ئىككىنچى، ئاممىباب كىيىندىغانلار. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ كىينىشىدە بۇ خىل تىپقاتەۋەلىرى ئەڭ كۆپ سالماقىنى ئىگەللەيدۇ. مائاشلىقلاردىن تارتىپ، سودىگەر ۋە دېھقان ئاياللىرىغىچەمۇشۇنداق ئاممىباب يەنى «مەدەنىي» كىينىدۇ. بۇ تۈر مانا مۇشۇنداق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ كىينىشىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بولغاچقا يەنە ئۆزنۆۋىتىدە مىللىيلىكنى يېتىلدۈرگەن.
بۇ تۈردىكىلەرنىڭ كىينىشىمۇ ھەر خىل. بەزىلەر ئۇزۇنراق يوپكا كەيسە بەزىلەر ئىشتان كىيىۋالىدۇ، بەزىلەر كالتە يەڭلىك مايكا كەيسە يەنە بەزىلەر ئۇزۇن يەڭلىكنى كىيىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئوخشاش بىر ئالاھىدىلىكى ھەممىسى ياغلىقنى ئارقىسدىن چىگىدۇ. ياغلىق چىگىدىغان مائاشلىقلارنىڭ بەزىلىرى كاستىيوم-يوپكا كەيسە بەزىلىرى قىسقا يەڭلىك كوپتا بىلەن گاچا يوپكا ياكى قىسقا يەڭلىك كۆينەك كىيىدۇ. يېزا ئاياللىرى ۋە تىجارەتچى ئاياللار ئاساسەن دېگۈدەك ئۇزۇن يوپكا، ئۇزۇن يەڭلىك كوپتا ياكى كۆينەك كىيىدۇ. ھېلىلە ياغلىق ئارتىدىغانلارمۇ يوق دىيەرلىك.
شۇنى ئەسكەرتەپ قويۇشقا ئەرزىيدۇكى، خىزمەت شارائىتى تۈپەيلى بەدەننى تېخىمۇ يېپىىپ كىينىشكە ئامالسىز قالسىمۇ لېكىن نېپىز ياغلىق ئارتىمايدىغان، قىسقا يەڭلىك كەيمەيدىغان، پاچاقلىرىنى ئوچۇق قالدۇرماسلىق ئۈچۈن يازدىمۇ قېلىن پايپاق ئىشتان كىيىپ تونۇش-بىلىش، خىزمەتداشلىرى ئارىسىدا «نېمانداق قېرى خوتۇندەك كىينىۋالدىڭىز، مەتۇ» دەپ نام ئالغان مائاشلىقلارمۇ بار. ئۇلاردىن سورىسىڭىز خىزمەتتىن بىراقلا ۋاز كېچەي دېسە، ئۇنچە باي-باياشات ئەمەس. ئۆزى ئىشلىمىسىمۇ بولىدىغان. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق كىيىنگەن. گەرچە «مەدەنىي» كىينىسىمۇ لېكىن ھەر تەرەپتىن بېسىم ۋە چەكلىمىلەرنى يېڭىپ، كىينىشتە ھايالىق بولغان بۇ مائاشلىقلارنى ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.
بۇ خىل تىپقا تەۋە يەنە شۇنداق بىر قىزلار باركى، بېشىدا ياغلىق، ئۇچىسىدا كالتە يەڭ مايكا، پاچىقىدا ئىشتان، پۇتىدا ئىلمەك ساپما كەش. بۇ قانداق كىينىش ئەمسى؟ چىپپىدە كىيىۋالغان پادىچىلار ئىشتىنى ياكى خەنچە گاچا ئىشتىنىغا قاراپ باشقا مىللەت قىزلىرىكەن دەي دىسىڭىز بېشىدا ياغلىق. كىيىۋالغان مايكىسى سەل كەڭرى، ئۇزۇنراق بولسا نېمە دەي؟ كۈز، قىشتىمۇ ئۇزۇن چاپان كىيىشنى بەك خالاپ كەتمەيدۇ. شۇ سۆڭگەچتىلا. ئەگەر بېشىدىكى چاچلىرىنى پاخپايتىپ چىقىرىۋالغان ياغلىقىنى شۇنداقلا ئېلىۋەتسەك ھالىتى يەنە بىر ئۇيغۇردىن، مۇسۇلماندىن دېرەك بېرەمدۇ؟ ئۈستى-بېشى يا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرغا خاس ئەمەس، يا تايىنلىق باشقا مىللەتنى دوراپلا كەتمىگەن. نېمىدىگەن بىچارىلەرچە كىينىش، نېمىدىگەن ئەبجەش مەدەنىيەت؟ خۇددى ئاتا-ئانىسى بىر مىللەتتىن بولمىغانلىقتىن ئىككى مىللەت ئارىسىدا ساپ قان دەۋاسىدا تېنەپ يۈرگەن بىچارە بالىدەك. كىشىنى ئەپسۇسۇلاندۇردىغىنى شۇ بولدۇكى، ئەسلىدىنلا ئۇزۇن كۆينەك، يوپكىلار بىلەن گۈزەل سانالغان قىزلىرىمىز بۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيتىنى تونۇپ يېتىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئارىلاشما مەدەنىيەتنىڭ بۇ تىپىغا تېخىمۇ چىڭ يېپىشتى. ئەسلىدە بۇنداق كىيىنمەيدىغانلارمۇ «زامانغا ماسلاشتۇق» دەپ مۇشۇنداق كىينىدىغان بولۇشتى. ھەتتا بەزى سەھرا قىزلىرىمۇ قىسقىراق يوپكىسىغا ھەر خىل گاچا پايپاق ئىشتانلىرىنى ياراشسا-ياراشمىسىا قوشۇپ كىيۋېلىپ پۇت-پاچاقلىرىنى ياپقان بولدى. لېكىن بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئېگىز-پەس، كالتا-قىسقا كىيىملەر قانداقمۇ بەدەننى ئوبدان ياپالىسۇن؟ قىزلارنى قانداقمۇ گۈزەل كۆرسەتسۇن؟ كىشىگە سۇيۇق، غىلجىڭ تەسىر بېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس خالاس.
ئۈچىنچى تۈردىكىلەر بولسا يالاڭباش يۈرىدىغانلار بىلەن ئاز ساندىكى بەكلا نېپىز ھەم ئوچۇق كىينىدىغانلار. بۇنداق دەپ گەرچە يالاڭباش بولسىمۇ دېگۈدەك ئوچۇق كىيىم كەيمەيدىغان بەزى قىز ئوقۇغۇچىلارنى شۇ ئوچۇق كىيىم كىيدىغانلار بىلەن باراۋەر قويغىنىم يوق. ئۇلارنى باشتىكى ئىككى تۈرگە تەۋە قىلغىلى بولىمىغانلىقتىن بۇ ئۈچىنچى تۈرنىڭ بىر تارمىقى قىلدىم. لېكىن بۇلار ئۈستىدە كۆپ توختالمايمەن.
ئوچۇق كىينىدىغانلارنىڭ قارىشىچە كىيىم قانچە نىپىز ھەم ئاچىدىغان بولسا ئادەم شۇنچە گۈزەل بولىدۇ، يات جىنىسلارنى شۇنچە جەلىپ قىلىدۇ، مەدەنىي ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ ئېتىقاد، كىيىم-كىچەك ۋە گۈزەللىك قارىشىمىزنىڭ تۆۋەنلەپ شۇنچىلىك بولۇپ قالغانلىقىغا ھەيران بولىمەن. بىلىمىز، ئىنساننىڭ تەبىئىتى گۈزەللىكنى سۆيۈش، ھەممە ئادەم گۈزەللىكنى سۆيىدۇ. پەقەت ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيسى، كۆز-قارىشى، ئۇنى ئىپادىلىشى ئوخشىمايدۇ شۇ. ئويلايدىغان بولساق ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى نەقەدەر ئېسىل، ئىلمىي ھەم ئىلغار ئىدى ھە!
بەدەننى ئوچۇق قويۇپ كىينىشنى ياخشى كۆرىدىغان قىز-ئاياللار، «ئەۋرەتلىرىڭىزنى يېپىڭ، گۇناھ» دېسەك، «چالا-موللاملار» دەپ قۇلقىىڭىزغا خوشياقمىدى. «ئۇيغۇردەك ھايالىق كىينسىڭىزكەن» دېسەك، «ئۆتەپ بارە مەتۇ» دېدىڭىز. سىزچە، بۇ ئىلغارلىق، مەدەنىيەت، گۈزەللىك ھېسابلاندى. بوپتۇ ئەمسە، بىز بۇنى دېمەي تۇرۇپ پۈتۈن سىزچە، سىزنىڭ كىينىش ئۇسلۇبىڭىز ۋە يۆنلىشىڭىز بويىچە تەپەككۇر قىلىپ باقايلى. سىزنىڭ قۇلقىڭىزغا خوش ياققۇدەك بولۇشى ئۈچۈن، دىندىن ھەم ئەنئەنىۋى كىيىم-كىچەك قارىشىدىنمۇ سۆز ئاچمايلى. شۇنداقتىمۇ بىز نېپىز، ئوچۇق كىينىشنى ياخشى ئەمەس ھەتتاكى ناچار قىلىق، ساپاسىزلىق ھەم مەدەنىيەتسزلىك دەيمىز. ئەمسە نېمە ئۈچۈن؟ شۇ گۈزەللىك ئۈچۈن. سىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولغۇڭىز بار ئەمەسمىدى؟ ئەمسە سۆزۈمگە قولاق سېلىڭ.
ئالدى بىلەن شۇ سىز مەپتۇن بولغان كىيىمنىڭ مەنبەسىنى غەرب مەدەنىيتىدىن كەلگەن دەيمىز. لېكىن بىزنىڭ بەزى قىزلىرىمىز كىيىۋالغان كىيىم ياكى ئۇسلۇبنىڭ ئەمەلىيەتتە چەتئەلدە پاھىشەلەر كىيدىغان كىيىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز ئەتمالىم. نېپىز كىينسىڭىز بەدەنىڭىزنىڭ گۈزەللىكى ئەكىس ئېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، پۈتۈن كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلىرىڭىز، سەت جايلىرىڭىز «مانا مەن» دەپ چىقىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلار سىزگە قارىغان ھامان، ئويلىغىنىڭىزدەك گۈزەللىڭكىزنى كۆرۈش ئەمەس ئالدى بىلەن «ئاۋۇ يېرى ئۇنداقكەن، ماۋۇ يېرى مۇنداقكەن» دەپ قۇسۇر ئىزدەيدۇ. سىزگە بەكرەك قارىغان كىشى تېخىمۇ شۇنداق. سەت جايلىرىڭىزنى كۆمەسكە سېلىپ، چىرايلىق يەرلىرىڭىزغىلا دىققەت قىلىدىغان كىشىلەر سىزگە قارىمايدۇ. چۈنكى، بۇ بىر بولسا گۇناھ، يەنە بىر بولسا بۇ گۈزەللىك ئەمەس. سىزگە ھوزۇرلىنىپ قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىزدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغانلار. ئەگەر بەدەننى ئوچۇق قويسىڭىز تېخىمۇ شۇنداق. ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ يېتەرسىز جايلىرىڭىزنى كۆرۈشكە، ئىچىدە مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشكە تېخىمۇ شەرت ھازىرلاپ بەرگەن بولىسىز. ئۇنچە ئېچىۋېىلىپ، يېتەرسىزلىكلىرىڭىزنى خەققە كۆرسىىتىپ نېمىمۇ قىلارسىز؟ بەدەننى سەل ياپسىڭىز يېتەرسىزلىكلىرىڭىز كىيىمنىڭ ئىچىدە قېلىپ، سىز شۇنچە كۈچىگەن يۈز، قوللىرىڭىز تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ، گەۋدىلىنىدۇ ئەمەسمۇ؟ مىسال:
ئاۋدىرى خېپبورىن (1993-1929) ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئىككىنچى جاھان مەزگىلىدە كىنو ساھەسىدە تونۇلۇپ، تۇنجى بولۇپ «ئەڭ ياخىش ئايال پېرسۇناژ» مۇكاپاتىغا، كۆپ قېتىم ئوسكار مۇكاپاتىغا، نوبىل تېنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھاياتىدا ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن كۆپ شوغۇللانغان. ئافرىقىدىكى ئاچارچىلىقتا قالغان بالىلارغا ئۇنڭچىلىك قىلغان ئايال چولپاندىن يەنە بىرسى يوقتۇر. كىشىلەر تەرىپىدىن «ئىنسانلاردىن چىققان پەرىشتە» دەپ نام ئالغان ئۇ، ھوللىۋوتتا ئايال ئارتىسىتلارنىڭ نېپىز ھەم ئوچۇق كىيىم كىيىشىنى ياقتۇرمىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاياللار بەك نېپىز، ئوچۇق كىينىۋالسا (ئاتالمىش تەننازلىقنى دىمەكچى) ئاياللىق سالاپىتى، ئېسىلزادىلىكى ۋە گۈزەللىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئۇ يەنە «تار، نېپىز كىينىش ئۆز بەدىنىنى خورلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ قاراپ، ئۆز زامانىسىدىكى ئاياللارنىڭ كىينىش، گۈزەللىك ئۆلچىمىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن. مۇسۇلمان بولمىغاندىكىن، ھەممە يېرىنى يۆگەپ يۈرمەيدۇ. لېكىن بەزى قاراشلىرى ئىلمىي دەپ قارىلىدۇ. ئەمدى بەزى رەسىملىرىنى كۆرۈپ «دېگىنىڭدەك ئەمەسكەنغۇ؟ مۈرىسىنى ئېچىۋاپتىغۇ» دەپ باھانە ئىزدىمەڭ يەنە.