مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 414|ئىنكاس: 9

رۇبائىي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4698
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9621
تۆھپە نۇمۇرى: 375
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2011-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 09:43:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەرىپەت ئىشقىدا بولساڭ پەرۋانە،
ئەجىرىڭدىن ۋەتەنگە پۈتسەڭ رىسالە.
ئۇنۇتماس تۆھپەڭنى ئاۋام ھېچقاچان،
تىكلەيدۇ قەبرىڭدە ئۆچمەس ئابىدە.



تەلىيىم كىلىدۇ-دەپ كۈتۈپ تۇرمىغىن،
تەقدىرىم شۇنداق دەپ ئۇخلاپ يۈرمىگىن.
ئەجىر بىلەنلا كۈلىدۇ تەلەي ۋە تەقدىر،
بەخىت گۈلى ئېچىلماس ھورۇن قولىدىن.


مۇشتۇمدەك تۇرسىمۇ لاچىن قامىتى،
قۇزغۇنغا ئوخشىماس ئۇنىڭ ئادىتى.
بولمايدۇ ھەرگىزمۇ تەييارغا ھەييار،
ھاياتقا يول ئاچقان ئۇنىڭ چاڭگىلى. 



سالماق بول ھەر ئىشتا تاپقىن يولىنى،
نەزەر سال چار تەرەپ بىلگىن ئوڭ-سولنى.
قىرىق ئۆلچەپ بىر كەسسەڭ، بولىسەن ئاقىل،
چىڭىتىپ ماڭىسەن تۇرمۇش ئۇلىنى.


مىۋىنىڭ شاھىدۇر ئانار بەك ئېسىل،
مىۋىسى، شەربىتى، گۈلى قىپ-قىزىل.
بولغاچقا بىر رەڭدە ئېچى ۋە تېشى،
ساقلىنار پۇرىغى، تەمى ئەبەدىل.

رەيھاننى كۆرۈپلا ئاتتىم ئۆزۈمنى،
سانجىلدى قولۇمغا ئۆتكۈر تىكىنى.
بىلدىمكى نەپسىنى يىغمىسا ئىنسان،
گۈل بەرگى قىلىچ بوپ يارار قارنىنى.


تىلەيدۇ  ئوغلىغا  ئانا  ئامانلىق،

بىر ئۆمۈر قەلبىدە يوقتۇر ئاراملىق.

بىلىنمەس ئۇنىڭغا ئازاب ۋە كۈلپەت،

دەيدۇ-ئۇ-ئوغلۇمغا بولسام قۇربانلىق.


مۇڭى يوق ناخشىدىن ھوزۇر سۇ بويى،

دۇلقۇندا مۇجەسسەم ئۈزۈلمەس كۈيى.

ناداننىڭ يىنىدا يىگەن ھالۋىدىن،

مىڭ ياخشى ئاقلىنىڭ بىر قوشۇق سۈيى.


شېئىرلىرىم بىر ئاددى يۈرەك نىداسى،

خالى ئۇ تۇماندىن سۈزۈك جىلۋىسى.

تامچە بوپ كۆكەرتسە ۋەتەن دەشتىنى،

بولاتتى شۇندىلا ئەجرىم قىممىتى.


تۇرمۇشنىڭ يوللىرى كۆرۈنمەس تىلسىم،

يىشىدۇ سىرىنى ئىنسانلار بەلكىم.

نادانلار ھەممىنى كۆرەر تەقدىردىن،

دانالار مەنزىلگە ئات سالار دائىم.


بەك رايىش ئىنساننىڭ كۆڭلى، روھىيەت،

كۆنىدۇ، تارتسىمۇ جاپا-مۇشەققەت.

تۇرسىمۇ ئالەمنىڭ تەسكەي قېتىدا،

ئىنتىلەر يۈرىگى ياشاشقا ئەبەت.


ھەر ئىشنىڭ بولاركەن سىرلىق باسقۇچى،

ئۇتاركەن بەيگىدە داۋان ئاشقۇچى.

ئىخلاس قىپ مېھرىڭدىن تۆكسەڭ كۈمۈش تەر،

تىگىدۇ قولۇڭغا  تەلەي ئاچقۇچى.


ئەجداتىم نەسلىم ئېسىل ئارىيان،

دەريادەك مېھرى بار ئاقكۆڭۈل ئىشچان.

ياراتقان تارىختا شانلىق تۆھپىلەر،

سۆيۈنەر ئەجرىدىن خەلقىم تاجىكان.


ئىلىم-پەن ئۈگەنسەڭ ئاقىل سەن پەقەت،

ئىشلەتسەڭ ئىشىڭدا بولار بەرىكەت.

مەدىنىيەت، ئەخلاقتۇر بىلىم گەۋدىسى،

تەەۋەللۇت ئۇنىڭدىن دۇردانە ھېكمەت.


جامالىڭ نۇر-زىيا، كىرپىكىڭ بوستان،

لالىدەك ھۆسنۈڭدىن پۇرايدۇ رەيھان.

ئوتۇڭدا بىتاب مەن، يۈرۈگۈم زەئىپ،

ئاشىقلار دەردىنى بىلەمسەن جانان.


كۆزۈڭگە ئەسىر بوپ قاتتىم ھەيكەلدەك،

سانجىلدى كىرپىكىڭ ئۆتكۈر شەمشەردەك.

ئۇلغايتتىڭ يۈرەكتە ئىشىق ئوتىنى،

كۆرۈندۈڭ كۆزۈمگە سۈبھى سەھەردەك.



ئىشەنگەن تاغلىرىمدا ياتمىدى بىرمۇ كىيىك، دوسىتلىرىم زىرىكتى مەندىن، دۈشمىنىم سەنمۇ زىرىك.

بەختىم سەن ئالتۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4783
يازما سانى: 648
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12969
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 3882 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 11:11:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شېئىرلاركەن....

مەنبەسىنى ئەسكەرتىۋەتسىڭىز، قالغان ئىنكاسنى شۇ چاغدا بىرەي... [s:33]

ھەر كۈنى ئاخشىمى سەن بولمىساڭمۇ ياخشى چۈش كۆرەۋاتىمەن،توۋا دەيمەن ،سەن بار چاغلاردا دائىم ياخشى چۈش كۆرىشىمنى تىلىسەڭمۇ بۇنداق ياخشى ئۇخلىيالمايتىم،قارىغاندا شۇ چاغدىكى تىلەكلىرىڭ ئەمدى كەلگەن ئوخشايدۇ،سەن نىمە دىگەن ئۇلۇغ!؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5334
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8027
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2082 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 11:13:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەتـتە  ئۆلچەپ  بىر  كەس  دەپ  ئاڭلىغان . قىرىق  ئۆلچەپ بولغۇچە ...
  [s:34]


تىلى  يەڭگىل  ،  ئۇقۇشلۇق  چىقىپتۇ .  قەلمىڭىزگە بەرىكەت  تىلەيمەن.

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

روناق تاپ، پاكىز ياشا!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5025
يازما سانى: 1835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15785
تۆھپە نۇمۇرى: 423
توردا: 1103 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 11:20:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ رەخمەت مەنبەسىنى ئەسكەرتمەپسىز .بۇنىڭدىن كىيىن مەنبەسى ئېنىق بولسۇن . ئاتا- ئانسىز بالا بولمىغانندەك مەنبەسىز تىما بولمايدۇ ،

ئۇغۇل دىگەن ئەلگە يارالغان،
ۋاختى كەلسە جەڭگە يارالغان.
ئۈتۈك بىلەن سۇ كېچەر شوڭا،
ئۇغۇل نامى ئەلگە تارالغان.

ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 383
يازما سانى: 3331
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 40566
تۆھپە نۇمۇرى: 1112
توردا: 2091 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 11:27:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ۋەزنى بار رۇبائىيلاركەن. تىمىسىنى رۇبائىيلار دەپ ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز قانداق؟

جەننەت ئاتا-ئانىلارنىڭ ئايقى ئاستىدا...

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1714
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14264
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2082 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 11:33:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز............ مەنبەنى ئەسكەرتىڭ

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

ۋەتەننىڭ قەدرىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5987
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10381
تۆھپە نۇمۇرى: 502
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-9 11:51:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

قۇياش يصيصشكة بولمايدصغان نان    ۋةتةن بصرصشكة بولمايدصغان جان

بىر مىللەتتە ساپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3333
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 19915
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 5357 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 12:03:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ئۆزىڭىز يازىڭىزمۇ يە؟

بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12722
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31722
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4654 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 12:48:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر -بىرىدىن مەنىسى چوڭقۇر رۇبائىلاركەن بۇ.....مەزمۇنى شۇنداق ياخشى....... يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.....
ئۆزىڭىز يازغانما؟

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئاللاھ ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4698
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9621
تۆھپە نۇمۇرى: 375
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2011-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-10 12:26:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلار!!  ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بۇ تاجىك يازغۇچىسى روزى گۈلباي تاغاشنىڭ رۇبائىيلىرى ئىدى، مەن ئوقۇپ بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز بىرلىكتە پايدىلنايلى دەپ مۇنبەرگە يوللىغان ئىدىم. ئالدىڭلاردا خىجىلمەن.     [s:40]
بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم مۇنبەرگە ئەسەر يوللىشىم، شۇڭا، مەن سىلەرنىڭ كۆپرەك تەكلىپ-پىكىر بىرىپ، مىنى ئۆزۈڭلەردەك ياراملىق قىلىپ تەربىيلىشىڭلارغا مۇھتاج. قېرىنداشلىرىم!!!  [s:36]

ئىشەنگەن تاغلىرىمدا ياتمىدى بىرمۇ كىيىك، دوسىتلىرىم زىرىكتى مەندىن، دۈشمىنىم سەنمۇ زىرىك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش