مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4718|ئىنكاس: 41

ئولىمپىك كۆرىۋاتامسىلەر؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 614
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3149
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1195 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 11:27:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



بۇ قېتىمقى ئولىمپىكنىڭ ئىچىلىش  مۇراسىمىدە ئەنگىلىيىلىكلەر ئانچە مۇنچە يۇمۇر ئارلاشتۇرۇپ سورۇننى خىلى قىزىتقان ئىدى. ئەتىگەنلىكىڭگە نېمە يىسەك كەچلىكىڭگە شۇ دىگەندەك ئولىمپىك باشلانغان نەچچە كۈندىن بىرى قىزىق ئىشلار توختىماي چىقىپ تۇرۋاتىدۇ. تېخى بىر ھەپتە بولماي تۇرۇپلا توردا ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ بىپەرۋالىقى، خاتا ھۆكۈملەر، نەتىجە تالاش تارتىشلىرى سەۋەبىدىن بۇ ئولىمپىكنى ئەڭ ناچار ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك بولىدىغان بولدى دېگەن سادالار چىقىشقا باشلىدى. ئەمدى بۇ ئولىمپىكقا زادى قانداق باھا بىرىلىدۇ، بۇنى ئولىمپىك تۈگىگەندە بىلىمىز. ئاڭغىچە بۇ ئولىمپىكتا يۈز بەرگەن قىزىقارلىق ئىشلار، تالاش تارتىشلارنى دېيىشكەچ تۇرايلى دەپ ما تىمىنى ئاچتىم.
ئويناشماڭ چاۋشيەن بىلەن…
بۇ ئولىمپىكتىكى تۇنجى چاقچاق چاۋشيەنلىكلەرنىڭ بايرىقىنى خاتا ئىسىپ قويۇش بىلەن باشلاندى. ئولىمپىكنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ئولىمپىك پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسى باشلىنىپ كەتكەن بولۇپ، 26- كۈنى چاۋشيەن بىلەن كولومبىيە ئاياللار كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسى شوتلاندىيىنىڭ گىلاسگوۋ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن . ئىككى كوماندىنىڭ ئەزالىرى مەيدانغا كىرىپ تەنھەرىكەتچىلەر تونۇشتۇرۇلغاندا چاۋشيەنلىكلەر مۇنداق قارىسا چاۋشيەن تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ سۈرىتى يىنىغا باشقا دۆلەتنىڭمۇ ئەمەس، ئەشەددى دۈشمەن كورىيە بايرىقى قوشۇپ قويۇلغان. ئوھ! نىمدىگەن قورقۇنۇشلۇق! باشقا دۆلەتنىڭ بايرىقى ئالمىشىپ قالسىمۇ مەيلى، قاراپ تۈرۈپ دۇنيادىكى ساناقلىق لۈكچەك دۆلەتنىڭ بىرىنىڭ بايرىقىنى ئالماشتۇرۇپ قويغىنىنى دېمەمدىغان بۇ قاپاقباش ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ.چاۋشيەننىڭ ئورنىغا باشقا دۆلەتلەر بولىدىغان  بولسا، بەلكى ئازراق نارازىلىق ھەم تالىشىشلار بىلەن بىرەر 10 مىنۇت ئىچىدە ،ئوڭشاپ ھەل بولۇپ كىتەر بولغىيتى، بىراق بۇ چاۋشيەنلىكلەر ئۈچۈن ئازراق بىخەستىلىك قىلسا ،دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئىتىلىپ كىتىدىغان ئىشتە . شۇنىڭ بىلەن چاۋشيەن ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ باشلىقى نېمە قىلارىنى بىلمەي تەنھەركەتچىلىرىنى ئىلىپ ئۇدۇل مىھمانخانىدا كېتىپ قاپتۇ. ھەم دەرھال كىم جۇڭباشقا تېلىفون قىلىپ يوليورۇق سوراپتۇ. چۈنكى كىم جوڭباش بۇلارنىڭ تەنتەربىيىسنىمۇ ئۆزى بىر  بىر قوللۇق باشقۇرىدىكەن -دە.  چاۋشيەنلىكلەر يامانلاپ كېتىپ قالغاندىن كېيىن ، مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار قىلغىنى قىلىق تاپالماي، ئۇدۇل ئولىمپىك كومتىتىنىڭ رەئىسى ھەم ئەنگلىيە باش ۋەزىرى دېگەندەكلەرنى ئارىغا سىلىپ يۈرۈپ، بۇلارغا توختىماي يالۋۇرۇپ، كەچۈرۈم سوراپ، ۋاي يۈزۈمىزنى قىلىپ قويۇڭلار – دەپ يۈرۈپ، ھەم كىم جۇڭباشمۇ خوتۇن ئالغاننىڭ خوشلۇقىدا «چاتاق يوق، ئويناۋىرىڭلار» دەپ يۈكسەك «يوليورۇق» بەرگەندىن كېيىن، قايتىپ مۇسابىقە ئويناپتۇ.
ھەممىسى ئاشۇ قوتا سائەتنىڭ كاشىلىسى

7-ئاينىڭ 30-كۈنى لوندوندا  ئىلىپ بېرىلغان ،ئولىمپىك يەككە قىلىچۋازلىق يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، كورىيە ماھىرى شىن ئالام بىلەن گېرمانىيە ماھىرى بېرىتتا خېيدىرمەن مۇسابىقىگە چۈشۈپتىكەن. پۈتۈن مۇسابىقە جەريانىدا بۇلارنىڭ نەتىجىسى تەڭدە-تەڭ دېگۈدەك مىڭىپ ئەڭ ئاخىردا قوشۇپ بېرىلگەن بىر مىنۇتتىمۇ يەنە نەتىجىسى 5-5 بولۇپ مېڭىۋېرىپ، ئەڭ ئاخىرقى سېكۇنت قالغاندا ئىشنىڭ چوڭى چىقىپتۇ.  ئەسلى قائىدە بويىچە مۇسابىقە مۇشۇ نومۇر بويىچە ئاياقلاشقان بولسا كورىيىلىك ماھىر ئۇتقان ھىساپلىنىپ، ھەل قىلغۇچ  مۇسابىقىگە كىرەتتىكەن. بىراق «كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ» -دەپ بۇ مەيداندا ئىشلەتكەن سائەتنىڭ دەقىقە كۆرسىتىش ئىقتىدارى يوقمۇ، يا بۇزۇلۇپ قالغانمۇ ،ئەيتاۋۇر شۇنداقراق قوتا بىرسەۋەپ بىلەن بۇ بىر سېكۇنتنى رېپىر كونترول قىپتۇ. مۇشۇ بىر سېكۇنىت جەريانىدا بۇ ئىككى ماھىر ئۈچ قېتىم بىر -بىرىگە تەڭ ھۇجۇم قىلىپ نومۇر ئالالماي ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتلىك ھۇجۇمدا گېرمانىيە ماھىرى بىر نومۇر ئىلىپ  6- 5 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپتۇ. بىراق كورىيە تەرەپ بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولماپتۇ،  ئۇلار بىر سېكۇنتنىڭ ئىچىدە قانداقسىگە 4 قىتىملىق ھۇجۇم قوزغىغىنى بولسۇن، بۇ يەرچە چوقۇم ۋاقىت ھېساپلاش خاتالىقى بار- دەپ قىلىچۋازلىق كومىتېتىغا ئەرز سۇنۇپتۇ. قىلىچۋازلىق كومىتېتى بۇ ئەزىزنى قوبۇل قىلىپ تالىشا- تالىشا بىر سائەتتە ۋاقىت كىتىپتۇ.  بۇ قىلىچۋازلىق كومىتىتىنىڭ غەلىتە بىر قائىدىسى باركەن، يەنى ئەرز سۇنغان تەرەپ چوقۇم مەيداندىن ئايرىلماسلىقى كىرەككەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ كورىيىلىك ماھىر 8000 تاماشىبىننىڭ ئالدىدا بىر سائەت يىغلاپ ئىقىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئاخىردا كومىتېت ھۆكۈم چىقىرىپ ئەسلى ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىپتۇ. كورىيەلىكلەر بولسا شۇ  قوتا سائەتتىن قاقشاپ قاپتۇ. بۈگۈن كۆرسەم كورىيە قىلىچۋازلىق كومىتىتى بۇ ماھىر ئۈچۈن ئايرىم پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ تەسەللى بەرمەكچىمىش.
بۆرە كەلدى ……..
7-ئاينىڭ 30 ئۆتكۈزۈلگەن ،ئاياللارنىڭ 400 مېتىرلىق سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە ،جۇڭگو ماھىرى يى شى ۋەن 4 مىنوت 28 سېكۇنتلىق نەتىجە بىلەن ئولىمپىك ھەم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، پۈتۈن دۇنيانى ھاڭ- تاڭ قالدۇردى. ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى ئۇنىڭ ئەڭ يىقىنقى رەسمي مۇسابىقىسى يەنى ئۆتكەن يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدىكى نەتىجىسىدىن 7 سېكۇنىت قىسقا بولۇپلا قالماي ،يەنە ئەڭ ئاخىرقى 50 مېتىرلىق مۇساپىدە ھەتتا   ئەرلەرنىڭ 50 مېتىرلىق سۇ ئۈزۈش چىمپىيۇنى ئامىرىكىلىق ماھىر لوچىتتىىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان!! مانا شۇنىڭ بىلەن بۇ يى شى ۋەننى چۆرىدىگەن گۇمانلار ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەڭ ئالدى بىلەن ئامېرىكا سۇ ئۈزۈش كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى بۇ نەتىجىنى «مۇمكىن ئەمەس، يى شىۋەن چوقۇم روھلاندۇرغۇچى دورا ئىچكەن» – دەپ ئىنكار قىلدى. مۇشۇنىڭغا  ئەگىشىپ تالاش تارتىشلارمۇ  بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى. گەرچە ئولىمپىك سۇ ئۈزۈش كومىتىتى يى شىۋەننىڭ دورا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ ،گۇمانلار تىخىچە تارقىغىنى يوق. چۈنكى دورىلىرىنىڭ تۈرى خىلمۇ-خىل بولۇپ، ئەگەر يىڭى تەتقىق قىلىنىپ ياسالغان روھلاندۇرۇش دورىلىرى بولسا ،ئۇنى  تەكشۇرۇپ بىلگىنى بولمايدىكەن. شۇڭا ئادەتتە تەنھەرىكەتچىلەردىن ئىلىنغان ئەۋرىشكىلەر 8 يىلغىچە ساقلىنىپ، كېيىن يىڭى روھلاندۇرۇش دورىلىرى بايقالسا كەينىگە قايتىپ تەكشۈرۈشلەر ئىلىپ بېرىلىدىكەن ھەم ئولىمپىك تارىخىدا مۇشۇنداق مىساللار بارمىش.
گەرچە جۇڭگو ئولىمپىك كومىتىتى بۇنى بىر قىسىم «كۆرەلمەسلەر» نىڭ ھەسەت قىلىپ تاپقان گىپى دەپ ئىنكار قىلغان بولسىمۇ ،ئەمما جۇڭگۇنىڭ ئولىمپىك سۇ ئۈزۈش كوماندىسىنىڭ تارىخىدا بۇنداق ئولىمپىكنى ئوينىتىپ باققان ئىشلار خىلى كۆپ بولغان بولغاچ، باشقىلارنىڭ ئاسانلا گۇمانىنى قوزغاپ قويىدىكەن.  90 -يىللاردا جۇڭگو سۇ ئۈزۈش كوماندىسىدىن ئارقا ئارقىدىن دورا ئىشلەتكەنلەر بايقىلىپ ئولىمپىكقا «شەرەپلىك» نامى چىقىپ كەتكەن بولغاچ، ئەمدى ئۆزىنى ھەرقانچە ئاقلاپ تۇرسىمۇ، خەقلەر ئىشەنمەس بولۇپ قاپتۇ.  تۈنۈگۈن بىر پروگراممىدا مۇنۇ شى يىۋەننىڭ «مەن دورا ئىشلەتمىدىم، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرى دورا ئىشلەتمەيدۇ» دېگەن گىپىگە  قارىتا دىكتور بىر مۇنچە مىسال ئىلىپ بەردى. يەنە دىيىشىچە بىر تەنھەرىكەتچىنىڭ بىر يىلدا 7 سېكۇنىت ئىتتىك ئۈزىدىغان بولۇپ كىتىشى مومكىنچىلىكى بەكلا تۆۋەن بىر ئىشمىش.
مەيلى قانداقلا بولسۇن، بۇ قىزنىڭ نەتىجىسى بىلەن جۇڭگو سۇ ئۈزۈش كوماندىسىنىڭ بۇرۇنقى ساختىلىقلىرى تەڭ سۆرىلىپ يۈرىدىغانلىقى ئېنىق.
ئاسيالىق شەرەپسىزلەر…
بۈگۈن خەۋەرلەردە جۇڭگو، كورىيە،ھىندونىزىيە ئاياللار قوش كىشىلىك پەي توپ ماھىرلىرىنىڭ، ئولىمپىك پەي توپ مۇسابىقىسىدىن قوغلانغانلىقى ئاشكارلاندى. سەۋەبى نېمە دىسىڭىز بۇ شەرەپ تۇيغۇسى يوقلار ئولىمپىكقا كىلىپ 100 دوللاردەك پۇلغا بېلەت ئىلىپ كىرگەن نەچچە مىڭ ئادەمنى قارىتىپ قويۇپ تۇرۇپ، ئۇتۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇتتۇرۇش ئۈچۈن مۇسابىقە ئويناپتۇ  ئەمەسمۇ! بۇلارنىڭ مەقسىدى  بۇ مەيداندا ئۇتتۇرۇپ، كىيىنكى مەيداندا ئاجىزراق كوماندىلار بىلەن تۇتۇشۇپ نومۇر ئىلىشمىش. شۇنىڭ بىلەن بۇلار مۇسابىقىنى خوش ياقمىغاندەك ئويناپ قەستەن ئاددى خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ ،ئالدىرماي ئويناپ ۋاقىتنى سوزۇپ دىگەندەك. ئاخرى تاماشىبىنلار بۇۋۋۋۋۋۋۋ تولاپ نارازلىق بىلدۈرۈپ، رىپىرمۇ چىدىيالماي مەيدانغا چۈشۈپ ئىككى تەرەپنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئاران مۇسابىقىنى تۈگىتىپتۇ. رېپىر مۇسابىقىدىن كېيىن پەي توپ كومتېتىغا بۇلارنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ئولىمپىك تارىخىدىكى ئەڭ نومۇسسىز مۇسابىقە بولدى -دەپ قاقشاپ بىرىپتۇ. بۈگۈن ئولىمپىك كومتىتى قارار چىقىرىپ جۇڭگو، كورىيە،ھىندونوزىيەدىن كەلگەن 8 تەنھەرىكەتچىنى قوغلىتىپتۇدەك، كورىيەلىكلەر ئەرز سۇنۇپ بىز ئەسلى ئۇنداق قىلمايتتۇق، جۇڭگولۇق ماھىرلار ئاشۇنداق سولاش ئوينىغان بولغاچ بىزمۇ ھىيلىگە ھىلە بىلەن تاقابىل تۇرغان- دەپ ئۆزىنى ئاقلاپتۇ، بۇلارغا قانداق ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ ئالدىمىزدا كۆرىمىز.
شەرەپ قارشى يوق، ئاخىرقى نەتىجىگە يىتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان بۇنداق نومۇسسىزلىقلار جۇڭگۇنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىگە ناتۇنۇش ئەمەس. ئەمما خەلقىئارا سەھنىدىمۇ نومۇس قىلماي مۇشۇنداق ئويۇننىڭ ئوينىلىپ چىقىلىشى، ھەتتا ساختىلىق قىلغۇچى جۇڭگولۇق ئىككى ماھىرنىڭ بۇرۇنقى ئولىمپىك چىمپىيۇنى ئىكەنلىكى، ئىنىقكى جۇڭگو ھەم ئاسىيا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ يۈزىگە قارا سۇۋايدىغان بىر ئىش
[مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى]





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QALIB تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-3 11:28 PM  


185-120H6145A2.jpg
london-olympic-funny-story.jpg
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
taturyul + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
ئەجەل + 500 ئېسىل.....................!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 510   باھا خاتىرىسى


Qaro ko'zum, kelu mardumlug' endi fan qilg'il,
Ko'zum qarosida mardum kibi vatan qilg'il

(Alisher Navoiy)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5439
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 11:42:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالە، شەرىڭنى! ئولمپىكتا مۇنداق ئىشلارمۇ بار دەڭ! پۇرچاق ئەپەندىمنىڭ قىلىقلىرىنى كۆرۈپ تازا كۈلۈپتىكەنمەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇنداق بىر قاتار يۇمۇرلارمۇ باركەن ئەمەسمۇ؟

ھايات ماڭا يىغلاش ئۈچۈن بىر سەۋەب تېپىپ بەرسە مەن كۈلۈش ئۈچۈن مىڭ سەۋەب تاپىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11656
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 11:44:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلكىلىك ئىشلار يۈز بىرىپتۇ ھە،تىخىمۇ يۈز بىرىپ قالار

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

بۇ جاھان ئۆتنە جاھان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25046
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9019
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 4648 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 11:45:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەتتىكى ئىشلار بۇ ...

خۇشال ياشاش كېرەك!

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 278
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1714 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 12:04:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلكۈلۈك ئىشلارمۇ يۈز بىرەمدۇ

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 12:10:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆز-ئىبارىلەرنى جايىدا يۇمۇرلۇق قوللىنىپتۇ.كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى!

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44955
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5760
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2011-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 12:28:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىشى ۋەننىڭ خەۋىرىنى قايسى كۈنى مەمىلكەت خەۋەرلىرىدە كۆرسەتتىغۇ.
ئۇ ئۆزىنى روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتمىدىم دەپ ئاقلىدى.تېخى ئامىركىلىق تېرنىر كەچۈرۈم سورىشى كېرەك دەپ خەۋەرنى ئاڭلىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79970
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2567
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2014-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 12:32:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر توركىيە بىلەن دولىتىمىز ۋاسكىتپول ئۇيناۋاتدو.توركىيە خىلې قاخشىتىپ قويدىى ئولارنى،،،،

tik turganning hammisila dangl

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9827
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 1703 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 12:45:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلارنىڭ تەبىي ئاپەت بولسىمۇ قۇرغاقچىلىق، سۇ ئاپىتى بولسىمۇ توختىماي مەھسۇلات سانى ئېشىپ تۇرىدىغان ئىقتىسادى سىكونتلاپ تەرەققى قىلىدىغان بۇنداق ئارتۇقچىلىغىنى ئولىمپىك تەنتەربىيەگىمۇ ئىشلىتىپ ھەممە يەرنى بۇلغاي دەپتۇدە ،بۇنداق توھمەتكە ئۇلۇغ دولىتىمىز قانداقمۇ چىداپ تۇرالىسۇن ،دەرھال مۇنبەرگە كىرىپ ئىشىك دەرىزىنى دۇملەپ ھىچكىم ئاڭلىمىغۇدەك ئاۋازدا قاتتىق توۋلاپ نارازىلىق بىلدۇرمەمدىكىنە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5782
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 12:46:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەنگىلىيىلىكلەر خىلى يۇمۇرىستىك ئوخشايدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش