مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 937|ئىنكاس: 10

تەغدىر (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73690
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3353
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 02:26:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      قەھىرتاننىڭ  سوغۇق  شامىلى كىشىنىڭ يۈزىگە نەشتەردەك سانجىلاتتى، ئەكرەم سوغۇقتا قاتتىق بىر-ئىككىنى يۆتۈلۋىتىپ چاپىنىنى تېخىمۇ چىڭ يۆگەشكە باشلىدى.ئۇ قەدەملىرىنى ئىتتىك ئېلىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.ئۇ خىيالىغا ئىسسىق ئۆيىنى ۋە لىققىدە كۆمۈر سېلىنغان مەشنىڭ يىنىدا ئولتۇرغان ھالىتىنى ئەسلەيتتى.شۇنداق ئويلارنى ئويلىغاندا بەدىنىنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئېسسىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى.ئەكرەم مانا مۇشۇنداق خىياللار بىلەن ئۆيىگە كەلدى.لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۆيىدە ھىچكىم يوق ئىدى.ئۆينىڭ ئىچى تالادىنمۇ سوغۇق ئېدى.ئۇ ئىچىدە غۇدۇڭشېغاچ ئۆ يگە ئوت سېلىشقا باشلىدى.

6يىلنىڭ ئالدىدا ئەكرەمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ  ، سوتنىڭ بۇيرىقى بويېچە ئاپىسىغا قالدۇرۇلغانىدى. دادىسى ھەر ئايدا تۇرمۇش پۇلى ئۈچۈن250يۈەن بېرەتتى.بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئازغىنە 250يۈەن يېتەمدۇ؟لېكىن ئامال يوق،يەنە بارلىق ئېغىرچىلىقنى   كۆزلىرىدېن غەمكىنلىك چىقېپ تۇرىدىغان ئانىنىڭ زىممىسىگە ئاتىلغانىدى. ئانا ئەتىگەن سائەت 3دە چىقىپ كوچا سۈپۈرەتتى   ۋە كۈندۈزى بىر دۇكاندا ئېشلەيتى ئەكرەم ھەر دائىم:‹ئاپا سەن بەك جاپا چىكىۋاتىسەن ، مەن ياخشى ئوقۇپ سېنى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۇرىمەن›دېگىنىدە سەلىمە ھەدىنىڭ  كۆزى ئىسسىق ياشقا تولاتتى. ئۆزىنىڭ ئوقىمىغىنىغا پۇشايمان قىلاتتى.شۇندىمۇ ئوغلىنىڭ مۇشۇنچىلىك گەپلەرنى قىلغىنىغا خوشال بولاتتى.                     
ئەكرەم ئۆيگە ئوتنى سىلىپ خىلى ئىسسىتىپ قويغانىدى.بىردەمدىن كېيېن ئىشىك ‹غىچ› قىلىپ ئېچىلىپ سەلىمە ھەدە كىرىپ كەلدى.ئەكرەم دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ :‹ئاپا كەلدىڭىزمۇ ؟ نەگە كەتتېڭىز ؟مىنى بەكلا ئەنسىرەتتىڭىز.›دىدى ۋە سەلىمەنىڭ  قولېدىكى سومكىنى ئالماقچې بولۋېدى لېكىن سەلىمە:‹ بولدى بالام تەكرارىڭنى قېلغىن› دەپ سومكىنى تۇتقۇزمىدى.
  - نىمە يىگۈڭ بار قوزام ؟ مەن تەييارلاپ بېرەي- دېدى سەلىمە.

-لەغمەن- دېدى  ئەكرەم .

