ز ېمىن-بارلىق مىھىرلىرىنى،ھۆرمەتلىنىپ ۋە
ئىززەتلىنىپ يارىتىلغان ھاياتلىق ئۈچۈن تۆكۈپ يىغلاۋاتىدۇ!
چۈشكۈنلۈك ئىچىدە، پۈتۈن ۋۇجۇدى قانسىرىغان ئەبجەش ھاياتلىق ئۈچۈن يىغلاۋاتىدۇ.قىزارغان ئۇپۇقتا ھەسرەتلىك تىنىۋاتىدۇ.ئۆزىدىكى بارلىق مېھىرنى مۇجەسسەملەپ،شۇ ھاياتلىقنىڭ باھارى ئۈچۈن تىنماي يىغلاۋاتىدۇ.
گاھ،بەرگى قىياقتەك چىققان جىمجىت ۋىسال ئاخشاملىرىدىكى يېڭى
ئايلاردا قەھرى بىلەن چاقماقلىرىنى چاقنىتىپ شۇ ھاياتلىقنى سەگەك تۇرۇشقا
ئۈندىسە،گاھ-قىززىغان قۇياش تەپتىدىن ھوزۇرغا باشلاپ شۇ ھاياتلىق ئۈچۈن مىھىر يامغۇرلىرى بىلەن‹ئەي-ھاياتلىق،ئۆزۈڭنى چاقىر،ئەسلىڭگە قايت،سەن ھامان قايتقۇچىسەن،ئازما...!›دىگىنىچە ئۆز ۋۇجۇدىنى پاكلاۋاتىدۇ.
مەزمۇت قارىغايدەك،زىمىنلارنىڭ قوزۇقى تاغلاردەك مەزمۇت ياشاشقا ئۈندەۋاتىدۇ.
تىترەۋاتقان تېنى بىلەن جەرەستاندىكى ئېقىۋاتقان قانلارنى،بۇزۇق ئەقىدىنىڭ كۈيچىسى شەيتاننى ئاگاھلاندۇرىۋاتىدۇ.
_ يىغلىما زېمىن!
دىلىم قامغاقتەك ئۆز ئەھلى ھاياتنى سېغىنىپ قاغجىراپ ياتماقتا.
مىھرىم قۇرۇپ كەتتى .
دېمەك،مەن تەنسىز قالدىم. جىسمىم باريۇ-ۋۇجۇدسىز قالدىم .
مەن ھەم ھاياتلىق ئىدىم . ‹يىغلىما زېمىن...› دىيىشكە نە تىلىم بارسۇن؟!
كۆيۈۋاتقان ۋۇجۇدۇم قەھرىتان قىش تۇرسا،باھارنىڭ ئىللىقلىقى بىلەن
دىللارنى سۆيگۈچى مەيىن شامالدەك ۋۇجۇت،بەسى مۈشكۈل-مەندە يوق.
ئازاپلارنىڭ،خورلۇقلارنىڭ گۇۋاھچىسى يۈرەك ئۆزى يىغلاپ تۇرۇپ،زېمىنغا
دەرتلىرىنى تۆكۈپ باغرىنى ئېزىۋاتقان مۇشۇ دەقىق-بۇ زىمىننىڭ يىغىسىغا
تەسەللى تاپالىسۇنمۇ؟
روجەك-روجەكتە توپلىشىۋالغان چىۋىن زىمىننىڭ ئاھلىرىدىن، تىترەشلىرىدىن،
تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىدىن خەۋەرسىزمىدۇ-ئەجەبا...؟
لېچەك ئارتقان گۈزەل كېپىنەكلەرنىڭ ماكانى-گۈلزارلىقلارمۇ،نىجىس
پاتقاقتا كۆرۈنمەس بولدى. ئامالسىز قونغىلى بولىدىغان گىياھ ئىزدەپ،قەدىرسىز
ئولجىلارغا ئايلىنىپ كەتتى.
قېنى سەن،مىھىرنى،زىمىننىڭ ئىللىقلىغىنى،چاقماقلارنىڭ،بورانلارنىڭ غەزەپلىرىنى
چۈشۈنىدىغان -قەلب...؟!
زېمىن يىغلاۋېتىپ،ئۆز ئەسلىدىكى ھاياتلىقنى ئىزدەپ كائىناتنىڭ ھەممە
يەرلىرىگە مىھىر ياشلىرىنى تۆكۈۋېتىپتۇ.
ئۇپۇقمۇ،قىزىرىپ ئەسلى ھاياتلىقنىڭ شامىنى يېقىۋېتىپتۇ.كېچە كۆزلىرىنى
جىمىرلىتىپ،ھاياتلىق ئۈچۈن جەھەننەمنىڭ ئوتلىرىنى ئەسلەپ،شۇ ھاياتلىقنىڭ
قەدرى ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ،سەھەرلەردە زىمىنغا بېقىپ،بارلىق قەلبلىرىنى قۇياش
ئارقىلىق ھاياتلىققا چېچىۋېتىپتۇ.
ئاھ،يۈرۈكۈم ،يەنە نېمىلەرگە بەرداشلىق بېرەلەرسەن_ ھە؟!
سەن، ئەشۇ ھاياتلىق قەرزدارلىقى ئۈچۈن،يەنىلا پاكلىق ۋۇجۇدۇڭ بىلەن يېغىۋاتىسەن،يېنىۋاتىسەن.
يىغلاۋاتىدۇ زېمىن!
بۈگۈن نە ۋەجى بۇنچە ئاچچىق بىلەن يىغلاۋاتقاندۇرسەن؟
غەزەپلىك چاقماقلىرىڭ چېقىپ،زىمىننىڭ يۈرىكىگە قادالغان ئازابلارنى
پاكلىۋېتەي دىگەندەك ،يىغلاۋاتقىنىڭغا نەۋاق!
ئۆكسۈمۈدۈڭ،بوقۇلدىمىدىڭ بەلكى ئۈنلىرىڭنى قويۇپ بېرىپ،ھاياتلىقنىڭ پىغانى ئۈچۈن ھۆكۈرەپ يىغلىدىڭ...
يۈزلۈرۈم قىزاردى،ۋۇجۇدۇم تىترەشكە باشلىدى.
مەن كىم؟
يەنىچۇ،يەنە مەن كىم -دۇنيا...؟!
ئەي زېمىن، يىغلىما!
مەن،پارە-پارە بولۇپ كەتتىم.
2012-يىل7-ئاينىڭ28-كۈنى
< قەلىمىم >
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-2 01:22 PM