مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3247|ئىنكاس: 22

رامىزاندا تۆۋەندىكىلەرنى قىلىڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11862
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 981 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 08:09:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك قېرىنداش:

1- ئىلگىركى بەزى گوناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشىنىپ، ئەجرى ئۈمىت قىلىپ، رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تولۇق تۇتۇڭ.
2- ئۆزرىسىز رامزاننىڭ روزىسىنى بۇزۋېتىشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى روزىنى بوزۇش چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
3- ئىلگىركى بەزى گوناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشىنىپ، ئەجرى ئۈمىت قىلىپ رامىزان كېچىلىرىنى (بولۇپمۇ قەدر كېچىسىنى) تەراۋىھ، تەھەججۇد نامازلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈڭ.
4- ئەمەللىرىڭىزنىڭ مەقبۇل، دۇئايىڭىزنىڭ ئىجاۋەت بولىشى ئۈچۈن يەمەك – ئىچمىكىڭىز ۋە كىيىم – كىچەكلىرىڭىز ھالالدىن بولسۇن.
5- روزى تۇتقۇچىغا ئوخشاش ساۋاپقا ئىرىشىشىڭىز ئۈچۈن بەزى روزىدارلارغا ئىپتارلىق بىرىڭ.
6- ساۋاپقا ئىرىشىشىڭىز ۋە ئاللاھ تائالانىڭ سىزنى ياخشى قوغدىشى ئۈچۈن داۋاملىق بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىڭ.
7- سەدىقە – ئىھساننى كۆپ قىلىڭ. چۈنكى رامىزاندىكى سەدىقىنىڭ ساۋابى كاتتىدۇر.
8- بىھۇدە ئىشلارغا مەشغۇل بولۇپ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى زايا قىلماڭ. چۈنكى سىز ۋاقتىڭىزدىن بىر – بىرلەپ ھېساپ بىرىسىز.
9- رامىزان ئېيىدا ئۆمرە قىلىۋېلىشقا تىرىشىڭ. چۈنكى رامىزان ئېيىدا ئادا قىلغان ئۆمرە ھەج قىلغانغا باراۋەر بولىدۇ.
10 – روزىنى روھلۇق ھالدا تاماملىشىڭىز ئۈچۈن تاڭ سۈزۈلۈشكە يېقىنراق سوھۇرلۇق يەڭ.
11- ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولىشىڭىز ئۈچۈن كۈن ئولتۇرغاندىن كىيىنلا ئىپتار قىلىشقا ئالدىراڭ.
12- ئىبادەتنى پاك ھالدا ئادا قىلىشىڭىز ئۈچۈن جونۇپ بولغان ۋاقتىڭىزدا تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى يۇيىنۋېلىڭ.
13- قىيامەت كۈنى قۇرئان كەرىمنىڭ سىزگە شاپائەتچى بولىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇپ رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىڭ.
14- تىلىڭىزنى غەيۋەت – شىكايەتتىن، يالغان سۆزلەشتىن، سوخەنچىلىكتىن، باشقىلارغا ئاراز بېرىشتىن ساقلاڭ.
15- كۆپ پىكىر قىلىپ ئاز سۆزلەيدىغان، خوش چىراي بولۇپ قاپاق تۈرمەيدىغان، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان كىشىلەرنىڭ چۈملىسىدىن بولىشىڭىزغا تىرىشىڭ.
16- شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ تەقۋالىقىڭىزنى ئاشۇرۇڭ.
17- زىكرى – تەسبىھ، توۋبە – ئىستىغپارلارنى كۆپ ئوقۇڭ، داۋاملىق ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ دوزاختىن پاناھلىق تىلەپ، جەننەت ئاتا قىلىشىنى سوراڭ.
18- ئۆزىڭىز، ئاتا – ئانىڭىز، ئەۋلادلىرىڭىز ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلىڭ.
19- ئىلگىركى خاتالىقلىرىڭىزغا پۇشايمان ۋە توۋبە قىلىپ، ئىككىنچى ئۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىڭىز ئۈچۈن قەتئى ئىرادە باغلاڭ.
20- شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن نەپلە روزا تۇتۇڭ. كىمكى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتقاندىن كىيىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتىدىكەن يىل بويى روزا تۇتقاندەك بولىدۇ.
21- ئۆتكەن ۋە كىلىدىغان يىلىدىكى گۇناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىغا سازاۋەر بولىشىڭىز ئۈچۈن زول ھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى يەنى ئەرەفە كۈنى روزا تۇتۇڭ (ھەج ئۈستىدە بولمىسىڭىز).
22- بىر يىللىق گۇناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىغا سازاۋەر بولىشىڭىز ئۈچۈن ئاشۇرا كۈنى يەنى مۇھەررەم ئېيىنىڭ توققۇزىنچى، ئونىنچى كۈنلىرى روزا تۇتۇڭ.
23- ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرغىچىلىق ئىمان، تەقۋا ۋە ياخشى ئەمەللەرگە داۋام قىلىڭ. «ساڭا ئۆلۈم يېتىپ كەلگەنگە قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن». (قۇرئان كەرىم).
24- ھەقىقى توۋبە قىلىش، شەرىئەتكە مۇخالىپ ئادەتلەرنى تاشلاش ئارقىلىق ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ئەسەرلىرى سىزدە روشون بولسۇن.
25- ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ساھابە كىراملىرىغا ۋە قىيامەتكە قەدەر ئۇنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرگە كۆپ دۇئا – سالاملار ئوقۇڭ.
ئى ئاللاھ! بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى رامىزان ئېيىنىڭ كۈندىزلىرى روزا تۇتۇپ، كېچىلىرى ناماز ئوقۇپ، ئىلگىرى- كېيىنكى بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغانلاردىن قىلغىن.
ئى ئاللاھ! بىزنى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇپ، تولۇق ئەجرىگە ئېرىشكەن، قەدرى كېچىسىنى تاپقان ۋە پەرۋەردىگارنىڭ مۇكاپىتىگە ئېرىشكەنلەردىن قىلغىن.
ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن سەن كەچۈرۈم قىلغۇچىسەن، كەچۈرۈم قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، بىزنى كەچۈرگىن.
ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابە كىراملىرىغا رەھمەت قىلغىن. (ئامىن).



مەنبە    :       ساقلاپ قويغانلىرىم    . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 08:41 PM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79274
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4013
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-4-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 08:50:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز...جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىبادەتلىرىنى قوبول قىلسۇن..ئامىن

دىلىڭ گۈزەل ، روھىڭ پاك بولسۇن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6450
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9133
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 3273 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 09:08:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىغان تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت قىرىندىشىم ! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،مۇشۇ تىما ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ياخشى بىلىملەرنى بىلىۋالدۇق .

قەشقەر شةۋقىي ظصلانچصلصقص سصصزنصث ظصلانچصلصق ساهةسصدصكص توغرا تاللصشصثصز!        
شەۋقى مۇنبىرىگە كۆڭۈل بۆلەيلى!
  [url=http://www.shewqiy.com/]http://www.shewqiy.

بەلكىم شۇنداقتۇ ~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 1331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6183
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 09:09:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست دىققەت قىلىلى

بىر كۈن شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ كۆزگە - كۆزلەر قادىلىدۇ `
كۆرىمىز ، ھىم ~ كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !


ANSWER   ( جاۋاب )

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 1889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12988
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3094 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 09:13:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇبارەك ئايدا اللەنىڭ رەھمەت ۋە مەغفىرىتىگە ئىرىشىش بارلىق قېرىنداشلارغا نىسىپ بولغاي !

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 820
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 09:28:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز.ئاللا ئەجىرىڭىزنى كۆپلەپ بەرسۇن.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

مەن ئال ئافاسىي دېگەن نامغا ئا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79764
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3303
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 09:36:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

توغرا بۇرادەر!

مەن ئال ئافاسىي دېگەن نامغا ئالماشتىم . بۇ نامنى  ئەمدى ئىشلەتمەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10321
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8054
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 10:28:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم!تىما ۋەئىنكاسنى سالام بىلەن باشلاڭ!ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80282
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3133
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-5-18
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 01:38:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2510
يازما سانى: 587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11039
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 10:40:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر قېرىندىشىم ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .

ھايات بولسا بىر دېڭىزغا ئوخشايدۇ ،ئىرادىلىك ئادەملەرلا قارشى قىرغاققا ئۈزۈپ بارالايدۇ،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش