مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1493|ئىنكاس: 13

سەلجۇقىيلارنىڭ پائالىيەتلىرى‹2› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82429
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3318
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-7-3
ئاخىرقى: 2013-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 11:28:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەلىپە بولسا ئەل باساسىرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ،سۇننى مەزھىپىدە بولغان توغرۇلبەگدەك بىر نىجاتچىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ناھايىتى خوش بولۇپ كەتتى،توغرۇلبەگ باغدادقا يېتىپ كەلگەندە ،خەلىپە ئۇنى داغدۇغا بىلەن كۇتۇۋېلىپ ،كاتتا مۇراسىم ئۆتكۇزۇپ ئۇنىڭغا ‹شەرق ۋە غەرپنىڭ غۇجىسى›دىگەن نامنى بەردى.1056 -يىلى يەنە ئۇنۇڭغا سۇلتان ئۈنۋانىنى بەردى.بەزى تارىخى مەنبەلەردە  خەلىپە ،سەئىدە ئىسىملىك قىزىنى توغرۇلبەگكە ياتلىق قىلدى دىيىلگەن.
توغرۇلبەگنىڭ ئابباسىيە خەلىپىلىكى تەۋەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھوكۇمرانلىقى تىكلەنگەندىن كېيىن،شىمالنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن يۇرۇش قىلدى.بۇنۇڭدىن خەۋەر تاپقان ئەل باساسىر پاتىمەلەر خەلىپىلىكىدە پاناھلانغان يېرىدىن ھەرىكەت قىلىپ،بىر قىسىم قالدۇق قوشۇنى بىلەن پاتىمەلەر قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ باغدادنى ئىشغال قىلدى،ئۇ باغدادقا 10 ئايدەك ھۇكۇمرانلىق قىلغاندا،تۇغرۇلبەگ قوشۇنلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىپ ئەل باساسىر قوشۇنىنى تامامەن يۇقاتتى.ئەل باساسىرنى بولسا تۇغرۇلبەگ ئۆز قىلىچى بىلەن چاناپ پارچە-پارچە قىلىۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن تۇغرۇلبەگ سۇرىيە ۋە مىسىردىن باشقا پۇتكۇل ئابباسىيە خەلىپىلىكى تەۋەسىنىڭ يىگانە سۇلتانى بولۇپ قالدى.
تۇغرۇلبەگ ئاساس سالغان بۇيۇك سەلجۇق ئېمپىرىيەسىدە تۆت مەشھۇر ھۇكۇمران،يەنى تۇغرۇلبەگ،جىيەنى ئالىپ ئارىسلان،نەۋرىسى مەلىكشاھ،ۋە ئەۋرىسى ئاخىرقى سۇلتان سەنجەرلەر ئۆتكەن.
تۇغرۇلبەگ ۋە جىيەنى ئالىپ ئارىسلان تەسىر دائىرىسىنى غەرپكە كېڭەيتىپ،ئىراق بىلەن ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ئارىلىقىدىكى پايانسىز يەرلەرنى ئىگىلىدى،بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ كۇچ قۇدرىتى ئۆسۇپ،ۋىزانتىيىلىكلەرنى بېسىپ چۇشۇشكە باشلىدى.غەرپ تارىخچىلىرى ئىسلام ئەللەرىىنىڭ كۆپ قېتىم دىگۇدەك كۆچمەن مىللەتلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەنلىكىگە ،ئەمما ئىسلامىيەت يەنە يېڭىچە ھاياتىي كۈچ بىلەن ئۇلغۇيۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا ھەيرانلىق بىلەن نەزەر سېلىشتى. تۇغرۇلبەگ ھۇكۇمرانلىقىدىكى كۆچمەن ئوغۇزلار ئوقۇمۇشلۇق بۈۋەيھىدلەر ياراتقان پارلاق مەدىنىيەتنى ۋەيران قىلىۋەتتى
.«ھەممە نەرسە گويا خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.ئەمما دەل سەلجۇقىيلەرنىڭ خان -پادىشاھلەرى ئەسلامىيەتكە مىسلىسىز شان-شەرەپلەرنى كەلتۇردى. بۇ قىستۇرمىنى يەنە موڭغۇللار،تۆمۇرىيلەر،ۋە ئۇلاردىن كېيىن ئۆتكەن ئوسمانلى تۈركلىرى،شۇنۇڭدەك موغۇللار كەينە-كەينەدىن تەكرارلاشتى.»
تۇغرۇلبەگ ۋاپات بولغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ جىيەنى ئالپ ئارىسلان1063-1073 يىلغىچە سۇلتان بولدى.تۇغرۇلبەگ تەرىپىدىن ئەزىزرۇم(ئانا دول)ئۆلكىسىگە باش ۋالى قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىسرائىل ئارىسلان يابغۇنىڭ ئوغلى قۇلتەمىشبەگ ئالپ ئارىسلان سۇلتان بولغان مەزگىلدە كۈچىيىپ 70 مىڭ ئاتلىق ئەسكەرگە ئىگە بولدى.قۇلتەمىشبەگ بۇ قوشۇنغا تايىنىپ سەلجۇق ئېمپىرىيىسىنىڭ پايتەىتى تېھراننى بېسىۋېلىش ئۈچۈن،ئالپ ئارىسلان تەخىتكە چىقىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن،ئۇنۇڭغا قارشى ئىسيان كۆ

تۇردى.ئالپ ئارىسلان  قۇلتەمىشبەگكە مەكتۇپ يوللاپ، بۇنداق ئىسياننىڭ دۆلەتكە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ،ئۇنى ئاسىيلىق يۇلىدىن قايتىشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ،لېكىن قۇلتەمىشبەگ نەسىھەتكە كۆنمەي ئۇرۇش قوزغىفانلىقى ئۇچۇن،تېھران يىنىدىكى جەڭدە ئولتۇرۇلدى.ئۇنۇڭ ئىنىسى رۇسۇلبەگ،ئوغۇللىرى سۇلايمانشاھ،ۋە مەنسۇربەگلەر ئالپ ئارىسلانغا ئەسىرگە چۇشتى.
ئالپ ئارىسلان1065-يىلى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۇرۇش قىلىپ غەربى قاراخانىلار بىلەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا پۇختا ئاساس سالدى.ئۇ قىزى ئائىشە خاتۇننى غەربى قاراخانىلارنىڭ ئىلىك خانى شەمسۇلمۇلككە بەردى،شەمسۇلمۇلۇكنىڭ سىڭلىسى تۇركەن خاتۇننى ئوغلى جالالىدىن مەلىكشاھقا ئېلىپ بەردى.
ئالپ ئارىسلان 1067-يىلى خارەزىمنى ئىشغال قىلىپ،1070-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا پاتىمەلەر خەلىپىلىكىنىڭ قولىدىن مەككە-مەدىنىدىن ئىبارەت ئىككى ھەرەمنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تارتىۋالدى.ئاندىن سۇرىيەنى بويسۇندۇرۇپ،قىسقا مۇددەتلىك تەييارلىقتىن كېيىن،كىچىك ئاسىيادىكى خىرىستىيانلارغا قارشى ئۇرۇش ئېلىپ باردى.
1071-يىلى شەرقى رىم ئېمپىرىيەسى(ۋىزانتىيە)نىڭ ئېمپىراتورى دىككىنىس رۇمانۇس باشچىلىقىدىكى ئۈستۇن لەشكىرى كۇچكە ئىگە ۋىزانتىيە قوشۇنى بىلەن ئالپ ئارىسلان قوشۇنلىرى ئەرمەنىستاندىكى ۋان كۆلىنىڭ شىمالىدىن 45 كىلومېتىر يىراق،دېڭىز يۇزىدىن 1500مېتىر ئىگىزلىكتىكى مالازگىرىد قورغىنى يېنىدا ئۇچراشتى.ئۇرۇشتا ۋىزانتىيە قوشۇنلىرى ئۈزۈل -كېسىل مەغلۇپ بولۇپ ،ئېمپىراتور دىكىنىس ئەسىرگە چۇشتى،مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ نۇرغۇن ئۇرۇش چىقىمى تولەپ ئەسىرلىكتىن قۇتۇلدى.ھەم ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە سەلجۇقىيلارغا خىراج تولىدى.بۇ ئۇرۇش تارىختا «مالازگرد» ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى.
بۇ قىتىمقى شانلىق غەلىبىنىڭ ئەكىس ساداسى ھەر قايسى ئەللەر ئارىسىدا ناھايىتى زور تەسىر قوزغىدى.ئۇرۇشتىن كېيىن سەلجۇقىيلەرنىڭ زىمىنى ناھايىتى كېڭىيىپ ،مۇسۇلمانلار كىچىك ئاسىيادا ئولتۇراقلىشىشقا باشلىدى.ئالپ ئارىسلاننىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى سۇلايمان بىننى قېتىلمىش1077-يىلى بۇ يېڭى زىمىننىڭ ئاتا مىراس باش ۋالىسى بولدى.ئۇنۇڭ ئەۋلاتلىرى«رۇم دۆلەت سەلجۇقىيىسى»دىگەن نام بىلەن بۇ زىمىندا 200 يىلدىن ئوشۇق ھوكۇمرانلىق قىلدى.ئۇلار 1084-يىلى ۋىزانتىيىنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى ئەڭ باي شەھىرى ئىيكانى ئىشغال قىلىپ ئۇنۇڭ نامىنى قۇنىيەگە ئۆزگەرتىپ دۆلەتنىڭ پايتەختى قىلدى.
ئالپ ئارىسلان پايتەختىنى پېرسىيەدىكى ئەسپاھانغا يۇتكۇدى.ھەلەپنى ئىشغال قىلىپ پاتىمەلەر قولىدىن مەككە بىلەن مەدىنىنى قايتۇرۇۋالغاندائالپ ئارىسلاننىڭ تۇتۇشبەگ ئىسىملىك ئوغلى سۇرىيىگە باش ۋالى بولغان ئىدى.كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنۇڭ ئەۋلادلىرى بۇجايدا كىرمان دۆلەت سەلجۇقىيىسىنى قۇردى.بۇ دۆلەت ئەھلىسەلىپنىڭ شەرىققە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى كۆپ قىتىم توسۇپ قالدى.
ئالپ ئارىسلاندىن كېيىن ئۇنۇڭ ئوغلى جالالىدىن مەلىكشاھ سۇلتان بولدى.ئۇنۇڭ نامى باغداد مەسچىتلىرىنىڭ خۇتبەلەرەدە زىكىر قىلىندى.ئۇ1075-يىلى شەرقى رىم ئېمپىرىيىسىگە قاراشلىق كاۋكازىيىنى ئىشغال قىلىپ ئېمپىرىيە دائىرىسىنى كېڭەيتتى.ئۇنۇڭ تېرىتورىيەسى 15 مىليون كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى.بۇ تېرىتورىيە ئىچىگە ئىران،ئافغانىستان،شىمالى ھىندىستان،ماۋەرائۇننەھىر،جەنۇبى كاۋكازىيە،داغىستان،ئانادولۇ،ئىراق،سۇرىيە،پەلەستىن،ھەم ئەرەپ يېرىم ئارىلى قاتارلىقلار كىرگەن ئىدى.
مەدەنىيەت سەۋىيەسى جەھەتتىن ئالغاندا،سەلجۇقىيلار ئۆزى بويسۇندۇرغان ماۋەرائۇننەھىر رايۇنى ۋە خۇراساندىكى ھەر قايسى مىللەتلەردىن تۆۋەن تۇراتتى.سەلجۇقىيلەر ئارىسىدا ساۋاتسىزلىق ئېغىر ئىدى.ھەتتا ئالپ ئارىسلان ۋە ئوغلى جالالىدىن مەلىكشاھمۇ ساۋاتسىز ئىدى.شۇڭا سەلجۇقىيلار زېمىننى ئەلەم بىلەن ئالغان بىلەن دۆلەتنى باشقۇرۇشتا قەلەمگە تايانماي ئامال يوق ئىدى.بۇ ھال تاجىكلار ۋە تۇركى تىللىق خەلىقلەر ئارىسىدىكى بىلىملىك ئەربابلارنىڭ ھوكۇمەت ئورگانلىرىدا زور رول ئوينىشىنى بارلىققا كەلتۇردى.خۇراسانلىق ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبنى ئىسھاق(1019-1092)مانا بۇ پۇرسەتكە ئېرىشكەن سەلجۇقىيلەر ئېمپىرىيىسى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق دۆلەت ئەربابى ئىدى.ئۇ ئالپ ئارىسلان بىلەن مەلىكشاھنىڭ قول ئاستىدا 30يىل(1063-1092)ۋەزىر بولدى.ۋە نىزامىئۇلمۇلك(دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەن ۋەزىر)دىگەن ئۇنۋانغا ئېرىشتى.يەنە ئاتاقلىق ماتىماتىك ۋە ئاستىرونومىيە ئالىمى،شائىر ئۆمەر ھەييام(1040-1123)،مەشھۇر سەيياھ ۋە ئەدىب ناسىر خۇسراۋ(1104-1088)لارمۇشۇ دەۋىردە ئوتكەن ئىدى
مەلىكشاھ دەۋرى سەلجۇق ئېپىرىيەسىنىڭ تازا گۇللەنگەن دەۋرى بولۇش بىلەن بىرگە،ئۇنۇڭ ئىنقىرازغا يۇزلىنىشىمۇ مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاندى.بۇ دەۋىردە ئىسمائىلى مەزھىپى ۋە ئۇنۇڭدىن ئايرىلىپ چىققان،باتىل مەزھەپ بولغان قەرمەتىيلەر،يەنە ئۇنۇڭدىن ئۆزگەرگەن ئاسساسىنلار(ھەششاشىلەر)مەزھىپىنىڭ پۇتكۇل مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ سالجۇقىيلەرھۇكۇمرانلىرىغا بولغان سۇيىقەست ۋە زىيانكەشلىكلىرى ئەۋج ئالغان،ئاسساسىنلارغا ھەسەن ئىبنى سەبباھ(1124-يىلى ۋاپات بولغان)رەھبەرلىك قىلغان زامانلاردا،ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرى ئىنتايىن ئەۋج ئالغان.
ھەسەن ئىبنى سەبباھ ئەسلىدە نىزامۇلمۇلك بىلەن ئۆمەر ھەييامنىڭ ساۋاقدىشى بولۇپ،كاتتا ئالىم ئىدى.ئۇ بىر مەزگىل نىزامۇلمۇلكنىڭ ياردىمى بىلەن مەلىكشاھ ئوردىسىدا ئىشلىگەن،لېكىن ئۇ ئىنتايىن ھىيلىگەر،ئاچكۆز،ھوقۇقپەرەس بولغانلىقى ئۈچۈن ئوردىدىن ھەيدەلگەن.ھەسەن ئىبنى سەبباھ بىر مەزگىل پاتىمەلەر ئوردىسىدا مەنىۋى يېتەكچى بولغان ،كېيىن ئۇنۇڭدىن ئايرىلىپ،قىسقا مەزگىل ئىچىدىلا ئەتراپىغا بىر قىسىم ئىسمائىلى مۇرىتلىرىنى توپلاپ، ئەلەمۇت قەلئەسىنى ھىيلە بىلەن ئىگىلىۋېلىپ،مۇشۇيەردە تۇرۇپ پۇتكۇل ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسمائىلى ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىشقا باشلىدى،1092-يىلى10-ئايدا نىزامۇلمۇلك ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى.بىر ئايدىن كېيىن،جالالىدىن مەلىكشاھمۇ ئاشۇ تېررورچىلار تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئولتۇرۇلدى.مەلىكشاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ،سەلجۇق خانىدانىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى سەركەردىلەر ئوتتۇرىسىدا يۇز بەرگەن دەتالاشلار ۋە ئۇنۇڭغا ئەگىشىپ،ئەۋج ئالغان ئىسمائىلىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرى بۇ چوڭ ئېمپىرىيەنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلەتتى.
جالالىدىن مەلىكشاھنىڭ ئەسلى بېكىتكەن تەخىت ۋارىسى ئۇنۇڭ چوڭ ئوغلى بەرىقيارۇق بولسىمۇ،لېكىن تۇركان خاتۇن ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەتتىكى كاتتا ئىمتىيازىغا تايىنىپ،بەش يېرىم ياشلىق ئوغلى مەھمۇدنى سۇلتان دەپ جاكالىدى.ئىككى يېرىم ئايدىن كېيىن  ئاكىسى بەرىقيارۇق تەرىپىدىن تەخىتتىن چۇشۇرۇلدى.بەرىقيارۇق1093-يىلدىن1104 يىلغىچە ھوكۇمرانلىق قىلدى.بۇكاتتا ئېمپىرىيەگە ئەڭ ئاىىرقى سۇلتان بولغان رۇكنىددىن سەنجەر تەخىتتە ئولتۇرغان1118-1157-يىللاردا باتۇرانە كۇرەشلەر ئارقىلىق جايلاردىكى تەخىت داۋاگىرى قېرىنداشلىرىغا،غەزنەۋى خانلىقىغا،گور خانلىقىغا،خارەزىم شاھلىرىغا قارشى تۇرۇپ،ھەممە جەڭلەردە غەلىبە قازاندى.لېكىن ئۇ ئېمپىرىيەنەڭ بۇرۇنقى شان-شوھرىتىنى قايتا تۇرغۇزالمىدى.شۇ كۇنلەردە غەربى قاراخانىلار بىلەن سەلجۇقىيلەر ئىمپىرىيەسىنىڭ تۇركى تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ تۇتاش مەھەللىلىرى بارلىققا كەلدى،شۇڭا ئەرەپ تارىخچىلىرى خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھىر رايونىدا تاكى جۇڭگو چېگرىسىغىچە بولغان جايلارنى بىر تۇتاش توران(تۈركلەر ۋەتىنى)دەپ ئاتاشتى.
12-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى بىر تائىپە كۆچمەنچى خەلق جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدىن ئۆتۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا شىددەت بىلەن بېسىپ كىردى.ئۇلار تارىختا قارا قىتان دەپ ئاتىلاتتى،قارا قىتانلار چۇ دەريا ۋادىسىدا بىر ئاز توختاپ ئاندىن غەربى قاراخانىلار بىلەن سەلجۇقىيلەرنىڭ بۇ رايوندىكى كۇچلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى،1137-يىلى ئۇلار خوجەندكە كېلىپ،پۇتۇن ماۋارائۇننەھىرگە ھوكۇمرانلىق قىلىۋاتقان غەربى قاراخانىلارنىڭ خانى مەھمۇد ئىلىكخان قوشۇنىنى تارمار قىلدى.مەھمۇد ئىلىكخان سەلجۇق ئېمپىرىيەسىنىڭ ھىمايىسىدە ئىدى.بۇ ۋاقىتتا سۇلتان سەنجەر خارەزىمشاھ بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ھىچقانداق ياردەم قىلالمىدى.لېكىن مۇشۇ قېتىملىق غەلىبىدىن كېيىن قارا قىتانلارمۇ ئالغا يۇرۇش قىلماي چېكىندى.
1141-يىلى قارا قىتانلار يانا ھۇجۇم باشلىدى،سۇلتان رۇكنىدىن سەنجەر غەربى قارا خانىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قوشۇن باشلاپ ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۇپ سەمەرقەنت ئەتراپىغا كەلدى،شۇ يىلى9-ئاينىڭ9-كۇنى قارا قىتانلار سۇلتان رۇكنىددىن سەنجەر بىلەن قارا خانىيلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىغا كاتۋان تۇزلەڭلىكىدە ھۇجۇم قىلدى،بۇ جەڭدە غەربى قاراخانىلار بىلەن سەلجۇقىيلەرنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ،30مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى.سۇلتان رۇكنىددىن سەنجەر بىلەن غەربى قاراخانىلار بىرلەشمە قوشۇنى قايتا ئۇرۇش قىلىشقا جۇرئەت قىلالماي مەرۋىگە چېكىندى.قارا قىتانلار تۇسالغۇسىز ئىلگىرىلەپ بۇخارانى ئىشغال قىلىپ،پۇتكۇل ماۋەرائۇننەھىرنىڭ ھوكۇمرانىغا ئايلاندى.ئۇلار غەلىبىدىن كېيىن چۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى پايتەختى بالاساغۇنغا كەتتى،ماۋەرائۇننەھىر ۋە خۇراساندىكى غەربى قاراخانىلار ھوكۇمرانلىرى ئۇلارغا ھەر يىلى مەلۇم مىقتاردا خىراج تولەپ تۇردى.
سەلجۇق ئېمپىرىيەسى قارا قىتانلار تەرىپىدىن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن،ھەر قايسى جايلاردىكى شاھزادىلەرنىڭ تەخىت تالىشىش كۇرۇشى ئەۋج ئالدى.نەتىجىدە ھەر قايسى جايلاردا مۇستەقىل بولۇۋالغان سەلجۇق ھوكۇمرانلىرىدىن ،شەرقى قىسىمدىكى سەلجۇق ھاكىمىيىتى1157-يىلى خارەزىم شاھلىرى تەرىپىدىن يۇقۇتۇلدى.كىرمان دۆلەت سەلجۇقىيسى (1141-1187)بولسا چۆل تۇركمەنلىرى تەرىپىدىن يۇقۇتۇلدى.سۇرىيىدىكى سەلجۇق ھاكىمىيىتى(1094-1117)بورىيلار خانلىقى(1103-1154)بىلەن ئارتۇقىيلار خانلىقى(1101-1225)تەرىپەدىن يۇقۇتۇلدى.ئىراق بىلەن كۇردىستاندىكى  سەلجۇقىيلار ھاكىمىيىتى(1117-1197)بولسا،بارغانچە قۇدرەت تېپىۋاتقان خارەزىم شاھلار تەرىپىدىن يۇقۇتۇلدى.
سەلجۇق ئېمپىرىيەسىنىڭ مەركىزى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن،ئىمادىدىن زەڭگى ئىسىملىك سەلجۇق سەركەردىسى مىسسىپوتامىيە بىلەن سۇرىيەدە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇپ 1154-يىلى بورىيلار خانلىقىنى قوشۇۋېلىپ،زەڭگىلەر سۇلالىسىنى قۇردى.ئىلدىگىز ئىسىملىك يەنە بىر سەلجۇق سەركەردىسى ئەزەربەيجاندا قۇرغان خانلىق1136-1225-يىللىرىغىچە ھوكۇم سۇردى.ئۇنۇڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ئىلدىگىز دەۋرىدە بۇ خانلىق كۇچۇيۇپ ئىراقتىكى سەلجۇقىيلەرنىڭ ھوكۇمرانىغا ئايلاندى.باشقا سەردارلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان پارىستىكى سەففارىلەر پادىشاھلىقى 1148-1287-يىللىرىغىچە،لورىستاندا قۇرۇلغان ھەزەر سەپىد پادىشاھلىقى1148-1339-يىللىرىغىچە ھوكۇم سۇردى.
ئۇنۇڭدىن باشقا ،بۇ كاتتا ئېمپىرىيەنىڭ چەت ياقىلىرىدا قۇرۇلغان نۇرغۇن يەرلىك ھاكىمىيەتلەر داۋاملىق ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ باردى.بىر قەدەر ئۇزاق مەۋجۇت بولۇپ،ئەھلى سەلىپنىڭ شەرققە ئىلگىرىلەش يولىنى توسۇپ،ئۇلار بىلەن قانلىق جەڭلەرنى قىلغان رۇم دۆلەت سەلجۇقىيىسى موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزىغىمۇ كۇچلۇك قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىدى.ئۇ ئاخىرى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئوسمان تۇركلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى.
مەنبە:ئەھلى سەلپ ئۇرۇشى.(ئابدۇ ۋاقى ھاجىم)قىسقارتىپ يوللاندى.
تۇگۇدى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10157
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 11:49:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىختا كىڭەيمىچىلىك قىلغان ھەرقانداق بىر ئىمپېرىيە ھامىنى ئۆز ھامىيلىقىغا ئالغان زىمىندا جان تەسلىم قىلىدۇ.

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 12:08:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەلجۇقىيلەر ئوسمان تۈركلىرى تەرپىدىن ئاغدۇرلۇپتۇ ، ئوسمان تۈركلىرىنى بولسا...............

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78230
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2834
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 12:09:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تارىخنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن . مىنىڭچە نۇرغۇن تارىخ ئەينەن بولماستىن بەلكى بەزى جايلىرىنى ئۆزگەرتكەن بۇلىشى مۇمكىن

نۇر چېچىشنى بىلمىگەن ئىنسان مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ياشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 02:11:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز رەھمەت. بولسا مۇشۇنداق تارىخى تېمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن . ئۆز تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت مەڭگۈ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ياشايدۇ.

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

پۇل يوق!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3035
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1207 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 03:01:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ تارىخ سۆزلەنسە نەچچە مىنۇتقا قالمايلا ئۇخلاپ قالىمەن دىسە!!

‏ئىلىشتا بىسمىللاھ، بىرىشتە  ئەستەغپىرۇللاھ   
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 03:41:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 05:58:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا مۇشۇنداق تارىخى تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز،سالجۇقىلار خىلى مەشھۇر!ھە راسىت سالاھىدىن ئەييۇبى سەلجۇقىلاردىنمۇ ياكى ئەرەبلەردىنمۇ؟بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 923
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 06:16:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز رەھمەت تىمىلىرىڭىزنىڭ ئايىغى ئۇزلۇپ قالمىغاي ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82071
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3427
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2014-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 06:37:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت قېرىندىشىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش