مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 976|ئىنكاس: 9

سەلجۇقىيلەرنىڭ پائالىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82429
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3318
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-7-3
ئاخىرقى: 2013-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 07:07:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەلجۇقىيلەرنىڭ چوڭ بوۋىسى سەلجۇق بىننى داقاق885-يىلى تۇغۇلۇپ،1000-يىلى 115 يېشىدائالەمدىن ئۆتكەن.ئۇ ئەسلىدە ئوغۇز يابغۇسىنىڭ قول ئاستىدىكى لەشكەربېشى بولۇپ،910-يىلى 25 يېشىدىن باشلاپ 990-يىلىغىچە ھۇكۇم سۇرگەن.
سەلجۇقبەگ تولىمۇ ئاق كوڭۈل،باتۇر،مەرد يىگىت بولغانلىقى ئۈچۈن،قەبىلە ئىچىدە ھۇرمەتلىك بولۇپ،قول ئاستىدىكى قوشۇن ناھايىتى قوللايتتى.ئەمىر -پەرمانلىرىغاشەرتسىز بويسۇناتتى،ئوغۇز يابغۇسى سەلجۇقبەگنىڭ لەشكەرلەر بىلەن بىرلىشىۋېلىپ ئۆزىگە قارشى چىقىشىدىن ئەنسىرەپ،ئۇنى يۇشۇرۇن ئۆلتۇرمەكچى بولىدۇ.سەلجۇقبەگ بۇ سۇيىقەستنى ئالدىن سېزىۋېلىپ،ئوغۇز تۇركمەنلىرىدىن100ئاتلىق يىگىتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ،1500 تۆگە،50 مىڭ قوينى ھەيدەپ،ئۆز ئادەملىرى بىلەن ئوغۇز يابغۇسىنىڭ تەۋەسىدىن چىقىپ مۇسۇلمانلار يۇرتىغا،يەنى سىر دەرياسىنىڭ ئاياق ئېقىنىدىكى جەند رايونىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان.ھەمدە شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ ئەھلى سۇننى مۇسۇلمانلىرىدىن بولۇپ قالغان.
تارىخى يازما خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە سەلجۇقبەگنىڭ ئىسرائىل ئارىسلان يابغۇ(990-1025-يىلغىچە ئوغۇزلارغا يابغۇ بولغان)،مېكائىلبەگ(998-يىلى ۋاپات بولغان)،مۇسا ئىنانچ يابغۇ(1028-يىلىدىن1033-يىلغىچە)،يۇسۇپ ئىنالبەگ(994-يىلى ۋاپات بولغان)قاتارلىق تۆت ئوغلى بولغان.مېكائىلبەگ بىلەن يۇسۇپ ئىنالبەگ دادىسىدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان بولۇپ،ئىسرائىل ئارىسلان يابغۇ بىلەن مۇسا ئىنانچ يابغۇ دادىسىدىن كېيىن ئوغۇزلارغا يابغۇ بولغان.ئوغۇزلار سىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى جەند رايونىدا ھايات كەچۇرگەن زامانلاردا ئۇلارغا ئىسرائىل بىلەن مۇسا رەھبەرلىك قىلغان.مىلادىيە990-يىلى سەلجۇقبەگنىڭ ئوغۇللىرى نۇرغۇن ئوغۇز قەبىلىلىرىنى توپلاپ ئوغۇز خانلىقىنى(990-1040) قۇردى.ئارال دېڭىزىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى يانكەنت(يېڭى كەنت)شەھىرى ئۇلارنىڭ دەسلەپكى پايتەختى بولدى.شەھەردە تۇرۇپ مۇقۇم ئولتۇراقلىشىپ ھايات كەچۇرگەندىن كېيىن،ئۇلارنىڭ نوپۇسى تېز كوپىيىپ بىر مىليوندىن ئېشىپ  بەكمۇ جەڭگىۋار كۈچكە ئايلاندى.
مەھمۇد غەزنەۋى 1024- يىلى نۇرغۇن قوشۇن بىلەن غەربى قاراخانىلارنىڭ خاقانى ئەلى تېگىنگە قارشى لەشكەر تارتقان ۋاقىتتا،ئوغۇز خانلىقى بىلەن ئىتتىپاق تۇزۇپ غەربى قاراخانىلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە،ئۇلارنى خۇراساننىڭ شىمالى تەرىپىگە يۇتكىلىپ ئولتۇراقلىشىشقا رۇخسەت قىلغان ئىدى.ئوغۇزلار ئوت-سۇيى مول بۇ زىمىندا تېخىمۇ قۇدرەت تاپقان.ئۇلارنىڭ كۇنسېرى قۇدرەت تېپىپ،كەلگۇسىدەئۆزىگە خەۋپ يەتكۇزۇشىدىن قورققان مەھمۇد غەزنەۋى نۇرغۇن ياخشى تىلەك ۋە ۋەدىلەر بىلەن ئىسرائىل يابغۇنى پايتەخت غەزنەگە تەكلىپ قىلغان،ئالدانغان يابغۇ بىر قىسىم ئوغۇز بەگلىرى بىلەن غەزنىگە بارغان.ئۇ بارغان ھامان تۇتقۇن قىلىنىپ ئوغۇز بەگلىرى بىلەن ھىندىستانغا ئېلىپ بېرىلىپ كالانجىر قورغىنىغا قامالغان.ئىسرائىل ئارىسلان يابغۇ1025-يىلى ئاشۇ قورغاندا ۋاپات بولغاندىن كېيىن،ئوغۇز خانلىقىغا سەلجۇقبەگنىڭ ئۇچىنچى ئوغلى مۇسا ئىنانچبەگ يابغۇ بولغان.بۇ دەۋىردە ئوغۇز خانلىقىنىڭ ھەربى پائالىيەتلىرىگە سەلجۇقبەگنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان ئوغلى مېكائېلبەگنىڭ ئوغۇللىرى چاغرىبەگ بىلەن توغرۇلبەگ يېتەكچىلىك قىلدى.
مۇسا ئىنانچبەگ ۋاپات بولغاندىن كېيىن،تۇغرۇلبەگ يابغۇ بولدى.ئۇ تولىمۇ باتۇر،تەدبىرلىك سەركەردە بولغانلىقى ئۈچۈن،ئاز ۋاقىت ئىچىدە پۇتكۇل خۇراساننى ئۆزىگە قاراتتى،يەنە قېرىنداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن نۇرغۇن ئۆلكىلەرنى ئۆزىگە قاراتتى.غەزنەۋى ھۆكۇمدارلىرى ئوغۇزلارنىڭ بۇ خىل كېڭەيمىچىلىگىنى توسۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ،ئۆزىنىڭ غەرپتىكى بىر قىسىم ئۆلكىلىرىنى قولدىن بېرىپ قويدى.
تارىخى يازما مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە1037-يىلى تۇغرۇلبەگنىڭ قېرىندىشى چاغرىبەگ خۇراساننىڭ ئەڭ باي ۋە مەدەنىيەتلىك شەھىرى بولغان مەرۋىشاھجاھاننى بېسىۋالدى،شۇنىڭدىن كېيىن ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بەلخ شەھىرى ئوغۇزلارنىڭ ھوكۇمرانلىقىغا كىردى.1038 يىلى نىشاپۇر شەھرى ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن،تۇغرۇلبەگنىڭ نامى خۇتبىلەردە ئوقۇلۇپ،سۇلتان نامى بىلەن ئاتالدى.ئۇنىڭ بۇ غەلىبىسى غەزنەۋى ھۇكۇمرانلەرىنى كۈچلۈك تەشۋىشكە سېلىپ قويدى.
سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ئوغۇزلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن پىيادە ۋە ئاتلىق بولۇپ 50 مىڭ كىشى،300دىن ئارتۇق پىلدىن تەركىپ تاپقان زور قوشۇننى نىساغا يۇتكۇدى.بۇ قۇشۇن ئىچىدە بۇددىست ھىندىلار،كورد،تۇرك،ئەرەپ،تاجىك قاتارلىق ھەر مىللەت كىشىلىرى بار ئىدى.1040-يىلى نىشاپور ئارقىلىق ئوغۇزلارنىڭ قوشۇنى جايلاشقان رايونغا قاراپ ئاتلاندى.ئوغۇز قوشۇنى دەندانقان(تاشرابات)قا چېكىندى.بۇ جاي ھۇجۇم قىلىش ۋە چېكىنىشكە ئەپلىك ئىدى.
شۇ يىلى5-ئايدا سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىينىڭ قوشۇنلىرى دەندانقانغا يېتىپ باردى.بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان تۇغرۇلبەگ16 مىڭ ئاتلىق ئوغۇز قوشۇنىنى باشلاپ8-ئاينىڭ22- كۇنى مەرۋىدىن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتا مەھمۇد غەزنەۋى قوشۇنى بىلەن ئۇچراشتى.بۇ ئىككى قۇدرەتلىك قوشۇن مەرۋە بىلەن سىراكىس ئارىلىقىدىكى دەندانقاندا روبرو سەپ تۇزۇشتى.
8-ئاينىڭ 23-كۇنى ئۇرۇش باشلانغان چاغدا مەسئۇد غەزنەۋىنىڭ  خوجىپ ۋە بەگ تۇغرۇل قاتارلىق سەركەردىلىرى قۇماندانلىق قىلغان قوشۇن دەسلەپكى غەلىبىگە ئېرىشتى.لېكىن كەچقۇرۇن ئوغۇزلار ئۇلارنىڭ بارگاھلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ،ئۇلارنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى.سۇلتان مەسئۇد غەزنەۋى قاراڭغۇدىن پايدىلىنىپ جەڭگاھتىن يۇشۇرۇن چىقىپ ،مەرۋارۇت دەرياسىدىن ئۆتۇپ پايتەختى غەزنىگە قېچىپ كەتتى.
بۇ قېتىمقى جەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ تارىخىدا كۆپ قان تۆكۇلگەن جەڭلەرنىڭ بىرى بولدى.مەسئۇد غەزنەۋىنىڭ50 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى16 مىڭ كىشىلىك ئوغۇز قوشۇنى تەرىپىدىن پۇتۇنلەي تارمار قىلىنغانلىقى ئۈچۈن،بۇ ئۇرۇش دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدا ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان ئۇرۇشلار ئۈستىدىن ئورۇن ئالدى.دەندانقان ئۇرۇشى سەلجۇق ئوغۇزلىرىنى دۇنياۋى شان -شۆھرەتكە ئېرىشتۇردى.جەڭ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،توغرۇلبەگ جەڭگاھقا تەختىنى قۇرۇپئۆزى خۇراساننىڭ ئالى ھۆكۇمرانى ئىكەنلىگىنى جاكارلەدى.ھەم يىڭى قۇرۇلغان  دۆلەت نامىنى بوۋىسى سەلجۇقبەەنىڭ نامى بىلەن ئاتىدى.شۇنۇڭدىن باشلاپ تارىختا بۇ دۆلەتنىڭ نامى‹سەلجۇقىيلار ئېمپىرىيىسى›،بۇ ئېمپىرىيىنى قۇرغان ئوغۇزلار ‹سەلجۇقىيلەر›دەپ ئاتالدى.
تۇغرۇلبەگ تەختتە ئولتۇرغان دەۋىر(1040-1063)دە ئىنىسىنى خۇراساندا قالدۇرۇپ،ئۆزى قوشۇنلىرىنى گۇرگانغا يۇتكىدى.ئاز ۋاقىت ئىچىدەگۇرگان،تەبەرىستان،خارەزىم،ۋە ئازەربەيجان قاتارلىق جايلارنى،ھەتتا ھازىرقى ئىراننىڭ غەربى قىسمىنى ئىگەللىدى.ئۇنىڭدىن باشقا  توغرۇلبەگ بۈۋەيھىدلەر سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر قىسىم ئۆلكىلەرنىمۇ تارتىۋالدى.1055- يىلىغا كەلگەندە،تۇغرۇلبەگ خۇراسان بىلەن پېرسىيىنىڭ ئالى ھۆكۇمرانىغا ئايلاندى.شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇ باغدادقا قوشۇن تارتتى.باغداد خەلىپىسىنىڭ باش قۇماندانى،تۇرك بەگلىرىدىن بولغان ئەمىرۇل-ئۆمەرا ئەل باساسىر تۇغرۇلبەگنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ،پايتەخت باغدادنى مۇداپئەسىز تاشلاپ قېچىپ كەتتى.
داۋامى بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10157
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 11:13:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نامى مەشھۇر ‹دەندانقان ئۇرۇشى› ئوتتۇرا ئاسىيا يىغىلىقلىرى ئىچىدىكى مەشھۇرلىرىدىن ھىسابلىنىدۇ.

                      تىما ئىگىسى بولسا،تىمىڭىزدىكى ‹مەسئۇد›دىگەن ئىسىمنى ‹مەھمۇد›قا تۇغۇرلاپ قويسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن...
يەنە بىرگە سالجۇق نامىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا بىر تەبىر بىرىۋەتكەن بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.
     تىما ئىگىسىگە رەھمەت.


مەھمۇد غەزنەۋىمۇ داڭلىق ئىستىلاچى،ئۇ ھىندىستان تەۋەسىگە ئۆزى ھۆكۈمىرانلىق قىلىۋاتقان زامانلاردا 16قىتىم يۈرۈش قىلىپ...  نۇرغۇن ھىندى ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىنى قۇل قىلغان،نۇرغۇن بايلىق ۋە ئادەم كۈچىگە ئىگە بولۇپ،دۆلىتىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىياتقا ئىرىشتۈرگەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TaRKiN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 11:52 AM  


ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 11:36:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

داۋامىنى ساقلايلى .

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80964
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3060
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 02:18:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ېسېل تېما بوپ تۇ ساقلايمېز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 02:20:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 06:00:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىما لىكىن كۆرىدىغان ئادەم يوق!ئىسىت.......

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 923
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 06:02:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن داۋامىنى ساقلايمىز؟

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82071
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3427
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2014-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 06:37:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9116
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 07:58:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى تېزرەك يوللىسىڭىز . مەن تارىخقا بەك قىزىقىمەن .

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59318
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3727
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 08:08:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخى تېمىلار ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش