ئىنسان روھىيتى، تەپەككۇر دىل تىل خۇيدىن ئىبارەت تۆت تادۇدىن تۇزىلىدۇ.مەشھۇرلىرىمىزدىن فارابىي، تەپەككۇر بارىسىدا جاھان ئەقىلدانلىرىغا پەلسەپە ئۇگەتكەن بولسا، تەسەۋۋۇپ ئىلمىدە،دىلنى باشلاش،تەسىرلەندۇرۇش، پەرۋىشلەش،مۇستەھكەملەش جەھەتتە قەدەم باسقۇچلۇق ئىلىم جەريانى بار.ماخمۇت قەشقىرى تۇزگەن تۇركىي تىللاردىۋانى تىل جەھەتتە ئىزدىنىشنىڭ دەسلەپكى سەھىپىسى ئىچىپ بەرگەن ‹بۇنىڭ پەدىسى جاھان مىقياسىدا تىخىغىچە يىڭىلانغىنى يوق›،يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇ بىلىگدە ئادەم خۇينىڭ سىر ئەشيالىرى بايان قىلىنىدۇ. جاھان مىقياسىدا تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.ئىشقىلىپ نەگە بارمايلى، تارىخىمىزھازىر كەلگۇسىمىز، ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەتتىن ئىبارەت تۆت ئاتالغۇ ئىچىدە، ئىنسان ماھىيەتلىرىنى چۆردەيدۇ.
قۇتادغۇ بىلىگنى بايقاش ئەمەس ، باغلاش مەۋقەسىدە تۇرۇپ باشتىن ۋاراقلىساق،كىتاپ خۇددى بىز تاماقتىن ئىلگىرى بىسمىللا دىگەندەك، ئۇلۇغ ئاللاھقا ھەمدۇ سانا،رەسۇلىللا ۋە تۆت ساھابىگە مەدىھيە بىلەن باشلانغان.بۇلۇپمۇ 60-بىيىتتا؛
بۇ تۆت يار ماڭا تۆت تادۇدەك ئىرۇر،
تۇزۇلسە تادۇ چىن ھاياتلىق بۇلۇر.
دەپ خاتىرلەنگەن بۇلۇپ،ئىسلام مەدىنىيتىنىڭ رەسۇلىللا تىككەن تۆت ئۇرۇق ، تۆت ئىقىم ، تۆت ئاساس بىلەن تۇزىلىدىغانلىقى ،ئابابەكرى ‹ خۇداغا ئىشەنگەن تىلى ۋە دىلى›، ئىشىنىش بۇ تۇپراق خۇسيەتتىكى بىلىش.ئۇمەر ‹كۆتەردى تۇساقنى شەرىئەتتىن ئول›، شەرىئەت ئوت سۇپەتتە ئادىللىق. ئوسمان ‹كىشىلەر خىلى ھەم قۇلى كەڭ سىخى›،سىخى دىگەنلىك سۇ سۇپەتتىكى ياخشىلىق.ئىلى ‹بىلىملىك ۋە تەقۋا،ئىتىدۇر بۇيۇك›، تەقۋا ھاۋا خۇسيەتتىكى تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت تۆت تادۇدىن تۇزۇلسە يىمىرىلمەس چىن بۇلىدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان.
تۆت ساھابىنىڭ تۆت تادۇغا قىياس قىلىنىشى ھازىرقى ئىسلام مەدىنىيتىدە ناھايتى ئەھمىيەتلىك قاراش بۇلۇپ،ئارىمىزدىكى ئايىقى يوق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشتا، چەكچىكىدىن دەزكەتكەن مۆئىمىنلەر قىرىنداش سۆزىنىڭ ئەمىلىيەت سىماسىدا زور رول ئوينىيالايدۇ.قاراپ باقساق، ھازىر ئۇلىمالىرىمىز مەزھەپ يوق،پىرىق يوق ،جۇملىدىن خاسلىق يوق جەمىيەت قۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىختىلاپنى ئۇزۇل كىسىل تۇگۇتۇپ،تەسەۋۋۇرى بۇيىچە پەرىقسىز قەۋىملەر بەرپاقىلىشقا ئالدىراۋاتىدۇ ،بىراق تىلۋۇزۇردىكى ئۇچۇرلارنى كۇرۇپ ئەپسۇسلىنىپ قالىمىز.ئاددىيسى توردىمۇ بىر بىرىنى ئەيىپلەيدىغان تىما ئىنكاسلار كۇرمىڭ.تەقۋادارلىق سۇپەتتىكى شىئە سوپىلارنى ئازغۇن ساناش، دىن پەلسەپىگە ئەمەس،تەۋھىدكە بۇيرىيدۇ دىيىشىپ ،تۇرۇك پەيلاسۇپلىرىنى چەتكە قىقىش، خاۋارىجلارنى كۇپۇر چاغلاش‹خاۋارىج دەپ تىللاپمۇ قۇيىمىز›،مەزھەپسىزلىك، مۇشۇلار گەۋدىلىكراق ئۇچرايدۇ .ئەمىلىيەتتە ئۆزئارا تۇنۇشىشىمىز ئۇچۇن ھەر خىل ئىرىق ،ھەر خىل قەۋىم بۇلۇپ يارالغىنىمىزغا قىياسەن،بۇلەكلەرنىڭ ئۆز ھالىغايارىشا تەپەككۇر قاراشلىرى،خۇي خۇسيەتلىرى،يۇرۇش تۇرۇشلىرى بۇلىدۇ.بۇنى ئۆزگەرتىپ بىر ئىقىمغا كەلتۇرۇش ئىرسىيەت نەچچە مىڭ يىللىق كۇنەگكىچە تاقىشىدۇ.شۇ سەۋەپ بۇخىل تەشەببۇس قاراشقا توغرىدەك، بىراق ئەمىلىيەتتىن يىراق تەشەببۇستۇر. يۇسۇپ خاس ھاجىپ بۇيىچە ،بۇلار ئىسلام مەدىنىيتىنىڭ تادۇلىرى. تۆت ئەزاسى ساق بولمىسا بىجىرىم ھىساپلانمايدۇ،ئەرەپلەر بىلىش بىلەن ئۆلچەنسە،خاۋارىجلار ئادىللىق بىلەن ئۆلچىنىدۇ.تۇرۇكلەر ياخشىلىق بىلەن ئۆلچەنسە، پارىسلار تەقۋادارلىق بىلەن ئۆلچىنىدۇ.بۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى خاسلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، ئىتىپاقلىقنىڭ باراۋەرلىك ۋە يول قۇيۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىككى شەرتى تۇلۇقلىنىپ، ئىتىپاقلاشقىلى بۇلىدۇدەپ يەكۇنلىنىدۇ. بۇنى ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەت نوختىسىدىن پاكىتلاش، ئانچىكى ھىس قىلىش تەس ئەمەس. دىمەك بۇيەردىكى تۆت تادۇ قارشى ئىسلام ئۇممەتلىرىدىكى ئىختىلاپنى تۇگۇتۇش،ئىتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ماتىدىل ھايات رولىنى ئۆتەيدۇ. مانا بۇ پەلسەپىنىڭ كۇچى.
تۆتىنجى باپ،پارلاق باھار پەسلى ۋە ئۇلۇغ بۇغراخان مەدىھيىسى بايانىدا؛
قوڭۇر يەر يىپىندى يىشىل تورقىنى،
تاۋغاچ رەختى يايدى قىتان كارۋىنى.
دالا تاغ قىر ئويمان تۇشەندى يىيىپ،
بىزەندى ۋادىلاريىشىل ھال كىيىپ. دىيىلىپ ئومۇمىي ۋەزنىدىن ماكان تەسۋىرى ئەكىس ئىتىدۇ.
بەشىنجى باپ،يەتتە يۇلتۇز ئون ئىككى بۇرۇج بايانىدا ؛
يەتتە يۇلتۇز بىلەن يەتتە قات ئاسمان دىگەن گەپتە ئوخشاشلىق بار.1.سەكەنتىر، ۋاختى ئىككى يىل سەككىز ئاي.2.ئوڭاي ،ئون ئىككى ئاي.3.كۇرۇد، غەزەپتە يۇرۇر،ياشارغان قۇرۇر.4.قۇياش ،يۇرىتار جاھان.5.سەۋىت، سۇيۇملۇك ئۇزى.6.ئارزۇ ،تىلەككە يىتەر.7.يالچىق،تۇلۇن بۇلار.ئۇلۇغ بىگ قەتلىسىدىن كىيىن ، ئىلمىي نۇجۇم يەنى بۇرۇجلار ئىلمى كۇمۇلۇپ كەتتى. بۇ ئارقىلىق كەلگۇسى ئىشلارنى پەرەز قىلغىلى،ھاۋارايدىن ياكى باشقا جۇغراپىيلىك ئۆزگۇرۇشلەردىن ئالدىدىن خەۋەرلەنگىلى،يول تاپقىلى بۇلىدۇ.خۇلاسىلىغاندا بۇقىسىمدا زاماننىڭ خۇي ئەشيالىرى سۆزلىنىدۇ.
ئالتىنجى باپتا ؛
ياراتتى ۋە يۇكسەلىتتى تاللاپ ئادەم،
بىرىپ ھۇش-ئەقىل پەزىل ئىلىمنى ھەم.
تىلنى چىقارىپ،ئاڭا بەردى دىل،
ئۇيات بەردى يەنە گۇزەل، خۇش پىئىل.
دىمەك،ئىنسان چىقىش قىلىنىپ، ئىنسان روھىيتى؛ تەپەككۇر، دىل، تىل ،خۇي دىن ئىبارەت تۆت تادۇدىن تۇزلىدىغانلىقنى ئىشارە قىلىنغان.ئاندىن تىل ،ياخشىلىق بايان قىلىنغان.ئىنسان بۇيىچە بۇرۇن بىلىش، كۆز ئادىللىق، ئىغىز‹تىل› ياخشىلىق،قۇلاق تەقۋادارلىق بۇلىدۇ.تىل بىلەن ياخشىلىقنىڭ بىشىدا ئالاھىدە بايان قىلىنىشى،بىزلەرنىڭ يەنى تۇركىي قەۋىملەرنىڭ ياخشىلىق سۇپەتتىكى سۇغا ۋەكىللىك قىلدىغانلىقىمىزنىڭ زامان ئىسپاتى.ئاندىن بىلىمنىڭ تەكىتلىنىشى؛ ‹تەپەككۇر، ھۇش ئەقىل پەزىلەت بىلىم دەپ تۆت تادۇغا ئايرىلىدۇ.›ھۇش –بىلىش،ئەقىل تەدبىر-ئادىللىق،پەزىلەت-ياخشىلىق،بىلىم-تەقۋادارلىق، تارىم ۋادىسىدىكى قەۋىملەرنىڭ ياخشىلىق بىلەن تەقۋادارلىق گىرەلەشمە ھالەتتىكى ، ياخشىلارنىڭ تەقۋالىرى دىگەننى ئىما قىلىدۇ. بەلغىمى خۇن دىگەنلىك.بۇ مەلۇم مەنىدىن قۇتادغۇ بىلىگنىڭ ۋارىسلىرى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى،ئاڭ قاتلىمىنىڭ ياخشىلىق بىلەن تەقۋادارلىق سۇپەتتە ئايان بۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئالدىدا ماكان ، ئاندىن زامان، ئاندىن ئىنسان، ئون بىرىنجى باپتا ؛
ئويغان ئەي بوز چاچلىق،ئۆلۇمگە ئىشەن،
بۇكەچمىش كۇنىڭگە يىغلا ھەم ئۆكەن.
ئۆتۇپ كۇن بىكارغا، تۇگىدى ھايات،
بۇقالمىش كۇنىڭنى تەۋبىلە ئۇزات. دىمەك تەقۋادارلىق دىنىيەت، ھازىرقى ئاتالغۇمىزدا مەدىنىيەت ئىلگىرى سۇرۇلگەن.
دىمەك، قۇتادغۇ بىلىگدە سالام سائەتتىن كىيىن ، رەت تەرتىپ بۇيىچە ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەت تۆت نوختا كىرىش ھىساۋىدا شەرھىلەنگەن، بۇ خىل بايان ياكى تەپەككۇر شەكلى پۇتۇنلەش باغلاش جەھەتتە ھىلىھەم يۇقرى قىممەتكە ئىگە بۇلۇپ، كۇپۇنچە ئەقىلدانلار ئوخشىمىغان نوختىدىن چىقىپ ،بىر مەسىلىدىمۇ ئوخشىمىغان باھالارنى بىرىدۇ.بەزىسى ماكان ئىجتىمائىي ئەمىلىيەتنى ، بەزىسى زامان تارىخىي ھەقىقەتنى، يەنە بەزىسى ئىنساندارچىلىقنى، ياكى مەدىنىيتىنى چىقىش قىلىدۇ.بۇنى تۆت نوختىغا يىغىنچاقلاپ،تۆت تادۇنىڭ زىدىيەت مۇناسىۋىتىگە سىلىپ تادلىسا،تەپەككۇر يەنە بىر بالداق يۇقرى ئۆرلەيدۇ. نازۇك مەسىللەرگە جاۋاپ چىقىپ، تىخىمۇمۇكەممەل بۇلىدۇ.مىنىڭچە تۇگۇنلەرگە تۆت نوختىدىن قاراش،ئاندىن يەكۇنلەرنى تۆت تادۇغا سىلىپ تادلاشنىڭ ھەرقانداق نەزىريەۋىي بىلىمدىن قالغۇچىلىكى يوق.
داۋامى بار......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تادۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-2 12:55 PM