مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 16473|ئىنكاس: 111

تارىخمىزدىكى قان ئىچەر ئۈچ ھاجى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 04:13:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىن زامان تارىخىمىزدا بۇلۇپمۇ 1930-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 1940-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ھەرخىل سىياسىي كۈچلەر،ھەرخىل ئىدىلوگىيلەر رايۇنمىزغا سڭىپ كىرىپ ۋەزىيەت ئىنتايىن داۋالغۇپ تۇرغان.
مۇشۇ دەۋردە شېڭ شىسەي ھاكىمىيتىدە ئىشلىگەن،  سۆۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتتە بولغان ، كىيىنكى كۈنلەردە « قان ئىچەر ئۈچ ھاجى » دەپ ئاتالغان ئۈچ كىشى ھەركىتىنىڭ سىرلىقلىقى ، ۋەھششىيلكى بىلەن ھەممىزنىڭ دىققىتىنى  ۋە نەپرىتىنى قوزغايدۇ.
1. ھاشىم ھاجى
ھاشىم ھاجى ئۇيغۇر، سۆۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان جومھۇرىيتى دۆلەت خەۋىپسىزلىكى كومتېتىنىڭ پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئەمەلدارى ( ھاشىم ھاجىنىڭ سۆۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىسمى ھەسەن) . 1935-يىلى سۆۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەيگە ياردەمگە ئەۋەتكەن يۈي شىيۇسۇڭ ( ئەسلى ئىسمى ۋاڭ شۇچىڭ) باشچىلىقىدىكى 25نەپەر خەنزۇ، ئۇيغۇر بولشۋىكلار پارتىيسى ئەزالىرى بىلەن شىنجاڭغا كىلىپ شېڭ شېىسەينىڭ ساقچى  باشقارمىسىدا ئىشلەيدۇ. 1935-يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى بۇلىدۇ. 1937-يىلى ئەتىيازدا ئۆز خىزمىتىدىن دوكىلات بېرىش ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىگە قايتىدۇ. شۇ يىلى سىمىنۇف (رۇس) بىلەن شىنجاڭغا كىلىپ شېڭ شىسەي تەرپىدىن تەسىسى قىلنغان مەخپىي سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بۇلىدۇ.
1938-يىلى سۆۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭغا ئەۋەتكەن سىمىنۇف ، ياقۇپ (قازاق) لار بىلەن سۆۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي شۇ يىلى قىشتا سۆۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ شىڭ،يىڭ لىياڭ، خوجىنىياز ھاجىم، خۇاڭ خەنجاڭ، شېرىپخان تۆرە، ماشاۋۋۇ،مەھپۇز ۋاڭ ( كۇچا ۋاڭى)، ئابدۇللد داموللا،سوپا شەنجاڭ قاتارلىق 108نەپەر كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرسە بۇلىدۇ، دېگەن تەستىقىنى ئېلىپ كىلىپ شېڭ شىسەيگە يەتكۈزدۇ.شېڭ شىسەي تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن شۇ يىلى 12-ئايدا مەخپىي سوت ھەيئىتى ھاشىم ھاجىنىڭ نازارەت قىلىشى بىلەن ئىككىنچى تۇرمە ( ھازىرقى ئوتتورا خەلىق سوت مەھكىمسى جايلاشقان ئۇرۇن) دە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئارغامچا بىلەن بۇغۇپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ھاشىم ھاجى ئۆز دۆلىتىگە قايتىدۇ.
يۇقارقى بايانلاردىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بۇلىدۇكى ،30-يىللارىدىكى ئىنقلاپنىڭ سەركەردىسى ،شىنجاڭ ئۆلىكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خوجىنىياز ھاجى شېڭ شىسەينىڭ ئارزوسى ، سۆۋېت ئىتتپاقىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆز قەۋمىدىن چىققان مىللىي مۇناپىق ھاشىم ھاجىنىڭ قولى بىلەن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى.
ھاشىم ھاجى 1939-يىلى ئەتىيازدا موسكىۋادىن  قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۆلكىسىدە سابىق ساقچى باشقارمىسىدا 6-بۈلۈم دېگەن دېگەن ئاخبارات بۈلۈمىگە باشلىق بۇلىدۇ ۋە مەخپىي سوت ھەيئىتىنىڭ خىزمىتىنىمۇ ئىشلەيدۇ.1939-يىل شېڭ شىسەي سۆۋېتتىن يۈز ئۆرۈپ ،سۆۋېتى ئىتتىپاقىغا قارشى ھەركەت باشلىغاندىن كېيىن  سۆۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانا خادىملىرى بىلەن ھاشىم ھاجىنى قايتۇرۇپ كېتىدۇ.ھاشىم ھاجى ئالمۇتىدا 1972-يىلى ئۆلگەن.