- بولىدۇ ، سەن  ئاۋۋال تاپشۇرۇقۇڭنى ئىشلە، مەن تەييارلىق قىلاي.- دېدى. ئەكرەم تەكرار قىلغاچ ئاپېسىدىن :‹ئاپا بايام نەگە باردىڭىز دېدى.  سەلىمە ھۇدۇققىنىدىن قىلىدىغان گىپىنى تاپالمايۋاتاتتى. ئەجىبا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاق قان كىسىلىگە گىرىپتار بولغىنىنى ئەكرەمگە دېيىش كىرەكمۇ؟ ياق ئۇنداق دىسە بولمايدۇ  ئۇنىڭ ئۈگېنېشىگە تەسىر يېتېدۇ. ئۇ نۇرغۇن خېياللارنى  قىلدى. نىمە دىيىش كىرەك؟ ئۇ شۇخىياللار تەرىقېدە قولېدىكى سۇنى چەينەككە قۇيۇپ چەينەك تىشىپ كەتكەنىدى .ئەكرەم :‹ئاپا سىزگە نىم بولدى ؟›دېگەن گىپىدىن ئاندىن ئەس - ھوشېنى تاپتى ۋە ھە ..ھە بايام زورەم موماڭ چاقىرىپتىكەن شۇ يەرگە  كىردىم دىدى . ئەمەلېيەتتە ئۇ دوختۇرخانىغا بارغانىدى.يىقىنقى بىر نەچچە كۇندىن بىرى بۇرنى تولا قاناپ ،بېشى قېيىپ پەقەتلا مىجەزى يوق ئىدى.شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۇرۇتكەنىدى .قان تەكشۇرۇش نەتىجىسىدىن  ئۇنىڭ ئەگەر مۇۋاپىق يىلىك تېپىلمىسا ئۇزاق  ياشېيالمايدىغانلىقى چېقتى مۇۋاپىق يىلىك تىپىلغان تەغدىردىمۇ 100مىڭ يۇەننى نەدىن تاپىدۇ بۇ مۇ  بىر غەم ئېدى.ئۇ شۇ تېگې يوق خېياللار بېلەن لەغمەننى قانداق ئەتكىنىنىمۇ بىلمىدى.                                                                                          
ئەكرەم ئاپىسىنىڭ يىنىغا كىرىپ ئەركىلەپ تۇرۇپ :‹ئاپا تاماق پېشتېمۇ؟دېدى.سەلىمە ‹مانا قوزام تەييار بولدى›دېدى.ئۇ بىر تەخسە لەغمەننى سىلىپ ئەكرەمنىڭ ئالدىغا قويدى.ئۇ ئەكرەمنڭ يېنىغا  كېلىپ ئۇنىڭ تاماق يېيىشىغا قاراپ ئولتۇردى ھەم كۆزىدىن قانداق ياش چىىقىپ كەتكېنىنىمۇ سەزمەي قالدى.ئەكرەم يەۋاتقان تامېقېنى قويۇپ ئاپىسىنىڭ يىنىغا كەلدى ۋە :‹ئاپا بۇگۇن  سېزگە نېم بولدى ؟بۇگۇن سىز غەلىتە بولۇپ قاپسزغۇ؟دېدى.ئانا كۆزدېكى ياشنى يۈشۇرالمىدى.سەلېمەنىڭ كۆز ئالدى تۇيۇقسىز قاراڭغۇلىشىپ ھۈشېدىن كەتتى .ئەكرەم مېڭ تەسلېكتە ئاپىسىنى يۆلەپ ياتقۇزۇپ قويدى .ئۇ تولىمۇ قۇرقۇپ يغلاپ كەتتى .سەلىمە بىردەمدىن كىيىن ھۇشىغا كىلىپ ئەكرەمنى باغرىغا بېسېپ يىغلاپ كەتتى.ئەكرەم تۇيۇقسېز يۇز بەرگەن ئېشلاردېن نېمە قىلارىنى بىلمەي تولۇمۇ گاڭگىراپ قالدى.سەلىمە شۇ ياتقىنىچە بىراقلا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى . ئۇنىڭ تىنى كۇندىن كۇنگە  ئاجېزلاپ كىتىۋاتاتتى. ئەمدى ئۆينىڭ پۇتۇن ئېغىر -يىنىك ئېشلىرىنىڭ ھەممىسى ئەكرەمگە قالغانىدى. ئەمدىلا 14-15نىڭ قارىسىنى ئالغان ئەكرەم بۇ ئېشلارغا بەرداشلېق بېرەلمىدى.
    ئارىدىن 10نەچچە كۇن ئوتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن يغا-زار ئاۋازى ئاڭلاندى.بۇكۇن يەنى2.24كۈنى ئەكرەم ئۇچۇن قېيامەت بولدى.چۇنكى ئۇنىڭ ئەڭ سۇيۇملۇك ،ئەڭ مېھرىبان ئاپىسى بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۇك خوشلاشغانىدى. ئەكرەم يىغلاپ-قاقشاپ يۈرۈپ ئاپىسىنى يەرلىككە قويدى.ئۇنىڭغا ئاپىسىنىڭ ئۆ لۈمى خىلىلا ئېغىر كەلگەنىدى.  قوشنىلىرى ئەكرەمگە تەسەللىي بىرىپ بىر-بىرلەپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى. شۇ مەھەللىدە ئەكرەمنىڭ بىردىن-بىر تۇققىنىزورەم ھەدە بار ئىدى لىكىن ياشقا چوڭ بولۇپ قالغاچقا ئۆز ھۆددىسىدىن ئاران چىقاتتى،زورەم ھەدە ئەكرەمنى ئۆز ئۆيىگە ئەكىرۋالدى،ئەمما ئەكرەمنىڭ ئازاپلىرى بۇنىڭلىق بىلەن ھىچبىر يىنىكلەيدىغاندەك قىلمايتتى.ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كەتكىنىگە  ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى لىكىن تەقدىرگە بوي سۇنماي ئامال قانچە دەيسىز؟  بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئەكرەم مەكتەپكە باردى، ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىش نەزىرىدە قارايتتى.ئۇ كەچتە مەكتەپتىن قايتقاچ ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتتى،ئۇنىڭ خىيالىدا ئانام مۇشۇنداقلا تۈگەپ كەتتىمۇ دىگەن سوئال ھۆكۈم سۈرەتتى.ئۇ ئىشىكتىكى قۇلۇپنى ئىچىپ ئۆيگە كىرىپ ئاپىسىنىڭ «كەل قوزام،قورسىقىڭ ئاچتىمۇ؟»دىگەن گەپلىرى يادىغا يىتىپ، ئاپا ئاپا .....دەپ ئىسەدەپ كەتتى.ئوتى ئۆچكەن مەشكە قاراپ: «ئەمدى ساڭا ئوت قالايدىغان ئاپام يوق» دەپ پىچىرلاپ قويدى.ئۇنىڭ كۆزى تۇيۇقسىزلا ھېلىقى كۈنى ئاپىسى كەچ قالغاندا ئاپىسىنىڭ قولىدىن ئالماقچى بولغان سومكىغا چۈشتى،ئۇنىڭ كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولۇپ دەرھال سومكىنىڭ ئاغزىنى ئاچتى،دەرۋەقە سومكىنىڭ ئىچىدە قارا تاشلىك خاتىرە دەپتەر بىلەن  دورىلار بار ئىدى ،  ئۇنىڭ خىيالىغا نۇرغۇن چىگىش سوئاللار كەلدى ۋە ئالدىراپلا خاتىرىنى ئاچتى.ئۇ خاتىرىنىڭ بىرىنچى بىتىگە مۇنۇ قۇرلار يىزىلغانىدى:  بۇ دۇنيا نىمانچە تار، خۇددى پۈتكۈل بەخىتسىزلىك ماڭىلا كەلگەندەك،ھەي تەقدىر،كاج تەقدىر !  ئۇ يەنە بىر بەتنى ۋاراقلىدى........كۆز ياشلىرىنىڭ خاتىرىنى ھۆل قىلىۋەتكىنىنىمۇ سەزمىدى،ئۇ خاتىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىتىنى ئاچقىنىدا يۈرىكى ئەنسىز سېلىپ كەتتى، «بۈگۈن 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ،دوختۇرنىڭ قويغان دىئاگونوزىنى ئاڭلاپ قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم ،ئاق قان ، ئاق قان راكى،ئاھ خۇدا ماڭا نېمە كەلگۈلۈك بۇ ،يۈرەك پارەم ئەمدى قانداقمۇ قىلار؟» ئەكرەم ئاخىرىنى ئوقۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى،ئۇنىڭ يۈرىكى بەرداشلىك بىرەلمەيۋاتاتتى،ئۇ دەرھال سومكىدىكى دورىلارنى ئىلىپ چۈشەندۈرۈلىشىنى ئوقۇشقا باشلىدى،ئوخشاشلا ئاق قان راكىغا ئىشلىتىلىدۇ دەپ يىزىلغانىدى،ئەكرەمنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى.كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە ئىدى،يۈرىكىدىكى ئۆكۈنۈش ئۇنى ھەر ۋاقىت ئازاپلايتتى.
ئارىدىن بىر ئايچە ۋاقىت  ئۆتتى، ئەكرەم بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ مەھەللىسىگە كىرىشىگە زورەم ھەدىنىڭ ئۆيى ئالدىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ توپلاشقىنىنى كۆرۈپ ئۆزىنى ھويلىىغا ئاتتى دەرۋەقە،ھويلىدىن مۇسىبەت نىداسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى،ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى يەنە بىر تۇققىنى زورە ھەدىمۇ ئۇنى تاشلاپ كەتكەنىدى،شۇ ئەسنادا كۆز ئالدى قاراڭغۇلۇشۇپ يىقىلىپ چۈشتى .
ئەكرەم ئويغۇنۇپلا «زورەم موما،موما» دەپ يىغلاپ سالدى،دادىسى يىنىدا ئەكرەمگە تەسەللىي بەرمەكتە ئىدى،ئەخمەت ئوغلىنى باغرىغا چىڭ باسقىنىچە ئەمدى مەن سېنى يالغۇز قويمايمەن دېدى.
ئەخمەتنىڭ ھازىرقى ئايالى خۇرشىدە ئاقكۆڭۈل ،كۆيۈمچان ئايال بولسىمۇ ئەمما ئەكرەمنىڭ نەزىرىدە يەنىلا ئۆگەي ئانا ئىدى،دەسلىپىدە ھە دىسىلا ئاپسىسىنىڭ سۈرىتىگە قاراپ كۆز يىشى قىلاتتى،ئۇزاق تۈنلەردە ئاپىسى بىلەن خىيالەن مۇڭدىشاتتى.ھەر يىلقى ھېيىت -بايراملاردا  يىڭى كىيىم كىيەلمىسىمۇ ئەمما ئانىسى يىنىدا بولغاچقا خوشال ئىدى ،بۇ يىل گەرچە ئۈستىبىشى يىڭىلانغان بولسىمۇ ئەمما كۆڭلى يەنىلا يىرىم ئىدى.
مانا بۈگۈن قۇربان ھېيىت، ئەكرەم دادىسى بىلەن بىللە ھېيت نامىزىغا چىقتى، جامائەت دۇئاغا قول كۆتۈرگەندە ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئۇزاقتىن-ئۇزاق دۇئا قىلدى،ئۇلار مەسچىتتىن چىقىپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ يول ئالغاندابىر نېمىلەرنى دىمەكچى بولۇپ  دادىسىغا مەنىلىك قاراپ قويدى،«دادا،دىدى ئۇ يەرگە قاراپ تۇرۇپ بۈگۈن ھىيىت بولغاندىكىن ئاپامنى يوقلاپ كىلەيلىچۇ،ئۇنى بەك سىغىندىم »دېدى ۋە ئۈمىدلىك كۆزلىرىنى دادىسىغا تىكتى،دادىسمۇ ناھايىتى تىزلا ماقۇل بولدى،ئۇلار قەدەملىرىنى قەبرىستانلىق تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.                                                                              
     ئەكرەم ئاپىسىنىڭ  قەبرە  ئالدىغا كىلىپ ئۆزىنى تۇتىۋالالمىدى .ئاپا ...ئاپا..ئۇنىڭ بۇلاقتەك كۆزىدىن ياش تامچىلاپ مەڭزېنى بويلاپ ئېقىپ چۇشمەكتە.ئۇنىڭ ئۆپكىسى ئۆرلەپ ئاغزىغا گەپمۇ كەلمىدى.ئەخمەت ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ :«ئوغلۇم ئەمدى ماڭامدۇق؟ يەنە ئۆيگە بىرىپ قۇربانلىق قىلىمىز ئەمەسمۇ؟»دېدى.لىكىن ئەكرەمنىڭ بۇيەردىن زادىلا كەتكۈسى يۇق ئىدى.ئۇلار جىمجىت قەبرىستانلىقنى قالدۇرۇپ ئاۋات مەھەللە تەرەپكە قاراپ يول ئالدى .ئاپىسىنىڭ قەبرە بىشىنى يوقلاپ كىلىپ كۆڭلى ئازراق بولسىمۇ سىغىنىشتىن خالاس بولغانىدى.
    ئۇ مۇشۇ قۇربان ھىيىتتا 500يۇن يىغدى .ئەكرەم ئۆمرىدە 500يۇەن ئەمەس 5يۇەننىمۇ ئارتۇقچە خەجلەپ باققان بالا ئەمەس ئېدى .ئاپىسى ھايات ۋاقتىدا ئۆيىنىڭ خىراجەت پۇللىرىنى سالىدىغان .ئۇ ئاۋايلاپ500يۈەننى شۇ ساندۇققا سالدى ۋە ئاچقۇچىنى بوينىغا ئېسىۋالدى.
      سۇبھى كۆتۇرۇلۇپ شەپەق ئولتۇرۇپ مانا مۇشۇ تەرىققىدە كۇنلەر ناھايىتى تېز ئۆتمەكتە.كۈز ئايلىرىنىڭ مەيىن شامىلى ئادەمگە ئارام بەخىش ئاتا قىلاتتى.بىر كۇنى ئۇ ئاپىسىنى ئەسلەپ قالدى. ئۇ چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ئۆيگە قايىتماي ئاپسىنىڭ قەبرە بېشىغا بىرىشنى قارار قىلدى .ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر يەكشەنبە كۈنىدىكى ئىش كەلدى مەلۇم بىر يەكشەنبە كۈنى ئاپىسى بىلەن بازارغا بىرىپ ئاپىسىنىڭ بىر دۇكاندىكى شارپىنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقى ئەمما باھاسىغا كىلىشەلمەي چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئىسىگە ئالدى .ئەكرەم چۈشتە مەكتەپتېن قويۇپ بەرگەندە ئۇچقاندەك ئۆيىگە قاراپ چاپتى ۋە ھىلىقى ساندۇقتېن100يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى ئېلىپ دەرھال ھېلىقى دۇكانغا باردى . دەرۋەقە ئۇ شارپا تېخىچە شۇ يەردە ئېسىقلىق ئېدى . ئەكرەم ئۇ شارپىنى 20يۈەنگە ئېلىپ ئاپسىنىڭ قەبرىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى .ئۇ خىيالىدا ئەگەر ئاپام ھايات چىغىدا بۇ شارپىنى چىگگەن بولسا چوقۇم پەرىشتىلەردەك چىرايلىق بولۇپ كىتەتتى دەپ ئۇيلىدى.ئۇ شۇ خىياللار بىلەن ئاپىسىنىڭ قەبرە بىشېغىمۇ كىلىپ قالغانىدى.ئەكرەم ئاپىسىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا تىزلىنىپ  يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلدى.ۋە«ئاپا سەن مىنى نىمە ئۈچۈن بۇ رەھىمسىز دۇنياغا تاشلاپ كىتىسەن ؟سەن ئۇنچىلىك باغرى تاش ئەمەستىغۇ؟سەن مىنى ياخشى كۆرەتتىڭغۇ؟نىمە ئۇچۇن مىنى يىنىڭغا بىللە ئېلىپ كەتمەيسەن؟سەن دائېم ئېككىمىز ئايرىلمايمىز دەيتىڭغۇ؟ ئاپا مىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكىن دەپ يىغلايتتى.ئەمما ئۇنىڭ سوئاللىرى جاۋاپسىزلا قالدى.قەبرىستانلىقتىكى دەرەخكە قونىۋالغان قۇشلارمۇ ئەكرەمگە ئىچ ئاغرىتقاندەك ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى.ئۇ ياشلىرىنى سۇرتىۋىتىپ :«ھە راس ئاپا ساڭا ئۆتكەندە سەن ياخشى كۆرۇپ قالغان شارپىنى ئالغاچ كەلدىم.ساڭا چوقۇم يارىشىدۇ»دېدى .ئۇشارپىنى قەبرە ئالدېدىكى دەرەخكە چىىگىپ قۇيۇپ ئاپىسىغا بارلىق دەتلىرىنى تۆكۇپ خىيالەن مۇڭداشتى.ئۇنىڭ بۇ يەردىن كەتكۇسى يوق ئېدى ئەمما ئۇ يەنە مەكتەپكە بىرىشى كىرەك. ۋاقىتمۇ خېلى بىر يەرگە بارغانىدى ئۇ ئاپىسى بىلەن خوشلىشىپ مەكتەپكە ماڭدى.
  كۈنلەر ئايلارنى ئايلار يىللارنى قوغلاپ ئۆتمەكتە .ئەكرەمنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئېمتىھان بېرىدىغان ۋاقتىمۇ كىلىپ قالدى .ئۇ تىخىمۇ تىرىشتى ئاپىسىغا قىلغان ۋەدېسى ئۇچۇن بولسىمۇ تىرىشتى گەرچە ئۇنىڭ ئاپىسى يېنېدا بولمىسىمۇ ئەمما ئۇ ئۆز-ئۆزىگە :«مەن دىگەن ئوغۇل بالا قەلغان ۋەدەمگە ئەمەل قىلىشىم كىرەك» دەيتتى.ئاخىرى كۇتكەن كۇنمۇ كەلدى .ئەكرەم ئېمتىھاننى پۇتۇن كۇچى بىلەن بەردى .ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئالىي مەكتەپنىڭ نەتىجىسىمۇ چىقىپ چاقىرىق قەغىزى كەلدى . ئۇ ئارزۇسىدىكى شىنجاڭ تىببى ئونۋىرىستىتىغا ئۆتكەنىدى.ئۇنىڭ خوشاللىقىغا ھىچنىم توغرا كەلمەيتتى .ئۇچاقىرىق قەغىزىنى كۆتۇرۇپ يۇگۇرۇگىنىچە ئاپىسىنىڭ قەبرىسىگە كەلدى .ئۇنىڭ كۆزلېرىدىن ياش ئاقماقتا .بۇ خوشاللىق ياشلىرى ئېدى.ئۇئاپىسىغا «ئاپا مەن ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم خوشال بولدىڭىزمۇ؟ ئاپا دېدى يىغلاپ تۇرۇپ .ئارىدىن 5يىل ئۆتتى ئەكرەم ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ ئارزۇسىدەك دوختۇر بولدى.ئۇ ھەربىر ئاق قان كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالىدى .چۇنكى ئۇ يەنە بىر ئادەمنىڭ مۇشۇ كېسەلنىڭ قۇربانى بولۇشىنى خالىمايتتى.ئۇ ھەر ھىيېت بايراملاردا ئاجىزلارنى يىتىملارنى يوقلاپ تۇردى.ئەكرەم يەنە2 يىتىم بالىنى بىقىۋىلىپ ئۇلار بىلەن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۇردى.

                                         مەنبە؛ ئۆزۈم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-4 02:34 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
qunaxun + 10 بۇ ھىكايىما ؟

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83084
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3978
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2012-7-27
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 02:46:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن

ئېيىق ئادەم بولمايدۇ مىڭ يىل يۈدۈپ باقساڭمۇ؛ يەرگەپاتماس شوينىنى بازغان بىلەن قاقساڭمۇ؛ ئىچىڭ قارا بولسا  گەر ئاقارمايسەن ئۆلگۈچە؛ناشتىلىققا سوپۇن يەپ دەريالاردا ئاقساڭمۇ..........

چەكلەنگەن ئەزا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78512
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3899
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2012-4-8
ئاخىرقى: 2012-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 02:48:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەكرەمجاننى،ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلپ قويغان بولساق،تازا بەلەن بولاتتىكەن.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   guzelim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-4 02:49 PM  


چەكلەنگەن ئەزا   سۆز قىلىش چەكلەندى!   قۇلۇپلانغان
تەۋپىق ئىسلام تورى www.tewpik.com
kishi mini kishi dise`kishi bilen kishi Ishim ،kishi mini kishi dimise`kishi bilen nime Ishim~

♥ غۇرۇرلۇق بول ئۇيغۇر بولساڭ ♥

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 1848
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6174
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2158 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 03:10:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىككەن راسلا ، بىر نەچچە تامچە يىغلاپمۇ سالدىم تىخى ، ھىكايىدە تەسۋىرلەنگەن ئەكرەم ئاتلىق بالا تولىمۇ پەزىلەتلىك ، ئەخلاقلىق تەسۋىرلىنىپتۇ .

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25831
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3130 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 03:25:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىلىمۇ « كۆزىدىن ئايرىغاننى ھاسىدىن ئايرىماپتۇ » دىگەندەك ، ئانىسىدىن ئارىسىمۇ دادىسىدىن ئايرىماپتۇ ، بۇمۇ بىر تەلەي

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3800
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 04:01:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىختىيارسىز  يىغلاپ  كەتتىم............

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 04:21:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەقدىر !!~~بىراۋلارنى ئەللەيلەپ،بىراۋلارنى پەپىلەيدىغان يەنە بىراۋلارنى تۇرمۇش ئوچاقلىرىدا تاۋلايدىغان،يەنە قانداقتۇر بىراۋلارنى قان-قان يىغلىتىدىغان شۇنداق بىر تەقدىر!!!

تولىمۇ تەسىرلىك چىقققان ھىكايە ئىكەن!!!قەلەملىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!!!

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 04:31:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىككەن

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 821
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8031
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 654 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 04:40:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا بەك تەسىرلىككەن كۆزلىرىمدىن ياش چىقكەتى

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6392
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 06:48:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك يىزىپسىز

سىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم ئۈچۈن مۇشۇ كۈنگە قالدىممۇ
ئي ئۇلۇغ اللە دەرتمەننڭ ئىگىسى سەن يالغۇزنىڭ يارىسەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش