|
|
|
|
لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتقىلىمۇ بىر قانچە كۈنلەر بولۇپقالدى.،بۇ مۇسابىقە تەنھەركەت ساھەسىدىكى ئەڭ كاتتا ۋە مۇھىم بىر زىياپەت. ئۇزۇن تارىققا ئىگە بۇ كاتتا زىياپەت پەقەت تەنھەركەت ساھەسىگىلا نۇرغۇن تەرەقىياتلارنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي باشقا نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ مىسلىسىز تەرەقىياتىغا تۈرتكىلىك روللارنى ئوينىدى. ئەلۋەتتە، بىناكارلىق ساھەسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
بۈگۈنكىدەك دۇنياۋى كاتتا مەشرەپتە،ھەيۋەتلىك ئولىمپىك بىناكارلىق ئىمارەتلىرى دۇنيانىڭ نەزىرىنى قايتا ئۆزىگە تارتماي قالمايدۇ. نۇرغۇن داڭلىق بىناكالىق ئەسەرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە بىناكارلىق تىخنىكىسنىڭ مىسلىسىز يۈكسىلىشىنى ھازىرقى زامان ئولىمپىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
تۆۋەندە بىناكار بىلوگىمىز تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا تارىختىن بۇيانقى ۋەكىل خارەكتىرلىك ئولىمپىك بىناكارلىق ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى:
1.پالىستىرا مەيدانى. (قەدىمكى گرېتسىيە، ئولىمپىيا شەھىرى)
تارىختا خاتىرلەنگەن ئەڭ بۇرۇنقى ئولىمپىك مۇسابىقىسى مىلادىىدىن بۇرۇنقى 776-يىلى ئۆتكۈزىلگەن بۇلۇپ، بۇ مۇسابىقە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇش توختىتىپ دوستانە ئۆتۇش مەخسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ مىلادى 394-يىلغىچە ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىپ ئۆتكۈزىلىپ كەلگەن. ياخشى مۇسابىقىە مۇھىتى ھازىرلاش ئۈچۈن قەدىمكى گرېتسىيەدە پالىستىرا مەيدانىدەك ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەر بارلىققا كېلىپ كيىنكى ئولىمپىك بىناكارلىقىغا ئاساس بولغان.
2. پاناسىنايكو تەنتەربىيە مەيدانى. (گرېتسىيە،ئافىنا شەھىرى)
بۇ ئىمارەت مىلادىدىن بۇرۇنقى 566-يىلى سېلىنغان ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 329-يىلى ئۈستىگە بىر قەۋەت مەر-مەر تاش ياتقۇزىلغان. قەدىمكى زاماندا بۇ تەنھەركەت مەيدانى ئافىنا ئايال ئىلاھى بايرىمىنىڭ تەنھەركەت مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. مىلادى 1870-يىلى، بۇ تارىخى ئىمارەت توپا ئاستىدىن قېزىپ چىقىرىلىپ ۋە قايتا رىمىنوت قىلىپ 1870-يىلى ۋە 1875-يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلگەن. كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دېھقىتىنى قوزغايدىغىنى بولسا، بۇ ئىمارەت گەرچە نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن سېلىنغان بولسىمۇ ھازىرقى زامان ئۆلچىمىدىكى چوڭ تىپلىق مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۆتكۈزىلىشىگە ماس كېلىدىغانلىقى. بۇ تەنھەركەت مەيدانىدا 50 رەت كۆرۈش سۇپىسى بۇلۇپ 80،000 كىشى سىغىدىغان بۇلۇپ، بۈگۈنكى كۈندە 45،000 كىشى بىمالال مۇسابىقە كۆرەلەيدۇ.
3. ياپۇنىيە چامباشچىلىق سارىيى. (ياپۇنىيە، توكىيو)
ياپۇنىيە چامباشچىلىق سارىيى دەسلەپتە 1964-يىلدىكى يازلىق ئولىمپىك جۇدوچە چېلىشىش تەنھەركەت تۈرى ئۈچۈن لاھىلىنىپ سېلىنغان بۇلۇپ، بىناكار مامورۇ يامادا بۇ ئەسىرىنى ياپۇنىيەنىڭ داڭلىق سەككىز تەرەپلىك قەدىمى ئىبادەتخانىسىدىن ئىلھام ئىلىپ لاھىلىگەن، ئىگىزلىكى 42.6 مىتىر، جەمئى 14201 ئادەم سىغىدۇ. گەرچە بۇ ساراي چېلىشىش تەنھەركەت تۇرى ئۈچۈن لاھىلەنگەن بولسىمۇ، نۇرغۇن ناخشىچى-مۇزىكانتلارنىڭ ناخشا مۇزىكا ئۆتكۈزىشتىكى ياخشى جاي بۇلۇپ قالغان. 1966-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق «قاسسىراقلىق قوڭغۇز« مۇزىكا ئەتىرتى (The Beatles) بۇ سارايدا كېچىلىك ئۆتكۈزگەن.
4. گىرمانىيە ئولىمپىك مەيدانى.(گىرمانىيە، مۇنىخ)
گىرمانىيەنىڭ مۇنىخ شەھرىدىكى بۇ ئولىمپىك مەيدانى 1972-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق مۇسابىقە مەيدانى بۇلۇپ، پولات ئارغامچىلىق ئاسما قۇرۇلمادىن پايدىلىنىپ، ئورگانىك ئەينەكتىن سايىۋەن ھاسىل قىلىنغان. بۇ خىل يىڭىچە بىناكارلىق قۇرۇلمىسى تۇنجى بۇلۇپ چوڭ نىسپەتتە ئىشلىتىلىشى ھېساپلىنىدۇ، ۋ ە شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتا ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك ئۈنۈمگە ئىرىشكەن. بىناكارنىڭ بۇ خىل يېڭىچە شەكىل، يېڭىچە ماتىريال ۋە قۇرۇلمىدا ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك لاھىيەنى ئېلىپ چىقىشىدىكى مەقسەت بولسا: ناتسىست ھۆكۈمرانلىقىدىكى گىرمانىيە 1936-يىلى ئۆتكۈزگەن ئولىمپىك بىلەن چوڭ سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ، دېمىكۇراتتىك يېڭى گىرمانىيەگە سىموۋىل قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ تەنھەركەت مەيدانىنىڭ دەسلەپكى سىغىمى 80،000 كىشىلىك بۇلۇپ، ھازىرغىچە نۇرغۇن قېتىم دۇنيا لوڭقىسى، ياۋرۇپا لوڭقىسىدەك مۇھىم مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزىلگەن. 2006-يلىغا قەدەر بەيرىن مۇنىخ پۇتبول كولۇبىنىڭ مەيدانى بولغان.
5. كانادا مونتىرىيال ئولىمپىك سارىيى. (كانادا، مونتىرىيال شەھىرى)
مونتىرىيالدىكى بۇ ئولىمپىك سارىيى 1976-يىلدىكى ئولىمپىك ئۈچۈن لاھىلەنگەن. بۇ ئولىمپىك سارىيىنى سېلىش ئۈچۈن 1.6مىرلىياد كانادا دوللىرى سەرىپ قىلىنغانلىقى ۋە شۇنداقلا شەكلىنىڭ چوڭ O ھەرىپىگە ئوخشىغانلىقى سەۋەبلىك چوڭ O ، چوڭ قەرىز (Big owe) دەپ لەقەم قۇيۇلۇپ قالغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ تەنھەركەت سارىيىنى سىلىشقا كەتكەن قەرىزنى 30 يىلدا قايتۇرۇپ تۈگەتكەن بۇلۇپ ھازىرغىچە دۇنيا بۇيىچە 2-قىممەت تەنھەركەت سارىيى ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ تەنھەركەن سارىيىنى فىرانسىيە بىناكارى Roger Tailliber لاھىلىگەن بۇلۇپ، بىر يانتۇ مۇنار ۋە O شەكىللىك بىنادىن تەركىپ تاپىدۇ. ئىگىزلىكى 175مىتىر كېىدىغان يانتۇ مۇنار ۋە يىغىلىپ-ئېچىلىدىغان ئۆگىزە بۇ بىناكارلىق لاھىسىدىكى يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەپسۇسلارنىقى شۇكى، ۋاقتىدا پۈتمىگەنلىكتىن بۇ تەنھەركەت مەيدانىنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ ئالاھىدە لاھىلەنگەن يانتۇ بۇنارى ۋە يىغىلىپ-ئېچىلىدىغان ئۆگزىسى ئولىمپىكتە ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان. ھازىر بۇ تەنھەركەت مەيدانىنى ھۆددىگە ئالغۇچى بولمىغانلىقتىن قۇرۇق تاشلىنىپ قالماقتا.
6. مونتىيىك خەۋەرلىشىش مۇنارى. (ئىسپانىيە، بارسىلونا شەھىرى)
باسىلونا ئولىمپىك باغچىسىغا جايلاشقان بۇ خەۋەرلىشىش مۇنارى رادىئو-تىلۋىزىيە سىگىنالى تارقىتىش مۇنارى بۇلۇپ،1992-يىلدىكى بارسىلونا ئولىمپىك مۇسابىقىسنى تارقىتىش ئۈچۈن سېلىنغان. ئىگىزلىكى 136مىتىر كىلىدىغان بۇ مۇنار ھازىرقى زامان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مىدىيا-ئۇچۇر تارقىتىش مەرگىزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئاق رەڭلىك شەكلى ئۆزگىچە بۇ مۇنارنى ئىسپانىيەنىڭ داڭلىق بىناكارى ۋە شۇنداقلا سەنئەتكارى سانتىئاگو كالاتىراۋا (Santiago Calatrava) لاھىلىگەن. مۇنارنىڭ بۇ خىل جەلىپ قىلارلىق شەكلى مەشئەل كۆتۈرگەن تەنھەركەتچىگە سىموۋل قىلىنغان. مۇنارنىڭ ئاستىنقى ئۇلىغا دۇنياغا داڭلىق ئىسپانىيە بىناكارلىق ئۇستىسى ئانتونى گاۋدى (Antoni Gaudi) ئۇسلۇبىدىكى موزايكا چىنە-خىش پارچىلىرى چاپلانغان.
7. ئاۋىستىرالىيە تەنتەربىيە مەيدانى. (ئاۋىستىرالىيە، سىدنى شەھىرى)
ئاۋىستىرالىيە تەنتەربىيە مەيدانى(ANZ تەنتەربىيە مەيدانى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دەسلەپتە 110،000كىشى سىغىدىغان دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ تەنھەركەت مەيدانى قىلىپ لاھىلەنگەن بۇلۇپ 2000-يىلدىكى سىدنى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا 110،000كىشىلىك بېلەت سېتىلغان، ئەمما يېپىلىش مۇراسىمىدا 114،714كىشى مۇراسىمغا قاتنىشىپ تەنتەربىيە مەيدانى رىكوتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.
بۇ تەنتەربىيە مەيدانى لاھىيەلەشتە ئۈزلۈكسىز تەرەقىيات ۋە مۇھىتىنى قوغداش نەزىريىسى ئاساس قىلىنغان بۇلۇپ، ئامالنىڭ بارىچە ئاز پولات-تۈمۈر ئىشلىتىلگەن. 2003-يىلى كۆرۈش سۇپىسىنى ئازايتىش ئېلىپ بېرىلگەن بولسىمۇ يەنىلا ئاۋىستىرالىيە بۇيىچە 2-چوڭ تەنتەربىيە مەيدانى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە بۇ مەيداندا نۇرغۇن قېتىملىق مۇھىم مۇسابىقىلەر، سەنئەت كېچىلىكلىرى ئۆتكۈزىلىپ كەلمەكتە.
8. بېيجىڭ دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانى.(جوڭگو، بېيجىڭ شەھىرى)
ھەممىمىزگە مەلۇم دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانى قۇش چاڭگىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىۋىتسارىيەلىك بىناكار خېرزوگ (Herzog) جوڭگونىڭ ساپال بۇيۇملىرىدىن ئىلھام ئېلىپ لاھىلىگەن بۇلۇپ نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان يۆلىنىشتىكى پولات تۈرۈكلەردىن تۈزۈلگەن. تاشقى كۆرۈنىشى خۇددى قۇش چاڭگىشىغا ئوخشىغانلىقتىن كىشلەر ئۇنىڭغا ‹قۇش چاڭگىسى› دەپ لەقەم قۇيۇپ قويغان.
دەسلەپتە لاھىلەنگەندە ئۈستى يىغىلىپ-ئېچىلىدىغان قىلىپ لاھىلەنگەن بۇلۇپ كىيىن چىقىمنى تېجەش ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرغان. ‹قۇش چاڭگىسى›نى سېلىشقا 423مىلىيون ئامىركا دوللىرى سەرىپ قىلىنغان بۇلۇپ 80،000كىشى سىغىدۇ، جەمئى 110،000توننا پولات سەرىپ قىلىنغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر يىللىق ئاسىرش ئۈچۈن 9مىلىيون ئامىركا دوللىرى كېتىدىكەن. ھازىر ‹قۇش چاڭگىسى› بېيجىڭنىڭ مۇھىم بىر ساياھەت نوقتىسىغا ئايلانغان بۇلۇپ كۈنىگە20،000دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتىۋالىدىكەن (بىكالىق ئەمەس جۇمۇ، ئىچىگە كىرسڭىز 50سوم ئالىدۇ). شۇنداق بولسىمۇ ‹قۇش چاڭگىسى›نىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنىمى ناھايىتى تۆۋەن، شۇڭا ئىشلىتىلىش ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مىھمانخانا، تاللا بازار دىگەندەك ئىختىدارلارنىمۇ قوشۇش پىلانلانماقتا.
9.لوندون سۇ ئۈسۈش مەركىزى. (ئەنگىلىيە، لوندون شەھىرى)
2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسى لوندوننىڭ ئولىمپىك باغچىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ ئولىمپىك باغچىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان لوندون سۇ ئۈزۈش مەركىزى بولسا دۇنياغا داڭلىق پىرىتىسكىر بىناكارلىق مۇكاپىتىغا ئىرىشكەن ئايال بىناكار زاھە خەدىد (تىگى ئېرقلىق،بىناكارلىق لاھىلەش ساھەسىدىكى چولپان،Zaha hadid) لاھىلىگەن . بۇ كۆركەم لاھىيە لوندون ئولىمپىك كومىتىتى يىشىل ئولىمپىك پىلانىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتىن بۇرۇن تاللانغان بولغاچقا ئوتتۇرغا قويغان سىجىل تەرەقىيات، يىشىل ئولىمپىك لاھىسىگە ئانچە ئۇيغۇن كەلمەسلىكى كىشىلەر ئارسىدا تالاش تارتىش قوزغىغان. ئەمما بۇ بىناكارلىق ئەسىرى لاھىلەنگەندە ئوڭ-سول ئىككى تەرپىدىكى قانىتىنى ئېلىۋەتكىلى بولىدىغان قىلىپ لاھىلەنگەن بولغاچقا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كىيىنكى چىقىمنى خېلىلا ئازايتقىلى بولىدۇ.
يۇقىرقى ئولىمپىك بىناكارلىق ئەسەرلىرىنىڭ رەسىملىرى:
ياپۇنىيە چامباشچىلىق سارىيى
گىرمانىيە ئولىمپىك مەيدانى
كانادا مونتىرىيال ئولىمپىك سارىيى
مونتىيىك خەۋەرلىشىش مۇنارى
ئاۋىستىرالىيە تەنتەربىيە مەيدانى
بېيجىڭ دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانى
لوندون سۇ ئۈسۈش مەركىزى
مەنبە: http://binakar.com/?p=74
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Binakar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-4 01:06 PM
|
|
|
|
|
|