جۈمە كۈنىنىڭ پەزىلەتلىرى
پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇبارەك كۈنى بولمىش جۈمە كۈننىڭ پەزىلەتلىرى توغرىسىدا (تەرغىبۇسسالات)ناملىق كىتاپتىكى ھەدىسلەردە:
(كۈنلەرنىڭ ئەڭ قىممەتلىگى جۈمە كۈنىدۇر.) (ئادەم ئەلەيھسالام جۈمە كۈنى يارىتىلغاندۇر.جۈمە كۈنى جەننەتكە كۈتۈرۈلگەندۇر،جۈمە كۈنى دۇنياغا چۈشۈرۈلگەندۇر.قىيامەت جۈمە كۈنى قوپىدۇ. جۈمە كۈنى شۇنداق بىر سائەت باركى ئۇ سائەتتە پۈتۈن دۇئالار قۇبۇل بولىدۇ.)
(جۈمە كۈنى بايرام كۈنلىرىدىن ، ئارپە ۋە ئاشۇرا كۈنىدىنمۇ قىممەتلىكتۇر)
(جۈمە كۈنى قىرىق قېتىم سالاۋات ئېتقان كىشىنىڭ قىرىق يىللىق گۇناھلىرىنى اللە كەچۈرەر)
(جۈمە كېچىسى ئىككى راكەت ناماز ئۇقۇپ،ھەر راكىتىدە بىر پاتىھە ۋە يەتمىش ئىخلاس ئۇقۇپ سالامدىن كىيىن يەتمىش قىتىم ئىستىفار ئۇقۇغان كىشى، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلمەنكى ئۈممىتىمنىڭ(ئىمانلىق بولغانلېرىدىن)ھەممىسى بۈيۈك گۇناھ قىلىپ ئۆلسە،بۇ نامازنى قىلغان كىشى ئۇلارغا شاپائەت قىلار،ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭ شاپائىتى بىلەن( مۇسۇلمانلارنىڭ )ھەممىىسىنى جەننەتكە كىرگۈزەر)
(جۈمە كۈنى بامدەت نامىزىدىن بۇرۇن ئۈچ قىتىم(ئەستەغفىرۇللاھەل ئەزىم،ئەللەزى لائىلاھە ئىللاھۇۋەل ھەييۇل قەييۇمە ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيھ)ئۇقۇغان كىشىنىڭ،ئۆزىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ پۈتۈن گۇناھى مەغفىرەت قىلىنىدۇ)مەغفىرەت قىلنىش ئۈچۈن قۇل ھەقلېرىنى ۋەقازا قالغان نامازلىرىنى ئۆتىمەك ۋە ھاراملاردىن ساقلانماق شەرتتۇر.
(كامىل تاھارەت ئىلىپ جۈمەگە كەلگەندىن كىيىن دىققەت بىلەن خۇتبە ئاڭلىغان كىشىنىڭ ئاۋالقى جۈمەدىن مۇشۇ جۈمەگىچە ۋە ئۈچ كۈن ئۆتكىچە يەنى ئون كۈنلۈك گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ)
(جۈمە نامىزىدىن كىيىن يەتتە قېتىم ئىخلاس بىلەن ناس ۋە فەلەق سۈرىلىرىنى ئۇقۇغان كىشىنى ئاللاھ تائالا بىر ھەپتە بالا-قازادىن ۋە يامان ئىشلاردىن ساقلار)
(جۈمە دۇنيادا ۋە جەننەتتە مۆمىنلەرنىڭ بايرىمىدۇر)
(ھىچ ئۆزرىسىز،ئۈچ ھەپتە جۈمە نامىزىنى ئۇقۇمىغان كىشىنىڭ قەلبىنى ئاللاھ تائالا مۆھۈرلەر(ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى خالىماس بۇلار).
ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى بارچە يامانلىقلاردىن يېنىپ،بۇيرىغانلىرىنى جان-تەن بىلەن قىلىپ بۇ مۇبارەك كۈننىڭ پەزىلەتلىرىگە يىتىشنى نېسىپ قىلغاي !
مەنبە : ئەلنەپ مۇنبىرى
http://www.elnep.com/forum.php?mod=viewthread&tid=339
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-3 11:01 AM