چوڭ ئالما
بىر ئادەم ئەڭ دەسلەپتە ئائىلىسى ۋە ئانىسىنىڭ تەربىيەسى ئارقىلىق تەربىيەلىنىدۇ. ئامېرىكىلىق بىر داڭلىق پىسخولوگ ئانىنىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى تەسىرىنى تەتقىق قىلىش مەقسىتىدەپۈتكۈل ئامېرىكىدا ئۆز كەسىپلىرىدە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەن ئەللىك كىشى ۋە ئەللىك نەپەر جىنايەتچىنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارغا ئاپىسىنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان تەسىرى توغرۇلۇق سۆزلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يازدى. جاۋاپ خەتلەر ئىچىدەئاقسارايدىكى بىر داڭلىق زات بىلەن بىر جىنايەتچىدىن كەلگەن ئىككى پارچە خەت ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. ھەر ئىككىسى كىچىك ۋاقتىدا ئاپىسىنىڭ ئالما تەقسىم قىلغانلىقى توغرۇلۇق توختالغانىدى.
تۈرمىدىكى جىنايەتچىدىن كەلگەن خەتتە مۇنداق يېزىلغانىدى: كىچىك ۋاقتىمدا، بىركۈنى ئالما ئىلىپ كەپتۇ. مېنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرغان قىپقىزىل، يوغان بىر ئالمىغا كۆزۈم چۈشتى. بۇ چاغدا ئاپام ئىنىم ئىككىمىزدىن قايسىسىنى يىگۈڭلار بار دەپ سورىدى، مەن بايا كۆزۈم چۈشكەن ئالمىنى يەيمەن دەپ بولغۇچە ئىنىممۇ شۇنى يەيمەن دېدى. ئاپام كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئۇنى ئەيىبلەپ كەتتى:
ــ ياخشى بالا دېگەن ياخشى نەرسىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئۆگىنىشى كىرەك، ئۆزىنىلا ئويلىسا بولمايدۇ.
بۇ چاغدا مەن چىچەنلىكىم تۇتۇپ سۆزلەپ كەتتىم:
ــ ئاپا مەن كىچىكىنى يەي، ئۇكام چوڭىنى يېسۇن.
ئاپام بۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى ۋە مەڭزىمگە سۆيۈپ قويۇپ، ھىلىقى قىپقىزىل، يوغان ئالمىنى ماڭا بەردى. مەن كۆزۈم چۈشكەن نەرسىگە يالغان گەپ بىلەن ئىرىشتىم.شۇنىڭدىن كېيىن يالغان سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالدىم. كۆزۈم چۈشكەن نەرسىلەر ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەيدىغان بولدۇم. بۇ مىجەزىم تاكى مەن تۈرمىگە كىرگۈچە ماڭا ھەمرا بولدى.
ئاقسارايدىكى داڭلىق زاتتىن كەلگەن خەتتە مۇنداق يېزىلغانىدى: كىچىك ۋاقتىمدا، بىر كۈنى ئاپام ئالما ئېلىپ كەپتۇ. بىز چوڭ ئالمىنى تالاشتۇق.
ــ ھەممىڭلارنىڭ بۇ ئالمىنى يېگۈڭلار كېلىۋاتىدۇ ـ ھە ؟ ئۇنداقتا مەن سىلەرنى مۇسابىقىگە سالاي، ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى چىمىلىقنى ئۈچكە بۆلىمەن، بىرىڭلار بىر پارچە يەردىكى چىمنى قىرقىيسىلەر، قايسىڭلار تېز ھەم ياخشى قىلساڭلار، بۇ ئالمىنى شۇنىڭغا بېرىمەن،ــ دېدى ئاپام قولىدىكى چوڭ ئالمىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ. بىز ئۈچىمىز بەسلىشىپ قىرقىدۇق، ئاخىرىدا مەن بىرىنجى بولۇپ قىرقىپ، چوڭ ئالمىغا ئىرىشتىم. مەن ئاپامدىن تولىمۇ مىننەتدار، ئۇ ماڭا:« ياخشى نەرسىگە ئىرىشىىش ئۈچۈن چوقۇم تىرىشىپ بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك» لىكىدىن ئىبارەت ئەڭ ئاددى لېكىن ئەڭ مۇھىم ھەقىقەتنى چۈشەندۈردى. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەڭ ئادىل ھەقىقەت ئىكەن، قانچىلىك نەرسىگە ئىرىشمەكچى بولساڭ، شۇنچىلىك تىرىشچانلىق ۋە بەدەل تۆلىشىڭ كېرەك !!
بۆشۈكنى تەۋرەتكەن قول دۇنيانى تەۋرەتكەن قولدۇر. ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ بالىغا يالغان سۆزنىمۇ ھەم مەڭگۈ بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغان ئادەم بولۇشنىمۇ ئۆگىتىدۇ.
( «تەرمىلەر» ، 2000ـ يىل 1-ـ سان )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-4 02:24 PM