تەشۋىقات نۇسقىسىنى باشتا كۆرۈپ بېقىڭ، ھەقىقەتەن نوچى كىنۇ،
بۇ كىنۇنى تورغا 10 پارچە قىلىپ يوللاپتىكەن،مەن تۇركچە مەلۇم بىر تور بېكەتتىن چۈشۈرۋېلىپ، يوۋكۇ،تۇدو تور بېكەتلىرىگە چىقىرىپ مۇنبەرگە ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم، تۇنجى بۇلۇپ بۇ فىلىمنى جۇڭگۇدا مەن تارقاتتىم دىسەممۇ بۇلىدۇ.، ئەسلىدە پۇللۇق قىلاي دىگەنتىم، بىراق مۇنبەرگە ئەزا ئەمەسلەر كۆرەلمەي قالمىسۇن دەپ ھەقسىز قىلىۋەتتىم، قېنى ئەمسە نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان كۆرۈشكە تەشنا بولغان كىنۇنى قانغۇچە كۆرۈڭلار،
بۇ كىنۇنى 10 قىسىم قىلىپ تورغا يوللۇدۇم،
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
تورغا چىقارغۇچى؛ نەسرۇللا،
ئەسلى مەنبە؛ تۇركىيە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-3 08:39 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-8-4 10:51 AM):
http://down.qiannao.com/space/fi ... fatih1454.rar/.page
بۇ يەردىن سۈزۈك نۇسقىسىنى چۈشۈرۋېلىڭ
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-8-4 10:52 AM):
5-چى بۆلىكى چىقماپتۇ،. بۇ ئادىرسىن كۆرۈڭ
http://player.youku.com/player.php/sid/XNDM1MTA5Mzcy/v.swf
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-8-4 10:52 AM):
ۋوي راست 4- بۆلىكى ئىكەن،
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-8-4 01:22 PM):
بىر ھەپتىدە ياۋروپانى زىل -زىلىگە سالغان كىنو
فەتىھ ( بويسۇندۇرغۇچى) – تۈركلەر تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك غازى، مۇھەممەد2 نىڭ شەرەپ لەقىمى. 1453-يىلى ئەمدىلا 23ياشقا كىرگەن مۇھەممەد2 ئۆزى بىۋاستە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، شەرقى رىمنىڭ قولىدىن مۇقەددەس شەھەر كونىستانتىنۇپولنى تارتىۋېلىپ نامىنى ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتىدۇ ھەم 1000يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت سۈرگەن شەرقى رىم ئىمپېرىيىسىنى تارىخ سەھنىسىدىن ئىتتىرىپ چۈشۈرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيىسى رەسمى يوسۇندا ئاسىيا-ئافرىقا -ياۋروپاغا سوزۇلغان چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلىنىدۇ. تۈركلەر شەرق ۋە غەربنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆز-ئارا ئۇچراشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
دېمەك تۈركلەرنىڭ نەزىرىدە 1453 -يىلىمۇ، خۇددى يېڭى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1923-يىلىدەكلا مۇھىم يىلنامىدۇر. ئەلۋەتتە بۇ گرېكلارنىڭ ۋە جۈملىدىن پۈتكۈل خرىستىيان ياۋرۇپاسىنىڭ ماتەم كۈنىدۇر. شۇڭا ھەريىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى(ئىستانبۇل فەتېھ قىلىنغان كۈن) ئىستانبۇل ئۈچۈن ئادەتتىكى كۈن بولسىمۇ، ئەمما گرېتسىيىدىكى شەرقى كاتولىك مەزھىپىدىكىلەر ئۈچۈن قاباھەت كۈنىدۇر.
بىر ھەپتىدە ياۋروپانى زىل -زىلىگە سالغان كىنو
ئۆتكەندىكى مۇناسۋەتلىك يازماندا ئېيتقاندەك بۇ كىنو تۈركىيە تارىخىدا ئەڭ زور مەبلەغ سېلىنغان( 17مىليون ئامېرىكا دوللىرى) ۋە ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ ئىشلەنگەن. كىنو ھەرقايسى جەھەتلەردىن يۇقىرى سۈپەتتە تاماملانغان بولۇپ، كۆرۇرمەنلەرنى خىلىلا رازى قىلىدۇ ( ئەلۋەتتە مەن بۇيەردە ھوللىيۋودنىڭ ھەشەمەتلىك ئۇرۇش كىنولىرىنى كۆپ كۆرگەن، ئوقۇرى ئۈستۈن كىنو مەستانىلرىنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن) 2-ئاينىڭ 17-كۈنى «فەتېھ 1453 » تۇنجى قويۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيىدىكى نوپۇزلۇق گېزىت «ئەرك گېزىتى» بىر ئوبزور ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېدى:
«ئەينى يىللىرى بىز تېلېۋىزوردىن ”قەيسەر يۈرەك“ فىلىمىنى كۆرگەندە، بىرتەرەپتىن ھەسەت بىلەن بارمىقىمىزنى چىشلىگەن بولساق، يەنە بىر تەرەپتىن رەنجىپ : بىزنىڭ قالتىس ھېكايىلىرىمىزبار، لېكىن كىنو قىلىپ ئىشلىيەلمەيمىز دېيىشكەن ئىدۇق. ”فەتېھ 1453″ بۇ- بىز ئۇزاقتىن زارىقىۋاتقان بىر كىنو ئىدى.»
كىنودا سۇلتان مۇھەممەد2، كونىستانتىنۇپولغا ھۇجۇم باشلاشتىن بۇرۇن جەڭچىلەرگە:« بىز تاكى دۈشمەن ئالدىمىزدا تىزلانغۇچە جەڭ قىلىمىز » دەيدۇ، تۈرك جەڭچىلىرى تەكبىر ئېيتقىنىچە، «يەريۈزىنىڭ خوجىسى» بولۇش ئۈچۈن شەرەپلىك جەڭگە ئاتلىنىدۇ. ئەمما كىنودا ئىپادىلەنگەن بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ھەممىلائادەمنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ كەتمىدى. كىنونىڭ ئېلان بۆلەكلىرى يۇتۇبىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركلەر بىلەن گرېكلار توردا شىددەتلىك «تۈكۈرۈك جېڭى» باشلىۋەتتى. گرېتسىيە مىدىيالىرى ئەيىبلەپ ، «بۇ كىنودا پەقەت تۈركلەرنى كۆككە كۆتۈرۈپ، كونىستانىتىپولدا بىگۇناھ قىرغىن قىلىنغان خەلق تاشلىۋېتىلگەن» دېيىشتى. مېنىڭ خەنچە مەنبەلەردىن كۆرۈشۈمچە ، يۇتۇبى تورىدا مۇشۇ سەۋەبلىك مەزكۇر كىنو ھەققىدىكى يوللانمىلارغا باھا يېزىش چەكلەپ قويۇلغان.
مەزكۇر كىنودا تەسۋىرلەنگەن مۇھەممەد 2 ئەتراپلىق مائارىپ تەربىيىسى ئالغان، 6 خىل تىلنى بىلىدىغان ئوقۇمۇشلۇق ياش پادىشاھ بولۇپلا قالماي، مىجەز -خۇلق جەھەتتىنمۇ قالتىس. ئۇ خۇددى ئالكساندىرماكىدۇنىسكىيغا ئوخشاش ئۇلۇغۋار غايىلىك ئىستىلاچى. كىنونىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئۇ سوفىياچىركاۋىغا كىرىپ، بىرئالتۇن چاچلىق بالىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ؛ «كونستانتىنوپول خەلقى سىلەر ئەندىشە قىلماڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئېتىقادىغا ئىشەنسەڭلار تامامەن بولىدۇ» دەيدۇ.
«فەتېھ1453 » قويۇلغاندىن كېيىن بىرھەپتە ئىچىدە گېرمانىيىدە بېلەت كىرىمى جەھەتتە بىراقلا 5- ئورۇنغا چىقتى. گېرمانىيە «كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى» تەھىلىل قىلىپ، بۇ كىنودا نامايان قىلىغان ئوسمانىيلارنىڭ شەۋكىتى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادى ۋە خەلقئارالىق ئورنىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىشىشى ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى تۈرك خەلقىنىڭ پىسخىكىسى ۋە ئىسلام يولىغا يېقىنلاشقان تۈرك سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ دېدى.
ئۇلارنىڭ قارىشىدا تۈركلەر ئۆزسالاھىيىتىنى قايتا تونۇماقتا ۋە دۇنياغا باشقىدىن تونۇتماقتا، يۇقىرىقىدەك مەزمۇندىكى كىنۇلارنىڭ ئىشلىنىشىگە ئەگىشىپ يەنە، تۈركىيە تەۋەلىكىدىكى شەرقى رىم خارابىلىرىمۇ قايتىدىن جانلىنىپ،مىليونلاپ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىشقا باشلىغان.
فرانسىيە «فىگارو گېزىتى» مۇنداق دېدى : تۈركلەرنىڭ مەزكۇر كىنوغا قارىتا ئەسەبىيلەرچە كۆرۈش قىزغىنلىقى قوزغىشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باش كۆتۈرگەن، «ئوسمان تۈركلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىشى» نىڭ كونكرېت ئىپادىلىرىنىڭ بىرى.
مېنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردىن كۆرۈشۈمچە«فەتېھ 1453 » قويۇلۇش ھارپىسىدا 1مىليۇن500مىڭ كىشى ئالدىن كۆرۈش ئۈچۈن تىزىملاتقان. دېمەك، «فەتېھ 1453 »تۈركىيە كىنو تارىخىدىكى قالتىس بىر نامايەندە بولۇپ قالدى.
ئۇزۇندىن بۇيان خەنچە توربېكەتلەردە بۇ كىنۇ ھەققىدە بىرىلگەن پارچە-پۇرات خەۋەرلەرنى مەنبە قىلىش ئارقسىىدا يۇقارقى يازمىنى تەييارلىدىم، بەلكىم كىنونىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشىنشىڭىز ئۈچۈن ئاز-تولا ياردىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس.