نادىر درامما:«جەنۇپتىكى جەڭ مارشى» توغرىسىدا
(بۇ دراممنى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىگى ئورۇنلىغان.) ئاپتۇرى-مەمەتئېلى زۇنۇن. ئاساسلىق پىرسۇناژلار: ئىسھاقبەك-ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ باش قۇماندانى. مادايۇپ-جەنۇبى پىرۇنت قۇماندانى ھەسەنھاجى-ئىسكانرۇن كوماندىرى.نىجات-ھەسەنھاجىنىڭ دوستى.ھۆرىيەت-نىجاتنىڭ رەپىقىسى. نىزامىدىن ھاجىم-ۋەتەنپەرۋەر دىنى زات. جۇ پاڭگاڭ-يەكەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى. ھەبىبىللا ئەلەم-غوجا ئەۋلادى،ئاق لىباسلىق قېرى جاسۇس. مەتتوختى-جاسۇس....قاتارلىقلار رول ئالغۇچىلار: ئىسھاقبەك-قۇربان ئىسلام.مادايۇپ-مەمىتىمىن كېرىم. ھەسەنھاقى-ئابلىكىم روزى.نىجات-ئەرشىدىن ھېيىت. ھۆرىيەت-نۇرىمانگۇل.نىزامىدىن ھاجىم-مەمەت مامۇت. جۇ پاڭگاڭ- يولۋاسخان ئىمىن.گۈەن تۈەنجاڭ-ئەركىن ھەبىبىللا ئەلەم-ئابدۇقادىر ھاجىم قاتارلىقلار دراممىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: 1944-يىلى نويابىردا ئاۋرال تېغى شىددەتلىك سىلكىنىشى بىلەن تەڭ، پامىر قىزىلتاغ قەھرىلىك تەۋرىنىشكە باشلىدى. شىمالىي پۇرۇنتتا ياڭرىغان غەلبە ھۇرراسىدىن چەكسىز ئىلغاملانغان قەھرىمان جەنۇپ پەرزەنتلىرى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىي ھۆكۈمىتى،مىللىي ئارمىيە باش قۇماندانلىق شىتابى قەدىردان رەھبىرىمىز-ئەخمەتجان قاسىمنىڭ سەمىمىي غەمخورلىقى ۋە توغرا رەھبەرلىگىدە باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ، گومىنداڭ جاڭ جىشى مۇستەبىت خاندانلىقىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ فاشىستىك ھۆكۈمرانلىقىغا قاخشاتقۇچ زەربە بەردى. بۇ تارىخي دراممىدا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ۋەقە 1945-1946-يىللىرى ۋىلايىتىمىز قەشقەرنىڭ قاغىلىق، ياركەنت، پوسكام، يېڭىسار ناھىللىرى تەۋەسىدە بولۇپ ئۆتكەن ھەقىقىي جەڭ خاتىرسى تەسۋىرلىنىدۇ. سەھنىدە بەدىي ئوبرازى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن گىنرال-ئىسھاقبىك،پولكوۋنىك-مادايۇپ،ئىسكاندرۇن كوماندى رى-ھەسەنھاجى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى رىيال شەخسىلەر بولۇپ، ئۇلار مىللىي ئازاتلىق ئۇرۇش پىرۇنتىنىڭ باھادىرلىرى بولغان شەرەپلىك ئىنقىلاۋىي قۇربانلاردۇر. دراممىدىكى جۇ پاڭگاڭ، گۈەن تۈەنجاڭ، ماتۈەنجاڭ قاتارلىق ياۋۇز جاللاتلار بىلەن ھەبىبىللا ئىشان، مەتتوختى قاتارلىق شەرمەندە ساتقىنلارنىڭ شەرمەندىلىك قىلمىشى پاش قىلىنىپ، ئۇلارغا قاخشاتقۇچ زەربە بېرىپ ئىنقىلاپنىڭ زەپەر مارشى كۈيلىنىدۇ. دراممىدىكى باش قەھرىمانلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى: گىنرال-ئىسھاقبەك مونۇنۇپ-1949-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى قەدىردان رەھبىرىمىز-ئەخمەتجان قاسىمى،ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ، دەلىلقان سۇگۇربايۇپلار بىلەن بىرلىكتە ئايرۇپىلان ھادىسىىسىگە ئۇچراپ قۇربان بولغان. مادايۇپ-1953-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقىدا ئايرۇپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ قۇربان بولغان.ھەسەنھاجى-1946-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇرسۇنبگەگ، ساۋۇت قارى ئىسىملىك ئىككى سەبدىشى بىلەن بىللە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ يېڭىساردىكى پولىك باشلىقى-جاللات-يۈي گاۋ تەرىپىدىن تىرىك كۆمۈۋىتىلگەن. توختىبەگ -1950-يىلى،ھەبىبىللا ئەلەم- 1957-يىلى ھۆكىمىتىمىز تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. بۇ دراممىدا ئاساسلىقى- ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىي جەريانىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا بولغان جەڭنىڭ ئىزناسى تەسۋىرلىنىدۇ. ھەسەنھاجى: ناخشا سالام رەھبىرىمىز ئەخمەتجان، باھادىر قوماندانىمىز ئىسھاقبەك. چىنىقتۇق پولاتتەك ئۆز قولىڭىزدا، ئەگەر بۇيرۇق بولسا بىز تەييار. ئاق قار، كۆك مۇز شىۋىرغانلاردا، قاراڭغۇ كىچە يا تۇمانلاردا. قورقماستىن كۆكرەك كېرىپ ئالغا بېسىپ، دۈشمەنگە قارشى ھۇررا ياڭرىتىپ. ئاتاكا قىلىشقا باتۇرلارچە، قەسەميات قىلىپ بىز تەييار! يازغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 1-ئاۋغۇست يېزىلدى. قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-2 10:50 AM
|