ھەممىمىز بىرلىكتە دۇئا قىلايلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار سالامەت بولۇڭلار ،ئاللاھ سىلەردىن سالامەتچەلىكنى ئايىمىسۇن .پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرى مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئاي ۋە ئۇلۇغ كۈنلەر ئۈچۈن، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقان ،ئاللاھنىڭ بەرگەن نىمەتلىرىگە شۈكرى قىلىۋاتقان ئۇلۇغ كۈنلەردە بىز ئۇلۇغ يىگانە ئاللاھقا ،ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللاھى ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تەۋاباتلىرىغا ،پۈتكۈل دۇنيادىكى مۆمىن مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارغا ،ئاتا -ئانىمىزغا ،ئۇرۇق تۇققان قېرىنداشلىرىمىزغا ،ئۇستازلىرىمىزغا .دوستلىرىمىزغا ،ئانا ۋەتىندىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن قېرىنداشلىرىمىزغا ،يىتىم ،ئاجىز ،مىسكىنلەرگە دۇئا ۋە سالىمىمىزنى يوللايلى !
ئون سەككىزمىڭ ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى ، يەككە يىگانە پاك رەببىم سەندىن بۆلەك تايانچىمىز ۋە يۆلەنچۈگىمىز يوق . سەن يىگانە ئىلاھسەن. پۈتكۈل مەدىيە ۋە ھەمدۇ سانا ساڭىلا خاستۇر. سەن قىيامەت كۈننىڭ ئىگىسەن . بىزدەك گۇناھكار بەندىللىرىڭنى كەچۈرگىن . ئېھ ،مېھرىبان ئاللاھىم سەن تەرەپتى كەلدۇق ،سەن تەرەپكە قايتىمىز . سەندىن بۆلەك ھېچقانداق ئىلاھىمىز ۋە مەدەتكارىمىز يوق . مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ رامىزان ئايلىرىدا بىزنىڭ بىلىپ ياكى بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن . قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنى قۇبۇل ئەتكىن ئېھ رەببىم پەقەت سەنلا ئىبادەت قىلىشقا ۋە سەجدە قىلىشقا لايىقسەن!
ئېھ ،ئاللاھىم مۇھەممەد مۇستافا سەللاھى ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تەۋاباتلىرىغا سېنىڭ تۈگىمەس سالاملىرىڭ ۋە مەغرىپتىڭ بولسۇن . ئلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگىن ! مۇھەممەد مۇستافا سەللاھى ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى جەننەتتىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنغا ئىگە قىلغىن ! بىزدەك گۇناھكار بەندىللىرىڭنى ئۇنىڭ ئۈممەتلىرى قىلىپ سېنىڭ مۇبارەك جامالىڭنى كۆرۈشكە نىسىپ قىلغىن ،ئېھ ،ئاللاھىم سەندىن بۆلەك ياردەمچىمىز يوق .
ئېھ مېھرىبان ئاللاھىم پۈتكۈل دۇنيادىكى مۆمىن مۇسۇلمان ئەر -ئاياللارنىڭ ،ئاتا -ئانام ۋە ئۇرۇق تۇققان قېرىنداشلىرىمنىڭ گۇناھلىرىنى مەغرىپەت قىلغىن . ۋەتەندىن ئايرىلىپ يىراقلاردا مۇساپىر بولۇپ يۈرگەنلەرنى رەھمەت قوينىڭغا ئالغىن . پىشانىسى سەجدە كۆرمەيۋاتقان ،ئازغۇن ياشلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغرىپەت قىلىپ ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىغىن ، بىزدىن ئىمان ۋە ھىدايەت نۇرلىرىنى كام قىلمىغىن . ئىنساپ بىلەن قەلبىمىزنى يۇرۇتقىن سەندىن بولەك مېھرىبانىم يوق ئېھ ئاللاھ سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ رەھىم قىلغۇ چىراغىدۇرسەن !
ئېھ مېرىبان ئاللاھىم ئاتا -ئانامنىڭ تېنىنى سالامەت قىلغىن ،ئۇلار مېنى كىچىكمدە ئاسىرغاندەك قىيامەت كۈنى ئۇلارنى رەھمەت قوينىڭغا ئالغىن ،ئۇلارنى ئەرش سايىسدە قىلغىن ! ئېھ ئاللاھىم سەن قىيامەت كۈننىڭ ئىگىسەن .
ئېھ ئاللاھىم بىزنى شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىدىن ئۇنىڭ پىتنە پاساتىدىن ساقلىغىن ، كۆڭلى غېرىپ بىچارە مۆمىن مىسكىنلەرگە رەھمەتلىرىڭنى ئايىمىغىن . كۆزلىرىمىزنى رۆشەن قىلغىن ، شەيتاندىن يىراق قىلغىن ، بىزنى كەچۈرۈلگىچىلەر قاتارىدىن ياخشىلار قاتارىدىن قىلغىن .ئىسلام ئۈچۈن يۈرىكىمزىنى ھەرقاچان ئۈمىدلىك قىلغىن ،چۈشكۈلۈكتىن ،پاسىقلىتىن يىراق قىلغىن !پەقەت سەنلا بىزنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىمىزدۇرسەن . ئېھ ،مەڭگۈ ھايات تۇرغۇچى ئاللاھىم ساڭا تۈگىمەس مەدھىيلەر ۋە ماختاشلار بولسۇن . ھەندىن بۆلەك ھېچ ئىلاھىمىز يوقتۇر...
قېنى قېرىنداشلار ھەممىمىز بىرلىكتە دۇئا قىلايلى !
مەنبە : دۇئاغا كۆتۈرۈلگەن قوللاردىن ،ئاللاھقا تەلپۈنگەن يۈرەكلەردىن .
2012-يىل 2-ئاۋغۇسىت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Abdusalam508 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-2 07:19 PM