مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2452|ئىنكاس: 43

شىنجاڭدا ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك يامغۇر ياغىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29867
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5642
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 324 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 08:10:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك يامغۇر ياغىدۇ. بۇ قېتىم يامغۇر يېغىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزاق، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى كەڭ، قارا يامغۇر، كەلكۈن، لاي - لاتقا ئېقىنى، تاغ گۆمۈرلۈپ چۈشۈش قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى بىر قەدەر زور بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مېتېرولوگىيە ئىستانسىسى جايلارنى كەلكۈن ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش  خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتتى.
   مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاۋغۇست كېچىدىن باشلاپ 7-ئاۋغۇست كېچىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا غەرپتىن شەرققە 2 مىللىمېتىردىن 12 مىللىمېتىرغىچە سىم-سىم ۋە ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە
ئىلى دەريا ۋادىسى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى ۋە  ئىككى تەرىپى،  جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى قىسمى، بايىنغولىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قۇمۇل قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 12 مىللىمېتىردىن 30 مىللىمېتىرغىچە كۈچلۈك ۋە قارا يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا 50 مىللىمېتىردىن ئاشىدىغان پەۋقۇلئاددە قارا يامغۇر ياغىدىكەن، يۇقىرىدىكى قىسمەن جايلاردا تۆت بالدىن بەش بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى توققۇز بال ئەتراپىغا يېتىدىكەن.
3-ئاۋغۇست كېچىدىن 4-ئاۋغۇست كېچىگىچە، 30-ئىيۇل يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلار ئوتتۇرىھال ۋە قارا يامغۇر ياغىدىدىكەن، قىسمەن جايلاردا پەۋقۇلئاددە قارا يامغۇر ياغىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە بەش- ئالتە بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.
   3-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىندىن 4-ئاۋغۇستقىچە، ئۈرۈمچىدە غەرپتىن شەرققىچە كۆرۈنەرلىك ھۆل-يېغىن بولۇپ، تېمپپراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى، يۇقىرىقى تاغ، داۋانچىڭ تاغلىق رايونى، مىچۈەن-كۆكتاغ تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن كېلىشنىڭ ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر رايونىدىكى ئاسان سۇ يىغىلىپ قالىدىغان رايونلاردا سۇ يىغىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
  مۆلچەرلىنىشىچە،  4-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىندىن 5-ئاۋغۇستقىچە، ئۈرۈمچى شەھەر رايونى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا قارا يامغۇر (10 مىللىمېتىردىن 20 مىللىلىتىرغىچە)،جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى، يۇقىرىقى تاغ، مىچۈەن-كۆكتاغ تاغلىق رايونى ۋە داۋانچىڭ تاغلىق رايونىدا قارا يامغۇر ۋە پەۋقولئاددە قارا يامغۇر (18 مىللىمېتىردىن 30 مىللىمېتىر) ياغىدىكەن ھەم تۆت بال غەربىي شىمال  شامىلى چىقىدىكەن، داۋانچىڭ رايونىدا ئوتتۇراھال يامغۇر (6مىللىمېتىردىن 15 مىللىمېتىرغىچە) ياغىدىكەن، بەش بالدىن ئالتە بالغىچە شەرق شامىلى چىقىدىكەن. يۇقىرىدا ئېيتىلغان رايونلاردا 4-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىندىن تۈن كېچىگىچە قىسقا ۋاقىت چاقماق چاقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا كۈچلۈك ھۆل-يېغىن كۆرۈلۈش قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.
    بۇ قېتىمقى ھۆل-يېغىن تاشيول، تۆمۈر يول، خەلق ئاۋىئاتسىيەسى قاتارلىق قاتناش-تىرانسپورت ئىشلىرىغا خېلى زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مېتېرولوگىيە مۇتەخەسىسلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتتى.


مەنبە:http://www.nur.cn/news/2012/08/77517.shtml


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abdusalam508 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 08:51 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8057
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 08:20:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتە ئىشخانىدىن چىقماي ئولتۇردىغان كۈن بوپتۇدە . نەچچە كۈدىن بىرى شۇنداق ئىسسىق بوپ كەتكەن ...

دىھقانلارنىڭ ئىشلىرى قانداقتۇ ھازىر ؟

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

كۆك ئەتتىرگۈل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3332
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 08:21:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ اللە پاناھىدا ساقلىغاي . بىلىۋالدىم . رەخمەت دوستۇم .

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11940
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 983 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 08:22:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇداپىئەلىنىش  ئېڭىمىزنى ئاشۇرۇپ  ، زىيان  - زەخمەتتىن ساقلىنايلى    !!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 08:26 PM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 1889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12990
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3095 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 08:23:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن !

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29867
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5642
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 324 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 08:23:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bugaltir يوللىغان ۋاقتى  2012-8-2 08:22 PM
3-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل ياز كى ...

تەپسىلىي ئوقۇڭ........
مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاۋغۇست كېچىدىن باشلاپ 7-ئاۋغۇست كېچىگىچە،.......................دەپ بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2810
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 08:25:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆل-يېغىن كۆپىيىپ قالدىغۇ مۇشۇ كۈنلەردە،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 08:26:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە كۈننىڭ ياقى تونۇردەكلا بولۇپ كەتكەنتى .ئەمدى تېمپۇراتۇرا چۈشىدىغان بوپتۇدە.

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3482
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10856
تۆھپە نۇمۇرى: 503
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 08:26:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە بولسا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنى بولىدۇ، تەقدىردىن ھېچبىر ئىنسان قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7179
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 421 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 08:29:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېرىم سائەت ئالدىدا ئاقسۇ شەھەرەدە ناھايىتى قاتتىق يامغۇر ياغدى.ھازىرمۇ ھاۋارايى ئەھۋالىدىن قارىغاندا يەنە يامغۇر ياغىدىغاندەك تۇرىدۇ

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش