|
|
|
|
تەڭرى ياراتقان مۆجىزىنىڭ ئەڭ نادىرى - ئايال.
ئۇنىڭ پېئىلى سىر ھىكمەتكە تولغان. مىڭ پەسلى ، مىڭ رەڭگى بار . ئۇ چەكسىز سەھىپىلىك ئەپسانە كىتاپ . ۋاراقلىغاىسىرى قىزىقى چىقىۋىرىدۇ !
بىركۈنى يېشى چوڭىيىپ قالغان بىر ئادەم ھىكايە قىلىپ بەردى: «ئىمام خاتىپىمىز ھەر جۈمە نامىزىنىڭ ئاخىرىدا دۇئا ئوقىۋىتىپ ‹تەڭرىم ، ھىچكىمنى چوڭ بولغاندا يىتىم قىلمىسۇن › دىيىشنى كەم قىلمايدۇ . ئاخىرى بىر كۈنى مەن ئۇنىڭدىن : تەقسىر ، دىگەندەك ھەممىمىزنىڭ يېشىمىز پالان جايغا بارغان ، ئاللىقاچان يىتىم بوپبولغانغۇ دەپ سورىدىم . ھەي ، بۇرادەر ئەڭ ئېغىر يىتىملىك ئايالىڭدىن كىيىن قىلىشتۇر ، دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ كىشى .
كىبىر بىلەن بۇرت تولغاپ تۇرغان ئەركەكنى ، ئىشىكتىن كىرىۋىتىپ ، ھۆركىرەك ئاۋازبىلەن ئەمىر پەرمان بىرىپ ، ئۆزىنى ھەزرەتتەك تۇتىۋالغان ئەركەكنى ، سىنىڭ قولۇڭدىن نىمە كىلەتتى ؟ دەپ ئايالىنى ئاياغ ئۇچىدا كۆرىۋاتقان بەندىنى ئىىچ - ئىچىمدىن كۈلۈپ كۈزىتىمەن .ئۇنداق كىشىلەر بىر ئايلا ئايالسىز قىلىپ باقسۇنچۇ قىنى بۇ زاتلانىڭ ، ھالى نىمە بولاركىن ! ئاھ يىگىتلەر سىزنى بەزىبىر ۋاقىتلادا غەپلەت ئۇرۇپ تۇرىدۇ، ئايال دىگەن زاتنى جېنىڭىزغا ، كەيپىياتىڭىزغا ، ئوڭ - سولىڭىزغا قورغان قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ، شۇكرانىسىنى قەدىمىڭىزدە بىر ئىيتىپ تۇرۇڭ !
جۈپتىڭىز يەتتە ياتتىن يات بولسىمۇ ، گوياكى تۇغقان سىڭلىڭىز دەرىجىسىدە كۆرۇلمەكتە . خوش ، سىڭىل كىم؟ سىڭىل ئەركەك قىرىندىشىغا ، جۇملىدىن ئاكىسىغا ھەممىدىن بەك باغلانغان بولىدۇ . ھەر »ئاكا !: دىگەندە باغرىدا تاغلا ئۆسىدۇ ، شۇ بىرغىنا سۆز ئۇنىڭ جىمى كېمىنى يولدۇرۇپ تۇرغاندەك تۇيىلىدۇ . ئاكىسى بايمۇ كەمبەغەلمۇ بەرىبىر ئۇنىڭ غا ئىنتىلىۋېرىدۇ . بۇ ئاكا ئاكىلىقنى قاتۇرۇپ جايىغا قويمىسىمۇ ، بۇنىڭ دىن سىڭىل ئۆكسۈپ يۇرسىمۇ ، ئانچە - مۇنچە يىغلىۋالىدۇ - دە ، قىرىندىشىنى يەنە قىدرىپ كىلىۋىرىدۇ . ئۇنىڭ غا ئاكىسىنى يامانلاپ كۆرۇڭچۇ ، سەرەڭگىسىز يىنىپ كىتىدۇ ! تەڭرى كۆرسەتمىسۇن ، ئەرلەر بىرەر پالاكەتكە يولۇقسىمۇ ، ئەڭ كۆپ ياش تۆككۈچى ئۇنىڭ سىڭلىسى بولغۇسىدۇر . ھەممە يۈز ئۆرۇپ كەتكەن چاغدىمۇ «ئاكام ئەسلى يامان ئەمەس ، ئۇنى كىمدۇر يولدىن ئازدۇرغان» دەپ ئاقلىغۇچىمۇ شۇ سىڭىلدۇر .
دادامنىڭ 3 سىڭلىسى بار ئىدى ، ئۇلانى پات - پات يوقلاپ تۇراتتى . ئەمما قىرىنداشلىرىنى ئالاھىدە سوغىلىرى بىلەن سۆيۈندۈرۈش ئىمكانلىرى يوق ئىدى . ئەمما ھاممىلىرىمنىڭ سىغىنىش بىلەن كىرىپ كىلىشلىرىنى كۆرسىڭىز ، ھەر قىتىم دادامنىڭ يۈز لىرىگە يۈزلىرىنى يېقىپ ، يىغلاپ كۆرشەتتى . خاسىيەتخان ئاپام ھىچقاچان ئاكىسىغا سوغىسىز كەلمەيتى ، ھىچ بولمىسا «شۇ تۆت دانە سامسىنى ياكى مانتىنى سىزگە ئاتاپ قىلدىم ، دەررۇ يەۋىلىڭ »دەپ ئاغزىغا تۇتاتتى . كەلگەندىن كەتكىچە دادامنىڭ ھىلى ئايىغىنى ، ھىلى يەلكىلىرىنى ئۇۋىلايتى ، پات - پات ئانامنىڭ دادامغا تەييارلىغان تائا مىدىن خاتامۇ تىپىپ قوياتتى. (بۇمۇ قىرىنداشلىق ، جان كۆيەرلىك - تە !)بۇنداق پەيتتە دادامنىڭ يايراشلىرىنى بىر كۆرسىڭىز ! سارىخان ئىسىملىك ھاممام بولسا بىزنى كۆرۇپ بولغىچە ، يۈرەكلىرىدىن چىقىرىپ « ۋاي، ئاكامنىڭ تەۋەرۈكلىرى» دەپ باغرىغا باساتتى ، بالىلادىن تىقىپ قويغانلىرىنى بىزنىڭ قولىمىز غا قىستۇراتتى. بىرلا تاغام بار ئىدى ، ئۇكىشىنىڭ ئېغىر بىمارلىقى سەراتانغا توغرا كەلدى . تاغام پاشىلىق ئىچىدە ياتاتتى، ئاچام بولسا يېنىغا كىرىۋىلىپ ، تىنماي يەلپۇپ ، ئاكىسىنىڭ گاھ ئاياغلىرىغا ، گاھ قوللىرىغا يۈز لىرىنى بىسىپ ، ئۆز كۆزىدىن ئاققان ياشلىرىغا ئۆزى ئېرىپ ، تۈن تاڭغا ئۇلىنىپ كەتسىمۇ مىدىرلىماي ئولتۇراتتى، ئورنىدىن تۇرسا قىرىندىشى ئۈزۈلۈپ قالىدىغاندەك يىنىغا مىختەك قادىلىپ قالغان ئىدى . ئادەم مەكتەپ كۆرۇپ نەسىھەت ئىشتىپ ، بۇنداق مىھرىبان بولۇپ قالمايدۇ ، بۇ ئىلاھى مۇھەببەتتۇر ، بۇ ئىلاھى قەدىردۇر!
ئويلايسىز :« ناھايات جۈپتۈڭ سىڭىلنىڭ ئورنىنى باسالىسا ھە؟» ئەمما مەن ئىشەنچ بىلەن ئىيتىمەنكى ، ۋاختى كەلگەندە ئايالىڭىز سىزگە سىڭىلدىنمۇ پىدائىيراق تۇر!
سىز ھەمىشە ئايالىم مىنى ياقتۇرۇپ تۇرىدۇ ، دەپ ئويلامسىز؟ ھەممىدە بار شەيتان سىزدىمۇ بار. ھىچقانداق كۆڭۇل قالدۇرىدىغان ئىشىڭىز يوقمۇ؟ كۆپ بارغۇ ، ئۆرگىلەي ! ئۇنىڭ گاھىدا يۈزىڭىزگە قارىغۇسى كەلمەيدىغان پەيتلىرى بولىدۇ .! ئەمما « نىمىلا بولىسمۇ ئۆمۇر يولدىشىم - دە» دەيدۇ ۋە خىزمىتىڭىزنى قىلىۋىرىدۇ . تۈنۈگۈن ئۇنى قان قاخشاتقان بولسىڭىزمۇ ، بۈگۈن بىرەبىر كىسەللىككە ئۇچىرسىڭىز يىغلاپ يۈرۈپ ، ھەتتا سىزنى ھاپاشلاپ يۈرۈپ بولسمۇ ، شىپايىڭىزنى ئىزدەشكە چۈشىدۇ . ئاجىز لىشىپ قالدىغۇ ياكى ئاياغسىز ياكى قولسىز قالدىغۇ ، بۇنى يەنە بىشىمدا كۆتۇرۇپ نە قىلاي دىمەيدۇ ! ئەگەر ئقتىسادى كەملىك يۈز بەرسە ئانا مىراس بۇيۇمىنى سىتىپ بولسىمۇ ، قەرىزنى ئۇزىدىغىنىمۇ شۇ ئايال . پېئىلىڭىز تارىيىپ ، قىرىنداشلارغا ھەتتا بالىلىرىڭىزغىمۇ ياقماي قالغىنىڭىز دىمۇ « تەڭرى رازىلىقى ئۈچۈن ، ئۆتۇپكەتكەن قىينانام ۋە قىيناتام ئۈچۈن » دەپ ئاق بىلىپ ، ئاق كۆرسىتىدىغىنىمۇ شۇ ئايال ! جۈپتى ساياق يۈرۈپ ، ياكى بۇرنى قاناپ ، پىشانىسى تاشقا تىگىپ ، ھىچكىمگە كىرەك بولماي قالغىنىدا كىسەل بولۇپ قايتىپ كەلسىمۇ، ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىپ تۇرسىمۇ ، «ئەگەر مەن كەچۇرمىسەم نابۇت بولىدۇ »دەپ ، يەنە ئۇنىڭغا ئىسسىق چاي دەملەپ ، ئالدىغا داستىخان سىلىۋېرىدىغانمۇ شۇ مەرد ئايال! بۇنداق بى مىننەت سۆيۈنۈش ۋە بى مىننەت دوستتىن ئايرىلىش ئەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە غىرىپ يىتىملىك بولىدۇ - دە !
سىز بۇقاراشقا پەقەت قىرىغاندىلا كەلمەڭ ، قىرىنداشلىرىم! ئايالنىڭمۇ ئارقىسىدا تۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلەيدىغانلارمۇ بار . بۇ دۇنيادىكى ھەممە مۇناسۋەتلىرىمىز ئۈچۈن كىيىن ھىساب تاپشۇرىمىز . ئايال ئىقلىمىدىن كىلىپ چىقىپ ئىيتىمەنكى ، ئايالىڭىز بۇ دۇنيادا سىز ئۈچۈن كۆيۈپ ياشىدى ، ئەمدى ئۇ ئاخىرەتتىكى ئەرزىيتىڭىزنى كۆرۇپمۇ پۇچۇلانمىسۇن . گۇناھىڭىزنى ئىغىرلاشتۇرماڭ ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇزىدا ، قىرىقىدا ، ئەللىكىدە ، قويۇڭچۇ ، ئومرىنىڭ ھەممە بىكەتلىرىدە مۆرۇۋۋىتىڭىزنى دەرخ تۇتماڭ ، گۇناھلىرىڭىزنى يۇيۇپ تۇرسۇن!
مەنبە : « ساقلىق ساقلاش » ژورنىلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سۇمەييا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-4 01:33 AM
|
|
|
|
|
|