مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 275|ئىنكاس: 2

ئايۇپ ئاكا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72546
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3320
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-1-4
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 02:06:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايۇپكام 60لارغا يېقىنلاشقان، ئۆزى بەستلىك،بۇغداي ئۆڭ،چىرايىدىن كۈلكە يېغىپلا تۇرىدىغان، خۇشچاقچاق ئادەم بولۇپ، بىزنىڭ ئىدارىنىڭ يېنىدا ئاشخانا ئاچاتتى، ئۇنىڭ ئاشخانا ئېچىۋاتقىلىغىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە سەككىز يىل بولۇپ قالغان بولۇپ، چوڭ-كىچىك ھەممىسى بىلەن شۇنداق ئەپ ئۆتەتتى، مەن ئايالىم بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن بۇيان، دائىم دېگۈدەك ئايۇپكامنىڭ ئاشخانىسىدا تاماق يەيتىم، ئايۇپكامنىڭ ئاشخانىسىنىڭ سودىسىمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ياخشىلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئايۇپكامنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بىر باشتىن دەپ بېرەي،قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار ھە.
مەن ئويغىنىپلا ھاڭ-تاڭ قالدىم، مەن ئۆز ئۆيۈمدە ئىدىم، بېشىم قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى، ئاخشامقى ئىشلارنى بىرەر قۇر ئەسلىمەكچى بولدۇم، ھەرقانچە ئەسلىسەممۇ ئۇ سورۇندا مېنى ئۆيگە كىمنىڭ ئەكىلىپ قويغانلىقىنى بىلەلمىدىم،
زادى كىمدۇ؟ ئەجەپ ئەسلىيەلمىدىم يا؟ ۋاي-ۋۇي كىم بولسا بولمامدۇ، مەن بىرەرسىگە تېلفۇن قىلىپ دېگەندىمەن مېنى ئەكەت دەپ، شۇ ئاغىينىلەرنىڭ بىرەرسىدۇ؟  ھېلىغىچە تېلفۇن قىلىپ دوكلات قىلىپمۇ قالار، ئاۋال بىر ۇنچىغا چۈشىۋىتەيچۇ؟! شۇ خىياللار بىلەن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتىم.
پاھ! ما ئىسسىقنى! ھازىر مۇنچىدىن چىقساممۇ تەر چىقىمەنلا دەپ تۇرىدىيا ئادەمدىن، نېمىدېگەن جىق ئادەم بۇ كوچىدا، خۇددى ھېيىت-بايرام بولغاندەك، ھە راست بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچ شۇڭا كۆپ ئىكەندە ئادەم. مەن چىشلىۋالغان باشنى ئوڭشىغاچ ناشتا قىلىش ئۈچۈن ئايۇپكامنىڭ ئاشخانىسىغا چاپتىم، يولدا ماڭغاچ ماڭا ئوخشاش ھاراق چىشلىۋالغانلاردىن نەچچىنى كۆرۈپمۇ ئۈلگۈردۈم، ھاراق چىشلىۋالغانلارنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولامدىكىن دەيمەن، ئىشقىلىپ مەن بەك ئاسان بىلىۋالىمەن، ئىشقىلىپ ئۇلار بىلەن ھالىتىم ئوخشىسىمۇ قىلىدىغىنىم ئوخشاش ئەمەس،ئۇلار كالا گۆشى ئۈگرىخانىسىغا چاپقىنى بىلەن مەن ئايۇپكامنىڭكىگە چاپىمەن، خىزمەتداشلارنىڭ ئېغىزىدىن لازا دېگەننى تېشىغا ئاققۇدەك سېلىپ كالا گۆشى ئۈگرىسىدىن بىرنى ئىچىۋالسام ئوڭشىلىپ كېتەتتىم دىيىشلىرىگە دەرھاللا
-ئايۇپكاممۇ لازىنى كۆپ سالغانغا پۇل ئالمايدۇ، نېمە قىلىسەن پاسكىنا-پاكىزلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ ئادەمگە سوغۇق كېلىدىغان زىيانلىق نەرسىنى پۇلغا ئېلىپ ئىچكۈچە، ئۆزىمىزنىڭ تەملىك، ئاچچىق-چۈچۈك خۇيمىنى مىڭ ياخشى ئەمەسمۇ-
دەپ ئۈلگۈرىمەن،تولا شۇنداق دەپ يۈرۈپ مەنمۇ خۇيمەن ئىچىدىغانغا ئۆگىتىۋالدىم بىر قانچەيلەننى، بىللە كىرسەك ئايۇپكاممۇ بىر قاراپلا بىلىدۇ، ئاخشام يەنە ئويناپسىلەردە ھە دەپ قويۇپ ئاچچىق چاي دەملەپ ئەچىقىپ بېرىدۇ، تاماقنىمۇ ئاچچىق-چۈچۈك داڭلىغۇدەك قىلىپ ئالدىمىزغا ئەچىقىدۇ.
شۇ خىياللارنى قىلىپ ئاشخانىغا كەلگىنىمنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئايۇپكا-
-ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام، خۇش كەپسەن تۇرغۇنجان، كېلە،كېلە- ئوچۇق چىراي كۈلكە بىلەن قارشى ئالدى ئايۇپكام، مەن ئايۇپكام باشلىغان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم:
-كونا پەدىدە ئايۇپكا ئاچچىق-چۈچۈك قىلىپ ھە! لەغمەننى كۆپرەك ساتقان بولساڭ چاينىڭ ئورنىغىمۇ ئاچچىق-چۈچۈك تەڭشەپ بىر چىنە كەلتۈرە-دېدىم، ئايۇپكام ئۆزى بىلگەچكە گەپمۇ قىلماي ئىچىگە كىرىپ كەتتى
-مەردان بىلەن ئۆمەر بايا ئالدىڭدا كىرىپ تاماق يەپ چىقىپ كەتتى، ئاخشام بىللە ئەمەس ئىكەنسىلەر، سېنى سورىسام بىللە ئەمەس ئىدۇق دېدى-دېدى ئايۇپكام ئاش سۈيىنى ئالدىمغا قويغاچ:
-ئاخشام مەن داۋەن تەرەپكە بارغان شۇ يەردە ئۇزۇنراق ئولتۇرۇپ قالدىم-دېدىم مەنمۇ جاۋابەن، تۇيۇقسىز كاللامدىن يەنە بايىقى خىياللار كەچتى، ئاخشام مەردانلار بىلەن تېلفۇنلاشقىنىم يادىمدا مېنى ئۇلار ئەكىلىپ قويمىغان بولسا مېنى زادى كىم ئەكىلىپ قويغاندۇ، شۇ ئەسنادا تامىقىممۇ چىقىپ قالدى، تاماقنى تازا تەرلىنىپ ئولتۇرۇپ بىر ئىچتىم، باش ئاغرىقلىرىممۇ ئازراق بوشىغاندەك بولدى، ئايۇپكام بىلەن خوشلىشىپ سىرىتقا ماڭدىم، بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ تېلفۇنۇمنى قولۇمغا ئېلىپ ئاخشامقى نومۇرلارنى كۆرۈشكە باشلىدىم، تونۇمايدىغان نومۇردىنمۇ ئىككىسى بار ئىكەن،ئۇرۇپ باقتىم ئېلىنمىدى، يەنە باش قاتۇرۇشقا خوش ياقمىدى، ئۇدۇللا مەردانغا ئۇردۇم چىرايلىق مۇزىكا ئاۋازى بىلەن سەل تەستە تېلفۇننى ئالدى:
-ئالالمايسىزغۇ تېلفۇننى! ئاخشام سورۇن بەك پەيزى بوپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟-
-ۋاي نەدىكىنى دەيسەن، شۇ سورۇننىڭ بالاسى بولمامدۇ مانا، ئۆمەر بىلەن ئۆيدە ئولتۇردۇق ھازىر مىجىت كەلمەكچى، مىجەزنى ئوڭشىمىساق بولمىغۇدەك، كىرە سەنمۇ كۆرۈشكەندە دىيىشەيلى قالغان گەپنى-
-سېنىڭ ئۆيۈڭدىما؟ ھە ماقۇل، نېمە كام؟ نېمە ئالغاچ كىرەي دېگىنە- دېدىم مەن:
-بىز ئۇنتۇپ قاپتۇق، دەرۋازا تۈۋىدىكى تاللا بازىرىدىن "يەنە بىر يىسەم"دىن بىرنى ئاندىن ئىككى قاپ تاماكا ئالغاچ كىرسەڭ بولدى قالغان نەرسە بار ئۆيدە-دېدى مەردان، مەن بۇيرىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ مەرداننىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم.
مەردان مەن بىلەن خىزمەتداش بولۇپ يۇرتى ئاقسۇ بايدىن ئىدى، بىز ئىدارىغا تەڭ تەقسىم بولغان مانا توپتوغرا 13يىل بوپتۇ بىرگە ئىشلەۋاتقىلى بىرەر قېتىممۇ سەن-پەن دىيىشىپ قالماي شۇنداق ياخشى ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتۇق،  ئۆمەر بولسا شىخەنزىلىك بولۇپ بىللە تەقسىم بولغان كېيىن باشقا ئىدارىگە ئالمىشىپ كەتكەن ئىدى، شۇندىمۇ كونا ئاغىنىدارچىلىقنى تاشلاشماي ياخشى ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتۇق، مىجىت دېگىنى بولسا ئىدارىغا يېڭى كەلگەن خىزمەتدىشىمىز ئىدى،ئۆزى چىقىشقاق، خۇشخۇي مىجەزلىك بالا بولغاچ ئارىمىزغا قېتىۋالغان ئىدۇق، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ يەنە بىر نەچچە ھەمراھلىرىمىز بار ئىدى:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،ھاراقكەشلەر! سالامەت تۇردۇڭلىما؟ ما قاپاقنىڭ ھەممىسى سېنىڭمۇ يا مەردان،ئاخىرقىنى ئىچمە دېسەم ئۇنىمايسەن،مۇشۇنداق بولاتتى ئەسلى-بىرەر قۇر چاقچاقلىشىپ سورۇنغا جايلاشتىم، سورۇن شۇنداق رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ئۈستەلدە بىر يوغانراق تەخسىدە خامسەي، يېنىدا نان، چاي، يەنە بىر بۇرجىكىدە بولسا بوتۇلكا تىكلەكلىك بولۇپ ئاغزى ئېچىلمىغاندەك تۇراتتى،،شۇ ئەسنادا مەردان مەن ئەكىرگەن سەينى بىر تەخسىگە تۆكۈپ ئەچىقتى،ماڭا بىر پىيالە چاينى سۇنۇۋىتىپ؛
-ئەمدى تۇرغۇنجانمۇ كەلدى سورۇننى باشلىۋىتەيلى،بايا ئىككىمىز بولغاچ ساقلاپ تۇرايلى دەپ ھاراقنىڭ ئاغزىنىمۇ ئاچمىغان،قېنى تۇرغۇنجان ئۆز قولىڭىز بىلەن بۇ بوتۇلكىنى بىر نېمە قىلىۋىتىڭە- دېدى بوتۇلكىنى سۇنغاچ
-ھەي ئۆزۈڭلا نېمە قىلمامسەن ساھىپخان بولغاندىن كېيىن، مۇشۇ خوتۇنۇڭ يەنە بىرەر يىل ئۇزۇنراق ئوقۇسىمۇ بوپتىكەن دەپ قالدىم جۇما ئەمما، نۇرغۇن قولايسىزلىقلىرىمىزنى ئوڭ قىلىدۇ بۇ ئۆيۈڭ-دېدىم مەنمۇ جاۋابەن بوتۇلكىنى قولۇمغا ئالغاچ:
-بولسا كەلمەيلا قويسا دېمىدىڭ ھە! مۇشۇ تاپتا بالىلارنى قانچىلىك سېغىنغىنىمنى بىلمەيسەن جۇما، قېنى باشلاپ كېتەيلى سورۇننى، بەركەتلىك قولۇڭ بىلەن بىر باشلىۋىتە-دېدى مەردان:
-بولىدۇ ئەمىسە، بۈگۈن مەرداننىڭ ئۆيىدە ياخشى يىغىلدۇق، ياخشى باشلىنىش بىلەن ئېسىل ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن بۇنى مەن ئىچىۋىتەي،قالغان گەپ رومكىنىڭ ئىچىدە خوشە!-گۈپلا ئاتتىم رومكىنى، چىرايلىرىمنى پۈرۈشتۈرۈپ خامسەيدىن بىر چوكا يىگەندىن كېيىن رومكىنى لىقلاپ ئۆمەرگە سۇندۇم،سورۇنىمىز شۇ تەرەققىسىدە ياخشى داۋاملاشتى، بىر ئازدىن كېيىن مىجىتمۇ يېتىپ كەلدى،بوتۇلكىدىنمۇ ئىككىنى ئۆرۈپ ئۈلگۈردۇق، شۇ ئەسنادا مەردان ئېغىز ئېچىپ قالدى:
-ئاغىنىلەر،مۇشۇ ئايۇپكامنى بىر چاقىرمامدۇق سورۇنغا، مەن تېلفۇن قىلاي پەيزى قىلىپ سەيدىن يوغان تەخسىدە بىرنى قورۇغاچ ئۆزى ئېلىپ چىقسۇن، بەك مۇڭداشقاق، ئوبدان ئادەم ئىكەن ئۆزىمۇ، ئانچە-مۇنچە سورۇنلارغىمۇ بارىدىكەن ئىچمىسىمۇ، بىزنىڭكىدىمۇ ئولتۇرۇشۇپ بەرسە بولار، پاراڭچى ئادەم ئىكەن، پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرمامدۇق بىردەم، توختاڭلار تېلفۇن قىلماي سەت تۇرمىسۇن، ئۆزۈممۇ بوتۇلكىدىن ئىككىنى ئالغاچ كىرىپ تەكلىپ قىلىپ چىقاي-
-ياخشى پىكىر، ئانچە-مۇنچە دەپ قوياتتى ئايۇپكام،بەزىدە ھەۋىسىم كېلىدۇ سىلەرگە، خىزمەتنىمۇ ئوبدان ئىشلەيسىلەر، سورۇنۇڭلارمۇ شۇنداق پەيزى، جىمجىت،ئۇرۇش-جىدەلمۇ قىلمايسىلەر، يىگىت دېگەن سىلەردەك بولسا مانا دەپ، يىگىتلەر سورۇنىغا بىر چاقىرىپ قويايلى زادى-دېدى مىجىتمۇ، شۇنداق قىلىپ مەردان سىرتقا ماڭدى.

باشقۇرغۇچىلار سەمىگە:
ئەسلى پۈتۈن ئاخىرلاشتۇرۇپ يوللىماقچى ئىدىم، كۇپىيە يوق كونۇپكا تاختىسى ئالدىدا كاللام بويىچە يېزىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن ۋاقىتنى سەل ئالىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر جىددى ئىشىم چىقىپ قالغانلىقتىن سىرىتقا چىقىشقا مەجبۇر مەن، تەستىقلىماي ساقلاشنىڭ ئامالى بولسا تەستىق سالماي تۇرساڭلار مەن كەچتە ياكى چۈشتىن كېيىن ئاخىرىنى يېزىپ يوللىۋەتسەم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72546
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3320
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-1-4
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 01:00:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ھازادىن كېيىن مەردان قولىدا بىر سۇلياۋ خالتا كۆتۈرگىنىچە ئۆزى يالغۇز يېنىپ كىردى، ھەممىمىز ھەيرانلىقتا ئۇنىڭغا قاراپلا قاپتۇق:
-ئايۇپكام ئۆزى سەينى ئەكىرگەچ كىرىدىغان بولدى، ئۇمۇ زېرىكىپ قالغان چېغى،ئاۋال ئۆزىگە ھاراق زورلىماسلىق ھەققىدە ۋەدە ئېلىۋىلىپ ئاندىن ماقۇل بولدى، تېخى دۇتتارنىمۇ بىللە ئالغاچ كىرىپ پەيزى قىلىپ بېرىدىغان بولدى-دېدى مەردان. ھەممىمىز بۇ گەپتىن ئىنتايىن خوشال بولۇپ، سورۇننى ۋە ئۆيلەرنى ئانچە-مۇنچە بىرەر قۇر تۈزەشتۈرۈپ ئولتۇردۇق، ھاراق رومكىسى مىجىتنىڭ قولىدا مىجىت شىئېر دىكلىماتسىيە قىلىنىۋاتقان پەيىتتە ئىشىك چېكىلدى، ھەممىمىز ئايۇپكام ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ ئۈستى-بېشىمىزنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرۈپ ئۈلگۈردۇق، دەرۋەقە ئايۇپكام سالام قىلىپ كىرىپ كەلدى، ئۇنىڭ بىر قولىدا دۇتتارمۇ بار ئىدى، ھەممەيلەن سالىمىنى قىزغىن ئىلىك ئېلىپ ئۇنى تۆرگە باشلىدۇق، ئايۇپكام ئولتۇرۇپ چىرايلىق دۇئا قىلغاندىن كېيىن ھەممىمىز بىلەن بىرەر قۇر ئەھۋاللىشىپ ئولتۇردى، شۇڭغىچە مەنمۇ رومكىنى ئالدىمغا ئەكىلىپ بىر رومكا قۇيۇپمۇ ئۈلگۈردۈم:
-ئەمدى ئايۇپكا، سىزمۇ كىرىپ قالدىڭىز، ئالدىڭىزدا ھۆرمەتسىزلىك بولدى، شۇنداقتىمۇ ئەمدى سىز بىلەنمۇ تونۇشقىلى شۇنچە ئۇزۇن بوپتۇ، ئاكا-ئۇكىدەك يېقىن ئۆتۈپ كېتىپ بارىمىز،بىزگە كۆپ غەمخورلۇق قىلىۋاتىسىز، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممەيلەنگە ۋاكالىتەن سىزگە كۆپ رەھمەت، ھۆرمىتىڭىز ئۈچۈن بۇنى كۆتۈرىۋىتەي،سىزمۇ ئازادە ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئولتۇرارسىز،خوشە- دېگىنىمچە رومكىنى قۇرۇقدىدىم، سورۇنداشلىرىممۇ پىكرىمنى قۇۋۋەتلىدى:
-رەھمەت ئۇكام تۇرغۇنجان، ھەممىڭلارغا رەھمەت، ئەمدى بىزنىڭمۇ ياش ۋاقىتلىرىمىز ئۆتكەن، بىزمۇ قىلغان كەيىپ بۇ، سىلەرمۇ ئېسىل بالىلار، پەقەت ئارتۇق جىدىلىڭلار يوق، بەزىدە تۇرۇپ ھەۋىسىم كېلىدۇ،سورۇنىڭلار ياخشى، سورۇنداشلىرىڭلار ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى، ئارتۇق ئىشلار بىلەن كارىڭلار يوق، خىزمەتنىڭ، تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ياخشى گۈلدەك ئۆتۈپ كېتىپ بارىسىلەر، مەڭگۈ شۇنداق ئۆتۈپ كەتكەيسىلەر ئىلاھىم-دېدى ئايۇپكاممۇ جاۋابەن، سورۇن بىر قۇر ئايۇپكامنى ماختاپ، ئايۇپكامغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ ئايلاندى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72546
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3320
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-1-4
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 01:05:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۈمەگە تەييارلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاقتىنچە مۇشۇ يەردە توختاتتىم، ئەتىگە قالماي تولۇقلاپ يوللىۋىتىمەن، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىڭلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش