يات مىللەت بىلەن توي قىلىش
ياخشىمۇ سىلەر دوسلار، بۇ تىمىنى يازغۇچە شۇنداق ئۇيلۇنۇپ كەتتىم ، بىشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار، قىنى سىز ئۇقۇپ بقىڭ،
تىخى يىقىندىلا يۈز بەرگەن ئىشلار،
مەن 2007 -يىلدىن بۇيان پاكىستان دىگەن بۇ نەس باسقان شەھەردە خىزمەت ئىشى بىلەن تۇرۋاتىمەن، پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئاباد،مەن بۇ يەرگە چىققاندىن بىرى بىر مۇ ياخشى ئىنساننى ئۇچرۇتۇپ باقمىدىم، كونىلار توغرا دەپتىكەن پاكىستانلىقنىڭ ياخشىسى ئىشەك ئەسكىسى توڭگۇز دەپ،
يىقىندا مەن قەشقەردە بىر تاكسىغا چىقىپ كىتىۋاتتتىم، ئالدىمىزدا ياشانغان ئىككى ئايال تاكسى ساقلاپ تۇراتتى، شۇپۇر ئۇلارنى ئىلىۋالسام دىدى، مەن قۇشۇلدۇم،
ئۇلارمۇ ماشىنىغا چىقتى، يولدا كىتىۋاتقۇچە ماڭا پاكىستاندىن تىلفۇن كەلدى، مەن ئوردو تىلىدا پاراڭلىشىپ تىلفۇننى قۇيۇۋەتتىم، شۇپۇر قىزىقىپ مىنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى سورىدى، مەن مۇ سۇئالىغا لايىق جاۋاپ بەردىم، ئاندىن ھىلىقى ئىككى ياشانغانلارنىڭ بىرى مەن بەك تەپسىلى سوراپ كەتتى، مەنمۇ جاۋاپ بىرىشتىن ئىرىنمىدىم، شوپۇر مەندىن پاكىستانلىقنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى، دىننى ئەقىدىسى تۇغۇرلۇق سۇرىدى،
مەن پاكىستانلىقنىڭ ئەڭ ياخشى دىگەن ئادەمنىڭ بىزنىڭ مۇناپىق، جوھۇت دەپ تىللايدىغان ئادەم بىلەن تەڭ ئىكەنلىكىنى دىدىم، ۋە ئۇلارنىڭ قانداق ئەسكىلىكىنى دىدىم،
شۇ ھامان ھىلىقى ئىككەيلىننىڭ بىرى بەك يىغلاپ كەتتى، مەن نىمە ئىش بولغانلقىنى سورىسام، ماڭا بىر ئىشنى دەپ بەردى؛ 2005-يىلى ئۇ ئايال 19 كىرگەن قىزىنى 34ياشقا بىر پاكىستانلىققا بىرىپتۇ، ئۇ پاكىستاننىڭ گىلگىت شەھرى ( قانۇنمۇ يوق، بىر تاغلىق رايۇن) دىن ئىكەن، بۇ پاكسىتانلىق تويدىن كىيىن 6 ئاي قىزنىڭ ئۆيىدە يەپ ئىچىپ يىتىپتۇ، كىيىن مەن پاكىستانغا بىرىپ سودا قىلىمەن دەپ كىتىپ 1 يىل يوقاپ كىتىپ قايتىپ كەپتۇ، ھەم سودىدا ۋەيران بولغانلىقىنى، ئازراق پۇلغا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ قىزنىڭ ئۆيدىكىلەردىن 80000 مىڭ يۇەن پۇلنى، ھەم قىزنى ئىلىپ پاكىستانغا كىتىپتۇ، 3 يىلغىچە ھىچقانداق خەۋىرى بولماي، 2009-يىلى 11- ئايدا قىزى قايتىپ كەپتۇ، ۋە قىزنى ئانىسىمۇ تۇنۇيالماپتۇ. قىزنىڭ ھىكايىسى:
مەن ئاۋال قەشقەردىن مىڭىپ ئۇدۇل پاكىستاننىڭ گىلگىت شەھرىگە كەلدىم، ماشىنىدىن چۈشۈپ قارىسام ئادەمنىڭ قۇرقۇسى كىلىدىغان بىر تاغنىڭ ئارىسىدا تۇرىمەن،ئىرىم ماشىنىدىن چۇشكەندىن كىيىن مىنىڭ پاسپورتتىمنى تارتىۋالدى، بىز بىر ئىشەك ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ 1 سائەتلەر ئەتراپىدا بىر تاغنىڭ ئارىسىغا كەلدۇق، ئۇ ماڭا بىر قوتانغا ئوخشايدىغان يەرنى كۆرسۈتۈپ بۇ بىزنىڭ ئۆيىمىز دەيدۇ، ۋە ئۆيدىن 10 ياشلىق بىر ئۇغۇل بالا، 7 ياشلىق بىر قىز بىلەن بىر 29 ياشلار ئەتراپىدا بىر ئايال چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۇشۈپ كەتتى، مەن باشتا ھەيران قالدىم، ئۇنىڭ تۇققانلىرى ئوخشايدۇ دەپتىمەن، ھىلىقى ئايال مىنى كۆرسۈتۈپ ئۇنىڭغا بىر نەرسىنى دىدى، مىنى سورىدى بولغان،
ئارقىدىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپلا كەتتى، ھىلىقى 10 ياشلىق ئۇغۇل بالا قۇلىغا كالتەك ئىلىپ مىنى ئۇرۇشقا باشلىدى، ئۇ بالىنى ۋە ئايالنى تۇتىۋىلىپ بىر نەرسىلەرنى دىدى.
ئايالىمۇ جىمىپ قالدى، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئايالى بىلەن بالىلىرى بار ئىكەن، مەن كىتىمەن دەپ تۇرۇۋالدىم، ئۇ يوقال ئەمسە دەيدۇ، مەن پاسپورتىمنى بىرىشنى ۋە مىنى يولغا سىلىپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدىم، ئۇ سەن بىلەن كارىم يوق، پاسپورتىڭنىمۇ بەرمەيمەن، پۇلمۇ بەرمەيمەن دىدى، مەن قان زار يىغلىدىم يىلىندىم، پايدىسى بولمىدى،
ئامال يوق يەنە تۇرۇپ قالدىم،ھەر كۈنى چەلپەك دەيدىغان بىر نان بىلەن قىتىقلا ئىچىمەن، نەچچە ئايدىن كىيىن بۇيۇمدا قالدى، ھەركۈنى تىنىم تاپماي ئىشلەيمەن، ھەتتا ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ پۇتىنىمۇ مەن يۇدۇم، ئامال يوق، ئۇنى قىلىپ بۇنى قىلىپ ئانا بولدۇم، بىر ئۇغۇل تۇغدۇم، ئۇنىڭ ئايالى بالامنى ئۆلتۈرۋىتىمەن دەپ نەچچە قىتىم قولىغا پىچاق ئالدى لىكىن ئۇ ( ئىرىنى دىمەكچى) توسىۋالدى، بۇ قىتىم ئۇ يەردە ئاپەت بولغاندا ئۇ مىنى شۇ جاڭگالغا تاشلىۋىتىپ ماڭا بىر تىيىنمۇ بەرمەي ئۆزى بالامنى ئىلىپ كىتىپ قالدى، مەن مىڭ جاپادا قايتىپ كەلدىم.
مانا بۇ قىزنىڭ ھىكايىسى، بۇنداق ھىكايە پاكىستاندا بىرلا ئەمەس، كۈرمىڭ . 2010-يىل6- ئايدا خوتەنلىك بىر قىزنىڭ ھاياتى بۇنىڭدىنمۇ ئىغىر، لىكىن ئۇ ئۆيدىن قىچىپ چىققان ئىرى ئۇنى نەچچە قىتىم باشقىلارغا سىتىۋەتكەن، سۇزلىسەم بۇنداق ھىكايە 1 ئايدىمۇ تۈگۈمەيدۇ
مەن ئۇ ئايالدىن قىزىنى نىمىشقا ئۇيغۇرغا بەرمىگەنلىكىنى سوراپ باقتىم، لىكىن ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ خىجىل بولدۇم،
ئايالنىڭ جاۋابى؛ ھازىر قىزىمىزنى ئۇيغۇرغا بەرسەك ئۇغۇللۇرىمىز قىز ئالماي ئالتۇن كان ئالىدىكەن، قىزىمىزنىڭ چىقىمىنى قىلغاندىن سىرىت قۇدىمىزنىڭ، كۇيئۇغلىمىزنىڭ، چىقىمىنىمۇ قىلىدىكەنمىز، قىز باققان ئادەم گۇناھكاردەك قۇدىمىز قىزىمىزنى خارلاپ بىزنى بوزەك قىلىدىكەن، ئاتا-ئانا بولغۇچى قىزىنىڭ ئاجرىشىپ كىتىپ بەخىتسىز بوپ قىلىشىنى خالىمايدۇ، شۇڭا بىز ئۇنى ئىسلام دۆلىتىدىن كەلگەن ئاياللارنى خارلىمايدۇ دەپ شۇنداق قىلغان، ئەگەر مۇشۇنداق سەۋەپلەر بولمىغان بولسا قىزىمنى ھەرگىز بەرمەيتىم، 1 m9
مانا مۇشۇنچىلىك ھىكايە،
مىنىڭ كۆرگنلىرىم؛ ئۈرۈمچىدىكى تىببى ئۇنۋىرسىتىتتا پاكىستانلىقلارمۇ ئۇقۇيدۇ، پاكىستانلىق ئۇغۇللارنىڭ يۈرۈۋاتقىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر قىزلار، قىزلىرىمىز پەخىرلىنىپ كىتىدۇ تىخى، ئەخمەق بولماڭلار، ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ نامى ئوتتۇرا ئاسىياغا تاراپ بولدى، قىزلىرىمىزنىڭ نامى سەۋەپلىك تاراپ بولدى، ئۈرۈمچىگە بارساڭ 1 ھەپتىدە بىكارلىق خوتۇن تاپىسەن،
ئۆزى ئالدىڭغا كىلىدۇ، ئۇلار سىنىڭ كۆزۈڭگە قاراپ كۈلۈدۇ، سەن بىرىپ تىلفۇن نۇمۇرۇڭنى بەرسەڭلا بولدى ، قالغان ئىشنى قىزلار ئۆزى قىلىدۇ، دەيدۇ، توۋا، بىز تىخى بۇنچە بوپ كەتمىدۇق،
يەنە بىر ئىش ھازىر قىزلىرىمىز ئۇغۇللىرىمىزنى يارىماس دىسە، ئۇغۇللىرىمىز قىزلىرىمىزنى بۇزۇق دەيدۇ،
مەن ئۈرۈمچىگە بىر ئىش بىلەن بارغان ئىدىم، چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغان ئىدى، تاماق يەي دەپ ئاشخانىغا كىرىپ ئوتۇرسام،4 ئۇيغۇر قىز بىلەن 4 خەنزۇ يىگىتنىڭ قۇل تۇتۇشۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم، بەكلا ھەيران قالدىم، مەن تاماق بۇيرۇتقاچ ئۇلارغىمۇ نەچچە زىق كاۋاپ بۇيرۇپ قۇيدۇم، مۇلازىمەتچى كاۋاپنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قۇيۇپ مىنى كۆرسۈتۈپ بىر نەرسە دىدى، 4 خەنزۇ يىگىت مىنىڭ ئالدىمغا كەلدى ، ماڭا سەن نىمىشقا بىزگە تاماق بۇيرىسەن؟ سەن كىم دەپ سۇراپلا كەتتى، مەن خەنزۇچە ئۇقمايمەن دىدىم، قىزلار كەلدى،
مەن ئۇلاردىن نىمىشقا بۇنداق قىلغانلىقىنى سۇرىسام ئۇلار تەمتىرمەستىن بۇلار بىزنىڭ يىگىتىمىز دەيدۇ، جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم، قىزلار خەنزۇلارنىڭ كىتىپ تۇرۇشىنى دىدى، ئۇلار كەتتى، قىزلار مەن بىلەن بىرگە ئولتۇردى، ھەم ماڭا: ھەيران قالماڭ، بىز دىگەن قىز بالا ،ئاجىز ، بىز ئۇيغۇر باللارنى تاللىساق بىزنى ۋەيران قىلدى، ئاندىن خۇددى .... لار ئۇرنىدا كۆردى،
بىز رازى بولمىغان ، ئۇلار بىزنى مەجبۇرلىدى، بەزىلىرىمىزنى دۇرا بىرىپ مەس قىلدى، بەزىلىرىمىزنى مەجبۇرلىدى، ھازىر نەگىلا قارىسىڭىز ئۇرۇش-جىدەل، مەس، ئاق چىكىۋاتقان، قىمار ئۇيناۋاتقان، يەردە ئۇيغۇر باللىرى بار، بىز قىزلارنىڭ ھالىنى سۇراپمۇ قۇيمايدۇ، تىخى بىزنى ئۇزۇن يوپكا كەيسەڭ مومايلارغا ئوخشاپ قالىدىكەنسەن، ئىشتان كەي، كالتا يوپكا كەي، چىچىڭنى سىرىق بۇيىۋال، دەپ بىزنى خۇددى .... لارغا ئوخشۇتۇپ قۇيدى، بىز مۇشۇ يول ئارقىلىق كەلگۈسىمىزنى تاپماقچى بولدۇق،ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق بىزنى كىم ئالىدۇ؟ سىز ئالامسىز؟ بىزگە ھەركۈنى پەقەت بىر پارچە نان بەرسىڭىزمۇ شۇكرى دەيمىز، بىزنى قوغدىيالامسىز؟ ھاھاھاھاھاھا،، ئارتۇقچە ئۇيلىماڭ دەپ كۈلۈپ قىۇيۇپ كەتتى،
ھەيران قالدىم، ئىچىمدە يىغلىدىم، تاماقنىمۇ يىيەلمىدىم، پۇت قۇلۇم تىترەپ كەتتى، يەنە بىر ئىشنى ئۇيلاپ قالدىم، بىز ئۇغۇللار ئۇنچە چۈشكۈن ئەمەس، بىزگە مەدەت كام، بۇ مەدەتنى پەقەت قىزلار بىرەلەيدۇ، بىز قىزلىرىمىزغا ھازىر ئۇنچە جىق مال-دۇنيا بىرەلمەيمىز، بىز يىمىسەكمۇ قىزلىرىمىزنى ئاچ قۇيمايمىز،ھامان بىر كۈنى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز!
قىزلار ئۇغۇللارنى، ئۇغۇللار قىزلارنى ئىنكار قىلىپ كەلگۈسىمىز نىمە بولار؟ ئەگەر مۇشۇنداق بولىۋەرسە مىللىتىمىز 30 يىل بەرداشلىق بىرەلەمۇ؟ ياكى تۈگەپ كىتەرمۇ؟ مەدىنىيىتىمىز نىمە بولار؟
ئۆتۈنۈش؛ ھەر بىرەيلەن قىتىرقىنىپ ئۇيلۇنۇپ باقايلى، ئەگەر مۇمكىن بولسا دوسلىرىڭلار ئارىسىدا مۇنازىرە قىلىپ باقساڭلار، ھەم باشقا مۇنبەرگىمۇ يوللاپ قۇيساڭلار، بەلكىم نەچچە ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالارسىز! بۇنى مەن ئۆزۈم ئۇيلاپ يازمىغان بەلكى بىر ھەقىقەت.
مەنبە:
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-20199.html