مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4748|ئىنكاس: 66

قەشقەردىكى توكسىكلىتلار راستىلا مۇھىتنى بۇلغىمامدۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3303
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9398
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 1243 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 03:31:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قىتىم قەشقەرگە بارغان ۋاقتىمدا بۇ شەھەرنىڭ كوچىللىرىدا چۆمۈلىدەك كىتۋاتقان توكسىكلىتلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئاچچىقىم كىلەتتى. سەۋەبى نىمە؟
چۈنكى ئۇلار ناھايىتى كۆپ ھەم ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە مەسىللەرنى پەيدا قىلغان. قەشقەرنىڭ يەرلىك تىلىىدا بۇنى << سۈۋەرەك >> دەپ ئاتايدۇ، مەنمۇ شۇنداق ئاتاۋىرەي.
بۇ << سۈۋەرەك >>  لەر قەشقەر شەھىرىگە زادى نىمە ئىلىپ كىلىدۇ ؟
<< سۈۋەرەك >>  لەرنى ئاساسلىق ئىنرگىيە مەنبەسى ئاساسلىقى ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 4 ياكى 5 دانە ئاكۇمۇلياتۇر بولۇپ ،بۇ ئاكۇمۇلياتۇرلارنىڭ 80% دىن كۆپرەكى قوغۇشۇن بىلەن بىر قىسىم كىسلاتالارنى خام ئەشيا قىلىدۇ. 20% دىن كۆپرەكى نىكىلنى ئاساسى خام ئەشيا قىلىدۇ. دۆلىتىمىز خىلى بۇرۇنلا قوغۇشۇندىن ياسالغان ئاكۇمۇلياتۇرلارنى مۇھىتى بۇلغاش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان مەسھۇلات قاتارىغا كىرگۈزۈپ بۇ مەسھۇلاتلارنى ساتقاندىن كىيىن يەنە ئىشلىتىلىش ئىقتىدارىدىن قالغان كونا مەسھۇلاتلارنى يىغۋىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. لىكىن بۇ زاۋۇت شىركەتلەر پەقەت سىتىش بىلەنلا بولۇپ يىغۋىلىش بىلەن كارى بولمىغان.
بىر تال بىرىنچى نۇمۇرلۇق باتارىيە يەرگە كۆمۈلگەندىن كىيىن بىر كۇۋادرات مىتىر دائىرسىدىكى يەر ئىشلىتىش قىممىتىنى پۇتۇنلەي يوقىتىدۇ. بىر تال تۈگمە شەكىللىك باتارىيە 600 توننا سۇنى بۇلغۇيالايدۇ بۇ بىر ئادەمنىڭ بىر ئۆمرىدە ئىچىشكە يىتىدۇ. سىماپ، قوغشۇن،كادمىي قاتارلىق مىتاللار تەبئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ زەھەرلىك مۇھىتنى بۇلغاش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مىتاللار ھىساپلىنىدۇ، ئەگەر بۇ ئاكۇمۇلياتۇرلار ياخشى يىغۋىلىنىپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىنماي ئادەتتىكى ئەخلەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ كۆمۈپ تاشلانسا تۇپراقنىڭ يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئېغىر دەرجىدە بۇلغۇنىشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جانلىقلارنىڭ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى بولۇپمۇ ئاشۇ رايۇنغا يىقىن ئەتراپتىكى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.
قەشقەردىكى قاتناش ساقچىخانىسدا ئىشلەيدىغان ئاغىنەمدىن ئاڭلىشىمچە، ھازىر قەشقەردە بۇنداق<< سۈۋەرەك >>تىن 150000 (بىر يۈز ئەللىك مىڭ ) بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىدە كام دىگەندەتۆت دانىدىن ئاكۇمۇلياتۇر بار دىيىلگەندىمۇ 600000 دىن كۆپرەك ئاكۇمۇلياتۇر بار دىگەن گەپ  يەنە كىلىپ بۇ نەرسىنىڭ ئىشلەش ئۆمرى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 2 يىل بولۇپ، دىمەك ھەر ئىككى يىلدا 600000 دىن كۆپرەك ئاكۇمۇلياتۇرنى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ .
بۇ << سۈۋەرەك >> لەر قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىگە ناھايىتى چوڭ ئەكىس تەسىر ئىلىپ كەلگەن بولۇپ، قەشقەرنىڭ چەتئەللىك ۋە ئىچكىردىن كەلگەن ساياھاتچىلىرى كۆرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان يىڭى بازار ئالدى ھىيتگاھ قاتارلىق ئورۇنلاردىكى << سۈۋەرەك >> لەر بىر دەمدىلا يىنىڭىزدا پەيدا بولۇپ سىزنى قورقۇتىشى، ماشىنلار يولىغا پىيادىلەر يولىغا كىرۋىلىشى قاتارلىقلار قەشقەر شەھرىنى ئاجايىپ بىر شەھەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۋاتدۇ.
كۆپلىگەن كىشلەر يەرلىك كىشلەردىن ئاغرىنىپ ئۇلار << سۈۋەرەك >> نى ئىشلەتمىسە بولمامدۇ دىيشىدۇ، ئۇلارمۇ تىرىكچىلىك قىلمامدۇ، ھۆكۈمەت تەرەپمۇ كۆپ كۈچەپ باقتى، لىكىن ئۈنۈمى كۆرنەرلىك بولمىدى. << سۈۋەرەك >> نى چەكلەيلى دىسە قەشقەرنىڭ كوچا ئاپتۇبۇس قاتنىشى ئانچە قولاي ۋە راۋان ئەمەس، يەنى تېخى تەرەققىيات باسقۇچىدا شۇڭا بۇ مەسلە ناھايىتى باش قاتۇردىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. قەشقەرنىڭ ھەر بىر پۇقراسى ۋە قەشقەرنى سۆيىدىغان ھەربىرىمىز بۇ ئىشلارغا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۋاتمىز .
يەنە شۇ مۇھىت مەسلىسگە كەلسەك قەشقەرنىڭ كەلگۈسى ۋە قەشقەر شەھەر تەۋەسىدىكى ھەر بىر قىرىندىشمىزنى زەھەرلىك ماددىلاردىن زەھەرلىنىپ قىلشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن بىكار بولۇپ كەتكەن ئاكۇمۇلياتۇرلارنى  ئۆلچەملىك يىغۋىلىش ئورۇنلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بىرەيلى، ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىمىساق خەق قىلىپ بەرمەيدۇ
تىمام سەل مەزمۇندىن چەتنەپ كەتتى ئەپۇ قىلغايسىلەر !
مەنبە :  ئۆزەم  قەيسەر تۇرسۇن



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 08:22 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Onestone + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51040
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9859 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 04:15:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىردىكى كۆز-قاراشلىرىڭىزنىڭ مەلۇم ئاساسى بار.
قەشقەر شەھىرىدە توكسىكىلىتنىڭ كۆپلەپ كېتىشى،نېفىت باھاسىنىڭ زىيادە ئۆرلەپ كېتىشى،قاتناش باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ شەھەر ئىچىدىكى يوللارغا بولغان باشقۇرىشىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يېتىش تەس ئەمەس.
قەشقەردىكى كۆپ كىشىلەردىن ئاڭلىسام،ئادەتتە ماي يېقىلغۇ قىلىنىپ ماڭىدىغان موتىسىكىلىتنىڭ نۇپۇسى بولغان تەقدىردىمۇ،بەرىبىر قاتناش تارماقلىرىنىڭ بىرەر سەۋەب-بانىلارنى تېپىپ،يىغىۋىلىش،قاتتىق جەرىمانە تۆلەش ئىشلىرى نۇرغۇن كىشىنىڭ بېنزىن ئارقىلىق ھەركەتلىندىغان موتۇنى ھەيدەشتىن بەسىندۈرۋاتقان ئىكەن.
مۇھىتنى ئاسراشتا ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى بار،بۇرۇنقى ئىككى چاقلىق ۋېلسىپىتنىڭ ئورنىنى توكسىكىلىت قاپلىغىنىمۇ يەنە بىر نۇقتىدىن كۆزىتىش ئېلىپ بارسا،ياخشى ئەھۋال.مۇھىم،ھەممە خەلقتە ياخشى بىر ئاڭ،ئىدىيە شەكىللىنىپ،ئىشلىتىش ۋاقتى ئۆتكەن كېرەكسىز باتارىيەلەرنى يىغىۋىلىش ئورنىغا ئەرزان باھادا بولسىمۇ تاپشۇرۇپ بېرىدىغان ئىشلارنى قىلسا ھەقىقەتەن ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.

پۇل يوق!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3035
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1207 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 04:24:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرنىڭ جوتۇڭلىرى بەكمۇ يۇۋاشمۇ نىمە؟

‏ئىلىشتا بىسمىللاھ، بىرىشتە  ئەستەغپىرۇللاھ   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 04:25:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق نەرسىنىڭ پايدىلىق ھەم زىيانىلىق تەرىپى بولىدۇ ،بىز ئىشلىتىۋاتقان تىلفۇنمۇ مۇھىتنى بولغايدۇ،رادىئاكسىيەسى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ،لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن تىلفۇن زىيانلىق دەپ ئىيتالمايمىز،چۈنكى ئۇ بىزگە يەنە نۇرغۇن پايدىلارنى ئىلىپ كېلىدۇ.ماشىنا ،ھەرخىل قاتناش قوراللىرى ھەممسى ئوخشاشلا موھىتىنى بۇلغايدۇ.يەنە بىز ئىشلىتىۋاتقان ،بىركۈنمۇ ئايرىلالمايدىغان توكمۇ مۇھىتىنى بۇلغاش بەدىلىگە كېلىدۇ ئەمەسمۇ....
كىرەكسىز باتارىيە ،ئاكولمىياتۇر قاتارلىقلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك .
قەشقەرنىڭلا موھىتىنى ئەمەس دىيارىمىز ،جۈملىدىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ موھىتىنى قوغداش كېرەك ،چۈنكى ھەممىمىز بىر يەرشارىدا ياشايمىز.......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hekmat110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 04:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11654
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 04:29:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسى ھازىر توكلۇق ھارۋۇ بۇلتۇررقى بىر يىغىندا300مىڭدىن ئاشقانلىقىنى ئاڭلىغانتىم

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7567
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2441 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 04:31:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇش يوللىغان ۋاقتى  2012-8-2 04:24 PM
قەشقەرنىڭ جوتۇڭلىرى بەكمۇ يۇۋاشمۇ نىمە؟

جوتۇڭنىڭ شوجىڭى قەشقەردە.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
@hiyali@ + 10 دەھشەت

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6181
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 04:38:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موتسىكىلىتنى ‹‹ماتۇرلۇق ››شەھەر ئىچىگە كىرگۇزمىسە،بەزى بىر يوللارغا جۇڭبا ماڭمىسا، تاكسىغا پۇل بولمىسا،يەنە شۇ توكسىكلىتنى تاللىماي ئامال يوق. ياخشى دەي دىسە بەزى بىر ئىشلاردا چەكتىن ئىشىپ كەتتى . يامان دەي دىسە ، نۇرغۇن جەھەتتە پايدىسىنى كۆردۇق، نىمىمۇ دېگىلۈك ئەمدى.

خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 05:01:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توكلۇق موتسىكىلىت ئىشلىتىشكە قولايلىق  ،  توك باھاسى  مۇۋاپىق   ،   ئەر  - ئايال  ھەممەيلەنگە ماس كېلىدۇ  .
شوپۇرلۇق كېنىشكە كەتمەيدۇ  ،  قاتناش ساقچىسى توسىمايدۇ   ،  سۈرئىتى نۇرمال  بولغان قاتناش قورالى   .
ئاكىمىلياتۇر  تاشلىنىپ  قالمايدۇ   ، ئۇمۇ پۇل   .  

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7006
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10547 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 05:08:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خو تۇن ئەپ بەرگەن ئاتا - ئانىمىزغا «ماشىنا ئەپ بەر!» دىيەلمىدۇ، شۇڭا سۈۋەرەك ھەيدەپ يۈرىۋاتىمىز.
ئاللا خالىسا ئۆينىڭ دەيكۈەنى تۈگىسە بىزمۇ ماشىنا ئالامىز.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ماشىنىسى بارلار مىنى تىللاپ كەتمەڭلار جىمۇ! مەن يولدا بەك ئاۋايلاپ قائىدىلىك ماڭىمەن، تونۇش - بىلىشلىرىمنىڭ ھەممىسى «سۈۋەرىكىڭگە چىقىۋالساڭ ئادەم تونۇمايسەن!» دەپ خاپا بولىشىدۇ.

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10337
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3026 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 05:11:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىز قەشقەرلىكلەرنىڭمىغۇ كىشى بېشىغا بىردىن تويوتا ياكى سانتانا ھەيدگىمىز باتتى، لېكىن يەنىلا شۇ مۇھىتنى نەزەردە تۇتۇپ توكسكىلىت ھەيداۋتىمىز.

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش