پەرىق
   بىر كۈنى فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى خۇشخۇيدىن : _توك بىلەن چاقماقنىڭ قانداق پەرقى بار ؟   سوراپتۇ. 
 چاقماققا پۇل تۆلەشنىڭ ھاجىتى يوق، - دەپ جاۋاپ خۇشخۇي-.
 
                                           ئامىتى كېلىش
شۈكۈر 0996: 
  _ قىزىمنىڭ ئىسكىرىپكىسى ماڭا ئامەت ئېلىپ كەلدى، - دەپتۇ.
ئۇيغۇر شاھ  : 
  _ قانداق دەيسەن؟  -دەپ سوراپتىكەن،شۈكۈر0996: 
 _ مەن يېرىم باھادا قوشنامنىڭ قورۇسىنى 
 سېتىۋالدىم، - دەپتۇ.
 
 
                                                   قورۇق
شەھلا  يولدۇشغا : 
 _  ئۆزۇڭگە قارىغىنا، يېشىڭ چوڭ بولمىسىمۇ،  پىشانەڭدىكى قورۇق نېمانداق كۆپ؟ 
 _ كۆپ بولۇپ قايسى دەرىجىگە يېتىپتۇ؟ -دەپتۇ يولدىشى 
: 
  _ ھەر قېتىم قالپاق كىيسەڭ، بۇرمىلىق مىخقىلا  ئوخشاپ قالىدىكەنسەن.-دەپتۇ شەھلا
 
 
 
                                                  ئاقىۋەت 
ئۈرۈكجانىڭ  يېڭى ئەسكەرلىككە كىرگەن چاغلىركەن ، ئۇ ھەر كۈنى گىمناستىكىغا كېچىكىپ  قالىدىكەن. بىر كۈنى  كۇماندىر بۈشۈك : 
  _ سەن نېمىشقا ھە دېسىلا كېچىكىسەن ؟ 
 _ دوكىلات باشلىق ، مەن دائىملا بەك ئۇخلاپ كېتىدىكەنمەن.-دەپتۇئۈرۈكجان 
بۈشۈك : 
 _ ئەگەر ھەر بىر جەڭچى سەندەك ئۇخلاپ كەتسە، بۇ  جاھان نېمە بولۇپ كېتەر ؟ 
  يېڭى ئەسكەر ئۈرۈكجان  : 
  _ شۇنداق بولسا ، ئەبەدىي ئۇرۇش بولماس ئىدى،  -دەپتۇ.
 
 
                                              سەمىمىيلىك
 ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان  تەبەسسسۇمنىڭ ئوغلى بىلەن ئاتىسى  پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئوغلى: 
  _ سەمىمىيىلىك  دېگەن نېمە ؟ - دەپ سوراپتۇ  ئاتىسىدىن.
   ئاتىسى: 
 _ سەمىمىيلىك دېگىنىمىز ئەتە ۋەيران بولۇشىمىزنى بىلسەكمۇ، بۈگۈن مالنى خېرىدارنىڭ قولىغا  تەككۈزۈشىمىز كېرەك ، - دەپ جاۋاپ  بىرىپتۇ. 
  ئوغلى: 
  _ پەم-پاراسەت دېگەن نېمە؟  ئاتىسى :
   _ بۇ خىل ئەخمىقانە ئىشنى قىلماسلىق ، - دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.