بەخىت تۇيغۇسى
ئىنسان بەزىدە ھايات يۇلىدىكى بەخىتنى ھىس قىلماي،بەخىت ئەتراپىدا قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرسىمۇ ھىس قىلالماي يوق نەرسىنى ئىزدەپ تېڭىرقاپ قالىدۇ....مانا شۇنداق چاغلاردا ،ئادەمدىكى يۇشۇرۇن سەزگۈ ھەر بىر پائالىيەتنىڭ مەنىسنى ھىس قىلدۇرۇپ:ھاياتلىق يۇلىدا داۋاملىق ياشاشتا،مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايدۇ.ئاشكارە سەزگۈ بولسا بەزىدە ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىپ،بەخىت ئەتراپىدىلا تۇرسىمۇ، ئۇنى ھىس قىلدۇرماي،كۆپ ھاللاردا ئادەم ئۆزىنى قەستەن ئازاپلاپ ،ھەتتا بەزى ياشاشتىنمۇ زىرىكىپ <<مەن بەك بەخىتسىز ...>>دەپ ئاھ،ئۇرۇپ يۈرگىنىدە،ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن سەزگۈسى ھاياتلىق يۇلىدىكى پائالىيەتنىڭ مەنىسنى چۈشەندۈرۈپ،ئاشكارە سەزگۈنىڭ بۇ قاراملىقىغا تۇسقۇنلۇق قىلىپ،ناھايىتى ئاددى ئىشلاردىن ھەقىقى بەخىتنى ھىس قىلدۇردۇ.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ بەخىتلىكىنى بەزى ھاللاردا بايقىيالمايسىز...تەسادىبىي ھالدا بايقاپ بەخىت تۇيغۇسقا چۈمۈسىز...ئەلۋەتتە ئادەملەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
مەن:چوڭ ئۆي ،ئىسىل ماشىنا ،كۆپلەپ بايلىق ،ئالتۇن-كۈمۈش، ياكى كىيىم- كىچەكتىن ئەمەس، ناھايىتى ئاددى ئىشلاردىن بەخىت تۇيغۇسىغا چۈمىمەن.
ھەر بىر ۋاخ نامىزىمدا ئاللاھقا سېغىنىپ ،دۇئاغا قول كۆتۈرگىنىمدە ئاللاھنىڭ مېنى بىر مۇسۇلمان ئايال ،ئانا قىلىپ ياراتقىنىدىن،چەكسىز سۈيۈنۈپ ئۆزۈمنى شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلىمەن.
بۈگۈن كەچلىك ئىسمىنىدىن چۈشۈپ ئۆيگە ئاز قالغىنىمدا ئالدىمغا مۈشۈكتىن بىرسى چىقىپ كەلدى.يېرىم كېچە بولغاچ مۈشۈكنى كۆرۈپ قوققىنىمدىن جاق-جاق تىترەپ كەتتىم.مۈشۈك ماڭا قاراپ بىر ئۇرۇندا مىدىرلىماي تۇردى.مەن ئالدىمغا ماڭالمىغانلىقتىن،ئارقىمغا بۇرۇلۇپ بىر ئاز مېڭىپ،تېلفۇننى قۇلۇمغا ئېلىپ سۈيۈملۈك يولدۇشۇمغا تېلفۇن قىلدىم.
ئۇ تېلفۇننى ئېلىپلا يۈگۈرگەن پېتى ئالدىمغا چىقىپ ماڭا<<ۋۇي قوقۇنچاق مۇشۇكتىنمۇ قوققان بارمۇ؟>>دەپ،ئىسسىق قوللىرىدا قۇلۇمنى چىڭ تۇتۇپ ماڭدى.بۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھىس قىلدىم.
بىر كۈنى تاماق يەپ ئولتۇرۇپ ،بىر ئائىيلە كىشىلىرى ناھايىتى خۇشىۇيلۇققا چۈمدۈق،مۇشۇ ئەسنادا ئۇ مىنى ...<<تامىغىڭىز بەك ئوخشاپتۇ >>دەپ، ماختاپ كەتتى .ھەر كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق ئىتىپ بەرسەممۇ ماختاپ قويمايدىغان ئادەمنىڭ بۇ كۈنكى ماختىشىدىن،شۇنداق سۈيۈنۈپ ،ئۆز-ئۆزۈمگە <<مانا مۇشۇ مەن ئۈچۈن چەكسىز بەخىت>> دېدىم.
بىز پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا مەن مۇنداق دېدىم.<<سىز مىنىڭ ھەربىر دەقىقەمدىكى ھەمراھىم،خىيالىمنى تىنماي كىزىپ تۇرغۇچى ئويلىرىم،تۈن نىسپىدىكى شىرىن تاتلىق چۈشلىرىم،ھايات يۇلىدىكى بارلىقىم.>>دېدىم.ئۇ سۆزۈمدىن تەسىرلىنىپ كىتىپ،<< مەن سىزنىڭ رىيال تۇرمۇشتىدىكى،ھەر دەقىقە بارلىقىم بىلەن ،ھايات يۇلىدىكى تۈرلۈك-تۈمەن ئىسسىق-سۇغۇقتىن، قوغدايدىغان قوغدىغۇچىڭىز،يىقىلسىڭىز يۈلەيدىغان ھاسىڭىز، غىرىپسىرسىڭىز پەپىلەپ تۇرۇپ مۇڭداش بولغۇچى مەڭگۈلۈك سىردىشىڭىز،ھەر بىر كۈنكى چېھرىڭىزدىكى بەخىت تۇيغۇسنى شادلانغۇچى ھەمراھىڭىز...>>دېدى.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،ئۆزۈمنى شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلدىم
.
قېنى سىزنىڭمۇ بەخىت تۇيغۇڭىزنىڭ ئۆلچىمى قانداق،سىز قانداق ۋاقىت،قانداق شارائىتتا بەخىت تۇيغۇسىغا چۈمىسىز...؟خالىسىڭىز ئورتاقلىشىپ بېقىڭ.
مەنبە ئويلىرىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-2 05:44 PM