مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2396|ئىنكاس: 43

«مىليونىر»نىڭ قاباھەتلىك چۈشى (قارلۇق) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77241
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2552
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 361 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 02:18:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


چىقىپتۇ! چىقىپتۇ! ماڭا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقىپتۇ.
خۇشاللىقىمدا سەكرەپ كەتتىم، ئەتراپىمدىكى كىشىلەر ھەيران بولۇشۇپ ماڭا قاراپ قىلىشتى دە، قايسى تۈرنىڭ مۇكاپاتى چىقىپتۇ دەپ بەس-بەستە سوراشقىلى تۇردى، 35 تە يەتتىنى تاللاشنىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتى چىقىپتۇ 5 مىليۇن چىقىپتۇ دەپ، ھاياجانلىنىپ سۆزلەپلا كەتتىم، ئەتراپىمدىكى كىشىلەر قايسى نومۇرلار چىقىپتۇ، مەن كۆرۈپ باقاي مەنمۇ كۆرۈپ باقاي دىيىشىپ يوپۇرلۇپ كەلدى، مەن دەرھال ئۆزۈمنى چەتكە ئىلىپ تىز-تىز مىڭىپلا چىقىپ كەتتىم، ئۇنداق قىلمىسام ئۇلار تالىشىپ كىچىككىنە بىر ۋاراق قەغەزنى يىرتىۋەتسە 5 مىليۇن يوق بولمامدۇ، تاتلىق خىياللار بىلەن كىتىۋاتاتتىم، بۇپۇللارنى ئىلىپ ئاۋۋال نىمە سىتىۋالسام بولار نىمىش قىلسام بولار......
دۇت دۇت.... تۇيۇقسىز چىلىنغان ماشىنا سىگنالىنىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتىم، ئارقىدىنلا شوپۇرنىڭ «ئادىشوي قەبرىستانلىققا ماڭغانما؟» دىگەن تاتلىق گىپىدىن ئەندىكىپ ھوشۇمنى تىپىۋالدىم دە، ئۆزۈمنىڭ يولنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغانلىقىنى بىلىپ شۇنداق ئوڭايسىزلىنىپ كەتتىم، كەچۈرۈم سوراپلا يولنىڭ ياقىسىغا چىقىۋىلىپ تاكسى توسۇپ ماڭدىم.
ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا ئۆيدىكىلەرگە ھاياجانلانغان ھالدا ئاغزى-ئاغزىمغا تەگمەي مۇكاپات چىققانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم ، باشتا ئىشەنمەي قىلىشتى، كىيىن لاتارىيە بىلىتى سىتىش ئورنىدىكىلەر چىقىرىپ بەرگەن ئىسپات قەغىزىگە قاراپ ھاڭ-تاڭ قىلىشتى، ئۆيدىمۇ بىرھازا بۇپۇللارنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا بەس مۇنازىرە باشلىنىپ كەتتى......
ھاپىلا-شاپىلا تەييارلىق قىلىپلا مۇكاپات پۇلىنى ئىلىپ كىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭدىم، ماشىنا شۇنداق تىز مىڭىۋاتسىمۇ مەندىكى ئۈرۈمچىگە تىزرەك بىرىش ئىستىكىدىنمىكىن بەكلا ئاستا مىڭىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ئىچىم شۇنداق سىقىلدى، كاللامدا يەنىلا شۇ بەش مىليۇن پۇلنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش خىيالى ھۆكۈم سۈرەتتى.
قايتىپ كىلىشىمدە ئايروپىلان بىلەن كىلىمەن، ياق مەن بەش مىليوننىڭ ئىگىسى بولغاندىكىن چوقۇم نوچى ماشىنامدىن بىرسى بولۇشى كىرەك ، توغرا مەن پۇلنى ئىلىپلا نوچى ماشىنىدىن بىرنى سىتىۋالاي، ماشىنا ھەيدەشنى بىلگىنىم بىلەن پىراۋام يوق، شوپۇردىن بىرنى تىپىپ ماشىنامنى ھەيدىتىپ ئۆيۈمگىچە ئاپارغۇزاي، ئىقتىسادى يار بەرمەي داۋالىنىشتىن مەھرۇم قىلىپ، كىسەللىك بىلەن جان-تالىشىۋاتقان قىرىنداشلىرىمغا ياردەم قىلاي،  تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللەمدىكى ئاران جىنى قالغان كۆۋرۈكنى مۇستەھكەم قىلىپ بىتوندىن سالدۇرۇپ بىرەي، بىچارە يۇرىتداشلىرىم ئۇ جۇللىقى چىقىپ كەتكەن كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ بولغىچە ئىشەكلىرىنىڭ پۇتى كۆۋرۈكنىڭ كامارلىرىدا سۇنۇپ قالغىلى تاسلا قالىدۇ، يىراق يەرلەرگە كىتىپ قالساممۇ مىنى ئەسلىشىپ تۇرار .............

ئۈرۈمچىگە كىچىدە كىلىپ قاپتىمەن، ياتاققا كىلىپلا يەنە شۇ ئايىقى چىقماس خىياللار بىلەن كىچىنى ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزدۇم، بەش مىليۇن ئەمەسمۇ، ۋاقىت بەكلا ئاستا ئۆتۈۋاتقاندەك بىلىنەتتى، ئاران دىگەندە سائەت يەتتە بولدى، ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپلا مۇكاپات نەقلەشتۈرش ئورنىغا قاراپ ماڭدىم، ئەتتىگەندە قىرىشقاندەك لىفىتنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى دەيمەن، 7-قەۋەتتىن پەلەمپەي بىلەن چۈشۈشكە توغرا كەلدى، پەلەمپەيدىن يۈگۈرۈپ چۈشىۋىتىپ پۇتلىشىپ يىقىلغان ھالەتتە 6- قەۋەتتىن 5-قەۋەتكە چۈشتۈم، ئەتىگەندە نىمە كىلىشمەسلىك بۇ، بەدەنلىرىم ئاغرىپ تۇرسىمۇ دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاستىراق مىڭىپ پەسكە چۈشتۈم دە تاكسى توسۇپلا جەنۇبىي شىنخۇا يولىدىكى مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئورنىغا كەلدىم، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا مىليون يۈئەنلىك مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلىپ قالغاندەكلا يامان نىيەت بىلەن قاراۋاتقاندەك بىلىنەتتى، ئۆزۈمنى سەل تۇتىۋىلىپ مۇكاپات چىققان لاتارىيە بىلىتىنى مۇكاپات نەقلەشتۈرىدىغان ئىشخانىدىكى خزمەتچىگە تەڭلىدىم، ئۇ بىلىتىمنى ماشىنىغا سىلىپ تەكشۈرۈپ مۇبارەك بولسۇن 1-دەرىجىلىك مۇكاپات چىقىپتۇ دىدى دە، باشقا بىر ئىشخانىنى كۆرسىتىپ پۇلنى شۇيەردە نەقلەشتۈرۈپ بىرىدۇ دەپ بىرپارچە تالۇن چىقىرىپ بەردى، مەن ئۇ ئايال كۆرسەتكەن ئىشخانىغا كىرىپ خىزمەتچى خادىمغا ھىلىقى تالۇننى تەڭلىدىم، يۈرىكىم ھازىرلا قىپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتاتتى، چۈنكى بىرنەچچە مىنۇتتىن كىيىنلا 5 مىليۇننىڭ ئىگىسى بولىمەن ئەمەسمۇ.

ئاكا ئاكا....سىڭلىمنىڭ چاقىرىشىدىن ھەم بىشىمغا نوقۇشىدىن چۆچۈپ كەتتىم چالا ئۇيقۇلىقتا، ھەرقانچە مۇھىم ئىش بولسىمۇ بىردەم توختاپ تۇرە ماۋۇ 5 مىليوننىڭ چىكىنى ئىلىۋالاي.
- قايسى 5 مىليۇن؟  كۈن چىقىپ بولدى، تىز تۇرۇپ ناشتا قىلىۋىلىڭ.
شۇندىلا تولۇق ئويغىنىپ باياتتىنقى ئىشلارنىڭ بىر قاباھەتلىك چۈش ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئاھ خۇدا ئۇئىشلار بىر چۈش ئىكەن ئەمەسمۇ، ئىسىت..... قىنى ئۇ 5مىليۇن بىردەم ئويغانماي تۇرسامچۇ.....!

مەنبە: ئۆزۈم



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-6 03:57 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kaLGundi + 30 نىمانداق قىززىق
zvmrat + 100 ھى ھى خيالپەرەس

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 130   باھا خاتىرىسى

ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلەلىگەن ئادەمنىڭ، باشقىلارنىڭ ئالدىدىمۇ قىممىتى بولىدۇ.
دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلار ئاز، ئەمما قىلالمايدىغان ئادەملەر كۆپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 1796
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11842
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2558 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 02:29:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئېسىت سىڭلىڭىز  بىردەم ئويغاتماي تۇرغان بولسا بوپتىكەن .

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 3092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15273
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2462 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 02:29:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم مانا شۇنداق خام خىيالغا ئامراق كىلىدۇ،مىنى قايىل قىلغىنى ئۇنىڭ كۆۋرۈك سالماقچى بولغىنى!مىنىڭ بىر ئاغىنەمنىڭ تاغىسى مۇشۇنداق لاتارىيەگە قىزىقىپ قىلىپ ۋەيران بوپ كەتكىلى تاس قاپتىكەن،كاللىسىنى قاچانلا قارىسا شۇنداق خىياللار ئىگەللىۋالىدۇ مۇشۇنى ئوينايدىغان كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ،كۆپى مۇشۇ تىمىدا دىيلگەندەك خىياللارنى قىلىدۇ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-5 02:34 AM  


بىز ئەسىرلەردىن بىرى بىراۋلارنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ كەلدۇق،بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھتىن يىراقلاشقىنىمىز ئۈچۈن،ناباب كىشلەرنى كۆتۈرۈپ ئىسىل كىشلىرىمىزنى چۆكۈرۈگىنىمىز ئۈچۈن،بىز ئاللاھقا يىقىنلاشماي تۇرۇپ قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ھىچقايسىسى پايدا بەرمەيدۇ!

مەن گۇلگە ئامراق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12411
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 02:30:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي بۇ راست چۈشىڭىزمۇ نىمە؟ تازا قىزىقىپ ئوقۇپ كىتىپتىمەن ،قانداق بولاركىن دەپ!

تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5805
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 612 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 02:33:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىردەم ئويغانماي تۇرسىڭىز كاشكى،ئىسىت بەش مىلىيۇن.ئىچىم ئەجەپ ئىچىشتىيا يوق پۇلغا```

Tarixingdir ming asrlar ichra pinhon o’zbegim
Senga tengdosh Pomiru, oqsoch Tian – shan o’zbegim
So’ylasin Afrosiyobu, so’ylasin Urxun xati
Bitta tarix shodasida, bitta marjon o’zbegim

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58416
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3873
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 713 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 02:37:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىخى ئاخىرى قانداق بولار دەپ كىرىشىپ كىتىپتىكەنمەن.ما سىڭىلچاق بىردەم ئويغاتماي تۇرسىچۇ.لىكىن كۆرۈك سىلىش پىلانى بولىدىكەن، ھەرھالدا مۇشۇنى باشتا ئويلاپسىز، ئەگەر مۇشۇنداق ياخشى نىيەتلىرىڭىز بولسىلام ئۇمۇ چىقىپ قالار بىر كۈنى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77241
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2552
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 361 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 02:43:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tumurkala يوللىغان ۋاقتى  2012-8-5 02:29 AM
ئادەم مانا شۇنداق خام خىيالغا ئامراق كىلىدۇ،مىنى ق ...

شۇ ئەمەسمۇ، مەنمۇ 5-6 يىل بۇرۇن ئىككى يىلغا يىقىن ئۈزۈلدۈرمەي لاتارىيە بىلىتى سىتىۋالغانتىم، بەش مىليون تۈگۈل بەش يۈئەنمۇ چىقىپ باقمىدى، ئاساسەن بىر يۈئەن چىقاتتى تەلىيىم يوقكەن دەپ توختىۋالغانتىم، شۇ ۋاقىتلاردا تېمىدىكىدەك ئاخىرى يوق خىياللارنى كۆپ قىلاتتىم

ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلەلىگەن ئادەمنىڭ، باشقىلارنىڭ ئالدىدىمۇ قىممىتى بولىدۇ.
دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلار ئاز، ئەمما قىلالمايدىغان ئادەملەر كۆپ.

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15022
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 5851 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 02:48:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن چوڭ بولغاندىن تا ھازىرغىچە ماڭا بىرەر قېتىم لاتارىيەدىن مۇكاپات چىققانلىقىنى ئۇقمايمەن. بىر يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئاغىنەمگە‹‹ قوش رەڭلىك توپ›› دىن 5000 يۈەندىن كۆپرەك مۇكاپات چىقىپتىكەن، قىزىقىپ مەنمۇ بەش ئالتە ئاي سېتىۋېلىپ يۈردۈم، سېتىش نۇقتىسى ناھايتى كەڭ تارقالغاچقا قايسى شەھەرگە، قايسى يېزىغا بارسام سېتىۋېلىپ تۇردۇم،  بەزىدە نەچچە سائەت نۇمۇر سىتاتسىتكا قىلىدىغان، نەچچە سائەت نۇمۇر تاللىغان، ئۇكىلىرىمغا، دوستلىرىمغا تاللىتىپ باققانمۇ بولدۇم، قېرىشقاندەك بەش يۈەن بولسىمۇ چىقىپ باقمىدى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ‹‹ئازغۇن›› ناملىق فىلىمدىكى ھېلىقى سىرلىق نۇمۇرنى تارتىپ باقاي دەپ بىر نۇمۇرنى ئېلىۋېتىپ، شۇنى تارتسام ئاران ئۈچى ئوخشاش. باشقىنى ئوخشىماپتۇ، ئاچچىقىمدا سېتىۋېلىشنى توختىتىۋەتتىم. بۈگۈنمۇ خېرىدارلارغا بېرىشقا تىگىشلىك بەش پارچە لاتارىيە بېلىتىنى تارتىپ باقسام ھەممىسىدىن بىر يۈەن قىممىتىدىكى خاتىرە دەپتەرلا چىقتى. ‹‹ئەنە مۇكاپات چىقىپتىغۇ ›› دەپ قالماڭلا، بۇ مۇكاپات چىقىش نىسبىتى 100%لىك لاتارىيە بۇلۇپ، خاتىرە دەپتەر رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بېرىلەتتى...
ئەمدى لاتارىيەنى تۇتمىسام بولغىدەك دەپ ئويلايمەن.

كۈمۈڭلار مېنى ئەجەل تۇمانى تولسا قارچۇققا
ئەجدادىم ئارماندا كەتكەن قەدىم شەھەر بارچۇققا
نە ھاجەت كۆز قىيالماي غەم شارابىن ئوتلىماق
روھىم كېزەر ئەرشتە جىسمىم كىرس

بەلكىم شۇنداقتۇ ~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6249
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 02:54:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن تاتلىق خىيال ھە

بىر كۈن شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ كۆزگە - كۆزلەر قادىلىدۇ `
كۆرىمىز ، ھىم ~ كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !


ANSWER   ( جاۋاب )

سەبىلەر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77802
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3043
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-3-23
ئاخىرقى: 2012-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 03:01:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇقيە ئۇبۇلقاسىم بىلەن ئادۇكىرىم  ئابلىزنى،دوراپسىزدەھە
ھەيئىست 5مىليون.كىمگىمۇ چىقارسەن

http://www.sabila.cn
سىز بۇنىڭدەك نادىر مەزمۇن كۈرۈپ باققانمۇ نىمگە قاراپتۇرسىز؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش