|
|
|
|
بۈگۈنكى دەۋر بولسا رەقەملىك ئۇچۇر دەۋرى، شۇنداقلا تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى، تەنھەركەت كەسىپلىرىمۇ پەن-تېخنىكا بىلەن ناھايتى زىچ مۇناسىۋەتلىك كەسپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. رەقەملىك ئولىمپىك، ئۇچۇر ئولىمپىكى قاتارلىق ئاتالغۇلارنى بىز ئاڭلىغىلى خېلى بولۇپ قالدى، تەنھەركەتچىلەر ئالاھىدە پەن-تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىپ مەشق قىلىپ، ئۆز نەتىجىلىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرمەكتە. ئېنىقكى نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان لوندۇن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىمۇ پەن-تېخنىكا ئاساسى يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەنھەركەت يىغىنىدۇر.
1. كىنوكامىرا (سىنئېلىش ئاپاراتى) لىق ماشىنا ئادەم
Getty Images ھازىرغىچە بەزى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنلىرىدا ئورۇنتىلىۋاتقان كىنوكامىرالىق ماشىنا ئادەم. بۇ ماشىنا ئادەمنى يىراقتىن كونتۇرۇل قىلغىلى ۋە 360 گىرادۇس ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئامىرېكا مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە دىيىلىشىچە «كىنوكامىرالارنى چاقماق چىراغنىڭ ئاستىغا، رىشاتكا، لەمپە ۋە تاختا پوللارغا يوشۇرغىلى ، ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقە مەيدانلىرىغا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىخەتەر قويغىلى بولىدۇ. ئوپراتورلار بارالمايدىغان جايلاردا بۇ ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.» YouTube تىپىدىكى سىنلاردا بۇ تېخنىكا Getty دەپ ئاتىلىدۇ. شىركەت يەنە 3D تېخنىكىسىدىن پايدلىنىپ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنى سۈرەتكە ئالدى.
2. جەلپ قىلىش كۈچى مول بولغان ئاۋاز
ئامىرېكا «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژورنىلى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئولىمپىك مەزگىلىدە سىز تېلىۋېزوردىن ئاڭلاۋاتقان زور كۆپ ساندىكى ئاۋازلار راست ئەمەس.
بەزى ئاۋازلار مۇسابىقە نەخمەيدانىدىن ئۈنگە ئېلىنغان ئەمەس، مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ئاۋازلار راست ئەمەس. بەزى ئاۋاز چاستىتۇلىرى بەلگىلىك شارائىتتا ئشىتىن بۇرۇن ئۈنگە ئېلىنىپ، ئاندىن تېلىۋېزوردا تارقىتىلىدۇ. «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژورنىلى» تور بېكتى يەنە ئولىمپىك ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسىدىكى ئاۋازنى مىسالغا كەلتۈرگەن. بىر ئولىمپىك مۇسابىقە ئاۋاز چاستوتىسى ئىنژېنىرىنىڭ دىيىشىچە ئۇ بۇ خىل ئاۋازنى«روبىنھام» دېگەن كىنودىن ئاڭلىغان. بۇ خىل ئاۋازلار بولسا ئوقيا ئېتىش ماھىرى بىلەن نىشان ئوتتۇرسىغا ئالاھىدە مىكروفون قويۇپ قويۇش ئارقىلىق يىغىۋېلىنغان. دىمەك بۇ خىل ئۇسۇلدا ئېلىنغان ئاۋاز نەخ مەيداندىكى ماھىرلارنىڭ ھەركىتىدىن چىققان ئاۋاز ئەمەس.
3 . قوش قەۋەتلىك يۈگۈرۈش يولى
قاراڭ! مىخ تاپانلىق ئاياغ يوق، لوندۇن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق يۈگۈرەش يولىغا پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان يول يۈزى ئىشلىتىلگەن. بۇ يېنىك ئاتلىتكا ماھىرلىرىنىڭ مىخلىق كەشكە ھاجىتى چۈشمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا «باشقا يۈگۈرەش يوللىرىنىڭ يۇقۇرى قەۋىتىگە كاۋچۇك ئىشلىتىلگەن بولۇپ سۈركۈلىش كۈچى بىلەن ئىلاستىك تەۋرىنىش بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن. بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغىنى Mondo شىركىتى لايىھەلىگەن يۈگۈرەش يولىدا بۇ خىل ئىقتىدارلار ئىككى قەۋەتكە بۆلىۋېتىلگەن. ئاستىنقى قەۋەتكە قوش ئەستەرلىك ماتىريال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا سوقۇلۇشنى ئاجىزلىتىپ، تەۋرىنىشنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ. ئۈستىنكى قەۋەت پۇختا، چىداملىق بولۇپ، تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى، سۈركۈلۈش كۈچى ۋە چىدامچانلىق جەھەتتە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.» بۇ خىل لاھىيە بويىچە بولغاندا تەنھەركەتچىلەر مۇسابىقىدە مىخلىق كەش كىيىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
4 . يالغان پۇت-قول
«ئۆتكۈر جەڭچى»، «دۇنيادىكى ئەڭ تېز يۈگۈرەيدىغان پۇتسىز ئادەم» دەپ نامى بار جەنۇبى ئافرىقا تەنھەركەتچىسى ئوسكار پىستورىيۇس (Oscar Pistorius) يالغان پۇت سېلىپ ساغلام كىشىلەر ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقان تۇنجى مېيىپ تەنھەركەتچى بولۇپ قالدى. يالغان پۇت سالغان تەنھەركەتچىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەكمۇ-يوق؟ دېگەننى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار بەس-مۇنازىرىلەردىن كېيىن، پىستورىيۇس كاربونلۇق تالادىن ئالاھىدە ياسالغان يالغان پۇتنى كىيىپ، 400 مېتىرلىق ۋە 1600 مېتىرلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بولدى.
5.سانلىق مەلۇماتلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان تەنھەركەتچىلەر
بەزىلەر بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى «Twitter ئولىمپىك يىغىنى» دەپ ئاتىسا، يەنە بەزىلەر «رەقەملىك ئولىمپىك» دەپ ئاتىدى. نۇرغۇن تەنھەركەتچىلەر ئۇيقۇ ئىز قوغلاش ئۈسكىنىسى ۋە ھەركەت تۇتقۇچ (Motion Capture) سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ، ئۆز ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرالايدۇ. «پۇل-مۇئامىلە گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بەزى جانلىقلار سىتاستىكا ئەسۋابى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر تەنھەركەتچىلەر بىلەن سودىلاشقان بولۇپ، ئۇلارنى سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاشقا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئەسۋابلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەن.
6. مەۋھۇم ۋېلىسپىت
لوندون بىلەن بولغان ئارلىقى نەچچە مىڭ ئېنگىلىز لىسى يىراقلىقتا بولسىمۇ، ئاۋىستىرالىيىلىك ۋېلىسپىت ماھىرى مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكسى ئارقىلىق، لوندون ۋېلىسپىت مۇسابىقە مەيدانىدا مەشىق قىلغان. ئاۋىستىرالىيە رادىئو شىركىتىنىڭ بۇ تېخنىكىنى چۈشەندۈرگەن سىنىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ۋېلىسپىت ماھىرى كۆرۈنمە چاستۇتىلىق سىن ئويۇنى(ئېلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇق.ت) ئوينىغاندەك ئىكرانغا قاراپ مەشق قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ «ھەر بىر سۇڭ يېرى، ھەر بىر تاغ-تۆپىلىكى لوندوندىكى ۋېلىسپىت مۇسابىقە مەيدانىغا پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان مۇھىتقا تەقلىد قىلىنغان.»
7 . ئامىرېكا ئالەم ئىدارىسىنىڭ يۈگۈرەش ماشىنىسى
ئامىرېكا ئوتتۇرا، ئۇزۇن ئارلىق يۈگۈرەش تەنھەركەتچىسى شاننون رۇۋبېري (Shannon Rowbury) ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ئېغىرلىق يوقۇتۇشقا تەقلىد قىلىنغان بىرخىل يۈگۈرەش ماشىنىسىدا مەشىق قىلغان. بۇ خىل يۈگۈرەش ماشىنىسى ئامىرېكا ئاۋىئاتسىيە-ئالەم ئىدارىسى (NASA) نىڭ تەتۈر ئېغىرلىق كۈچى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، تەنھەركەتچى %80 ئېغىرلىقىنى يوقاتقاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ، يەنى تەنھەركەتچى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ پەقەت %20 گە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. رۇۋبېرينىڭ دېيىشىچە، بۇ خىل يۈگۈرەش ماشىنىسىنىڭ ئۇنىڭ تېزلىكىنى ئاشۇرۇشىغا ھەقىقەتەن پايدىسى بولغان.
8 . تۆۋەن تېخنىكىلىق سۇ ئۈزۈش كىيىمى
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بىز دائىم ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنلىرىنىڭ تېخنىكىسىمۇ بارغانسىرى يۇقۇرى كۆتۈرلىۋاتىدۇ دەپ قارايمىز، بىراق بۇ يېڭى تېخنىكىلار- تەنھەركەتچىلەر ئالەم دەۋرىنىڭ ماتىرياللىرى ۋە ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلانسا بولامدۇ-يوق، پايدىلانسا قانچىلىك پايدىلىنىدۇ دىگەن تالاش-تارتىشلارنى پەيدا قىلدى. لەھەڭ تېرىسى دەپ ئاتالغان يۇقۇرى پەن-تېخنىكىلىق Speedo سۇ ئۈزۈش كىيىمىنىڭ 2008-يىلىدىكى سۇ ئۈزۈش ماھىرىنىڭ دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇشىدا زور پايدىسى بولغان ئىدى، لوندون ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا بۇ خىل كىيىمنى ئىشلىتىش چەكلەندى. بۇ ئىش كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى، بۇ تېخنىكىلارنىڭ ياردىمى بولمىسا، تەنھەركەچىلەر زادى قانچىلىك سۇ ئۈزەلەيدۇ؟ بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىكى 8 ئالتۇن مېدالنىڭ ساھىبى مەيكول پىلىپىس (Michael Phelps) بۇنداق تېخنىكا بولمىسىمۇ لوندون ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا رېكورتنى بۇزىۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. «ئەگەر بىر ئادەم رېكورتنى بۇزىۋېتىمەن دېسە، رېكورت چوقۇم بۇزۇلىدۇ.»
9 . ئېلىكتىرونلۇق پۇت تېرىگۈچ (پەللىدىن چىقىش ئەسۋابى)
ئولىمپتىك تەنھەركەت يىغىنىدىكى ھۆكۈمەت تەرەپ ۋاقىت ھېساپلىغۇچىسى ئومېگا (omega) ، لوندون ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ سۇ ئۈزۈش ۋە يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقە مەيدانىغا بىر خىل يېڭىچە پەللىدىن چىقىش ئەسۋابىنى ئېلىپ كەلدى.
مۇسابىقىدە پەللىدىن چىقىش ئەسۋابىنىڭ پۈتۈنلەي ئېلىكتىرونلىشىشى تۇنجى قېتىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، Wired دەۋرى ئاخىرلاشتى، Wired دەپ ئاتىلىدىغان، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى تېخنىكا تەنھەركەتچىلەردىن پەللىدىن چىقىش ئەسۋابىنى 5 مىللىمېتىر سىلجىتىپ سىتارتتىن چىقسا رويخەتكە ئالاتتى، ھازىر، سۇ ئۈزۈش ماھىرى سىتارتتىن چىققان ھامان يورۇتۇش چىرىغى يورۇپ، كىمنىڭ 1 -، كىمنىڭ 2-، كىمنىڭ 3- قېتىم چىققانلىقىنى دەپ بېرىدۇ.
10. ئۇسۇل سېنزورى (跳踢传感器)
ئەسلى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا تەيچۈەنداۋ (تەپمەمۇش جانبازلىقى، كورىيە جانبازلىقى) مۇسابىقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلماقچى بولغان ئىدى، ئەمما پەن-تېخنىكىدىكى پۇتنىڭ تېپىش كۈچى ۋە توغۇرلۇق دەرجىسىنى خاتىرلىگىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەت بۇ مۇسابىقە تۈرىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. دۇنيا تەيچۈەنداۋ ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى جاۋ جېڭيۈەن رېيتېر ئاگىنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «مېنىڭچە تەيچۈەنداۋ پەن-تېخنىكىدىن ھەقىقى نەپكە ئېرىشتى، چۈنكى پەن-تېخنىكا ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچىنىڭ مېدالغا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېدال خاتا ھۆكۈم قىلىش سەۋەپلىك باشقا كىشىلەرگە بېرىلىپ كېتىلمىدى، مانا بۇ، بۇ تۈرنىڭ ئولىمپىكتا ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى، بۇ خىل تېخنىكىدىن پايدىلىنىلغان مۇسابىقىلەرنىڭ سانى كۆپ ئەمەس، بۇ ئىش تەيچۈەنداۋنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولغان كىشىلەردىكى ئۇقۇشماسلىقنى تۈگۈتىدۇ.»
ئەسلى مەنبە: جۇڭگو رادىئو تورى. (2012-يىلى 7-ئاينىڭ 30 كۈنى)، مەنبە: http://madbrief.com/archives/8272
(2012-8-2)
(ئەسكەرتىش: مىسرانىم ۋە ئاق بۈركۈتكە يوللاندى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاققىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-2 07:07 PM
|
|
|
|
|
|