بەخىت يېشى
ئاخسا شۇم
ھېكايە
1
كۆزلىرىمنى ئېچىپ ئۇپۇق تامان تىكىلمەكچى بولدۇم ، بىراق كۆزلىرىمنى ئېچىپ كۆرگىنىم ياتاق دېرىزىسىنىڭ سىرتىدىن ماڭا قاراپ جىلمىيىۋاتقان ئاي بولدى ، ئۇ خۇددى مېنى قارشى ئېلۋاتقاندەك تولۇق يۈزىنى ئېچۋەتكەن ئىدى .
جانسىز ئەمما ئىسسىق قولۇمنى يېنىمدا قولۇمغا بېشىنى قويغۇنىچە تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئايالىمنىڭ بېشىغا قويدۇم ، ئۇنىڭ قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرىنى تويماي - تويماي سىلايتتىم ، ئۇنىڭ شۇ چاچلىرىنى سىلاۋاتقىنىمدا بۇرنۇم بىر خىل ئاچچىق بوپ كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش تولدى .
- ئويغاندىڭىزمۇ - ئۇنىڭ قولۇمنى ھارارەتلىك قوللىرى بىلەن سىققىنىچە كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىۋاتقىننى سەزدىم .
- جاپا تارتتىڭ ، ئۆيگە بېرىپ ئۇخلاپ كەلگىن ، ماڭا دادام ياكى ئانام قاراپ تۇرسۇن ، ئۇلارغا تىلفۇن قىلاي - شۇنداق دەپ كارۋات يېنىغا قويۇلغان ئۈستەل ئۈستىدىكى تىلفۇننى ئالماقچى بولدۇم .
- بولدى ئۇلارنى ئاۋارە قىلماڭ ، ئۇلار تېخى بايىلا قايتتى . - ئۇنىڭ ئاتا-ئانامنى ئاياۋاتقىنى ماڭا مەلۇم ئىدى ، بىراق ئۈچ كېچە كۈندۈز ماڭا قاراپ چارچىغىننى ھېس قىلمىغاندەك ماڭا يەنە شۇ چىھرىدىن كۈلكە پارلاتقىنىچە قاراپ تۇراتتى .
دېرىزە سىرىغا يەنە بىر قارىدىم ، دەرىزە سىرتىدىكى ئاي خۇددى ئايالىم بىلەن ھۆسۈن تالاشماقچى بولغاندەك نۇرىنى تېخمۇ چېچىشقا باشلىغان ئىدى ، بىراق ئايالىم مېنىڭ قەلبىمدە ئايدىن گۈزەل ، مىڭ ھەسسە چىرايلىق ئىدى . مەنمۇ ئۇنىڭ قوللىرىنى پۈتۈن مېھرىم بىلەن چىڭ سىقتىم .
2
چاقىلق ئورۇندۇقتا ئايالىمنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن ئۆيگە قاراپ ماڭدۇق ، ئۆيمىز بىلەن دوختۇرخانا ئارلىقىمۇ ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى ، بىراق ماشىنا توسايلى دىگىنىمگە ئۇنىماي مېنى ئىتتىرىپ ماڭماقتا ئىدى .
قولۇم بىلەن تۇيۇقسىز چاقلىق ئورۇندۇقنىڭ چاقىنى چىڭ تۇتۋالدىم ، ئايالىم بۇ تۇيۇقسىز ھەركىتىمدىن ماڭا ھەيران بولغان ھالدا قارىدى .
-مەن ..... مەن ئۆزۈم ئىتتىرەي بولامدۇ ؟ - ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىم ، ماڭا بىر خىل ھەيرانلىق سۇئال ئىچىدە تىكىلگەن كۆزلەرگە لىققىدە ياش تولغان ئىدى .
-نىمىشقا ، نىمىشقا ئۆزىڭىز ئىتتىرىسىز ؟- بۇ سۇئالدىن سەل تەمتىرىدىم ، بىراق ئۇنى بۇنداق جاپاغا قويغۇم يوق ئىدى .
- سېنى جاپاغا قويۇپ قويدۇم ، مېنى كەچۈر - كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش تولغىنىچە شۇ سۆزلەرنى ئارانلا دىيەلىدىم . ئۇ كېلىپ مېنى باغرىغا باستى ، خۇددى ئانا باغرىدا يىغلىغان كىچىك بالىدەك ئۇنىڭ باغرىدا يىغلاپ كەتتىم ، يېنىمزدىن ئۆتكەنلەرنىڭ بىزگە قايسى نەزەردە قاراۋاتقىنى بىلەن ، نىمىلەرنە دىيىشىۋاتقىنى بىلەن ئۇنىڭ ، مېنىڭ خۇددى مۇناسىۋىتىمىز يوقتەك ئىدى .
- بولدى ، قايتايلى بولامدۇ ؟- مەنمۇ بولىدۇ دىگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭىشتتىم .
ئۇ كۆزلىرىدكى ياشنى سۈرۈتكىنىچە چاقلىق ئورۇندۇقنىڭ تۇتقچى بىلەن ئىتتىرگىنىچە ئۆي تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق ، ئۇنىڭ قوللىرنى ئاستا تۇتتۇم ، ھاۋا شۇنچە سوغۇق بولسىمۇ ئۇنىڭ قوللىرى يەنىلا شۇنچە ئىسسىق ، مېھىرلىك ئىدى .
كەچتە ئۇنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرىسىگە چۈشۈپ قالدى ، ئۇ بۈگۈنكى كۈندۈلۈك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازغان ئىدى .
<< ھېكمەت ، سىزنى شۇ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئىتتىرىپ ماڭغاندا ئۆزۈمنى قانچىلىك بەخىتلىك ھېس قىلغانلىقىمنى بىلەمسىز ؟ سىز مېنى بۇ ئورۇندىن ، شۇ ھارىۋىڭىزنى ئىتتىرىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلماڭ ، مەن شۇ ھارىۋىڭىز يېنىدىلا بىر ئۆمۈر بەخىتلىك بولالايمەن ! >>
كۆزلىرىمدىن سىرغىغان ياشنى قانداق توختىتىشىنى بىلەلمەيتتىم . شۇنداق ئۇ مېنىڭ ئايالىم ، مېنىڭ مېھرىبان ، پەرىشتىدىنمۇ مېھىرلىك ئايالىم .
3
ئۆي ئىچىدىن تۇيۇقسىزلا شۇنداق جىمجىت بوپ كەتتى ، ئۇ كۆزلىرىم ئىچىگە تىكىلگىنىچە قولىنى يۇغۇرۋاتقان خېمىردىن خۇددى قولىنى چوغدىن تارتقاندەك تارتتى .
- نىمە دېدىڭىز ؟ مەن ...... مەن خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن ؟ قايتا بىر دەڭا ؟ - ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل غەزەپ ئۇچقۇنى چاقنايتتى . ئۇنىڭ شۇ غەزەپ ئۇچقۇنى چاقنىغان ، قەھىرلىك كۆزلىرىگە قاراشقىمۇ پېتنالمىدىم .
- بىز ..... بىز ئاجىرىشىپ كېتەيلى - گېپىمنىڭ ئايغى ئىچىمدە قېپ قالغان ئىدى . بىراق ئۇ شۇنچە ئېنىق ئاڭلىغان ئىدى .
- سىز .... سىز نىمە بولدىڭىز ھېكمەت ؟ بۇنداق ئەمەس ئېدىڭىزغۇ ؟ - ئۇ كۆزلىرىمگە سۇئال نەزىرى بىلەن قادالدى ، شۇ كۆزلەردىن كۆزۈمنى ئەپ قاچالمايتتىم .
- خىزمەق قىلمىساڭ تېخى گۈلسۈم ، ماڭا قارىمىساڭ تېخى ، سېنى بۇنداق قىينىسام بولمايدۇ ، ماڭا قارا مەن سېنى بەخىتلىك قىلىمەن دەپ ئۆز ئەمىرىمگە ئالغان ، ھازىرچۇ ؟ قېنى ئۇ بەخىت ؟ سېنى مۇشۇ ماڭالماس پۇتلۇرۇم بىلەن قانداقمۇ بەخىتلىك قىلالايمەن ؟ سېنى يەنە جاپاغا قويغۇم يوق گۈلسۈم ، بىز ئاجىرىشىپ كېتەيلى ، سەنمۇ يەنە بىر قېتىم بەختڭنى ئىزدەپ باق !
ئۇ بۇقۇلداپ يىغلايتتى ، ئۇنىڭ بۇ يىغىسىدىن نەقەدەر ئازاپلىنىۋاتقانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى ، چاقىلق ھارىۋىنى ياتاق ئۆي تەرەپكە بۇرۇدۇم .
- ھېكمەت - ئۇنىڭ بۇ ئاۋازىدىن ھارۋىنى ئارقا تەرەپكە بۇرۇدۇم - مەن سىزگە ساق ۋاقتىڭىزدا تەگكەن ئەمدى سىز ئاجىرشايلى دەۋاتسىز . بوپتۇ سىز ھارىۋىدىن تۇرۇپ مېڭىڭ ، مەن سىزگە تەگكەن ۋاقتىمدىكىدەك مېڭىپ بېقىڭ ، مەن شۇندىلا سىز بىلەن ئاجىرشىمەن . شۇندىلا باشقىلار ھېچ نىمە دىمەيدۇ ، مىيىپ ئىرىدىن تاندى ، كېسەل بېقىشتىن قاچتى دىگەن گەپلەرنى دىمەيدۇ . ھېكمەت قېنى تۇرۇپ مېڭىپ بېقىڭ ، مېڭىڭە ، مانا مەن شۇندىلا سىز بىلەن ئاجىرشىمەن ، ئەگەر ھازىر ئاجىراشساق دادام ، ئانام نىمە دەر ، مەن ھايۋان بېقىپتىمەن دىمەسمۇ ؟
- ماڭا بۇنداق گەپلىرىڭ ئاقمايدۇ گۈلسۈم ، مەن ئاجىرىشىمەن دېدىممۇ ، ئاجىرىشىمەن .
ھارىۋىنى يەنە ياتاق ئۆي تەرەپكە بۇرماقچى بولۇپ ھارىۋىنىڭ چاقلىرىغا قولۇمنى ئاپاردىم .
- ھېكمەت ، ئەمسە بالىڭىزچۇ ، ئۇنى مۇشۇنداق تىرىك يېتىم قىلماقچىمۇ ؟
قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيتتىم ، ھارىۋىنىڭ چاقلىرىدىن قولۇمنى تارتتىم ۋە گۈلسۈمگە قارىدىم .
- قايسى بالا ؟ - ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدىم .
- ئىككىمىزنىڭ بالىسى ، بويۇمدا باركەن . - قۇلاقلىرىمغا يەنە ئىشەنگۈم كەلمەيتتى .
- نىمە ؟ سەن مېنى ئالداپ ئاجىراشمايلى دىمەكچىمۇ ؟ مەن ئۇنداق ئەخمەق ئەمەس .
ئۇ قەيەردىندۇر بىر نەچچە ۋاراقنى كۆتۈرۈپ چىقتى ، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . راست ، مەن دادا بولىدىكەنمەن ، 4 ئايدىن ئېشىپ قاپتۇ .
- گۈلسۈم ، بۇنى ماڭا نىمىشقا ئېيتمايسەن ؟ بۇرۇنراق ئېيتساڭ بولمامدۇ .
- يەنە ئاجىرشامدۇق ، ھېكمەتجان .
- ياق ، جېنىم ، ياق .
ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە بوينۇمغا گېرە سالدى . مەن بەخىت ئىچىدە ئۇنى قۇچاقلىماقتا ئىدىم .
- بۇندىن كىيىن نىمە ئىش يۈز بېرىشتىن قەتىينەزەر بۇنداق گەپنى دىمەڭ بولامدۇ ؟
- قەتتى ، ئەمدى ھەرگىز بۇنداق گەپنى دىمەيمەن .
بۇ خۇشاللىق ئىچىمگە پاتىدىغاندەك قىلمايتتى .
- توختا ئۆيدىكىلەرگە دادا بولدىغىنىمنى دەپ قوياي .
كۆزلىرىم لىق ياش بولغاچقا تىلفۇندىكى نۇمۇرلارنى كۆرەلمەيتتىم .
-ئۇلار بىلىدۇ ، مەن ئۇلارغا دەپ بولغان .
كۆزلىرىمدىكى ياشلارنى سۈرتەلمەيتتىم ، بەخىت يېشى بۈگۈن قانچىلىك ئاقساڭ ئېقىۋال ، مەن بۈگۈن بەك خۇشال . بەخىت .
4
باغچىدا كېتىپ بارىمىز ، قىزىم يېنىمدا چۈچۈك تىللىرى بىلەن مەكتەپتە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ ئايالىم بىلەن ئىككەيلەننى كۈلدۈرگىنىچە كېتىپ باراتتى . قىزىم تۇيۇقسىز
- دادا سىز نىمىشقا دائىم ئورۇندۇقتا ئولتۇرسىز ، ئانام سىزنى ئىتتىرىپ ماڭىدۇ ؟ - دەپ سوراپ قالدى . بۇ سۇئالغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشىمنى بىلەلمەي قالدىم . تاسادىپپىي بىر قاتناش ھادىسىدە مۇشۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالغىنىمدىن ئۆزۈممۇ نەچچە - نەچچە پۇشمان قىلغان ئىدىم .
- قىزىم ، دادىڭىز مېنى بۇرۇن خېلى كۆپ ئىتتىرگەن ، ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلدى ، ئەمدى مەن ئىتتىرىمەن . ئەمدى بىر ئۆمۈر ئىتتىرسەممۇ دادىڭىز ئىتتىرگەننىڭ يېرىمىنى ئىتتىرىپ بولالمايمەن قىزىم .
قىزىم ئايالىمنىڭ قولىغا ئېسلىۋېلىپ
- ئەكىلىڭ ئانا ، مەنمۇ ئىتتىرىمەن ، دادامنى بىللە ئىتتىرەيلى ، يالغۇز ئىتتىرىپ ھېرىپ كەتكەنسىز ؟
بىر قولۇمدا ئايالىمنىڭ ، يەنە بىر قولۇمدا قىزىمنىڭ قولىنى تۇتتۇم ، بىلىمەن ، ئايالىمنىڭ كۆزىمۇ بۇ چاققا مېنىڭكى بىلەن ئوخشاش ياشقا تولغاندۇ ، بۇ بەخىت يېشى . مانا بۇ مېنىڭ بەخىتلىك ئائىلەم . مەن مۇشۇنداق بەخىتلىك بىر ئائىلەمنىڭ بولغىنىدىن بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىمەن . ماڭا مۇشۇنداق بەخىتلىك بىر ئائىلىنى بەرگەن ئاللادىن ، گۈلسۈمدىن پەخىرلىنىمەن .
5
تۇپراق بېشىدا ، ئۆىرنىڭ ئاخىرىغىچە ماڭا ھەمراھ بولغان ئايالىمنىڭ تۇپراق بېشىدا يەنە شۇ ھارىۋادا ئولتۇرىمەن . قىزىممۇ كۈيئوغلىممۇ يېنىمدىلا تۇراتتى .
- دادا ، قايتايلىمۇ ؟
-قايتايلى !
قىزىم ھارىۋىغا قولىنى سوزىشىغا كۈيئوغلۇم
-بولدى ، سىز ئىتتىرىپ ھارغانسىز ، ماڭا بېرىڭ ، مەن ئىتتىرەي .
-ھارغانسىز ؟ بىلىپ قويۇق ئەدھەم ، ئۇ مېنىڭ دادام ، ئۇنى ئۆمىرىمنىڭ ئاخىرغىچە ئىتتەرسەممۇ ھارمايمەن .
قىزىم شۇنداق دىگۈنىچە ھارىۋىنى ئىتتىرىپ مېڭىپ كەتتى . كۆزلىرىمگە يەنە لىققىدە ياش ئالدىم .
ئىچىمدە شۇلارنى ۋارقىراپ تۇرۇپ شۇلارنى ئېيتىشنى ئويلايتتىم .
<< گۈلسۈم ، ساڭا رەھمەت ، ماڭا شۇنداق بىر قىزنى قالدۇرۇپ قويغۇنىڭغا رەھمەت ، ماڭا شۇنداق بىر قىز تۇغۇپ بەرگىنىڭگە رەھمەت ، مېنى ساقلا گۈلسۈم ، مەنمۇ پات يېققىندا بارىمەن ، ئۇ دۇنيادا مەن سېنى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئىتتىرەي بولامدۇ ؟ كىيىنكى ئۆمۈرۈمدە پەقەت بىرلا تەلۋىم بار گۈلسۈم ، مېنى شۇ بەخىت تۇيغۇسىغا چۈمگىلى قويغىن بولامدۇ ؟ مېنى قارا نىيەتكەن ، ساق ئادەمنى ھارىۋىدا سۆرەپ نىمە قىلىسىز دەپمۇ سورىماڭ ، بولامدۇ ؟ مېنى شۇ سىز ئولتۇرغان چاقلىق ئورۇندۇقىڭىزنى ئىتتىرگىلى قويۇڭ كىيىنكى ئۆمىرىمدە بىر ئۆمۈر سىزنىڭ شۇ ھارىۋىڭىزنى ئىتتىرىپ ئۆتەي بولامدۇگۈلسۈم ؟>>
توپا توزۇتقۇنىمىزچە قەبرىستانلىقتىن يىراقلاپ كەتتۇق . بىراق مەن شۇ قەبرىستانلىققا بۇرۇنقىدىن يېقىنلاۋاتاتتىم . قوياش ئەتراپنى قىزىتقىنىچە يەنە كۈندىلىك مەشغۇلاتىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى .
قىزىم قولۇمنى سىلىغىنىچە
- دادا ، خاتىرجەم بولۇڭ ، قېشىڭىزدا مەن بار . قېشىڭىزدا ئەدھەم ئىككىمىز بار .
گۈلسۈمگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتتىم ، مېنى شۇنزىۋىلا بەخىتكە ئېرىشتۈرگەن شۇ گۈزەل ، پەرىشتىدەك ئايالىمغا مىڭلاپ رەھمەت ئېيتقۇم ، ماڭا مۇشۇنداق بىر گۈزەل بەخىتنىڭ تەمىنى تېتىقىنىغا ، ماڭا شۇنداق گۈزەل مىنۇتلارنى ، بەخىتلىك مىنۇتلارنى ئاتا قىلغىنىغا رەھمەت ئېيتقۇم كېلەتتى . بىراق ئۇنىڭغا قانچە رەھمەت ئېيتساممۇ بۇ رەھمەتلىرىم ئۇنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنىڭ ئوندىن ، يۈزدىن ، ھەتتا مىڭدىن بىرىگە تەڭ بولمايتتى . مەنمۇ قىزىمنىڭ قولىنى چىڭ سىقتىم ، كۆزلىرىمدىن ياق قىزىم بىلەن ئىككەيلەننىڭ كۆزىدىن بەخىت ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلمەكتە ئىدى .
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى
مەنبە : ئۆز قەلەم