|
|
|
|
تاۋار ئۆي سودىسى ھەققىدە تاۋار ئۆي شەھەرلەردىكى سالاھىيەتلىك ئۇرۇنلار سالغان ئۆينى كۆرسىتىدۇ.يەنى تاۋار ئۆي تۆۋەندىكى شەرىتلەرنى ھازىرلىشى كىرەك.1.تەييار تاۋارئۆينى ساتقۇچى ئۆي زىمىن ئىچىش كارخانسى كارخانا قانۇنى ئىگە تىجارەت گۇۋاھنامسىىگە ۋە ئۆي زىمىن تەرەققىيات كارخانىسى سالاھىيەت گۇۋاھنامسىگەئىگە بۇلۇشى كىرەك.تاۋار ئۆيلەرنى سىتىشتا چۇقۇم ئۆي زىمىن ئىچىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۇزۇشى كىرەك.ۋاستىچى ئاپپاراتلارغا ھاۋالە قىلغان بولسا ھاۋالىنى قۇبۇل قىلغان ئورۇن چۇقۇم مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە بۇلۇشى كىرەك.2.تاۋار ئۆي ساتقۇچى يەر ئىشلتىش ھوقۇقىغا قانۇنلۇق ئىرىشكەن بۇلۇش ،قانۇن بۇيىنچە بارلىق يەر ئۇتۇنۇپ بىرىش پۇلىنى تاپشۇرغان بۇلۇش ،يەر ئىشلىتىش ھوقۇق گۇۋاھنامىسى ،يەر ئىشلىتىش تەستىق ھۆججەتلىرگە ئىرىشكەن بۇلۇش كىرەك.3. تاۋار ئۆي ساتقۇچىنىڭ قۇرلۇش پىلانى ئىجازەتنامىسى ،قۇرلۇش ئىجازەتنامىسى بۇلۇشى كىرەك.4.تاۋار ئۆي پۇتكەندىن كىيىن باشقۇرغۇچى تارماقلار تەكشۇرۇپ تاپشۇرۋىلىشى ۋە ئولتۇراق ئۇينى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش ئىجازەتنامسى بەرگەن بۇلۇش ،مۇلۇك گۇۋاھنامىسى ئىلىنغان بۇلۇشى كىرەك.5.تۇك گاز سو قاتارلىق يۇرۇشكەن ئەسھەلەرنىڭ پۇتكەن بۇلۇشى ،خۇجۇلۇق ئىشلىرى لاھىيلەنگەن بۇلۇشى كىرەك.يۇقۇرقى شەرىتلەر ھازىرلانغان ئۆي تاۋار ئۆي بۇلىدۇ.تاۋار ئۆيلەرنى سىتىۋىلىشتىن بۇرۇن چۇقۇم ئادۇۋكاتتىن مەسلىھەت سوراش تاۋار ئۆي ساتقۇچى تەييارلاپ قۇيغان ئەندىزىلىك توختاملارغا (بۇلۇپمۇ دۆلەت تىلىدىكى ) ئالدىراپ قول قويماسلىق كىرەك .ئەندىزلىك توختاملار ئادەتتە ئۇنى تۇزگۇچىگىلا پايدىلىق تۇزۇلىدۇ،شۇڭا ئۆي سىتىۋالغۇچى چۇقۇم ئەندىزىلىك توختامنى ئوبدان كۇرۇشى ئامال بار ئايرىم توختام تۇزۇشى لازىم.توختام تۇزگەندە توختامغا ئۆي تاپشۇرلۇشتىن بۇرۇن ،كىينىكى زىيان خەتىرى ،تاۋار ئۆيدىكى گۆرۇ ،رەنە ،كىپىللىك ،نۇقسان ،خىلاپلىق قىلىش ،زىيان تۆلەش ،سوپەت ،رىمۇنۇت ،خۇجۇلۇق ،يەر ئىشلتىش گۇۋاھنامسى ،ئۆي ئىگىدارلىق گۇۋاھنامسى ،ئورتاق ئىگىدارمۇ بىر ئادەممۇ ، پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ،ئۆي بىجى ،رەسمىيەت ھەققى ،كۆلەم پەرىق مەسلىى قاتارلىق مەسىللەرنى ئىنىق يىزىشى كىرەك.تاۋار ئۆي سىتىۋىلىشتا تەرەپلەر ئادىل باراۋەر ھالدا سودا قىلىشى توختام چۇقۇم مۇۋاپىق تۇزۇلىشى كىرەك.شۇنداق بۇلغاندىلا ياخشى بۇلغان تاۋار ئۆي سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ ئۆي زىمىن تەرەققىياتىنى تىزلەتكىلى ۋە كىيىنكى تالاشلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. قانۇنچىلىق تەشۋىقاتنى كۇچەيتىپ خەلق ئاممىسنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش ئۇچۇن تىرىشايلى .
بەختىيار ئادۇۋكات مەسلىھەت بىرىش تۇرلىرى : نىكاھ ،جىنايى ئىشلار ،قەرىز ئىشلرى ،قاتناش ۋەقەلىرى،توختام ماجرالىرى قاتارلىق تورلۇك قانۇنى ئىشلار . 24 سائەت قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش تىلفۇنى: ،18299819854
توردا ماتىريال يوللاش ئۇچۇن : چ چ 1471561935 توردا مەسلھەت بىرىلمەيدۇ .
بەزى تورداشلار قايتا قايتا ئەسكەرتىشكە قارىماي تۇردا مەسلىھەت سورىماقتا .ئالاھىدە ئەسكەرتىدىغىنىم ھازىرچە تۇردا مەسلىھەت بىرىلمەيدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alabag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-2 08:42 PM
|
|
|
|
|
|