|
|
|
|
چىمبۇلاق تورى تومۇز ئېيىنىڭ 2- كۈنى (2- ئاۋغۇست) خەۋىرى : 1- ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00تە ئۈرۈمچى شەھىرى 5- باشلانغۇچ مەكتەپ قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ ئاتا - ئانىلار ۋە ئۇستازلار ، جەمئىيەتتىكى ساخاۋەتچى سودىگەرلەر ۋە پۇتبۇل سۆيەرلەر ، مۇخبىرلار يېغىلىپ يېقىندا شەندۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «2- نۆۋەتلىك ۋىيفاڭ ئۈمىد لوڭقىسى تالىشىش خەلقئارا ياش - ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسى U13 ياشلىقلار چىمپىيونى» بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبۇل كۇماندىسىدىكى كىچىك چولپانلىرىمىزنى قىزغىن تەبرىكلەش ۋە مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى .
بۈگۈنكى پائالىيەتنى شىجاڭ پوتبۇل ھەۋەسكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ساخاۋەتچى ئاكا يۈسۈپ ھاجى ئىمىن ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرى پىلانلاپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ بۇ پائالىيەتتىن خەۋەر تاپقان شىنجاڭ قاشتېشى شەھىرى ئۆي - مۈلۈك تەراققىيات شىركىتىنىڭ لېدىرى ، ساخاۋەتلىك ، ئۈلگىلىك ئاكىمىز ئىلى ھاجىم خۇشھاللىق بىلەن ئۆز يېنىدىن 100000 (يۈز مىڭ) يۈەن پۇل چىقىرىپ ياش پۇتبول مايسىلىرى ۋە جاپاكەش ئۇستاز تېرنىرلارنى مۇكاپاتلىدى . ئىلى ھاجىم ئاكىمىزنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە تاپقان ھالال پۇللىرىنى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان پەرزەنتلەرنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىشى نەق مەيداندىكى ئاتا - ئانىلار ۋە مۇخبىرلارنى تەسىرلەندۈردى . بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلى ھاجىم ئاكىغا چىن يۈرىكىمىزدىن رەھمەت ئىيتىمىز ۋە ئىشلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن بۇندىن نەچچە ھەسسە ياخشى بولىشىنى ، تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى تىلەيمىز ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلىرىمىزنىڭ ئېلى ھاجىم ئاكىمىزغا ئوخشاش دىيارىمىز پۇتبۇلچىلىقىنى قوللىشىنى ۋە كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !
بۈگۈنكى پائالىيەتكە لوقمان شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ، 5- باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى جىلىل ئەپەندى ۋە مەكتەپنىڭ سېكىرتارى ، ئاتا - ئانىلار ، ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىىسى ، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ، چىمبۇلاق تورى قاتارلىقلار قاتناشتى .
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئەزىمەتلەر ۋەكىللىرىدىن قەيسەر ئادىل مۇنەۋۋەر پۇتبۇلچى بولۇپ 500 يۈەن بىلەن مىرزات ياخشى تەشكللىگۈچى بولۇپ 500 يۈەن بىلەن ، مەكتەپ بوكىس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى چىمپىيۇن باتۇرجان 1000 يۈەن بىلەن ، 2- دەرىجىگە ئېرىشكۈچى شىرزات قاتارلىقلار 500 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى ، جاپاكەش تېرنىرلاردىن ئىسھاق مۇئەللىم ، ئۆمەر مۇئەللىم قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرى 2000 يۈەن بىلەن باش تېرنىر يارمۇھەممەت 20000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى .
ئاندىن ھەر بىر كوماندا ئەزاسىنى 1000 يۈەندىن نەق پۇل ۋە 600 يۈەن قىممىتىدىكى كېيىم - كېچەك ، ئاياغ قاتارلىق ماددى بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلىدى . نەق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم بولۇپ 80000 (سەكسەن مىڭ) يۈەننى كوماندىدىكىلەرنى مۇكاپاتلاش ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ بولۇپ ئېشىپ قالغان 20000 يۈەننى مەكتەپتىكى ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى بار بالىلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن مەكتەب رەھبەرلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى .
پائالىيەتتە 5- باشلانغۇچ مەكتەپ رەھبەرلىكى ساخاۋەتچى كارخانىچى ئىلى ھاجىم ۋە لوقمان شىركىتى دېركتورىنى بىر يۈرۈشتىن تەنتەربىيە كىيمى ھەمدە تەشەككۈرنامە (لەۋھە) تەقدىم قىلىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى . كوماندا ئەزالىرىغا ۋەكىل بولۇپ مىرزات سۆز قىلدى . پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغۇچى شۇنداقلا ئاتا - ئانىلار ۋەكىلى ، مۇسابىقىگە بىللە بېرىپ سۈرەتكە ۋە سىنغا ئالغۇچى خۇرسەن ھەسەن ئەپەندى مۇسابىقە جەريانىدىكى ئىشلارنى قىسقىغىچە ۋە قىززىقارلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى .
بۈگۈنكى بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتتە يۈسۈپ ھاجى ئىمىن ئاكا ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بۇ غەلبىدىن مەغرۇرلىنىپ كەتمەي تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ياخشى مەشىق قىلىشى ، ياخشى ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلدى ھەمدە بالىلارنىڭ كەيىپ - ساپا ۋە باشقا يامان ئىشلارغا قەتئىي قىززىقماي ئۆزىنىڭ دۇرۇس ئەخلاقى بىلەن بىلىم ئېلىپ ، توپ تېپىپ كەلگۈسىدە ياراملىق ئەۋلاتلاردىن بولۇشقا نەسىھەت قىلدى . ئىشىنىمىزكى بۇ ساخاۋەتچى ئاكىلىرىمىزنىڭ ئىلھام مەدەت بېرىشلىرى بىلەن تىرىشچان پۇتبۇلچى ئېنىلىرىمىز تېخىمۇ مەدەتلىنىپ كۈنسىرى تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ .
تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەردىن ھوزۇرلىنىڭ ، فىلىم تەھىرىرلىنىۋاتىدۇ ، پات ئارىدا يوللىنىدۇ .
ئەزىمەتلىرىمىز قولغا كەلتۈرگەن چىمپىيۇنلۇق لوڭقىلىرى
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە چىمپىيۇن بولغان چاغدىكى خاتېرە سۈرەت
ئاتا- ئانىلار ۋەكىللىرى ۋە كىچىك چولپانلار
مېھمانلارنى قارشى ئېلىش
مېھمانلار تونۇشتۇرۇلماقتا
تېرىنىلار ۋە كىچىك چولپانلار
مەكتەپ كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى ۋە جاپاكەش ئۇستاز يارمۇھەممەت مۇئەللىم مۇسابىقە ئەھۋاللىرىنى سۆزلىمەكتە
ساخاۋەتچى كارخانىچى ئىلى ھاجىم كىچىك چولپانلىرىمىزنى تەبىرىكلەپ سۆز قىلماقتا
ساخاۋەتچى كارخانىچى ئىلى ھاجىم 000 100 (يۈز مىڭ) يۈەن پۇلنى مەكتەپ مۇدىرى جىلىلغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكتە
مەكتەپ رەھبەرلىكى تەشۈككۈرنامىنى ئىلى ھاجىمغا تەقدىم قىلدى
مۇنەۋۋەر تەشكۈللىگۈچى مىرزات مۇكاپاتلانماقتا
بوكىس كوماندىسى ئەزالىرى مۇكاپاتلانماقتا
كوماندا ئەزالىرى مۇكاپاتلانماقتا
ئىلى ھاجىم ئۆز قولى بىلەن باش تېرىنىرنى مۇكاپاتلىماقتا
تېرىنىرلار گۇرۇپپىسىدىكىلەر مۇكاپاتلانماقتا
تېرىنىرلار گۇرۇپپىسىدىكىلەر مۇكاپاتلانماقتا
نەق مەيداندىكى ئاتا - ئانىلار ۋەكللىرى ھاياجاندا تەبىرىكلىمەكتە
پۇتبۇل سۆيەر ئاكىمىز يۈسۈپ ھاجى ئېمىن كىچىك چولپانلارغا يۈرەك سۆزىنى بايان قىلدى
ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى مىرزات سۆز قىلماقتا
ئاخىرىدا مەكتەپ مۇرىدى جىلىل ئەپەندى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى توغۇرلۇق سۆز قىلدى ۋە پائالىيەتنى خۇلاسىلىدى
|
|
|
|
|
|