مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4120|ئىنكاس: 37

قۇرئان كەرىمگە جەڭ ئېلان قىلغان كىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 688
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12824
تۆھپە نۇمۇرى: 1965
توردا: 948 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1977-يىلى كانادالىق مىسسىئونېر شۇنداقلا تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوگىكا ۋە ماتېماتىكا پەنلىرى دوكتورى،پروفېسسور گېرىي مىللېر خىرىستىئان دىنى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ھەمدە ئۇ ۋە ئۇنىڭدىن تارقاتقۇچى ھەمراھلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى خرىستىئان دىنىغا دەۋەت قىلىشىغا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن، «قۇرئان كەرىم»نى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىلىم-پەن ۋە تارىخقا زىت تەرەپلىرىنى ئېچىپ تاشلاش قارارىغا كېلىدۇ. ھالبۇكى،خاتالىق تاپماقچى بولغان بۇ كىشىنىڭ قۇرئانغا ئائىت ئادىل ۋە ئوبيېكتىپ  تەتقىقات،باھالىرى«قۇرئان كەرىم»نى قوغداش مەقسىتىدە يېزىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ.

    ئۇنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى «قۇرئان كەرىم»دىكى ئىنسانلارغا جەڭ ئېلان قىلىنغان ئايەتلەر بولغان. مەسىلەن:«ئۇلارقۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ئەگەر قۇرئان(مۇشرىكلار ۋە مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك)ئاللاھتىن غەيرىنىڭ بولغان بولسا،ئەلۋەتتە،ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى»(سۈرە نىسا،82-ئايەت). يەنە مەسىلەن:«بەندىمىز(مۇھەممەد)گە بىزنازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار،قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغاچىقىرىپ بېقىڭلار،(قۇرئانغا تەئەررۇز قىلىشتا)ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى(ياردەمگە)چاقىرىڭلار،(قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا)راستچىل بولساڭلار »(سۈرە بەقەرە،23-ئايەت). پروفېسسور مىللېرنىڭ تەتقىقاتى ئەڭ ئاخىرىدا ھەيران قالارلىق بايقاشلار بىلەن ئاخىرلاشقان.

   تۆۋەندىكىسى پروفېسسور مىللېرنىڭ «ھەيران قالارلىق  قۇرئان كەرىم»دېگەن كىتابىدىكى بىر قىسىم تەتقىقات نەتىجىلىرى:

   1.پروفېسسور مىللېر مۇنداق دەيدۇ:«دۇنيادا ھېچقانداق بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ كىتابىنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن"بۇ كىتابتا ھېچقانداق خاتالىق يوق" دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.لېكىن"قۇرئان كەرىم"دەل بۇنىڭ ئەكسىچە،ئۇ سىزگە ئۇنىڭدا ھېچقانداق خاتالىق يوقلىقىنى، ئەگەر بولسا تېپىپ چىقىشىڭىزنى ئېيتىدۇ، لېكىن سىز تاپالمايسىز ».

    2.«قۇرئان كەرىم»دە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇچرىغان ئېغىر كۈنلىرى تىلغا ئېلىنمىغان. مەسىلەن:ئۇنىڭ ئايالى خەدىچە ۋە بالىلىرىنىڭ ۋاپاتى. تېخىمۇ غەلىتە يېرى رەسۇلۇللاھنىڭ كىشىلەرنى دەۋەت قىلىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ۋاقتىدا نازىل بولغان ئايەتلەردە غەلبىدىن بىشارەت بېرىلگەن.غەلبىدىن كېيىن چۈشۈرۈلگەن ئايەتلەردە بولسا مەغرۇرلىنىش، كۆرەڭلەشتىن ئاگاھلاندۇرۇلۇپ،قۇربان بېرىش ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىلغان. ئەگەر بىر كىشى ئۆز تەرجىمىھالىنى يازسا، چوقۇم ئۆز غەلبىسىنى كۆپتۈرۈپ، مەغلۇبىيەت ۋە خاتالىقلىرىغا باھانە ئىزدەيدۇ.بىراق «قۇرئان كەرىم» دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. چۈنكى ئۇ ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر ئالاھىدە تارىخىي دەۋرنىڭ كارتىنىسى بولماستىن، بەلكى ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مىزانلىرى بەلگىلەنگەن دەستۇردۇر.

3.پروفېسسور مىللېر يەنە بۇ ئايەتنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. «ئېيتقىنكى"مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، سىلەر خۇدالىق ئۈچۈن ئىككىدىن يا بىردىن تۇرۇڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن يىغىلىپ ياكى يەككە ھالدا ھەقنى تىلەڭلار) ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار". ھەمراھىڭلاردا(يەنى مۇھەممەدتە) ھېچ مەجنۇنلۇق يوق، پەقەت ئۇ قاتتىق ئازاپ نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىرئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر» (سۈرە سەبەئ،،46-ئايەت). پروفېسسور بۇ يەردە تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر تەتقىقاتچىنىڭ «كوللىكتىپ مۇنازىرىنىڭ ئۈنۈمى» توغرىسىدىكى تەجرىبىسىنى  كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇ تەتقىقاتچى بۇ تەجرىبىدە ئوخشاش بولمىغان ساندىكى كىشىلەرنى گۇرۇپپىلاپ مۇنازىرە ئورۇنلاشتۇرغان. نەتىجىسىنى سېلىشتۇرغاندا، ئادەم سانى ئىككى بولغان گۇرۇپپىنىڭ مۇنازىرە ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولغان. مۇنازىرىلەشكۈچىلەرنىڭ سانى ئاشقانسېرى، مۇنازىرە ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن بولغان.

   4.«قۇرئان كەرىم»دىكى مەخسۇس بىر سۈرە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى «مەريەم» ئىسمى بىلەن ئاتالغان.مەريەم«ئىنجىل»دىمۇ بۇنداق شەرەپكە نائىل بولالمىغان. ھالبۇكى «قۇرئان كەرىم»دە ھېچبىر سۈرىنىڭ ئىسمى رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى ئائىشە ياكى قىزى فاتىمەنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالمىغان. ئۇندىن باشقا «قۇرئان كەرىم»دە ئىسا ئەلەيھىسسالام 25 يەردە تىلغا ئېلىنغان، لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەقەت بەش يەردىلا تىلغا ئېلىنغان.

5.بەزى كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ۋەھىي ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى شەيتان ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن دەپ قارايدۇ. «قۇرئان كەرىم» بۇنىڭغارەددىيە بەرگەن. «قۇرئاننى شەيتانلار ئېلىپ چۈشكىنى يوق.بۇ ئۇلارغا لايىق ئەمەس،ئۇلارمۇ(ئۇنىڭغا)قادىر بولالمايدۇ»(سۈرە شۇئەرا،210،211-ئايەتلەر). «سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا،قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن»(سۈرە نەھل،98-ئايەت).ئەجەبا شەيتانلار بىر كىتاب يازغاندىن كىيىن «مەن بۇنداق قىلىشقا قادىر ئەمەس»،ياكى «سىلەر بۇ كىتابنى ئوقۇغاندا مېنىڭ زەرەر يەتكۈزۈشىمدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەڭلار» دەرمۇ!؟

6.ئەگەر سىز رەسۇلۇللاھ تۇرغان شارائىتقا ئۇچرىسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ ئەينى ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئەبۇبەكرى رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ سەۋر غارىغا يوشۇرۇنىۋالغان، ئەتراپنى ئۇلارنى تۇتۇشقا كەلگەن مۇشرىكلارقورشىۋالغان ئىدى. بۇلار پەقەت پۇتىنىڭ ئاستىغا قارىسىلا، ئۇ ئىككەيلەننى تېپىۋالاتتى.بۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ ئەسلى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە ئوخشاش ۋەھىمىگە چۈشۈش  كېرەك ئىدىغۇ؟ «بىز باشقا چىقىش ئېغىزى تاپايلى!» ياكى «گەپ قىلما!ئۇلار ئاڭلاپ قالمىسۇن!» دېيىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ لېكىن رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خاتىرجەم ھالدا:«...غەم قىلمىغىن،ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە...»(سۈرە تەۋبە،40-ئايەت) دېدى. ئەجەبا بىر يالغانچى مۇشۇنداق دېيەلەمدۇ؟ياكى ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قوغدايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنگەن بىر پەيغەمبەرمۇ؟!

7.«قۇرئان كەرىم»دىكى «سۈرە مەسەد» ،ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان، لەنەت قىلىنغان ئەبۇ لەھەب ئۆلۈشتىن ئون يىل بۇرۇن نازىل بولغان. ئەبۇ لەھەبنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان 365×10=3650 قېتىملىق پۇرسىتى بار ئىدى.ھالبۇكى ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كۇفرىدا چىڭ تۇرغان،ھەتتا يالغاندىن بولسىمۇ ئىمان ئېيتمىغان. ئەگەر رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشەنمىسە، قانداقمۇ بۇنداق كەسكىن ھالدا ئۇنىڭ ئاخىرىغىچە ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتالايدۇ؟

   8.«(ئى مۇھەممەد!) ئەنە شۇ(قىسسە) غەيىبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر، ساڭا ئۇنى ۋەھىي قىلدۇق، سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار...»(سۈرە ھۇد،49-ئايەت). پروفېسسور مىللېر بۇئايەتكە باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:«باشقا ھېچقانداق بىر دىننىڭ مۇقەددەس كىتابى بۇنداق ئۇسۇلدا بايان قىلىنغان ئەمەس. بۇ كىتاب ئوقۇرمەنلەرگە بىر ئىشتىن خەۋەر بېرىپ، ئۇئىشنىڭ بۇندىن  بۇرۇن ھېچكىمگە بىلدۈرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەجەبا بۇ ئىنسانلارغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟! ئەگەر مەككىلىكلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولسا، ھەتتا "بىز بۇرۇنلا بۇ ئىشتىن خەۋەردار ئىدۇق"دەۋالسا، ياكى كىيىن بىرەر تەتقىقاتچى ئۇ ئىشنىڭ بۇرۇندىنلا مەلۇم ئىكەنلىكىنى ئېلانقىلسا،ئۇ ۋاقىتتا قانداق قىلاتتى؟ لېكىن بۇلارنىڭ بىرەرسىمۇ يۈز بەرمىگەن».

    ئاخىرىدا پروفېسسور مىللېر تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:«"ھازىرقى زامان كاتولىك دىنى قامۇسى"دىكى"قۇرئان كەرىم"تارمىقى ئاستىغا گەرچە ھۇجۇم خاراكتېرىدىكى تەتقىقات ۋە ماقالىلار ئۆزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ-مەسىلەن:ئۇ بىر كېسەل كىشىنىڭ خىيالىي تۇيغۇسى، ئىبلىسنىڭ نەپەسلىرى،ئاددىي بىر كىشىنىڭ توقۇغان ئەسىرى...دېگەندەك، بىراق بۇ كۆز قاراشلارنى نورمالبىر ئەقىل ئىگىسى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلالمايدۇ. دىنىي جەمىيەتتىكىلەر مەقسەتلىك ھالدا ئۇنىڭ ئىلاھىي ۋەھىي ئىكەنلىكىنى، ئىسلام دىنىنىڭ توغرا دىن ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ،شۇنداقلا ھەقنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ».

   تەخمىنەن بۇندىن 30 يىل بۇرۇن، پروفېسسور مىللېر خرىستىئان دىنىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، ئىسلام ۋە خىرىستىئان دىنىي ئۆلىمالىرىنىڭ مەشھۇر بىر مۇنازىرە يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئىسلام دىنى ۋەكىلى ئەھمەد دىدات بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ. پروفېسسور مىللېر ناھايىتى پىكىرى ئۆتكۈر، سۆزلىرى راۋان كىشى بولۇپ،ھەر قانداق بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلاردىن خالىي ھالدا، ھەقنى ئىزدەشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن مۇسۇلمان ياشلار بۇ كىشىنىڭ ئىسلامغا كىرىشىنى ئارزۇ قىلىشقان ئىدى.

    پروفېسسور مىللېرنىڭ«قۇرئان كەرىم»گە قارىتا تەتقىقاتى 1977-يىلى باشلانغان. ۋەھالەنكى، ئارىدىن بىريىل ئۆتكەندىن كىيىنلا ئۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلاپ، ئىسمىنى ئابدۇلئەھەد ئۆمەرگە ئۆزگەرتىدۇ. ئىسلام تەشۋىقات ئىشلىرىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىشتىن بۇرۇن،سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ۋە كان بايلىقلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر نەچچە يىل خىزمەت قىلىدۇ. ئارقىدىنلا تېلېۋىزىيە،رادىئو ۋە لېكسىيە يىغىلىشلىرىدا ئىسلام ئەقىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلايدۇ.

   ئاللاھ بۇ كىشىگەرەھمەت قىلسۇن.ئامىن.


خەنزۇچە نۇر ئىسلام تورىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمە قىلغۇچى:خەزىنە  .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 08:33 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tumurkala + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
Davan_Axkuqi + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-8-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن .

بىرىنچى قۇرنىڭ كەينىنى تازا ئوقۇيالمىدىمغۇ . بەك قالايمىقان بولۇپ كېتىپتۇ.ۋاقتىدا تەھرىرلەپ قويۇڭ

بەزىلەر ھەۋەس قىپ ئېيتىدۇ غەزەل،
خىيالغا غەرق بولۇپ ياشار بىر مەھەل.
ۋە لىكىن رىياللىق باقماس خىيالغا،
قايمۇققان شۇ نادان تۆلەيدۇ بەدەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 111
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2012-8-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ سۆيۈندۈم،ھەقىقىي بىر مۇسۇلمان ھەق ئۈستىدە تۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3482
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7827
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2012-8-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ دىلىمىزغا ئىنساب بەرسۇن، ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم قىسۇن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3681
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1562 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-8-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا بىر، پەيغەمبەر بەرھەق، مۇھەممەت ئەيھىسسالام ئاللانىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى.

يېگىت ئېيتىدۇ` ھەم قايتىدۇ'

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83048
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ         زور كىتاپ'
شەك شۇبھىسىز........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59318
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2012-8-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلغاي.

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 1721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9582
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 3050 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھىچكىم ئازدۇرالمايدۇ .

كۆك ئەتتىرگۈل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 294
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ اللە گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلغاي .

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-8-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ قۇرئان كەرىمىمىزنى قوغدىغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن بەرگەيلا

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىكى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش