مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4260|ئىنكاس: 22

قەدىر كېچىسى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18477
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10681 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 06:03:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىر كېچىسى توغرىسىدا
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! دىنىمىز بىزگە اللە تەئالاغا قانداق ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق تەشەككۈر ئېيتىشنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭدەك قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنىڭ مەقبۇل، دۇئا-تىلەكلىرىمىزنىڭ ئىجابەت بولۇش ۋاقىتلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن. رامىزان ئېيىدا كېلىدىغان قەدىر كېچىسى (شەبى قەدىر) ئەنە شۇ خاسىيەتلىك ۋاقىتلارنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتىنى، ۋاقتىنى، بۇ كېچىدە ئىبادەت قىلىشنىڭ ھۆكمىنى ۋە قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ شەكلىنى بىلىۋېلىشىمىز ناھايىتى مۇھىم. تۆۋەندە بۇ توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلىدۇ:
1- قەدىر كېچىسى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى
قەدىر كېچىسى ئەرەب تىلىدا «لەيلەتۇلقەدر» دېگەن ئىزافەتلىك بىرىكمە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. لەيلنىڭ مەنىسى «كېچە» دېگەن بولىدۇ. قەدرىنىڭ مەنىسى بولسا، «كۈچ، مىقدار، دەرىجە، سەۋىيە، قەدىر-قىممەت، باھا، ئورۇن، مەرتىۋە، شەرەف، ئۇلۇغلۇق» دېگەنلەردىن ئىبارەت. قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ كېچىدە نازىل قىلىنغانلىقىنىڭ، بۇ كېچىنى شەرەپلەندۈرگەنلىكىنى ۋە بۇ كېچىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇ كېچىگە يۇقارقى ئىككى سۆز بىرىكىپ ئىسىم بولغان. بۇ سۈرە نازىل بولۇشتىن بۇرۇن ئۇ كېچىنىڭ بۇنداق ئىسمى يوق ئىدى.
2- قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى
اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«بىز قۇرئاننى قەدىر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق. قەدىر كېچىسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ قەدىر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر. ئۇ، پەرىشتىلەر جىبرىئىل بىلەن بىرلىكتە، رەببىنىڭ ئىزنى بىلەن بارلىق ئىشلار ئۈچۈن چۈشۈپ تۇرىدىغان كېچىدۇر. ئۇ، تاڭ ئاتقانغا قەدەر سالامەتچىلىككە ئېرىشىش كېچىسىدۇر» (قۇرئان كەرىمنىڭ 97- سۈرىسى).
قۇرئان كەرىمنىڭ، دۇخان سۈرىسىنىڭ (44- سۈرە) 3- ئايىتىدە مۇبارەك بىر كېچىدە، بەقەرە سۈرىسىنىڭ 185- ئايىتىدە رامىزان ئېيىدا، بۇ سۈرىدە بولسا قەدىر كېچىسىدە نازىل قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن تۆۋەندىكى مەزمۇنلار چىقىدۇ:
1- قۇرئان كەرىم مۇبارەك بىر كىچىدە نازىل قىلىنغان.
2- ئۇ مۇبارەك كېچە رامىزان كېچىلىرىدىن بىر كېچىدۇر.
3- ئۇ كېچە مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر.
4- ئۇ، پەرىشتىلەر جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە اللە تەئالانىڭ تەرىپىدىن رەھمەت، تىنچلىق، سالام ۋە بەرىكەتلەر ئېلىپ چۈشىدىغان بىر كېچىدۇر.
5- ئۇ، سالامەتچىلىككە ئېرىشىش كېچىسى بولۇپ، بۇ تاڭ ئاتقۇچە داۋام قىلىدۇ. (يەنى، بۇ كېچىنى اللە تەئالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە پەرىشتىلەر تاڭ ئاتقۇچە توختىماي سالامەتچىلىك ۋە تىنچ-ئامانلىق تىلەپ تۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار اللە تەئالانىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتى، ۋە پەزلى-ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ، اللە تەئالانىڭ غەزىپى ۋە ئازابىدىن سالامەت قالىدۇ).
6- ئۇ كېچىنىڭ ئىسمى قەدىر كېچىسىدۇر.
مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:
1- «قەدىر كېچىسىنى ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىپ ۋە ساۋاب كۆزلەپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
2- «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان كېچىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئونى كىرگەندە، ئۇنىڭ كىچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، بۇ كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈۋالسۇن دەپ ئاياللىرىنىمۇ ئويغىتاتتى، بۇ كۈنلەر بىلەن بۇ كېچىلەردە ئادەتتىكىدىن زىيادە ئىبادەت قىلاتتى، ئىبادەت قىلىشقا بىلىنى چىڭ باغلايتتى» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
3- «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيدا ئىبادەتكە رامىزاندىن باشقا چاغلاردا كۆرۈلمىگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتەتتى. رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئۇنىڭدىن باشقا چاغلاردا كۆرۈلۈپ باقمىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتەتتى» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
يۇقارقى ھەدىسلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەدىر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكە باشقىلارنى تەرغىب قىلىپلا قالماستىن، ئۆزىنىڭمۇ ئۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، ھەتتا بۇنىڭغا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ھەممىمىزگە مەلۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز ئۈچۈن بىر ئۈلگىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ بۇ ئۇلۇغ ۋە بەرىكەتلىك كېچىلەرنى غەنىمەت بىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك، ئۇ ۋاقىتلارنى ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشايلى. بەزىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە «بۇ ئۇلۇغ كۈنلەر ۋە بۇ ئۇلۇغ كېچىلەر ئۆتۈپ كەتسە يەنە كېلىدۇ» دېگەندەك خىياللار، تېخىمۇ توغرىسى ۋەسۋەسەلەر كېلىشى مۇمكىن. توغرا، ئۆتۈپ كەتسە يەنە كېلىدۇ. لېكىن ئۇ چاغدا بىز بۇ دۇنيادا بولماسلىقىمىز مۇمكىن!
3- قەدىر كېچىسىنىڭ ۋاقتى
1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قەدىر كېچىسىنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن ئىزدەڭلار» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
2- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپقا كىرەتتى ۋە: «قەدىر كېچىسىنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئىزدەڭلار» دەيتتى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
يۇقىرىدا ئۆتكەن ئايەتلەردىن قەدىر كېچىسىنىڭ رامىزان كېچىلىرىدىن بىر كېچە ئىكەنلىكى، ھەدىسلەردىن ئۇ كېچىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈننىڭ تاق كېچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى چىقىدۇ. بۇ كېچىنىڭ قايسى ئايدا ۋە قايسى ئون كۈننىڭ كېچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، قايسى كېچە ئىكەنلىكى مەجھۇل ھالەتتە قويۇلىشى، بەندىلەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ كېچە-كۈندۈزلىرىدە بولۇپمۇ ئاخىرقى ئونىدا اللە تەئالاغا كۆپرەك تائەت-ئىبادەت ۋە دۇئا-تىلەك قىلىۋېلىشى ئۈچۈندۇر.
4- قەدىر كېچىسىدە ئىبادەت قىلىشنىڭ ھۆكمى
قەدىر كېچىسىنى ئىزدەش، ئۇنى تائەت-ئىبادەت ۋە دۇئا-تىلەكلەر بىلەن ئۆتكۈزۈش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇستەھەپتۇر (يەنى قىلسا ساۋاب بولىدىغان، قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان ئىشتۇر). چۈنكى دىنىمىزدا بىر ئىشنى قىلىشقا كەسكىن بۇيرۇلماستىن تەرغىب قىلىنغان بولسا، بۇ ئۇ ئىشنى قىلىشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قەدىر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكىمۇ كەسكىن بۇيرۇلمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش مۇستەھەپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈمىگەنلەر گۇناھكار بولمايدۇ، لېكىن بۇ كېچىدىكى رەھمەت، مەغپىرەت ۋە بەرىكەتلەردىن مەھرۇم قالىدۇ.
5- قەدىر كېچىسىدە قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قەدىر كېچىسىنى ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىپ ۋە ساۋاب كۆزلەپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ » (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قەدىر كېچىسىدە مۇنداق دەپ دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىپ قويغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئى ئاللاھ! سەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن، ئەپۇ قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، مېنى ئەپۇ قىلغىن!» (تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان).
بۇ ھەدىسلەرگە ئاساسەن بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈش، پەرز نامازلاردىن كېيىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە نەپلە ناماز ئۆتەش، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ۋە مەنىلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش، زىكىر-تەسبىھ ئېيتىش (سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئەللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھ دېيىش)، دۇئا قىلىش، سەدىقە-زاكاتلارنى ئايرىش، ياتلىشىپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن ئۆزئارا يارىشىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
خۇلاسە
قەدىر كېچىسى پەزىلەتلىك، بەرىكەتلىك ۋە ئۇلۇغ بىر كېچە. بۇ كېچىنىڭ ئىسمى ۋە خاسىيەتلىرى قەدىر سۈرىسىدە (97- سۈرە) ۋە دۇخان سۈرىسىنىڭ (44- سۈرە) 3- ئايىتىدە بايان قىلىنغان. بەقەرە سۈرىسىنىڭ (2- سۈرە) 185- ئايىتىدە بۇ كېچىنىڭ رامىزان كېچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كېچىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىلىرىدىن تاق بىر كېچە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنى بۇ كېچىنى تېپىشقا تەرغىب قىلغان، ئۆزىمۇ بۇنىڭغا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
قېرىنداشلار! رامىزان ئېيىدا، بولۇپمۇ شۇ قەدىر كېچىسىنىڭ ئالدى-كەينىدە قولىدىن كېلىشىچە ئىبادەت قىلغان، يوقسۇل-مىسكىنلەرنى ۋە ھاجەتمەنلەرنى يۆلىگەن، غېرىپ-مۇساپىرلارغا تاماق بەرگەن، يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىغان ۋە روزىدارلارغا ئىپتارلىق بەرگەن مۇسۇلماننىڭ قىلغان ئىشلىرىنى اللە تەئالا ھەرگىزمۇ يەردە قويمايدۇ. بۇنىڭغا ئىشىنىمىز ۋە ئىشىنىشىمىز لازىم.
شۇنىڭ ئۈچۈن رامىزان ئېيىنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشكە، بولۇپمۇ قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى. يۇقارقى ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بۇ كېچىنى تېپىش، رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشىمۇ بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ناھايىتى مەنىلىك.
ئەسكەرتىش
بەزى ئىلىمسىز ئىنسانلارنىڭ قەدىر كېچىسىدە ئۇخلىماي ئولتۇرسا بولىدىكەنغۇ دەپ بۇ ئۇلۇغ كېچىنى تېلېۋىزور كۆرۈپ ياكى بىرقانچە ئەخمەق بىر يەرگە يىغىلىپ قارتا ئويناپ ۋە ياكى ئۆزئارا قۇرۇق پاراڭ سوقۇشۇپ ئۆتكۈزۈشى، ئاللاھنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلغانلىقتىن سىرت، ئۆزىنى ئالدىغانلىقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. بۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم. يەنە بىر گەپ، قەدىر كېچىسىدە بىر ئاقلىق ئۆتەرمىش، بۇنى كۆرگەن كىشى نېمىنى تۇتسا شۇ ئالتۇن بولۇپ قالارمىش… دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق.
مەنبەسى : ئىسلام نۇرى تورى

ساخاۋەتچىلەر مۇنبىرىدىن ئىلىندى

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 06:38:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن چۈشتە تېخى بىزنىڭ مەسچىتنىڭ ئىمامى مۇشۇ قەدىر كېچىسى توغرىلىق سۆزلىگەنتى . بۇ كېچە مىڭ ئايدىن ئۇلۇغ.

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 923
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 06:43:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم مۇشۇنداق ياخشى تىمىلىرىڭىزنىڭ ئايىغى ئۇزۇلمىگەي

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10064
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7797 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 06:51:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن قېرىندىشىم،بىلمىگەنلىرىمنى بىلۋالدىم

ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5498
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2013-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 06:52:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن رامىزاننىڭ 27-كۈننى قەدىر كىچىسى  دەپ ئاڭلىغانتىم بۇ راسمىدۇ؟؟؟

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81755
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2012-6-18
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 06:55:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن !

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3429
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27308
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8378 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 06:59:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىر كىچىسى ئىنىق قانچىنجى چىسلادۇ؟ بىلىدىغانلار ئىنىق جاۋابىنى بەرگەن بولساڭلار بەكمۇ ياخشى بولاتتى.

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4717
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 07:10:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلىكە يوللىغان ۋاقتى  2012-8-3 06:59 PM
قەدىر كىچىسى ئىنىق قانچىنجى چىسلادۇ؟ بىلىدىغانلار ئىن ...

بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىڭ  يە نى ئەرەپچە گوگېل ئىزدەش ماتورىغا سېلىپ ئىزدەپ بېقىڭ

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 07:12:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلىكە يوللىغان ۋاقتى  2012-8-3 06:59 PM
قەدىر كىچىسى ئىنىق قانچىنجى چىسلادۇ؟ بىلىدىغانلار ئىن ...

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قەدىر كېچىسىنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن ئىزدەڭلار» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 07:34:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xaripa2011 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-3 06:52 PM
مەن رامىزاننىڭ 27-كۈننى قەدىر كىچىسى  دەپ ئاڭلىغانتىم ب ...

بۇ توغىرسىدا تالاش-تارتىش بار،لىكىن بىرلىككە كەلگىنى بولسا رامىزاننىڭ 21 دىن تارتىپ تاق كۈنلىرى ياكى ئاخىرقى ئون كۈن كىچىدە ئىبادەت قىلىش كىرەك دىيىلىدۇ!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش