ مۇشۇ تۇنجى قېتىم ئىدى، - دېمىسەڭمۇ سەن مۇسۇلمان ھەم يەنە ئۇيغۇرسەن. بىلىپ قوي، ئالدى بىلەن ئۇيغۇردۇرسەن. ئەمما، خانلىق مەدرىسنىڭ ئادىمى مەن دەپ يالغان ئېيىتما. قەشقەر خانلىق مەدرىستىن سەندەك ئادەم چىقمايدۇ . . . قېنى، مەدرىس ئادىمىدەك پەزىلەت بارمۇ سەندە؟ ساڭا دېسەم مېھمان، مەدرىس ئادىمى ئىستىقلال  چىرىغىنى نۇرلاندۇرۇش كويىدا بولىدۇ. ساڭا ئوخشاش، ياتلارنىڭ پايلاقچىسىغا چېقىم بولۇپ يۈرمەيدۇ . . . قالماقلارنىڭ بۇ ئەلگە سالغان پاراكەندىچىلىكى ئازمۇ؟ ئۇلار ھەر قېتىم بۇلاڭ-تالاڭغا كەلگەندە بىر مۇنچە نەرسىلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق. قان-قېرىنداش، ئاكا-ئىنىلىرىمىزنى چاقتۇق. بىر-بىرىمىزنى تۇتۇپ بەردۇق. ئەمدى بىز قالماققا چاقمىغان كىچىككىنە تەخەي قالدىغۇ؟ .... بىز ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان تەخەي چاغلىق نەرسىلەرنىمۇ قالماقلارغا چېقىپ نىمە قىلماقچىمىز . . . ياق، مېھمان، بۇنداق قىلساق بولمايدۇ! مىللەت ئەزاسىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان بىر كەلىمە تۇزكۇرانە سۆز، قىلدىن قىيىق كۇپۇرانە ھەرىكەتمۇ . . . ئۇلۇغ خانلىقنىڭ ئۇلىغا زەرەر يەتكۈزىدۇ. گېزى كەلسە، ئىمان ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن دېيىلگەن بىر سۆزمۇ قۇدرەتلىك خانلىقىمىزنىڭ خىسلەتلىك چىرىغىنى نۇرلاندۇرىدىغان ماي، كۈچلەندۈرىدىغان پىلىك. ۋىجدان بىلەن ئىش قىل، مېھمان. سەن – ئۇيغۇر، سەن – مۇسۇلماندۇرسەن! . . .

(«خاراباتى» 106-، 107-، 108-بەتلەر)

مۇشۇقۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىمدا، ھاياجاندىن«esteem!»، «admire!»① دەۋەتتىم. چۈنكى ئاخىرقى بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلار ماڭا، سەن – ئېنگىلىز، سەن – خىرىستىئان، دېگەندەك بىلىنىپ كەتتى. بىزدە مۇشۇنداق دېيەلەيدىغان ئادەم چىقمايۋاتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ئۆزىمىزگە تەئەللۇق مەنىۋى تۇپراقنى خىرىستىئان ئەھكاملىرى بىلەن تويۇندۇرۇپ، ئاخىرىدا ئىككى خاسلىق زېمىنىنى ئاجرالماس بىر يارالمىش قىلىپ چۈشەندۇق. نەتىجىدە، خىرىستىئان ئۈچۈن ئورۇنسىز بەدەللەرنى تۆلىدۇق. نەدە خىرىستىئان بولسا، شۇ يەردە بىز بار، دەپ قاراپ، بىزگە مۇناسىۋەتسىز زىددىيەتلەر ئۈچۈن تالاي قۇربانلارنى بەردۇق. يەنە قۇربان بېرىۋاتىمىز . . . . ئەڭ يامان بولغىنى شۇكى، بىز – خىرىستىئان،   خىرىستىئان   –   بىز   دېگەن   بىر   گەۋدىچىلىك  قاراشنىڭ(① ئېنگىلىزچە، ئاپىرىن دېگەن مەنادا.)يېتەكچىلىكىدە، بىر گەۋدە بولۇشقا تېگىشلىك دۇنيانى پارچىلاپ، دىنىي مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىغا سۆرەپ كىردۇق. . . . ئەمما، ئۇزاق ئەسىرلەر بۇرۇن،

بىزدىن تولىمۇ يىراق ئەلدە ياشىغان  خاراباتى  دەل  مۇشۇ  مەسلىنى  ئىنتايىن توغرا ھەل قىلىپ، مىللىي خاسلىق بىلەن دىنىي ئۆزلۈكنى دۈشمەنلەشتۈرىۋەتمىگەن ھەم بىر-بىرىگە يەم قىلىۋەتمىگەن. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا مۆجىزانە مۇرەسسە ئىدى.

بايا كۆرگەن قۇرلار، ئۇنىڭ تەييارلىقسىز ھالەتتىكى مەۋقە ئىپادىلىشى. ئەگەر ئۇ، ساۋاق ياكى تەرغىبات قىيامىدا تۇرغان بولسا، «ئۇيغۇر، ئاندىن مۇسۇلمان» قارىشىنى تېخىمۇ ئېنىق شەرھىيلىگەن ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ مۇرەسسە ھالىتىنى چىرايلىق مەجازلار بىلەن يەنىمۇ ئىشىنەرلىك لەۋزدە بايان قىلغان بولاتتى.

مەن بىر خىرىستىئان مۇرتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىسلام ئۆلىماسى سانالغان خاراباتى ھەزرەتنىڭ روھ ۋە مەۋقەسىنى قورشاپ تۇرغان بىرلەمچى ئالامەتلەرنى ھەم ئۇنىڭ ئەبەدىيلىك يادروۋىي يۈزلىنىشنى تولۇق چۈشەندىم دەپ ئېيتالمايمەن. بىراق، ئۇنىڭ مەنپەئەت بىلەن ئېتىقادنى قانائەتلىنەرلىك مۇرەسسە نوقتىسىغا ئېلىپ كېلىپ، مىللىي مەنپەئەتنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى ئىپادىسى ئۈچۈنمۇ زور مەسئۇلىيەت پوزىتسىيىسىدە بولۇشى ۋە ئامالسىزلىقتىن ئەجىر قىلالمىسىمۇ، ۋاز كەچمەسلىك روھى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىغىچە پارلاپ تۇرىدۇ. مەن مۇشۇ ئىشەنچىلىك ئالامەتلەردىن ئۇنىڭ دىئالوگ، تەلقىنلىرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. ھەتتا ئۇنى ئۆزى بىلەن دەۋرداش بولمىغان مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى جامالىدىن ئافغانى① بىلەن خىيالەن مۇنازىرىگىمۇ سېلىپ كۆردۈم.

- خاراباتى ھەزرەت – دېدى جامالىدىن ئافغانى مېھمانلار داستىخانغا تولۇق ئۆزلىشىپ، بىر-بىرىدىن تارتىنماس بىر ھالغا كەلگەندە، ئۆزى ناھايىتى ھۆرمەت قىلىدىغان پەيلاسوپقا ئىلتىجالىق تەلمۈرۈپ، - ئۆزلىرىدىن بىر ئىش خۇسۇسىدا سورىماقنى نىيەت قىلىپ  يۈرەتتىم. ئىجازەتمىدۇ؟

- خوش سوراۋەرسىلەر، ئىنىم، - قولىنى كۆكسىگە قويۇپ تۇرۇپ قوبۇل قىلدى خاراباتى ھەزرەت.

_ كەمىنە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ كۆپ يەرلىرىنى كەزدىم. ئەھۋال ئومۇمەن ئوخشاش. خۇلاسەم شۇكى، شەرقتىكى دۆلەتلەر (مۇسۇلمان ئەللىرى)  ھەقىقىي ئورنىدىن تۇرماقچى  بولسا،  جەزمەن  ئىسلاھات  ئېلىپ(①جامالىدىن ئافغانى(مىلادىيە 1839-1993. 3. 9) ئىسلام، ئەرەب پەيلاسوپى، كابۇلدا تۇغۇلۇپ، ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان.)بېرىشلىرى كېرەككەن. ئۆزلىرىچە، ئىسلاھاتنى ھۆكۈمەتتىن باشلاش كېرەكمىدۇ ياكى خەلقتىن باشلاش كېرەكمىدۇ؟

- خەلقتىن، ئادەتتىكى پۇقرادىن باشلىماق زۆرۈر. سەۋەب  شۇكى،  ئىسلام

روھى ئەسلى مەنىسىدىن ئېيىتقاندا، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە ئەمەس، ھەر بىر شەخىسنىڭ مەنىۋى ئالىمىگە ئۆزلەشكەن. ئۇ يەنە ئاۋامنىڭ ئېتىقادقا ئايلانغان ھەرىكەت ئىپادىلىرى ئارقىلىق مۇكەممەللىككە يېتىپ، يەكۈن تاپىدۇ.

- بارىكاللا، ئۇستاز. مەنمۇ ئۇزۇندىن شۇنداق ئويلاپ يۈرەتتىم. مانا بۈگۈن تولۇق ئىشەنچ تۇرغۇزدۇم. جانابلىرى ئېيىتقاندەك، ئىسلام دۇنياسى ئىسلاھاتنى خەلقتىن، شەخسىيدىن باشلىمىقى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن مىللىي ئىپتىخار تۇيغۇسى ۋە مىللىي غورۇر بولۇشى زۆرۈردۇر. ھەم يەنە ئىسلاھات تەلىپى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىكى تەلەپ بولۇپ قالماسلىقى، چىن دىلىدىن چىققان بولۇشى كېرەك . . . يەنە بىر شەرت شۇكى، زۇلمەت ئىچىدە ياشاۋاتقان خەلق ئۆزى بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقنى بىلىشى لازىم. شۇندىلا ئۇنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش ۋە قانداق قوغداشنى بىلەلەيدۇ.(«بۈگۈنكى زامان ئىسلام-ئەرەب پەلسەپىسى» 97-بەت)

- بەك توغرا ئېيىتتىلا ئىنىم، پېقىرمۇ شۇ قاراشتا. مەسچت، مەدرىسلەر ۋە ئاۋام ئارىسىدا كۆپرەك تەرغىبات قىلىشىمنىڭ ۋەجھىمۇ ھەم شۇ.

- ئىسلاھاتنىڭ كۈچى بىلەن تۈرلۈك ئىلىملەر تەرەققى قىلسا، پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسى بىر بايراق ئاستىغا(توغرىسى، تۈركىيە بايرىقى ئاستىغا) ئۇيۇشۇپ، بىر خەلق بولۇپ ياشىسا . . . .

- بۇنىسى مۇمكىن ئەمەس، ئافغانى ئىنىم.

- ۋەجھى نېمە، ئۇستاز؟

- ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە ئوخشىمىقى ئاللانىڭ ئىرادىسى. ئۇنىڭ ئايرىم قەۋم بولۇپ يارىتىلغانلىقىلا بۇنىڭ ئىسپاتى. مۇسۇلمان خەلقلەر بىر خىل ئېتىقاد چەمبىرىكى ئىچىدە ئۇيۇشۇپ، كۈچەيسە بولىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئۇيۇشۇش مىللىي خاسلىقنىڭ يەم بولۇشىغا ئېلىپ بارسا بولمايدۇ. يەر يۈزىدىكى ھەر بىر مۇسۇلمان قەۋم ئاللا ياراتقان بىر گۈل. ئۇنى پەرۋىش قىلماق كېرەككى، ئۆلتۈرۈپ قويۇش جايىز ئەمەس.

- ئەدەبسىزلىك بىلىنمىگەي، مەن پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسى، خۇسۇسەن، مۇسۇلمان خەلقلەر بىر گەۋدە بولۇپ ياشىسا دېگەن ئۈمىددەمەن ھەم مۇشۇ مەۋقەنى قۇۋۋەتلەيمەن. تارتىۋاتقان رىيازەتلىرىممۇ شۇنىڭ ئۈچۈن.

- مەن بۇ قاراشلىرىغا قوشۇلالمايمەن، ئىنىم. پاكىت كۆرسەتتىكى، ئاللا ئايرىم چىراي ۋە خۇلق بىلەن ياراتقان قەۋملەرنى غەيرى يول بىلەن بىر گەۋدە قىلىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس. زورلاپ قوشۇۋالغان ۋە ھەتتا خالاپ قوشۇلغان ھالەتتىمۇ مىللىي خاسلىق ھامان ئۆزىنى ئاشكارە قىلىدۇ. ئۇيغۇر دېگەن ئۇيغۇر. ئەرەب دېگەن ئۇ ھامان ئەرەب. ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغىنى ئۈچۈن، ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ قۇۋمى بولغان ئەرەبلەرگە پۈتۈن بىر مىللەت بويىچە يىيىلىپ كەتمەيدۇ. ئەرەبلەرمۇ پەيغەمبەر قوۋمىدىن بولغانلىقى ئۈچۈنلا، دىني قېرىنداش بولغان ئۇيغۇرلارغا ئىنايەت قىلىپ، بىزنىڭ مىللىي تەركىبىمىزگە سىڭىپ كەتمەيدۇ ھەم سىڭىپ كەتمەسلىكى كېرەك. خۇددى جاناپلىرى كابۇلدا دۇنياغا كۆز ئاچقان ئەرەب تۇرۇغلۇق مۇسۇلمان ئافغانلارغا سىڭىپ كەتمىگەنلىكلىرىگە ئوخشاش(گەرچە ئافغانى دېگەن تەخەللۇسنى خالاپ ئىشلەتكەن بولسىلىرىمۇ)

- ئۇنداقتا، مۇسۇلمان قوۋملار ئارىسىدىكى بىرلىك زادىلا ئىشقا ئاشماسمۇ سىلىچە؟

- ئىشقا ئېىشىشلىرى مۇمكىن. ئەمما، ھەر بىر مىللەت ئۆز خاسلىقىنى ساقلىغان ھالدىكى سۇس مەنىۋى(ئېتىقاد) بىرلىك بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئەسلىنى يوقىتىش شەكلىدىكى كۈچلۈك سىياسىي بىرلىك بولالمايدۇ. مۇسۇلمان ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىچكىي مەسىلىلىرى بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بۇنىڭسىز مۇشۇنداق يەكۈن چىقىرىش ئارتۇقچە ئەمەسكى، مىللىي خاسلىقىنى يوقىتىشنى بەدەل قىلغان ھەر قانداق شەكىلدىكى بىرلىك ھەقىقىي مەنىسى بىلەن مەڭگۈ ئىشقا ئاشمايدۇ. زورلاپ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىرىنىڭ قىسقا ئۆمرىگە بولسا تارىخ ئەينى باھا بەرگۈسىدۇر . . . . ئۇيۇمغا كەلگەن شۇ نەرسىنىمۇ دەپ قويۇشۇم زۆرۈركى، تېنچ شارائىتتىكى دىنىي مەنپەئەتنىڭ مۇسۇلمان مىللەتلىرى ئۈچۈن ئورتاق بولغان ئالىي مەنپەئەت سانىلىدىغانلىقى سۆزسىز. ئەمما، مىللىي مەنپەئەت بىلەن دىنىي مەنپەئەت توقۇنۇشقاندا، كۆپىنچە مۇسۇلماننىڭ مىللىي مەنپەئەت تەرەپكە ئاغىدىغانلىقىدىمۇ گەپ يوق. ئەۋلادلىرىمىز شۇنداق كۈنلەرنى كۆرىدۇكى، ھامان بىر كۈنى قايسىبىر مۇسۇلمان مىللەت مىللىي مەنپەئەتنى قوغداش يولىدا، مىللىي مەنپەئەتنىڭ دىنىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. ھەتتا شۇنداق كۈنلەرمۇ كېلىدۇكى، مەلۇم مۇسۇلمان قۇۋمى مىللىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىندىشىنى يات دىندىكىلەرنىڭ دارى ئاستىغا سۆرەپ ئەكىلىپ بېرىدىغان ئەھۋالمۇ يۈز بېرىدۇ. مانا بۇ، مىللىي مەنپەئەت ئۈچۈن كۈرەش. خاسلىق كۈرىشى، سۆز كالامكى، مىللىي خاسلىقنى يوق قىلىش ھېسابىدىكى ھەر قانداق بىرلىككە ئۇرۇنۇش نەتىجىسىز ئاخىرلاشقۇسىدۇر. توغرا يول شۇكى، مىللىي خاسلىقنى قوغداش ئاساسىدىكى ئىسلام بىرلىكىنى تەكىتلەش. شۇندىلا خاسلىقمۇ يوقالمايدۇ، ئورتاق دىنىي ئەھكاملارمۇ پارچىلانمايدۇ. ئەكسىچە، چىن مەنىسىدىكى ئېتىقاد بىرلىكى تەبىئى ھالدىلا ئىشقا ئاشىدۇ. . . .

مانا بۇلار، ئۇلارنىڭ مېنىڭ نەزەرىمدىكى مۇلاقىتى. ئۆز مەۋقەلىرى ۋە كىملىكىنى ئاشكارىلاش يولىدىكى مۇنازىرىسى. قويۇۋەتسەك، ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسى مەڭگۈ تۈگىمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن ئايىقى چىقمىغان مۇشۇ خىيالەن مۇنازىرىلەردىن شۇنى كۆرۈش مۇمكىنكى، خاراباتى ھەزرەت ئىسلام چەمبىرىكى ئىچىدىكى مىللىي خاسلىقنى كۈچەپ تەكىتلەش ئارقىلىق «مەن ئۇيغۇر، ھەم يەنە مۇسۇلمان» دېگەن قارىشىنى ئىسپاتلاشقا ھەرىكەت قىلغان. شۇ ئاساستا، مىللىي خاسلىق مېھرى بىلەن دىنىي ئېتىقاد مېھرىنى ئاجرالماس قېرىنداشقا ئايلاندۇرۇپ، بۇلار ئارىسىدا ئۇزۇندىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان نوپۇز كۆرىشى ياكى تەڭسىز مۇرەسسەنى ئىداركىي نوقتىدىن كېلىشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ ئۇرۇنۇشنىڭ سوبيېكتىپ نەتىجىسى يەنىلا مىللىي خاسلىق ئاساسىدىكى ئېتىقاد بىرلىكىدىن ئىبارەت بولغان. بۇ تەرىپى خاراباتىنىڭ مەۋقە، مېھنەت ۋە مەنىۋىيەت كىملىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك بولسا كېرەك.

مىللىي خاسلىقنى تەكتلەشنىڭ ئۆزى غورۇر دېمەكتۇر. خاراباتىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا، بۇمۇ قەھرىمانلىق.

ئۇنداقتا، خاراباتى نەزەرىدىكى قەھرىمانلىق قانداق تەبىرلەنگەن؟ ئاسيىلىق(خائىنلىق)چۇ؟


3

خاراباتى مۇنداق دەيدۇ:

...... ئەسلىيەت مەنىسىدىن كۆرە، ئاسىيلىق دېمەك – ھەق-ئادالەت ۋە ئومۇمىيەت يولىدىن چەتنەش دېمەكتۇر. شۇ زامانغا تەققاسلىغاندا، مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتى ۋە توغرا ئەخلاقى، دىنىي مىزانلىرى . . . ھەققانىيەتتۇر. شۇل يولدىن چەتنەش – ئاسىيلىق ئېرۇر. ئاسىيلىقنىڭ دائىرىسى زەرا كەڭ بولۇر. چوڭ دائىرىدىن ئېيىتقاندا، مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتنى سېتىش ئاسىيلىقتۇر. كىچىكراق دائىرىدىن ئېيىتقاندا، مىللەتنىڭ دىنىي ۋە ئەخلاقىي مىزانلىرىنى بۇرمىلاش، روھىنى زەھەرلەرش؛ ئۇلارنى پاسسىق- مۇناپىقلىق يولىغا باشلاش؛ ئىچىملىك، چېكىملىك، قىمار . . . . كەبىي ناشايان ئىشلارغا ئۆگىتىش ئاسىيلىقتۇر. ھەم يەنە مىللەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، خەلق قولىدىكى بىر بۇردا ناننىمۇ تارتىۋېلىش، ئۇلارنى كەمسىتىش؛ دۈشمەننى كۈچلۈك كۆرسىتىپ، خەلقنى ئاجىز كۆرۈش؛ دۈشمەننى زىيادە تەشۋىق قىلىپ، خەلقنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش؛ ئۈمىدسىزلىكنى تەرغىپ قىلىپ، جاسارەتنى پايمال قىلىشمۇ . . . ھەم ئاسىيلىقتۇر».(«خاراباتى» 146-، 147-بەتلەر) خاراباتى ھەزرەت ئاسىيلىق(خائىنلىق) نىڭ تەبىرىگە ئۇلاپلا «قەھرىمانلىق» ئۇقۇمىغىمۇ شەرھى بېرىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «. . . يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە (ئاسىيلىققا تەبىر بەرگەننىڭ ئەكسىچە)، ياراق ئېلىپ غازاتقا چىققاندىن باشقا يەنە مىللىي قەھرىمانلارنى مەدھىيەلىگەنمۇ قەھرىمان. قەھرىمان ئۈچۈن مەدەت بەرگەن، ياش تۆككەن، بىر پىيالە سۇ، بىر بۇردا نان بەرگەنمۇ قەھرىمان. قەھرىمانغا تەھسىن ئوقۇغان، ئۇشۇل تەھسىن ئارقىلىق خەلققە روھى كۈچ ئاتا قىلغان، ئۈمىد بەخىش ئەتكەن؛ ساۋاق ۋە تەربىيەت بەرگەنمۇ قەھرىمان. ئېغىر كۈنلەردە، خەلققە ئىشەنچ بېغىشلاپ، ئىستىقبال ۋە ئىستىقلال ئۈمىدىنى ئاشۇرغانمۇ . . . ھەم قەھرىمان . . . »(«خاراباتى» 147-بەت) مىللىي خاسلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئېتىقاد ئۇيۇشۇشچانلىقىغا يېتىشنى تەشەببۇس قىلغان خارااباتى ھەزرەتنىڭ، قەھرىمانلىق ۋە ئاسىيلىق(خائىنلىق)قا يۇقىرىقىدەك تەبىر بېرىش ھېچ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى. مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، مۇلاھىزىمىزنىڭ باش قىسىمىدىكى: خاراباتى ھەزرەت بىز  چۈشىنىپ كەلگەن قەھرىمانلىق ئۇقۇمىنى كېڭەيتىپ، ئاۋام يېنىغا قەدەر ئېلىپ كەلگەن، دېگەن قۇرلارنى يەنە بىر ئەسلەپ ئۆتسەك ئارتۇقچە بولماس دەپ ئويلايمەن. مەن يەنە شۇنداق قارايمەنكى، ئاۋام نەزەرىدىكى غايىۋى قەھرىمانلىق پەللىسىنى رېئالنى بىر نوقتىغا – خەلقنىڭ دائىملىق پائالىيەت سىزىقىغا قەدەر كېڭەيتىش – ھەزرىتى خاراباتىنىڭ مەنىۋى ئىزدىنىش مۇساپىسىدە مەۋقەسىگە ماس ھالدا قازانغان يەنە بىر ئۇتىقى. مېھنەت قەدەملىرىنىڭ مۇھىم سەمەرىسى. راستىنى دېسەم، مەن غەرب پەيلاسوپلىرىدىن بۇنداق جۇلا ۋە جۈرئەتنى كۆرەلمىدىم. خاراباتى ھەزرەتنىڭ روھى قورۇنمىسا ئىدى، ئۇنىڭ قەھرىمانلىق توغرىسىدىكى تەبىرىنىڭ ئاخىرىغا: غايىۋىي ئۇقۇمنى رېئالنى مىللىي مەنپەئەتكە يۈزلەندۈرۈپ شەرھىيلىگەنمۇ قەھرىمان، دېگەن جۈملىنى قوشۇپ قويغان بولاتتىم.

خاراباتىنىڭ ئۇيغۇرچە زۇۋان بىلەن ئېيتقان قەھرىمانلىق ۋە ئاسىيلىق ھەققىدىكى تەبىرىنى قايتا شەرھىيلەپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز. لېكىن، «خاراباتى دەۋرى»نىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ ئىدراكى تەدبىقنىڭ بۈگۈنكى زامانىۋىلىق تونى كىيگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋە تۈرلۈك زامانىۋى كەشپىياتلاردىن بەھىر ئېلىپ ئۈلگۈرگەن(گەرچە بۇنداقلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ) ئۇيغۇرلار ئېڭىغا قايسى دەرىجىدە ئۇيغۇنلۇقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئارتۇقچە ئەمەس دەپ ئويلايمەن.

ئەستايىدىل كۆزەتسەك، خاراباتى تەبىرىدىكى قەھرىمانلىق ۋە ئاسىيلىق ئۇقۇمىنىڭ مەنا پاسىلى ئۇيغۇرلار جامائىتىنىڭ كۈندىلىك مېھنەتلىرىگە شۇنچە يېقىن ئارىلىقتا بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتلىرى بارلىقىنى بايقايمىز. ئۇ بولسىمۇ، «مىللەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە» ۋە «پايدىلىق مېھنەت». مۇشۇ ئىككى ئۇقۇمنى مەنتىقى يۇسۇندا يۇغۇرساقلا، خاراباتىنىڭ پىكىر مەۋقەسى ئايدىڭلىشىدۇ ھەم ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ مېھنەت مىزانى ئۈچۈنمۇ بىر ئادىل مەنىۋى تارازا شەكىللىنىدۇ.

ئەگەر، خاراباتى ھەزرەتنىڭ ئۇيغۇر خاسلىقى سىڭگەن «مىللەتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە» (بېشىغا كۈن چۈشۈش دېگەن گەپ ئۇيغۇرلاردا بەك كۆپ ئىشلىتىلىدىكەن) دېگەن گېپى بىز دەپ كېلىۋاتقان «مىللەت كىرىزىسىغا پاتقاندا» دېگەن ئۇقۇمغا تەڭداش-مەنىداش بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا، كېسىپ ئېيتىمەنكى، ئۇيغۇرلار ھازىر ئېغىر كىرىزىستا. بۇ كىرىزىس، يەنى خاراباتى تىلى بويىچە ئېيىتقاندا، ئۇيغۇرلار بېشىغا چۈشكەن بۇ كۈن ئالدى بىلەن مەنىۋى ياقتىن كۆزگە چېلىقىدۇ.

ئىجتىمائىيەت ئىلمىي خادىملىرىغا شۇنىسى سىر ئەمەسكى، دۇنيا كۆپ قاتلام ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن ئىجىتمائىي گەۋدە بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىر دەۋرنىڭ مەدەنىيەت يادروسى بولىدۇ. بۇ يادروۋىي نوقتا شۇنداق بىر يۇلتۇزكى، ئۇ ئۆز نۇرىنى ئەڭ يىراق جايلارغىچە تارىتىدۇ. يەنە كېلىپ، مەدەنىيەت ۋاكۇئۇم نوقتىلىرىغا تېخىمۇ ئاسان يېتىپ بارىدۇ(دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «مەدەنىيەت ۋاكوئومى» ئۇقۇمى زامانىۋى مەدەنىيەت ئۇقۇمىغا قارىتىپ ئېيتىلىۋاتىدۇ). ھەر خىل مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق قۇياشى بولسىمۇ، ئەمما كۈچلۈك نۇرىنى قىنىغا سىغدۇرالمىغان ۋە ئومۇم ئېتىراپىغا ئېرىشكەن يۇلتۇز قۇدرىتى ئالدىدا توسالغۇسىز چاقناشقا ئامالسىز. خۇددى گاز لامپا يېنىدا جىن چىراغنىڭ، ئېلىكتىر لامپىسى ئالدىدا، گاز لامپىسىنىڭ، قۇياش نۇرى ئاستىدا ئېلىكتىر لامپىسىنىڭ يۇرۇقى خىرەلىشىپ كەتكىنىگە ئوخشاش. چۈنكى يېڭىلىققا ئىنتىلىش دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىكى ئىنسانغا ئورتاق. دەل مۇشۇ يېرى، ئەنئەنىۋى يەرلىك مەدەنىيەت قۇياشىنى خىرەلىشىش كىرىزىسىغا مۇپتىلا قىلىدۇ. زامانىۋى دەۋرگە ئۇيغۇن مەدەنىيەت ئالدىدا تەمتىرەشكە، ھەتتا بويۇن قىسىشقا ئېلىپ بارىدۇ. .. . .

ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى بولغان ئوتتۇرا - مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىر مەھەل جاھاننىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بولغىنى پاكىت. ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۆز پائالىيەت مەيدانى بولغان بۇ رايوندا تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقىنىمۇ راسىت. ئوخشىمىغان دەۋردە، ئوخشىمىغان ئەللەرنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىلىك ئورنىغا ئۆتكىنىمۇ ئەمەلىيەت. مۇشۇ «مەركەز»لىك ئورنىنىڭ كۆچۈپ، ئالمىشىپ يۈرگىنىنىمۇ ئىلىم ئەھلى تولۇق بىلىدۇ. پاكىت شۇكى، «مەدەنىيەت مەركىزى»لىك ئورنى ھېچ بىر ئەل ۋە ئىرققا مەڭگۈلۈك بەخشەندە قىلىنغان ئىمتىياز ئەمەس. ئۇنى سايلام ئارقىلىق بەرگىلىمۇ ۋە تارتىۋالغىلىمۇ بولمايدۇ. پەقەت ئۇنى تېخنىكىلاشقان ئۇنىۋېرىسال مەدەنىيەت كۈچى ئارقىلىق ۋە ئىختىيار ئېتىراپ بىلەن قولغا ئېلىش مۇمكىن. ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت كۈچى ئارقىلىق ئومۇمىي ئېتىراپقا ئېرىشىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. يەنە يۈرەكلىك ئېيتىش كېرەككى، مۇشۇ ئەللەر يەنە خېلى بىر مەزگىللەرگىچە جاھان مەدەنىيىتىنىڭ قايناق مەركەزلىرىدىن بولۇپ قالىدۇ.

ئەسلى تېمىمىزغا قايىتساق، دۇنيادىكى بارچە مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ كۆز ئالدىدىكى يېڭىچە مەدەنىيەت زەرەتلىرىدىن قېچىشقا ئامالسىز. ئۇلارمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش، سىرتقى مەدەنىيەتنى ئۆز ئىمكانىيەتلىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىشقا ھەم ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيىتىنى مەۋجۇد بولۇش قۇدرىتىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشىدۇ. لېكىن، يوشۇرماي ئېيتىش كېرەككى، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار تۆلەيدىغان بەدەل ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. بۇنى ئۇلارنىڭ پەرقلىق ئورنى ۋە بىر يۆنىلىش ئۈچۈن ئۇيۇشۇپ ئۈلگۈرمىگەن روھىيەت ئالىمى بەلگىلىگەن.

ئالدى بىلەن كۆزىمىزگە خىرىس بولۇپ كۆرۈنىدىغىنى ۋە باشقا مىللەتلەرگە بىلىنگەن كەبى ئورتاق خىرىس-دۇنياۋى ئېقىمغا ئايلانغان غەرب مەدەنىيىتى. بۇ، غەربتىكى تەرەققىي تاپقان كۆپ خىل مىللەت مەدەنيىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئۇنۋېرسال يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ، بۇ ھەتتا يەر شارى مەدەنىيىتىنىڭ بىر قۇتۇبى ۋە بىر خىل ئىدىئولوگىيە ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭغا، قوغدۇلۇش ئىمكانىيىتى تولۇق بولغان ھىندى ۋە خەنزۇ مەدەنىيىتى كەبى قەدىمىي ۋە دائىرىلىك سېستىمىلارمۇ تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز. ئۇلارمۇ ئۆز ئەنئەنىسى ئاساسىدىكى مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇدلۇق كۈچىنى ئاشۇرۇش كويىدا تىركەشمەكتە. ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىنىڭ غول ئېقىنىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر مەنىۋىيەت غەزىنە لەشكەرلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسىنا ئەمەس. ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتلىق مۇھىتىنى ئىستىلادىن ساقلاش غېمىدە. لېكىن، گەپنى ئەگىتمەيلا ئېيىتىش كېرەككى، دۇنياۋى ھادىسىگە ئايلانغان بۇ مەدەنىيەت ئەندىزىسىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىن ھېچقانداق بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ھەتتا، غەيرىي رەسمىي دۇنيا تىلى ئورنىغا كۆتۈرۈلگەن ئېنگىلىز تىلىمۇ ئۆزى شەكىللەندۈرگەن «ئېنگىلىز تىلى مەدەنىيىتى» قورغىنىنى سىرتقى مەدەنىيەت زەرەتلىرىدىن قوغداپ بولالماي ئاۋارە. دېمەك، بۇ، مەدەنىيەتنىڭ ھەممىلا ساھەسىگە چېتىلىدىغان، ھەممىنى قۇرۇق قويمايدىغان قۇدرەتلىك ماگنىت، رەھىمسىز مەنىۋى ئوپقان.

ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ئەزەلىيىلىك ۋە ئەبەدىيلىك مۇھىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭغا تارىختىن بۇيان پاك ئۆسۈش تۇپرىقى بولۇپ كەلگەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەكتا بۆشۈك بولىدىغان بۇ ماكان ئەمدىلىكتە ئۆز چېگرىسىنىڭ بۇلۇڭ-بۇلۇڭلىرىمۇ سىرتقى مەدەنىيەت زىل-رىلىسىدىن تەۋرەپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇرۇپتۇ. بۇنى ئاز دەپ، «سىيسە سۈيدۈكى يېتىدىغان» (ئۇيغۇرلار «ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن» دېگەننى مۇشۇنداقمۇ ئىپادىلەيدىكەن. توغرا ياكى خاتا بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، مۇشۇ سۆزنى ئىشلەتكىنىمگە خوشالمەن) ئەتراپ ئەللىرى، ئېنىقراق ئېيتقاندا، ھىندى، خەنزۇ كەبى قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ كۈچلۈك خاسلىققا ئىگە مىللىي مەدەنىيىتى؛ رۇسلارنىڭ كۆرۈنۈشى شەرقچە، يىلتىزى غەربچە بولغان خىرستىئان دىنى(تارراق دائىرىدىن ئېيتقاندا، پىراۋىسلاۋىيان دىنى) ئاساسىدىكى ماسلىشىشچان مەدەنىيىتى ۋە دىنى ئىسلام بولسىمۇ، ئەنئەنىسى ھەم ئۆرپ-ئادەتلىرى ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە ئوردۇ-ئافغان مەدەنىيىتى...قاتارلىق خاسلىق كۈچىگە ئىگە رايۇن خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ئېقىنلىرىمۇ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ يېتىلىش ۋە مەۋجۇدلۇق مۇھىتىغا خىرىس ئېلىپ كەلمەكتە. قىنىنى تارايتماقتا......

ئەڭ يامىنى شۇكى، دۇنياۋى ۋە رايۇن خاراكتېرىنى ئالغان مەدەنىيەت ئېقىنىنىڭ زەربىسىدىن ساقلىنىپ بۇلالمايۋاتقان قەدىمىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۆز غەمگۈزارلىرىنىڭ ئېغىش خىرىسىغا دۈچ كەلمەكتە. بۇ گەپ، بىزنىڭ بۇ ئەلدىكى كىشلەرگە غەلىتە ئاڭلىنىشى مۈمكىن. لېكىن بۇ راست. ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە ئىنتىلىش خاھىشى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭكىدىن كۈچلۈك. ئۇ ئەلگە بارغانلار كۆرۈدۇكى، دۇنيادىكى پايدىلىق ۋە پايدىسىز بارچە مەدەنىيەت ئۇيغۇر گەۋدىسىدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ ئۈلگۈرگەن. دۇنياۋى تىللارنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئەڭ زور دولقۇن. كومپىيۇتېر سېتىۋېلىش، چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش....دەك قىزىق نوقتىلارمۇ كىشىنى ئالاھىدە جەلىب قىلىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئىجابىي يۈزلىنىش. لېكىن، قىزلارنىڭ يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشلىرىنى قايسى بىر ئەل پايدىلىق مەدەنىيەت دەپ قۇبۇل قىپتۇ؟ سورۇن-سورۇنلاردا ئەڭ كۈچلۈك ھاراقلارنى ئۆزلىرى بەس-بەستە تالىشىپ ئىچىشىپ يەنە «بىزگە قالغىنى مۇشۇ ھاراقلا ئىكەن» دېگەن گەپلەرنى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن باشقا يەنە قايسى بىر مىللەت ياشلىرى دەپ بېقىپتۇ؟ يالغۇز بۇلا ئەمەس. (ئەھۋال مۇشۇ چېگرىدا توختىسا مەيلى ئىدىغۇ) ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، دۇنياۋى ئىللەت بولغان زەھەر چېكىش ۋە ئەيدىز كېسىلىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يامراپ، ئادەمنى چۆچۈتكىدەك سانغا يەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، كۆرگەنلا يېڭىلىقلارغا قارىغۇلارچە مەستانە بولىدىغان ئادەتتىكى كىشلەردىن سىرت، ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ھەممە ئىشنى بىلىپ قىلىدىغانلارمۇ ئۆز مېھنەتلىرىگە بىلىپ-بىلمەي «يۈز ئۆرۈش» تامغىسىنى بېسىۋاتىدۇ. ئالايلى، داڭلىق ناخشىچىلار بىزنىڭ بۇ يەردىكى مودا ئاھاڭلارنى ياكى ئەتراپىدىكى ھىندى، ئوردۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىنو ناخشىلىرىنى ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇپلا ساددا خەلقنى ئالداۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ «12مۇقام»ۋە ئېسىل خەلق ئاھاڭلىرىنى ئېيتىشنى ئۆگىنىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى كونىغا يېپىشقانلىق، ئەرزىمەيدىغان ئىش دەپ ئۆسەك تارقىتىۋاتىدۇ. زىيالىيلارنىڭ بىر قىسىملىرى بولسا، ئۇيغۇر تىلىدا مېھنەت قىلىپ نان تېپىپ يەۋاتقان تۇرۇقلۇق، پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇغۇلى قويماي، تۈركۈم-تۈركۈملەپ باشقا تىللاردىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا بېرىۋاتىدۇ. (ئەلۋەتتە، باشقا ساھەدىكىلەرمۇ بار. كۆپرەك كۆرگىنىم زىيالىيلار) لېكىن ھېچبىرى مېنىڭ ھەممە ئوقۇرمەنلىرىم بىردىنلا باشقا تىلدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇيدىغان بولۇپ قالسا، مەن كىمگە ئاتاپ ئەسەر يازىمەن؟ ناننى نەدىن تېپىپ يەيمەن؟ دېگەنلەرنى ئويلىمايۋاتىدۇ. ئالىم، يازغۇچىلار ئارىسىدىن ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى كەمسىتىدىغانلار چىقىشقا باشلىدى. ئۇلار «باشقا مىللەت تىلىدا يازالىغان بولسام، ئەسىرىم دۇنياغا يۈزلىنەتتى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەتتىم» دەپ زارلىنىدىغان بولۇۋېلىشتى. ھەتتا ئايرىم ساندىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل ۋە مەدەنىيىتى ھازىر ئۆز رولىنى يوقاتتى، دەۋاتقانلىقىنى، ناھايىتى ئاز بىر قىسىملارنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ يارالغىنى ئۈچۈن نومۇس قىلىپ دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. راست گەپنى دېسەم، مۇشۇ گەپنى دېگەنلەرگە (ئۇلارنىڭ ئىسىمىنى دېمىگىنىم ياخشى) ھەيران قالدىم ۋە مېنىڭ دەرھال ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر بولۇۋالغۇم كەپكەتتى. يەنە ئەستايىدىل كۆزەتكەنلەر ھېس قىلىدۇكى، بىر قىسىم ياشلار ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىمەيدۇ. بۇمۇ ئانا تىلىنىڭ قىممىتىنى ئىنكار قىلغانلىق بولماي نېمە؟ زىيالىيلار مۇشۇنداق قىلسا، ئاۋامدىن يەنە نېمىلەرنى كۈتۈش مۇمكىن؟ ئۇيغۇر تىل ۋە مەدەنىيىتى ئۇنىڭ ئېگىسى بولغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوغدالمىسا، ئۇنى بىز بېرىپ قوغداپ بىرەمدۇق؟ ئۇلار ھازىر ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلماي، كەلگۈسىدە مۇشۇ ئىش ئۈچۈنمۇ بىزدىن ئۈمىد كۈتسە، بىزنىڭ نوپۇزلۇقلىرىمىز بۇنىڭغا نېمە دەپ ئىنكاس قايتۇرار؟

دەپ كەلسەم، ئۇيغۇرلار ھەققىدە دەيدىغانلىرىم بەك كۆپ. لېكىن بۇ ماقالىدە گەپنى سەل قىسقارتىدىغان يەرگە كەلدى. قىسىقىسى، يۇقۇرىقىدەك دۇنياۋى، ئەتراپ ۋە ئىچكىي مەدەنىيەت ئامىللىرى ھەم ئۇنىڭغا توتقان تۈرلۈك پوزىتسىيە، مۇرەككەپ ئىمكانىيەت ۋەجھىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت غەمگۈزارلىرى تۆلەيدىغان بەدەل بەك كۆپ بولىدۇ. شۇڭا دەيمەنكى، ئۇيغۇر مەدەنيىتى ناھايىتى كۈچلۈك خىرىسقا دۈچ كەلدى، يەنى ئۇ كىرىزىس ھالىتىدە. خاراباتى سۆزى بۇيىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشتى. ئەمدىكى گەپ مېھنەتنىڭ قايسى مەۋقەدە بولۇشىدا قالدى. مەن شۇنداق قارايمەنكى، بۈگۈنكى كۈندە ھەر بىر ئۇيغۇر مېھنىتىنىڭ ئورتاق مىللىي مەنپەئەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكى؛ ۋىجدانى مەسئۇلىيەتكە باپ ياكى مۇخالىپ ئىكەنلىكى ئۇنىڭ، «ئۇيغۇرلار بېشىغا چۈشكەن كۈن» گە ئازراق بولسىمۇ سايىۋەن بولالىغان ياكى بولالمىغانلىقى بىلەن ئىسپات تاپىدۇ. ئوقۇرمەنلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلىشلىرى كېرەككى، مەن باشتا تىلغا ئالغان «پايدىلىق مېھنەت» ئۇقۇمى مانا ئەمدى ۋىجدانى مەسئۇليەت ۋە ئورتاق مىللىي مەنپەئەت دېگەن ئۇقۇملارغا قىممەت ئاتا قىلىدىغان كونكىرېت پائالىيەت بولۇپ كۆزگە چېلىقىۋاتىدۇ. چۈشىنىش كېرەككى، خاراباتى شەرھىيسىدىكى قەھرىمانلىق ئۇقۇمىمۇ دەل مۇشۇ «پايدىلىق مېھنەت» پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆز خاراكتېرىگە ئۇيغۇنلىشىدۇ. خوش، ئۇنداقتا ئەمدى ئۇيغۇردا قەھرىمان كىملەر؟

بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىش ئاسان بولمىسىمۇ، لېكىن بىر جۈملە گەپ: مۇشت كۆتۈرگەن قەھرىمان ئەمەس. بۇنى مەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىمۇ قارا كۈچكە ئەھمىيەت بىلەن قارايدىغانلىقىدەك رېئالنى ئەمەلىيىتىنى نەزەردە تۇرۇپ دەۋاتىمەن. خاراباتى ھەزرەتنىڭ ئىدراكىي يەكۈنىنى مىزان قىلغان ئەمەلىيەتچىل قەھرىمانلىقمۇ قارا كۈچنى ئەمەس، ئەقلىيلىقنى ئۇمۇرتقا قىلغان، ئەلۋەتتە. مۇشۇ جەھەتتىن، ئۇنىڭ قەھرىمانلىق ھەققىدىكى تەبىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مېھنەت مىزانى دېيىش مۇمكىن. ھازىر ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق!

ئۇيغۇر جامائىتىگە شۇ نەرسە سىر ئەمەسكى، دۇنياۋىلىشىش دولقۇنى ھېمايىسىدە لەكمىڭ-لەكمىڭلىغان مەدەنىيەت لەشكەرلىرى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت زېمىنىغا سەپ تارتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئىنتېرنېتتىن باسقۇن قىلىۋاتىدۇ؛ رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق تارقىلىۋاتىدۇ؛ كىنو-تېلېۋىزىيە ۋە تىياتىر ۋاستىسىدە كىرىۋاتىدۇ؛ يوقۇرى تېخنىكىلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە تۈرلۈك زامانىۋى ئەسلىھەلەر ياردېمىدە ئومۇملىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئومۇملىشىشى بەزىدە ھايا بولۇپ، بەزىدە نومۇسسىزلىق بولۇپ ئاپىرىدە بولىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن راخمانمۇ ۋە شەيتانمۇ يارىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ۋىجدانى كۈچ ۋە جاسارەت ئەيدىز ۋە زەھەرگە پايمال بولۇپ، مىللىي ئىستىقبالنىڭ ئېگىلىرى ئۆز ئەجدادلىرىنى دەردكە مۇپتىلا قىلىۋاتىدۇ. قىزلاردىكى كام تېپىلىدىغان گۈزەللىك، شەرمى-ھايا ۋە پەزىل-لەتاپەت....نەفىس ئوپقانلىققا يەم بولۇپ، ئۇلاردىن ئەجدادى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز نومۇس ۋە مىللىي خورلۇق تۇغۇلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئەنئەنىسىنىڭ غولىغا پىچاق ئورۇلىۋاتىدۇ. خاسلىققا تويۇنغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ رەئىس ئەزالىرىغا كۆيدۈرگە چىقىپ، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىۋاتىدۇ. قەدىمىي ۋە يېقىملىق، ئىپادىلەش كۈچى زور بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ پائالىيەت مۇھىتى تارىيىپ كېتىۋاتىدۇ. مىللىي مائارىپ، مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ئەنئەنە، مىللي ئۆرپ-ئادەت ۋە ھەتتا مىللىي پىسخىكا.....ئۆز خاسلىقى ۋە جەلپكارلىقىدىن قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاۋام روھىنى، يۇرت-يۇرتلارنى ئۈمىدسىزلىك شەيتىنى دەيدەيگە سېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن يەنىمۇ كۈچلۈك قويۇن ئۆرلەپ، مىللي ئىستىقبال مەنزىلىنىڭ يۈزىنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋاتىدۇ. تىل، مەدەنىيەت، ئەنئەنە، پىسخىكا....قاتارلىق ئۇيغۇر مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئۇمۇرتقىسىنى تەشكىل قىلىدىغان سۆيۈملۈك تەركىبلەر ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش، ھېچ بولمىسا شالغۇتلىشىش خەۋپىگە دۈچ كېلىۋاتىدۇ.....ئىنسانىيەت مەدەنىيىنىڭ قىممەتلىك بىر تەركىبى قاتلىمى بولغان بۇ مىللىي بايلىقنىڭ، تېخىمۇ ئېنىق ئېيىتقاندا، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزگىچە بىر خىل تەپەككۇر مېۋىسىنىڭ ئۈن-تىنسىز يوقاپ كېتىش ئاقىۋېتىنى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا ئەھلى ھەم قوبۇل قىلالمايدۇ. لېكىن شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، كۆز ئالدىمىزدىكى مەدەنىيەت رېئاللىقى بەك رەھىمسىز ئىستىلاچىلىق رولىنى ئېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ھەيۋىسى شۇ قەدەر زور بولىۋاتىدۇكى، ھەتتا ئۆزىنى يۇقىرى قاتلام زىيالىيسى سانايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ خىل رېئاللىق ئالدىدا «ئاسسىمىلياتسىيە» دېگەن ئۇقۇمنى تەبىي مۇقەررەرلىك شەكلىدە قوبۇل قىلىشقا پىسخىكا جەھەتتىن تەييارلىنىۋاتىدۇ. بۇ بەك خەتەرلىك يۈزلىنىش. دىققەت، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم، بۇ بەك خەتەرلىك باشلىنىش!

ھەممىلا ياقنى ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك قاپلىغان، ئاجىزلىق ۋە روھىىي زەئىپلىك مىللىي ئېتىراپ دەرىجىسىگە ئۆرلەۋاتقان مۇشۇ ئاچچىق رېئاللىقتىن مۇشت، تېپىك كەبىي قارا كۈچكە تايىنىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئەمەس، مىلتىق، ھەتتا يادرو قورالىغا تايىنىپمۇ بۇ خىل خىرىستىن قۇتۇلۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەھۋال مۇشۇ دەرىجىدە ئېغىر. شۇڭا دېيىش كېرەككى، بۈگۈن ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر  كۈن (خىرىس)كەلدى. ئەمدى بۇنىڭدىن كىملەرگىدۇ دادلاپمۇ ۋە ھەتتا 840-يىللاردىكىدەك مىللەت بويىچە ياشاش ماكانىنى تاشلاپ، باشقا يەردىكى قېرىنداشلىرى ئارىسىغا قېچىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. (مىلادى 840-يىلى ئۇيغۇرلار غەربتىكى قېرىنداشلىرى زېمىنىغا سۈرۈلۈپ ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلغانىدى، ئەمما ئەمدىكى تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر ھۇجۇمىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس. يوشۇرمايلا دەپ قويايكى، شۇ يىللاردىكىدەك ئۇيغۇرنى قوينىغا ئالىدىغان قېرىنداش بوشلۇقمۇ ئەمدى يوق. بار دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان ھالەتتىمۇ، ھازىرقى مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئالدىدا نەگىلا قېچىش بەرىبىر.) شۇڭا، جىسمانىي مەردانىلىقنى تايىنىش كۈچى قىلغان ئىلگىرىكى مىكىرسىز قەھرىمانلىق بۈگۈنكى مەدەنىي نامەردلىك ۋە ئىدراكى رەھىمسىزلىك ئالدىدا ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىشقا ئامالسىز. مۇنداقچە ئېيتساق، ئەمدى ئۇلار قەھرىمان ئەمەس. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ۋەتەندە پۇت دەسسەپ تۇرۇپ مىللەت مەنپەئەتى ئۈچۈن باش قاتۇرغانلارنى قەھرىمان دېسەك بولمامدىكەن؟ ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىنى مەھكەم ساقلاپ، ئۈنۈملۈك ئەجىرلىرى ئارقىلىق تۆھبە يارىتىۋاتقانلار قەھرىمان ئەمەسمىكەن؟ ئۈسىتى-ئۈستىلەپ قويۇلىۋاتقان ھاشار-سېلىقلارغىمۇ پىسەنت قىلماي، بىر سىيام يەر ئۈچۈنمۇ جان تىكىپ ئىشلەۋاتقان ۋە ئەۋلادى ئۈچۈن ياشاش ماكانى ساقلاپ بېرىۋاتقان جاپاكەش دېھقانلار قەھرىمان ئەمەسمىكەن؟ ئۆزى ئاچ-يالىڭاچ قالسىمۇ، مىللەت بەختى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى چىداپ ئوقۇتۇۋاتقان ئاتا-ئانىلار قەھرىمان ئەمەسمىكەن؟ خاراباتى ھەزرەتنىڭ پىكىرىي مەۋقەسىدىن كەسكىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ھايات بولغان بولسىمۇ يۇقۇرىقىلارنى جەزمەن قەھرىمان دەپ قارىغان بولاتتى. بۇلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئاۋام مېھنىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان قەھرىمانلىق تەبىرىنىڭ مەنەن روھى بويىچە ئېيتقاندا، بۈگۈنكى خىرىسقا تولغان دەۋردە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىستىقبال- ۋە مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن پىكىر ۋە مېھنەت قىلىۋاتقانلار قەھرىمان. تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مەۋجۇدلۇقىنىڭ بەلگىسى بولغان ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ئەنئەنىسى ۋە ئۇيغۇرغا خاس مەنىۋى دۇنيانى قوغداش يولىدا ئۈن-تۈنسىز كۈرىشۋاتقانلار قەھرىمان. ئۇيغۇر مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان، ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەق گەپ قىلغان، مىللىي بۇرچىنى شەخسىي مەنپەئتتىن ئۈستۈن قويالىغان قەھرىمان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق، دۇنياۋىي مەدەنىيەت قاينىمىدىن يېڭىچە بىر ھالەتتە ئۈزۈپ چىقىش غېمىدە تىرىشۋاتقانلار قەھرىمان. سىرتقى مەدەنىيەتنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاڭلىق ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ خاسلىق قۇدرىتىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن ۋە بۇ قۇدرەتنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كويىدا مېھنەت قىلغانمۇ قەھرىمان. خاراباتى تەبىرىگە ئەينەن مۇراجئەت قىلساق، مىللەت ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت كىرىزىسىگە پاتقان مۇشۇ كۈندە، پەرقلىق مېھنىتى ئارقىلىق ئاۋامنىڭ مىللىي ئىپتىخارىنى ئاشۇرۇپ، روھىنى ئۇرغۇتقان، ئۇلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بەخىش ئەتكەن باتۇر تەۋەككۈلچىلەر؛ ئالىم، ئەدىپ ۋە سەنئەتكارلار قەھرىمان. ئەسەر، نوتۇق ۋە تۈرلۈك ئەمگەك پائالىيىتى ئارقىلىق خەلقىگە ئىمان، ئېتىقاد، مىللىيەت ۋە پەزىلەت....تەربىيىسى بەرگەنمۇ قەھرىمان. دىلى، تىلى ۋە ھەرىكىتىدىن زەھەر ھەم تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ زىيىنىنى شەرھىيلىگەن، ئۇنىڭ يامرىشىنى توسۇپ، مىللىي زەئىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلغانمۇ قەھرىمان. ئەڭ ئاددى خىزمەت ئورنىدىمۇ مىللىي مەنپەئەتكە پايدىلىق مېھنەت قىلغان، تىلى ئمكانسىز بولسىمۇ، دىلىدا مىللىي بۇرچ مەۋقەسىنى ياقلىغان قەھرىمان. ئۆزىگە ئەڭ پايدىسىز ھالەتتىمۇ ئۆزىنى «ئۇيغۇر» دېيەلىگەن ۋە ئانا تىلىدا سۆيۈنۈپ تۇرۇپ بىر جۈملە سۆز قىلالىغانمۇ قەھرىمان. ھەم يەنە قەھرىمان دېيىلگەن يۇقىرىقى كىشلەر بىلەن بىر سەپتە، بىر مەۋقەدە تۇرالىغان؛ ئۇلارغا ھەر يەر، ھەر جايدا تەھسىن ئوقۇيالىغان قەھرىمان. ھەممە ئۆز غېمىدە قالغان مۇشۇ كۈندە، ئۆز خەلقىگە تېرىقچە ئېھسان قىلىپ، مىللىيەت مېھرى ھېس قىلدۇرغان؛ يېتىم - يوقسۇللارغا بىر پىيالە سۇ، بىر بۇردا نان چاغلىق نەرسە بېرىپ، ئىمان ۋە قېرىنداشلىقنى ئېسىگە سالغانمۇ قەھرىمان.....

يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە، چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى سېتىش ئاسىيلىقتۇر. خاراباتى ھەزرەتنىڭ تەبىرىنى تەدبىق قىلىپ ئېيتقاندا، مىللەتنىڭ بېشىغا كۈن (خىرىس) كەلگەن پەيىتتە، قىمار، زەھەر، پاھىشىلىك ۋە تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋاستىسى بىلەن مىللىي زەئىپلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقانلار خائىن. دۇنياۋى مەدەنىيەت يۈزلىنىشىگە كۆز يۇمۇپ، مىللىي تەرەققىياتنى چەكلىگەنلەر-بوغۇپ قويغانلار خائىن. مىللىي مەدەنىيەتنى (تىل، ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادەت....كە ئوخشاش مەدەنىيەتكە تەئەللۇق ھەممە تەرەپنى) ئىنكار قىلىپ، سىرتقى مەدەنىيەتكە قارىغۇلارچە مەپتۇن بولغانلار خائىن. دۇنياۋى مەدەنىيەت ھادىسىسىنى زىيادە سىرلىقلاشتۇرۇپ، خەلقنى كەمسىتكەنمۇ خائىن. ئۆز خەلقى ۋە خەلقىنىڭ ھەممىلا نەرسىسىنى پەس كۆرگەنلەر خائىن. مىللەت كەسكىن بۇرۇلۇش دەۋرىدە تۇرغان بۈگۈنكى پەيتتە، تىلى، دىلى ۋە مېھنىتىدە مىللىي مەنپەئەتكە پايدىسىز ئالامەتلەرنى سادىر قىلغانلارمۇ خائىن. مىللەتنى ئاجىز كۆرسىتىپ، سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىنى زىيادە تەكىتلىگەنمۇ خائىن. مىللىي ئىستىقبال ۋە مەۋجۇدلۇق ھەققىدە ئۈمىدسىزلىك ئۇرۇقى چېچىپ، خەلقنى قايمۇقتۇرغان، ئاۋام روھىنى چۈشۈرگەنمۇ خائىن......خاراباتى سۆزىنى ئەينەن ئېيتقاندا، خەلق قولىدىكى بىر بۇردا نان ۋە بىر پىيالە سۇ چاغلىق ھالال مەنپەئەتكە خىيانەت قىلىپ، مىللىي قېرىنداشلىق رىشتىگە دەز كەتكۈزگەنمۇ ھەم خائىن. بۇلا ئەمەس، (تۈرلۈك زۆرۈرىيەت ۋەجھىدىن، خائىنلىق ئۇقۇمىنىڭ باشقا مەزمۇن، پاسىللىرى قىسقارتىلدى)......


كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، باشتا ئېيتقىنىمدەك، خاراباتى نەزەرىدىكى قەھرىمانلىق بىلەن ئاسىيلىقنىڭ مەنە پاسىلى شۇ قەدەر يېقىن. يەنە كىلىپ بۇ، ئاۋامنىڭ كۈندىلىك مېھنەتلىرىگە شۇ قەدەر ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان. ھەر بىر ئادەم، مەيلى ئۇ قايسى ساھەدە خىزمەت قىلسۇن، پەقەت خەلقىگە، خەلقنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە پايدىلىق مېھنەت قىلسىلا (ھەتتا پايدىلىق بىر ئېغىز سۆز قىلسىمۇ) ئۇ قەھرىمان. ئەكسىچە بولسا، ئاسىي. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مەنىۋى پاسىل بىرلا سۆز، يەنى مېھنەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتكە پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىكەنلىكى. خاراباتى چۈشەنچىسدىكى زاكۇن مانا شۇنداق ئاددى. شۇڭا ئۇنى بۈگۈنگە تەدبىقلاشمۇ ئاددى. تەدبىقلانغاندىن كېيىنكى مىللىي كىملىكنى ئايرىشمۇ ئوخشاشلا ئاددى.....بىر قارىسا، ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى قەھرىماندەك، يەنە بىر قارىسا، ھەممە ئۇيغۇر ئاسىي تەرەپكە ئۆتۈپ قالغاندەك.

ئەمما، مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىگە ئۇنداق ئاددى قارايدىغان، پىكىرىي ئاڭقاۋ مىللەت ئەمەس. ئۇلارنىڭ تىلىدا «پايدىلىق مېھنەت» دېگەن سۆز ئاجايىپ چوڭقۇر مەنالارغا ئىگە. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ھەتتا دېھقانغىمۇ كۈندەك ئايدىڭ......

ياشاش يولىدىكى كۈرەش، تۈرلۈك مەنپەئەت ئېھتىياجى ۋە بىئىختىيار قىلىشۋاتقان ھەر خىل ماددى، مەنىۋى ئەمگەكلەر نۇرغۇن كىشىنى « پايدىسىز مېھنەت» پاسىلىغا سۆرىسىمۇ، لېكىن كېسىپ دېيەلەيمەنكى، پايدىلىق مېھنەت قىلىۋاتقانلار يەنىلا مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. مەن كۆزەتكەن ئۈرۈمچى، ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن كەبىي قەدىمىي يۇرتلاردىكى ئۇيغۇر مېھنەتكەشلىرى بۇ نوقتىنى ئىسپاتلىدى. شۇڭا، ئىشەنچ بىلەن ئېيتىمەنكى، ئۇيغۇر يوقالمايدۇ. ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ئەنئەنىسى.....يوقالمايدۇ. ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە قىممەتلىك بىلىنگەن ھىچنەرسىسى يوقالمايدۇ! بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم ئەھلىلىرىگە كۆرسىتىدىغان ئاساسلىرىم شۇكى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار مەنىۋىيىتى ۋاكۇئۇم مىللەت ئەمەس. ئۇلار ياراتقان قەدىمىي، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت خەزىنىسى زامانىۋى غەرب مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىمكانىيەتلىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىشقا قادىر. بۇ ھال، ئۇيغۇر پىسخىكىسىغا ۋە جاسارىتىگە زور ئىلھام.

ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرلار باشقىلار ئېيتقاندەك زىيادە ئاز نوپۇزلۇق مىللەت ئەمەس. «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىر مىللەت تىلىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئاز دېگەندىمۇ 100مىڭ ئادەم شۇ خىل تىلدا سۆزلىشىشى كېرەك دەپ كۆرسىتىدۇ». (ئۇيغۇرچە «بىلىم-كۈچ» ژورنىلى 2003-يىللىق 10-سانىغا قاراڭ). ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسىنى مۇشۇ ساننىڭ يۈزلەرچە ھەسىسىگە باراۋەر دەپ قاراش ئەقىلگە تامامەن ئۇيغۇن. شۇڭا، بۇنداق كۆپ نوپۇسلۇق مىللەتنىڭ تىلى يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى، پوستى ۋە كۆركى بولغان ئۇيغۇر تىلى يوقالمىغان ئىكەن ئۇيغۇرمۇ مەڭگۈ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت دىنى بولغان ئىسلام دىنى خاسلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ، دەۋر يېڭىلىقلىرىنى ئۆز مىزانلىرىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىدۇكى، ھەرگىزمۇ سىرتقى مەدەنىيەت تەسىرىدە ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. (مەسىلەن، دەۋر قانچە ئۆزگەرسىمۇ ھالال ۋە ھاراملىق ئۆلچىمىنىڭ ئۆزگەرمىگىنىگە ئوخشاش)، بۇ خىل رېئاللىق، ئىسلام ئەھكاملىرىغا ئارىلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئۇدۇملىرىنى دىنىي ئېتىقاد تەسىرىدە ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق.

تۆتىنچىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك، قىرغىز، قازاق....قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى، ئۇنىڭغا قېرىنداش بولغان ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى كۈچلۈك مەۋجۇدلۇق مەنىۋى زېمىنى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بىر ھېسابتا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۇنىڭغا يىلتىزداش بولغان ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن كۈچلۈك مەنىۋى تېرەك. شۇڭا، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئايرىم كىشلەر پەرەز قىلغاندەك ئۇنداق ئاسان يوقىلپ كەتمەيدۇ.

ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ ئاساسلىق بىر سەۋەپ شۇكى، ھازىرقى دەۋردە ئۇيغۇر بولۇپ يارالغانلىكى ئادەم ئۆز ئورنىنى چىن مەنىسى بىلەن تونۇپ يەتتى. بۇ خىل تونۇش ئۇلارنى تەبئىي ھالدىلا ئىستىقبال ئۈچۈن كۆرۈشۈشكە ئېلىپ بارىدۇ. تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكى شۇكى، مۇشۇ خىل ئۆزىنى تونۇشنىڭ تۈرتكىسىدە تۈركۈم-تۈركۈملىگەن زىيالىيلار مەۋجۇدلۇق كۈرىشىكە، يەنى ئانا تىلى، مەدەنىيىتى، ئەنئەنىسى ۋە ئېتىقادىنى قوغداش كۈرىشىگە ئاتلاندى. يۈزلىگەن، مىڭلىغان .....يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر تىل، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسپىي ئورگانلاردا ئاڭلىق ھالدا مېھنەت قىلماقتا. بۇلارنىڭ سانى يەنە ئۆزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. بىلىش كېرەككى، بۇلار زادىلا سەل قاراشقا بولمايدىغان كۈچ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇلارنىڭ ھېچبىرى مىللىي مەۋجۇدلۇقىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ. مەھمۇد كاشىغەرىي ۋە نەۋائى ھەزرەت دەۋىرلىرىدە «ئەرەپ تىلى ھەسەلىست، پارىس تىلى شەكەرىست، ئۇيغۇر(تۈركىي) تىلى بەكەرىست» دەپ داۋراڭ سالىدىغان شۇنچە كۆپ ئاسىي زىيالىيلىرى بار شارائىتتىمۇ مەۋجۇدلۇقىدىن قالمىغان بۇ گۈزەل، قەدىمىي تىل، -«ئۇيغۇر تىلى-بارلىقىم، ئۇيغۇر تىلى-مەنىۋى ۋەتىنىم» دەپ قارايدىغان ۋە مۇشۇ مەۋقە ئۇچۈن مېھنەت قىلىۋاتقان سان-ساناقسىز زىيالىيلىرى يېتىشىپ چىقىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە زادىلا يوقىلىپ كەتمەيدۇ. تەكرارلايمەنكى، ئۇيغۇر تىلىلا يوقالمايدىكەن ئۇيغۇرلار ھەرگىز، ھەرگىزمۇ يوقالمايدۇ!......

گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، خىرىس يەنىلا ناھايىتى كۆپ. قەھرىمانلىق بىلەن خائىنلىقنىڭ پاسىلى بەكلا يېقىن. ئۇ يەنە يېقىنلىشۋاتىدۇ....ئەمما، كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى، كىرزىس ئېغىر بولغانسىېرى، «پايدىلىق مېھنەت» مۇ شۇنچە كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ....

لېكىن شۇنداقتىمۇ، خاراباتى پىكىرىي مەۋقەسىدىن بالقىپ چىققان مەنىۋى ئىزنالار يەكۈنىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنىڭ ئەسلى ھەقدارلىرىغا قايتۇرىمەن:

«قەھرىمان يېنىمىزدا، خائىنمۇ يىراقتا ئەمەس!»....

مەنبە:
شىنجاڭ ئىجدىمائى پەنلەر مۇنبىرى 2010 - يىلى 4 - ساندىن




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-5 10:22 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3099
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 10:04:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يازمىكەن،
گۈزەل، قەدىمىي تىل، -«ئۇيغۇر تىلى-بارلىقىم، ئۇيغۇر تىلى-مەنىۋى ۋەتىنىم» دەپ قارايدىغان ۋە مۇشۇ مەۋقە ئۇچۈن مېھنەت قىلىۋاتقان سان-ساناقسىز زىيالىيلىرى يېتىشىپ چىقىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە زادىلا يوقىلىپ كەتمەيدۇ. تەكرارلايمەنكى، ئۇيغۇر تىلىلا يوقالمايدىكەن ئۇيغۇرلار ھەرگىز، ھەرگىزمۇ يوقالمايدۇ!......
ماۋۇ بۆلەك توغرا يېزىلىپتۇ.ئۇيغۇر تىلىنى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل تىل دەپ كېسىپ ئېيتالمىساممۇ ،لىكىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن گۈزەل تىل يوق.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 10:28:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا رەھمەت .ئۇيغۇر تىلى ئەڭ گۈزەل تىل ياشىسۇن ئۇيغۇرۇم

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

خەلق ئادۇۋكاتى 13239850499

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6770
تۆھپە نۇمۇرى: 740
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 11:31:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ساقلىۋىلىپ ئالدىرماي ئۇقۇيمەن .مەن مۇشۇنداق ئەسەلەرگە بەك ئامراق .مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى بىر سىستىمىلىق قىلىپ رەتلەپ چىقىش ئۇيۇم بار .

خەلق ئادۇۋكاتى

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13006
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5019 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 06:27:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   قارىغاندا بۇ كىشى ئۇيغۇرلار توغرۇليق خېلى سېستىمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئوخشايدۇ . بۇ زىمىندىكى خېلى ئۇششاق ئىشلارغىچە ، مەنىۋى ، جىسمانى ، ماددى ...................... بويۇنتۇرۇقلار ، بىر قىسىم ماڭقۇرتلارنىڭ  مەنىۋى تەمتىرەشلىرى ، شۇنداقلا شىر يۈرەكلەرنىڭ دىل ھۆكىرىشىدىنمۇ خەۋىرى بار ئىكەن ....................

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 820
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 10:28:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش