«كۈتۈلمىگەن قوش توي»دراممىسى توغرىسىدا
( بۇ دراممىنى شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىگى 1980-يىللىرى ئورۇنلىغان.) ئاپتۇر-تۇرسۇن يۈنۈس.رىژىسۇر-نىجات ئەكبەر. ئاساسلىق روللاردا: ھايسىخان-رەيھان كېرىم.سادىرئاخۇن-نۇرۇم سابىرھاجى. ھەمراخان-سەربىي نۇراجى.سايىم ئاخۇن-مەمىتىمىن نورۇز. ئادىلجان-سەيدۇللا توختى.تاجىگۈل-ھەنىپە ئىسمايىل. پازىلجان-ئەركىن نىياز.ھاجىگۈل-رەيھانگۈل روزى. ئابدۇرىشىت ھاكىم-ۋارىس ئىسلام.ياسىن داموللاھاجىم-زەينۇللا بورھان..... قاتارلىقلار قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ دراممىدا سادىرئاخۇن بىلەن ھايسىخان ئاكا-سىڭىل ئىككەيلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئوغلى-ئادىلجان بىلەن تاجىگۈلنىڭ تويىنى قىلىپ، ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يەتمەكچى بولىدۇ. ئەمما ئادىلجاننىڭ ئانىسى-ھەمراخان بىلەن تاجىگۈلنىڭ دادىسى-سايىم ئاخۇن بۇ توي ئىشىغا قوشۇلمايدۇ. ھەمدە ئادىلجان بىلەن تاجىگۈلمۇ بۇ تويغا قوشۇلمايدۇ. چۈنكى، ھەر ئىككى ياشنىڭ مەكتەپتە بىللە ئوقۇپ كەلگەن لايىقى بولۇپ، ئۇلار:« نەۋرىنى نەۋرىگە چېتىش قىلمىشى- ئىلىم-پەندىمۇ، دىندىمۇ توغرا ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۆزىمىزنىڭ لايىقى بىلەن توي قىلساق.»- دېيىشىدۇ. سادىر ئاخۇن بىلەن ھايسىخان باللىرىنىڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي، « بۇ توينى قىلغىنىمىز قىلغان»دەپ مەھكەم تۇرىۋالىدۇ. ھەتتا باللىرىغا ئۇختۇرماي، توي باغىقى تارقىتىدۇ. ئارىلىقتا بىر قاتار كۆڭۈلسىزلىك ۋە زىددىيەتلەر پەيدا بولىدۇ. نەتىجىدە ئابدۇرىشىت ھاكىم، مەريەم خانىم ۋە ياسىن داموللا ھاجىم قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئېدىيىۋىي خىزمەت ئىشلىشىشى ئارقىسىدا سادىرئاخۇن بىلەن ھايسىخانلارنىڭ ئېدىيىسى ھەل بولۇپ، باللىرىنىڭ ئۆز لايىقى بىلەن توي قىلىشىغا قوشۇلىدۇ. ئاخىرىدا ئادىلجان بىلەن ھاجىگۈلنىڭ، پازىلجان بىلەن تاجىگۈلنىڭ تويى بىر كۈندە بولۇپ، ئەل-جامائەتنى ھەيران قالدۇرىۋىتىدۇ. بۇ دراممىدا ئاتاغلىق چولپانلاردىن مەرھۇم-سەيدۇللا توختى، مەرھۇم-مەمىتىمىن نورۇز، ۋارىس ئىسلام، رەيھان كېرىم، سەربىي نۇراجى ... قاتارلىقلار رول ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەھنىدىكى ماھارىتى تاماشىبىنلارنى كۈلكە دېڭىزىغا باشلاپ بارىدۇ. يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 4-ئاۋغۇست يېزىلدى. قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-4 10:16 PM
|