2. سىيىت ھاجى
سىيىت ھاجى قەشقەر يېڭىسارلىق بۇلۇپ 1890-يىللاردا ئوتتۇرا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئۇ ئاتا-ئانىسىنى رەنجىتكەنلىكى ئۈچۈن ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ تەخمىنەن 1924-ييىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىغا چىققىپ ئىشلەمچىلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ. ئۇ كۈنلەردە كىشلەرنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن موسكىۋا شەرىق ئونۋېرسىتىنىڭ تاشكەنىتتىكى شۆبىسى بولغان ئىشچىلار تېز يىتىشتۈرۈش سىنپىدا ئوقۇيدۇ. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاشكەنتتە ساقچى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدۇ. 1935-يىلى 5-ئايدا 3-ئېنىتناتسىئونالنىڭ شېڭ شىسەيگە ياردەمگە ئەۋەتكەن ئەزالىرى تەركىبىدە شىنجاڭغا كىلىپ ، شېڭ شىسەينىڭ ساقچى ئىدارىسا پولكوۋنىك دەرىجىسى بىلەن مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بۇلۇپ ئىشلەيدۇ. شۇ يىللاردا ئۈرۈمچىدە ئۆيلىنىپ ھازىرقى غالىبيەت يولى ( ھازىرقى ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ ئۇدۇلى) دا ئولتۇردۇ. ئۇيەنە شۇ كۈنلەردە جايلاردا قولغا ئېلىشقا ھۆكۈم قىلنغانلار ۋە مۇسادىرە قىلنغانلار مال-مۈلۈكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىشلەيدۇ. 1939-يىل ئاخىردا سۆۋېت خادىملىرى بىلەن بىرگە سۆۋېتكە چىقىپ كېتىپ ئالمۇتىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ئىز -دېرەكسىز يۇقايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا سۆۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بېرىلغان چوڭ تازلاشتا ئۆلتۈرۈلگەن بۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.
3. ئابدۇقادىر ھاجى
ئابدۇقادىر ھاجى ئېيتىشلارغا قارىغاندا قەشقەر قازىرىق كەنتىدىكى ھاشىم ھاجى ئىسىملىك، ئاۋۋال قەشقەر خانلىق مەدىرسىدە ،كېيىن بۇخارادا ئوقۇغان موللا ئائىلىسىدە 1900-يىللار ئەتراپىدا تۇغۇلىدۇ. 1920-يىللىرى ھاشىم ھاجى قادىر ، زاھىر ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ ھەرەمگە بارىدۇ. ھەج تاۋاپتىن قايتىشىدا كىچىك ئوغلى زاھىر ھاجىنى تۈركىيىدە، چوڭ ئوغلى قادىر ھاجىنى موسكىۋادا ئوقۇشقا قالدۇرۇپ ئۆزى قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ. قادىر ھاجى موسكىۋادا شەرىق ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى جومھۇريەتلىرىدە ساقچى ئىدارلىرىدە  ئىشلەيدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا شۇ يىللاردا ئۇ ئاقسۇ،ئۈچتۇرپان، باي ، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا كۆپ قېتىم بېرىپ كۆزگە كۈرۈنگەن ھەر ساھە مۆتىۋەرلىرى ئۈستىدە ئاخبارات توپلايدۇ، كېيىن ئۇ سۆۋېت بولشىۋىكلار پارتىيسىگە ئەزا بۇلىدۇ. زەينەپ ئىسىملىك سۆۋېت ئتتىپاقىلىق، تەربىيە كۆرگەن ئۆزبېك ئايالغا ئۆيلىندۇ.
1935-يىلى سۆۋېىت ئتتىپاقى شېڭ شىسەيگە ياردەمگە ئەۋەتكەن يۈي شىيۇسۇڭ ( ئەسلى ئىسمى ۋاڭ شۇچىڭ)، مەنسۇر ئەپەندى ( ئەسلى ئىسمى مەشۇر،تەخەللۇسى ۋەتەن ئوغلى)قاتارلىق 25نەپەر كىشنىڭ تەركىبىدە شىنجاڭغا كىلىپ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساقچى باشلىقى بۇلىدۇ. ئۇنىڭغا قىرغىستان ئەۋەتكەن ساقچى مۇتەخەسسى داتقىباي دېگەن قىرغىز مەسلىھەتچى ۋە ياردەمچى بۇلىدۇ.
قادىر ھاجى ساقچى باشلىقى بولغان 1935-يىلى 7-ئايدىن 1937-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىگچە بولغان ئارلىقىتا قەشقەر ساقچى باشقارمىسى ئىچى، ئاخۇنۇمنىڭ يالىقى،دۆڭباغ،قۇم دەرۋازا،تۆشۈك دەرۋازا،ساقچا قۇرۇقى،قۇم دەرۋازا ئىچىدىكى گۇڭگاڭ دېگەن تۇرمە قاتارلىق جايلارغا يۈزدىن ئارتۇق ئون مېتىردىن چۇڭقۇر ئورەك كولىتىدۇ. بۇيەرگە ئۆزى ئىشلەتكەن ۋە رولى قالمىغان ئاخباراتچىلارنى تۇتۇپ تاشلاپ ئۈستىگە ھاك تۆكۈپ ئۆلتۈرىدۇ.
ئابدۇقادىر ھاجى خەلىقنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش « دولىسىغا ئۇرۇپ، يۈركىنى مۇجۇش» سىياسىتىنى قوللىنىپ. ئۇ قاماققا ئالغان بىگۇنا خەلىقنىڭ مال-مۈلىكىنى مۇسادىرە قىلىپ بايلىق توپلايدۇ. لېكىن كۈرۈنۈشتە يۇرتىغا ياخشى ئىش قىلغان بۇلۇپ ، « قارىخان پادىشاھىم» ( قاراخانىيلار پادىشاھلىقى قەبىرستانلىقى»، «ئوسمان بۇغراخان» قاتارلىق مازارلارنى چۇۋۇپ، مازارلارنىڭ خىشلىرىنى ئېلىپ، بۇلاپ-تالىغان پۇللىرىدىن ئاز-تۇلا سەرىپ قىلىپ مەكتەپ سالىدۇ.
قادىر ھاجى، داتقىبايلار ماخۇسەن قىسىملىرى تۇيۇقسىز قەشقەر شەھرىگە بېسىپ كىرگەندە ئالمان-تالمان قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى قاماقخانىسىغا قامالغان مەمتېىلى تەۋپىق  قاتارلىق مەھبۇسلار ياتقان كامېرغا بېنزىن چېچىپ، ئوت قۇيۋېتىپ ئاتۇش ئارقىلىپ سۆۋېتكە چىقىپ كېتىدۇ.
ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ 20-ئەسىرىدىكى يالقۇنلۇق شائىرى، مەشھۇر پىداگۇكى ۋە مائارىپچىسى مەمتېلى ئەپەندىمۇ ئاقىۋەتتە سۆۋېت ئىشپىيۇنى ،مىللى مۇناپىق ئىككى قولى ئۆز خەلىقىىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بۇيالغان جاللات قادىر ھاجى تەرپىدىن ئېچىنىشلىق ھالدا قەتلى قىلىندى.
يۇقارقى ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسى سۆۋېت ئىتتىپاقىدا تەربىيلنىپ ئالاھىدە ۋەزىپە بىلەن شېڭ شىسەي ھاكىمىيتىگە قاتناشتۇرۇلۇپ شېڭ شىسەي ھاكىمىيتىنى مۇستەھكەملەش، ئۇنىڭغا قارشى كۈچلەر نى تازلاش ۋە نازارەت قىلىش( خوجىنىياز ھاجى،  مەھمۇت سىجاڭ ، يولۋاس قاتارلىقلارنى دىمەكچى) قىلىشتا زور رول ئوينىدى. شېڭ شىسەي شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە قارشى كۈچلەرنى تازلاپ 10نەچچە يىل شىنجاڭنىڭ « يەرلىك خاقانى» بۇلۇپ تۇرالىدى. سۆۋېت ئىتتپاقىمۇ شۇ ئارقىلىق شنجاڭنى كونتۇرۇل قىلىش مەقسىتىگە يىتىپ ،رايۇنمىزدا سۆۋېتكە قارشى ھاكىميەت قۇرۇلۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،  سۆۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن شىنجاڭغا قېچىپ كەلگەن باسمىچىلارنى تازلىدى.شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسىنى بىخەتەر سىسياسىي مۇھىتقا ئىگە قىلدى . يىغىپ ئېيتقاندا : بۇ ئۈچ مۇناپقنى سۆۋېت ئىتتىپاقى ئۆزى تەربىيلىدى  ۋە مەقسەتلىك شىنجاڭغا كىرگۈزدى، ئۆز مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردى . ئەملىيەتتە،بۇلارنىڭ ھەممىسى سۆۋېت ئىتتپاقىنىڭ ئۇيۇنلىرى ئىدى.
بۇ توغۇرسىدا « مەمتېلى ئەپەندى» ناملىق كىتاپتا مۇنداق قۇرلار بار:  « ئاپىرىسوۋ شېڭ شىسەيگە : « دەرۋەقە، خوجىنىيانى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ شۇ ئىككى قانتىنى قايرىۋېتىش كېرەك. (  قۇمۇلدىكى يولۋاس بىلەن قەشقەردىكى مەھمۇتنى دىمەكچى)  بۇنىڭ چارىسىنى ئويلىشىپ قويغانمىز» دەپ سومكىىسىدىن ئۈچ ئادەمنىڭ يېرىم گەۋدىلىك چۈشكەن ئۈچ پارچە سۈرىتىنى چىقىرىپ ، شېڭ شىسەينىڭ ئالدىغا قويغان.
ئاپرىسوۋ بىرىنچى سۈرەتنى قولغا ئېلىپ قۇيۇق بۇرۇت قۇيۋالغان، گۆش يۈلۈك، يالاڭباش، پولتايغان كۆزلۈك قىرىق ياشلار چاممىسىدىكى ئادەمنى سىيىت ھاجى دەپ تۇنۇشتۇرغان؛ ئىككىنچى سۈرەتتىكى كۆزلىرىدىن قۇۋلۇق-شۇملۇق يېغىپ تۇردىغان، تاز چىراي، بادام دوپپىسىنى چۆتۈرۈپ كىيۋالغان، سەل مۇكچىيىپ تۇرتغان ئادەمنى ھاشىم ھاجى دەپ تۇنۇشتۇرغان؛ ئۈچىنچى سۈرەتتىكى ئوتتۇزبەش-ئوتتۇز ئالتە ياشلاردىكى بۈدۈر چاچلىق، سۆرۈن تەلەت،كۆزلىرىدىن  كىبىر ۋە غۇرۇر تەلۋىلىكى چىقىپ تۇردىغان ئادەمنى قادىر ھاجى دەپ تۇنۇشتۇرغان ۋە :
  
-  بۇ ئۈچەيلەننىڭ ھەممىسى مەخسۇس تەربىيە كۆرگەن، ئەمەلىي كۈرەش تەجرىبىسىگە باي، قابىل خادىملار. ئۇلارغا قەتئىي ئىشىنىش مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇرلار، ئۇلار يەرلىك خەلىقنىڭ مىجەز -خۇلىقى ۋە ئۆرىپ-ئادىتىنى ئوبدان چۈشىندۇ دېگەن ئاخىردا، سېيىت ھاجىنى  ئۈرۈمچىدىكى ،ھاشىم ھاجىنى  قۇمۇلدىكى، قادىر ھاجىنى قەشقەردىكى  ساقچى ئورگانلىرىدا ئىشلەتسىڭىز مۇۋاپىق كىلىدۇ، دەپ قۇشۇپ قويغان.
بۇ مۇناپىقلار سۆۋېت ھاكىمىيتى ۋە شېڭ شىسەي ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىپ ئۆز خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۈرەشلىرىنى باستۇرغان، كۈرەش داھىيلىرىنى باشقىلار ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن، ۋە ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇقىنى تېرىپ ئاجىزلاشتۇرغان.ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى خوجىنىياز ھاجى، مەمتېلى تەۋپىققا ئوخشاش دەۋىر ئاۋانگىراتلىرى، بىلىملىك زىيالىيلار سۆۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شېڭ دۇبەن ھاكىميتىنىڭ ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش تاكتىكىسى بۇيىنچەئۆزىمىزدىن چىققان مۇناپىقلارنىڭ قولى بىلەن  ۋەششىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى.  ئاشۇ مۇناپىقلارمۇ ئۆز خوجىلىرى تەرپىدىن ياخشى كۈنگە ئېرشەلمىدى .سىتالىن، شېڭ شىسەيلەر ئۆز مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن بۇلارنىمۇ دوزاققا مەھكۇم قىلدى. ئۇنىڭسىزمۇ خەلقىمىزقەلبىدە ئۇلارنى ئاللاقاچان تارىخىنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلاپ بولغان ئىدى.


مەنبە: ئۆزەم   « شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخدىكى مەشھۇر شەخىسلەر» ۋە « مەمتېلى ئەپەندى» قاتارلىق كىتاپلاردىن پايدىلنىپ يېزىلدى.


ئەسكەرتىش: ئىنكاس يېزىشىڭىز زۈرۈر ئەمەس ! ھىسياتقا بېرىلىپ قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ !!!  ئۆزىڭىزنى، ئۆزگىنى ئاياڭ!!!




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-6 02:44 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 04:33:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرمۇ بىر قانچىسى بار بۇ قان ئىچەر ھاجىلاردىن!

ۋەتەنسىزنىڭ نىمىسى بار؟

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30001
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4521
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2011-2-11
ئاخىرقى: 2014-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 04:39:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلمەسكە كەتكەن تارىخ،قان بىلەن يېزىلغان تارىخ.خائىنلار ئۆز ئىچىمىزدىن چىقىدۇ،ئاشۇ خائىنلار تۈپەيلى بىز مۇشۇ كۈنگە قالغان خەلق،ھېلى ھەم مۇشۇ خائىن،مۇناپىقلاردىن قۇتۇلالمىغاچ مىللىتىمىز بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق يۇقۇلۇشقا قاراپ ماڭماقتا،ئالدى بىلەن يېزىقىمىز،ئاندىن مەدەنىيتىمىز،ئاندىن تىلىمىز،ئۇنىڭدىن كىيىن مىللەت نامىمىز ئۆچىدۇ.

ۋەتىنىڭنى سۆي،مىللىتىڭىنى سۆي،بىرلىك غەلبە،بىز ئىتتىپاقلاشساقلا ئاخىرقى غەلبە بىزگە مەنسۇپ،كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ھۇررا!!!

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1777
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6387
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 5666 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 04:42:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق خائىنلار ھەرقانداق دۆلەت ، مىللەتلەردىمۇ بار . ياپۇنيە جوڭگوغا تاجاۋۇز قىلغاندىمۇ ،خەنلەردىنمۇ مۇشۇ ھاجىلارغا ئوخشاش نۇرغۇن خائىنلار چىققان . مۇناپىقلار ياخشى كۇن كۆرمەيدۇ !!! مەيلى شۇ زاماندىكى مۇناپىقلار بولسۇن ، ياكى ھازىرقى زاماندىكى مۇناپىقلار بولسۇن . ھامان بىر كۇنى ئىتتىنمۇ بەتەر كۇن كۆرىدۇ . شېڭ شىسەيمۇ پايدىلىنىپ بولغان مۇناپىقلارنى  قىيناپ ئۆلتۇرۋەتكەن .

ئادەم ئۆز قىممىتىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ .
AHMATJAN0995 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 04:48:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

خىيالىم.......................

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27432
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5412
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 04:51:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرمۇ چىقىدۇ ئۇنداق ھاجىلاردىن   !

پۇشايمان كۆزگە ھەم سۆزگە ئىشەنمىگەنلىكنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى...!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 04:54:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81031
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3538
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 04:54:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خائىنلار ھەي خائىنلار،مۇشۇنداق خائىنلارنى تۇققان ئانىلارغىمۇ لەنەت !!!خوجىنياز ھەققى پالۋان داھى ئىدى دە.

ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3691
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 04:55:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىت ، ھاجى بولۇپ قالغىنى شۇلارنىڭ ...
ئويغانغان زىمىن رومانىنىڭ ئاخىرىدا  تىلغا ئىلىناتتى بۇ «ھاجى » لار ..

ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3691
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 04:57:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2012-8-4 04:54 PM
قېنى شاپتۇل دىگەن خۇمسى؟ ئۇنى بىرىنجى رەتكە تىزىش كېرە ...

ئۇنى شاپتۇل داموللا دەيدۇ ... ھاجىم ئەمەس ئوخشايدۇ . بولمىسا ئۇ نىڭ ئىشلىرى بىرىنجى رەتكە تىزىلىشقا يىتىپ ئاشىدۇ ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش