مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1571|ئىنكاس: 27

« ئەتىدىن باشلاپ....» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3913
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 07:31:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«  ئەتىدىن باشلاپ....»

ھېكايە

ئابدۇمىجىت مەمەتئېلى

مەن مۇرادىمغا يېتىش ئۈچۈن، نىمە قىلىشىم كىرەك؟تېخى تۈنۈگۈنلا ئاڭلانغان خوشخەۋەر بۈگۈن سۇ ئۈستىدىكى كۈپۈكتەك يوققا چىقتى.مەن يۇمشاق كىرىسلۇ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، ئۇزاققىچە ئويلۇنۇپ قالدىم. شۇ ئەسنادا تاشقارقى ئۆيدە كىمدۇ بىرسى بىلەن تېلفۇندا سۆزلىشىۋاتقان دادامنىڭ«...ئەتىدىن باشلاپ...»دېگەن سۆزى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. توغرا. بىر ئادەم ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا، چوقۇم ئەتىسى ئەتىگەندىن باشلاپ، قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. دادامنىڭ ئەتىدىن باشلاپ دېگەن گېپى بەلكىم،ئەتىدىن باشلاپ بىرەر ئىشنى قىلىشنى پىلانلىغان بولسا كىرەك. شۇ تاپتا مەنمۇ ئەتىدىن باشلاپ، ئارزۇيۇمنىڭ رىياللىققا ئايلىنىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.تېخى تۈنۈگۈنلا ماڭىمۇ ئەتىدىن باشلاپ دېگەن ئىدى.

مانا دادامنىڭ ئەتىدىن باشلاپ دېگەن ۋاختىمۇ يېتىپ كەلدى. لىكىن مېنىڭ ئارزۇيۇم تېخىچە رىياللىققا ئايلانمايۋاتاتتى.

تاشقارقى ئۆيدە دادامنىڭ سىرىتقا چىقىپ كەتكەن ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى. مانا بۇ ئۆي خۇددى گۆرۈستاندەك جىمجىتلىققا چۆكتى. مېنىڭ پەقەت ئاندا-ساندا توختاتقان ئاجىز ئاۋازىملا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىر ئازدىن كىيىن ئانام ئۆيگە كىرىپ كەلدى. مەن تاشقارقى ئۆيگە چىقتىم.ئانام مېنى كۆرمەي، ئۆيدىكى تام ئەينەكنىڭ ئالدىغا كىلىپ، ئۆز دىدارىنى كۆرگەچ،رىتانىڭ ناخشىسىنى غىڭشىپ ئېيىتقىلى تۇردى. مەن ئىختىيارىسىز بىرنى يۆتۈلۈپ قويدۇم.ئانام چۈچۈپ ناخشا ئېيتىشتىن توختاپ، ماڭا قاراپ:

-ھۇ شۇمتەك، مايمۇنباش!سەن نەدە مۈكۈپ تۇرغان ئىدىڭ؟،-دىدى ۋە ئۇچىسىدىكى ئايەملىك كىيىملىرىنى سېلىۋىتىپ، ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ، كىرىسلۇغا ئۆزىنى تاشلىدى.

مەن ئۇنىڭ كەينىدىن كىرىپ:

- ئانا، دادام تېخى تۈنۈگۈنلا «ئەتىدىن باشلاپ..» دېگەن ئىدى.بىراق بۈگۈن ئىشلار جىم-جىتلا تۇرىدىغۇ؟،-دىدىم.

-سەن نىمىنى بىلەتتىڭ؟،-دىدى ئانام. سەن ئارتۇقچە ئويلۇنۇپ كەتمەي، تۈنۈگۈن بازاردىن تېپىۋالغان بىر جۇپ ئالتۇن ھالقىنى ماڭا بېرىۋەت دېگەندىكىن،بېرىۋەت!

-مەن ئۇنى ساقچى ئارقىلىق ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرەي دېگەنىدىم،-دىدىممەن.

-ئۇنداق بولسا، تاپشۇرۇپ بېرىۋەرگىن ،-دىدى ئانام.مەن قاتتىق جېلى بولۇپ كەتكەنلىگىمدىن ئۆزەمنى ئانامنىڭ ئۇدۇلىدىكى كىرىسلۇغا تاشلىدىم.بوپتىلا، ئۆزەمنىڭ ئانىسى بولغاندىكىن ھالقىنى بەرسەممۇ بېرەي.

مەن ياتاق ئۆيگە كىرىپ، ھالقىنى تېقىپ قويغان يېرىمدىن ئېلىپ  ئانام ئولتۇرغان ئۆيگە چىقىپ، ھالقىنى ئانامنىڭ ئالدىدىكى شىرە ئۈستىگە قويدۇم.ھالقىنى كۆرۈپ ئانامنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى-دە،بىر جۇپ ھالقىنى قۇلاقلىرىغا  سېلىپ، ھېلىقى تام ئەينەكنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئەينەككە قاراپ،چاقپىلەكتەك پىقىرغىلى تۇردى. مەن تاقەتسىزلىنىپ:

-ئانا، دادامغا دەپ، مېنى تىزراق غەمدىن خالاس قىلساڭچۇ؟-دىدىم.ئانام گېپىمنى ئاڭلاپ، پىقىراشتىن توختاپ، ئاسمانغا قاراپ ئېغىر بىر ئۇھ تارتتىدى-دە، سالماق قەدەم بىلەن يەنە مىھمانخانا ئۆيگە كىرىپ، كىرىسلۇدا ئولتۇردى.

-ھەي،مەن سېنىڭ ئىشىڭغا نىمىمۇ دېيەلەيمەن،ئوغلۇم؟داداڭ خۇددى ئوبۇل كاجدەك بىر ئادەم. ئۇ ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ. چىشىغا شۇنداق تېگىپ قويدۇڭمۇ بولدى.تۈگەشكىنىڭ شۇ!

-بۈگۈن يەنە قايسى تويغا بېرىپ كەلدىڭ؟،-دىدىم مەن.

-داداڭنىڭ بۇرۇنقى خىزمەتدىشى-قاسىم دېگەن ئادەم ئوغۇل ئۆيلەپتىكەن، شۇ يەرگە بېرىپ كەلدىم،-دىدى ئانام.-بۈگۈنكى توي شۇنداق چوڭ توي بولدىكى، تويغا كەلگەن ئادەملەر خۇددى ھېيت نامىزىغا كەلگەن جامائەتتەك مىغىلداپ كىتىپتۇ. قاسىمنىڭ ناھيە بازىرىدا ئات ھارۋا ھەيدەپ كىراكەشلىك قىلىدىغان  ئىنىسى  بۈگۈنكى تويغا ئاتاپ، يوغان بىر كالىنى مەرىكە زالىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. قاسىم بۇنى كۆرۈپ مەمنۇنلۇق بىلەن تىنماي بېشىنى لىڭشىتتى. ئەمدىلىكتە قاسىمنىڭ ئىنىسى ھارۋۇ ھەيدەشتىن قۇتۇلىدىغان بولدى.ئانام يەنە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە چىقىپ كەتتى. ھايال ئۆتمەي،ئانامنىڭ خورەك ئاۋازى خۇددى جەڭگە چاقىرغان سۇناي ئاۋازىدەك ئۆي ئىچىنى بىر ئالدى. شۇ تاپتا بېشىم سىقىراپ ئاغرىپ، پۈتكۈل يەر-زىمىن پىقىراۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى. مەن يەەنە ئۆزۈمنى كىرىسلۇغا تاشلىدىم. قانچىلىك ۋاقىت مۇشۇ ھالەتتە تۇرغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. يەنە ئۈچ ۋاق تاماق يېگنىمنى تاڭ ئاتقاندا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، كەچ بولغاندا ئۇخلاشتىن ئىبارەت چەمبەر شەكىللىك تۇرمۇش بىر خىل رىتىمدا كىتىۋاتماقتا. مەن قانداق قىلىشىم كىرەك؟مېنىڭ كۈنۈم كۈن-كۈنلەپ ئۆي ئىچىدە سۈكۈت قىلىش بىلەنلا ئۆتۈپ كىتەمدۇ؟مېنىڭ ئارزۇيۇم زادى قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ بىلەك تومۇرۇمدا ئېقىۋاتقان قانلار تەپچىرەپ، ئۆز رىتىمىنى يوقاتقاندەك قىلىۋاتاتتى. مەن ئخىتىيارىسىز تېلفۇننى قولۇمغا ئېلىپ، قان پونكىتىغا تېلپۇن بەردىم. ھايال ئۆتمەي قان پونكىتىنىڭ بىر خادىمى ئۆيىمىزگە كىرىپ كەلدى.

-مەن ئازراق قان بەرمەكچى ئىدىم،-دىدىممەن ئۇنىڭغا.

-ناھايىتى ياخشى ،-دىدى ئۇ –قارشى ئالىمىز!قارشى ئالىمىز!

ئاۋال قېنىڭىزنى تەكشۈرۈپ باقاي. ھېلىقى خادىم سۆزلىگەچ، قان ئېلش سايمانلىرىنى ساندۇقتىن ئېلىپ قان تەكشۈرۈشكە تەييارلىق قىلدى. مەن پۇت-قوللىرىمنى ھەركەتلەندۈرۈپ، قان بېرىشكە تەييارلاندىم. ھېلىقى خادىم ئاۋال مېنىڭ قېنىمدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا تەكشۈرگەندىن كىيىن:

-سىزنىڭ قېنىڭىز بۇزۇقكەن،-دىدى.چۈچۈپ كەتتىم. بۇ قانداق بولغىنى؟مەن تېخى ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا بىر قىتىم قان تەكشۈرۈتكەن ئىدىمغۇ؟ھەي،بۇ ئادەم مېنىڭ قېنىمنى خاتا تەكشۈردىمۇ-قانداق؟

ھېلىقى خادىم سايمانلىرىنى يىغىشتۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى. مەن ئۇنى توسۇۋىلىپ، مىھمانخانا ئۆيگە باشلاپ، داستىخان تەييارلاپ چاي قۇيدۇم.شۇ ئەسنادا دەرىزىنىڭ سىرتىدىن «كونا كىيىملەرنى سېتىۋالىمەن.»دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن ھاپىلا-شاپىلا كونا چامدانىمنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 5-6 قۇر كونا كىيىملەرنى ئېلىپ چىقتىم-دە، ئالارمەنگە ئېلىشىغا سېتىپ، پۇلنى ئېلىپ كىرىپ، قان پونكىتى خادىمىنىڭ يان يانچۇقىغا تۇيدۇرماستىن سېلىپ قويدۇم. ئۇنىڭ بۇ ئىشنى تۇيماي، چىقىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىدىم. بۇ كىشى دەستۇرخانغا تىزىلغان نازۇ-نىمەتلەردىن ئاندا-ساندا ئېلىپ يالتىراق خالتىغا سالدى-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ  ئاغزىنى سۈرتۈپ بولغاندىن كىيىن  «سىزنىڭ قېنىڭىزنى يەنە بىر قىتىم تەكشۈرۈپ باقاي،»-دىدى-دە،تەكشۈرۈش سايمانلىرىنى ئېلىپ، قېنىمنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. بىر ھازادىن كىيىن ئۇ كۈلۈمسىرەپ:

-ئوھۇي، ئەسلىدە سىزنىڭ قېنىڭىز ئو تىپلىق قان ئىكەن.بىز مۇشۇنداق قان تىپىغا بەكمۇ ئىھتىياجلىق،-دىدى-دە، مەندىن قان ئېلىشقا تەييارلاندى....

شۇ تاپتا بىلەك تومۇرلىرىمدىكى قىپقىزىل قانلار بىر خىل رىتىمدا قان ئېلىش خالتىسىغا چۈشمەكتە. كۆز ئالدىمدا بولسا، قوياش نۇرىدەك پارلاپ تۇرغان نۇرانە بىر يول پەيدا بولۇپ، ئاسمانغا ئۆرلەپ ئۇپۇق سىزىقىغا تۇتۇشۇپ كەتتى.

مەن قان پونكىتىنىڭ خادىمىنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ، يەنە مىھمانخانا ئۆيگە كىرىپ، كىرىسلۇغا ئۆزۈمنى تاشلىدىم. شۇ چاغدا ئىختىيارىسىز كۆزۈمگە ئۇيقا كەلدى. ئارىلىقتىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىر چاغدا سىرىتتا بوراننىڭ دەستىدىن ئۆينىڭ دەرىزىسى ئېچىلىپ كەتكەندەك قىلاتتى. مەن دەرىزە پەردىسىنى قايرىپ، سىرىتقا قارىغان ئىدىم، سىرىتتا ئاپپاق بىر نەرسە، ئاسماندا ئۇچۇپ ئۆي تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى.مەن قاتتىق قورىققانلىقىمدىن كەينىمگە داجىپ كىرىسلۇدا ئولتۇرۋالدىم.ئارقىدىنلا دەرىزە پەردىسىنى قايرىپ، بېشىغا ئاق سەللە ئورىغان، ئۇچىسىغا ئاپپاق بەقەسەم تون كەيگەن، بىر بوۋاي پەيدا بولدى. بۇ مېنىڭ بىر نەچچە يىل بۇرۇن قازا قىلغان بوۋام ئىدى. ئۇ بۇ چاغدا تاشقارقى ئۆيدىن كىرىپ كەلدى.

-بۇ يەرگە نىمە دەپ كەلدىڭ؟-دىدى دادام. سېنى ئۆرۈلۈپ كەتكەن قەۋرەمنى قايتىدىن ياساپ قويامدىكىن دەپ  

كەلگەن ئىدىم،-دىدى بوۋام.

-ھازىر ئىشلار بەك ئالدىراش،قەۋرەڭنى ياساپ قويۇشقا ۋاختىم چىقمايدۇ،-دىدى دادام قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.

بۇ چاغدا بوۋام قولىدىكى يالتىراپ تۇرغان بىر نەرسىنى دادامغا قارىتىپ ئاتتى. دادام «ۋايجان!» دەپ ۋاقىردى. مەنمۇ قاتتىق چۈچۈپ كەتتىم. قارىسام بايام ئولتۇرغان  جايىمدا تۇرۇپتىمەن.

ئويلانسام بايام كۆرگەنلىرىم چۈشۈم ئىكەن. تۇيۇقسىز تاشقارقى ئۆيدىن دادامنىڭ «يوقال!كۆزۈمدىن يوقال!»دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن تاشقارقى ئۆيگە چىقتىم.كۆردۈمكى ئانام دادامنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرغىنىچە يىغلاۋىتىپتۇ. دادام يانفۇنىنى ئېلىپ كىملەرگىدۇ تېلفۇن ئۇردى:

-ھوي،نىكاھ ئىشلىرى ئىشخانىسىمۇ؟مەن ئايالىم بىلەن ئاجرىشىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇڭا ماڭا ئاجرىشىش خېتى تەييارلاپ قويۇڭلار.ئەتە ئەتتىگەندە ئاجرىشىش خېتىنى ئىشخانامغا ئەكىرىپ بېرىڭلار!

مەن ھەيران قالدىم. بۇ چاغدا ئانام ئالدىراپ تىنەپ، دادامنىڭ پاچىقىغا ئېسىلىپ:

-دادىسى،دادىسى،ئاچچىقلىرىغا ھاي بەرسىلە. مەن سىلىدىن ئايرىلسام ئۆلگىنىم شۇ!،-دىدى ئانام ھەمدە قۇلىقىدىكى بىر جۇپ ھالقىنى،قولىدىكى بىلەيزۈك ۋە ئۈزۈكلەرنى ئېلىپ، دادامغا تەڭلىدى. دادام مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن ئانام تەڭلىگەن زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېلىپ، يانچۇقىغا سېلىپ،ئۆزىنى تۈزەشتۈرگەندىن كىيىن، بېشىغا شىلەپىسىنى كېيىپ، سىرىتقا مېڭىشقا تەمشەلدى. بۇ چاغدا ئانام:

-دادىسى، نىكاھ ئىشلىرى ئىشخانىسىغا يەنە بىر قىتىم تېلفۇن قىلىۋەتسىلە،-دىدى. دادام خوشياقمىغاندەك يانفۇنىنى ئېلىپ ئۇرۇشقا باشلىدى.

-ھوي،نىكاھ ئىشلىرى ئىشخانىسىمۇ؟مەن ئەمدى ئايالىم بىلەن يارىشىپ قالدىم.ئاجرىشىش خېتى تەييارلاپ بولغان بولساڭلار، ئەمەلدىن قالدۇرىۋىتىڭلار....

شۇئان ئانامنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.مەن بىر چېتى كۆرۈنمەس خىيال دۇنياسىغا غەرق بولۇپ كەتتىم....

يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى

2012-يىلى 3-ئاۋغۇست يېزىلدى.قەشقەر   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-3 07:54 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3913
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 07:33:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشۈنۈش سەل قېيىنراق. چۈشۈنۈپ ئوقىشىڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4389
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 08:05:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ، بەك ياخشى يېزىلپتۇ. قارىماققا شۇنداق چۈشىنىكىسز، پەلپەتىش. لېكىن قايتا ئوقۇسا شۇنچە جىق نەرسىلەرنى ئۆز-ئىچىگە ئالغانلىقىنى بايقايدىكەن كىشى. فانتازىيەگە ئوخشاپ كېتىدىغان يەرلىرى بىلەن، يوشۇرۇن تەنە قىلغان جايلىرىنى تېخىمۇ ياقتۇردۇم.

مۇھەببەت بىلەن نەپرەت قوشكېزەك. لېكىن نەپرەت مېھر-مۇھەببەتنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېىتىشكە قادىر.

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 3092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15273
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2462 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 08:13:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سىزنىڭ تۇنجى ھىكايىڭىزغۇ دەيمەن،داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز!

بىز ئەسىرلەردىن بىرى بىراۋلارنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ كەلدۇق،بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھتىن يىراقلاشقىنىمىز ئۈچۈن،ناباب كىشلەرنى كۆتۈرۈپ ئىسىل كىشلىرىمىزنى چۆكۈرۈگىنىمىز ئۈچۈن،بىز ئاللاھقا يىقىنلاشماي تۇرۇپ قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ھىچقايسىسى پايدا بەرمەيدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83193
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3032
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 08:14:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىز غا  دەرىت  بەرمىسۇن!!توغراق يىشىدا ياشاڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82239
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3448
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 08:18:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ جەميەتنىڭ ئارقا كۆرنىشمۇ قانداق؟ئائىلدمۇ پارخورلۇق ئەۋېجكە چېققلى تۇسا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82239
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3448
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 08:19:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن شۇنچېلېك چۈشەندىم.

چــــــــــــــــــــــــــوغ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8690
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 08:24:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتمىگەن بولسىڭىز مۇشۇمۇ ھىكايە بولدىمۇ دەپ سالاكەنمەن،لىكىن كىيىن ئوقۇپ بىر ئاز چۈشەنگەندەك بولدۇم،لىكىن يەنە بىر ئوقۇمىسام قانائەتلەنمەيدىغاندەك تۇرىمەن.

قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!كەلدى ئايەم كۈلدى ئالەم.خۇشال كۈنلەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 08:29:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئازىراق ئەمىليەتتىن چەتنەپ كېىتپتۇ.لىكىن ھىكايىدىكى مەركىزى ئىددىيە ياخشى چىقىپتۇ.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

yaxawargin totkun bolsimu

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38167
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4336
تۆھپە نۇمۇرى: 243
توردا: 365 سائەت
تىزىم: 2011-4-20
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 09:14:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇشۇنەلمىسىڭىز يەنە ئويلاڭ ، ئويلىغانسىرى چۇشۇنىسىز .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش