ئامېرىكا «دۆلەت مەنپەئەتى »ژورنىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى ماقالىسى.
ئەسلى تىمىسى: جوڭگو ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆزىگە تارتماقتا.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە سىياسىي جەھەتتە مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىيات كۈنسايىن كۈچۈيىۋاتقان شارائىتتا شەكىلەن سوتسىيالىزىم، دىندىن خالى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئەكسىنچە كۆپلىگەن مەسچىتلەرنى ياسىماقتا. بۇنداق قىلىش زىدىيەتلىكتەك كۈرۈنسىمۇ ئەملىيەتتە جوڭگونىڭ مۇسۇلمان دۇنياسدىكى يۇمشاق ئەمىلي كۈچىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن . كىيىنكىسى جوڭگونىڭ سودا مەنپەتىگە پايدىلىقمۇ؟
2010- يىلى جوڭگو بىر مەسچىت سېلىپ قازاقىستان قاتارلىق قوشنا ئەللەردىن گۇاڭجۇ ئاسىيا تەنھەركەت مۇسابقسىگە قاتنىشىشقا كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. شۇيىلى يەنە دۆلەت ئىلكىدىكى تۆمۈر يول قۇرۇلۇش شىركىتى مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنە بىلەن مەككىگە قاتنايدىغان تۆمۈر يولنى ياسىدى. 2012-يىلى جوڭگو شىركىتى ئالجىريەگە ھەيۋەتلىك بىر چوڭ مەسچىتنى ياساپ بەردى.
شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى بىر خىرىستىيان پاكلاندۇرۇش جەمىيىتىدە ئىسلام دىننىڭ مۇقەددەس كىتابى- قۇرئاننى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى يۈزبەردى، جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيسىنىڭ پىرزىنت نامزاتى ھېرمان . كەيئېن ئەگەر پىرزىنتلققا سايلانسا مۇسۇلمانلارنى ئىشلەتمەيدىغانلقىنى بىلدۈردى،20نەچچە شىتات پارلامېنىتلىرى قانۇن لايىھەسى ماقۇللاپ ئىسلام شەرئىتىنىڭ ئەدىليەگە سىڭىپ كىرىشىنى چەكلىدى. مۇسۇلمانلار ئاممىۋى بىرلەشمىسى ۋاشىنگىتۇن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ھارىس .تالىن بۇتوغۇرسىدا« ئەگەر بۇ خىل پوزىتسىيە ئۆزگەرمەيدىكەن ئامېركىنىڭ مۇسۇلمان دۇنيادىكى مەنپەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ، ئۇچاغدا مۇسۇلمان دۇنياسى « جوڭگو ياكى ھىندىستاننى تاللىشى مۇمكىن» دەپ قارىدى.
ۋاشىنگىتوندىكى ئەرەب پۇشتىدىن بولغان ئامېركىلىقلار بىرلەشمىسى 2011-يىلى ئېلان قىلغان ماراكەش، مىسىر، لىۋان،ئېئوردانىيە،سەئۇدى ئەرەبىستانى،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلكىدىن كەلگەنلەرنى تەكشۈرۈش دوكىلاتىدىن قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن باشقا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ جوڭگوغا بولغان قارىشى ئامېركىغا بولغان قاراشتىن ياخشى ئىكەن.ماراكەش،مىسىر،ئېئوردانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلكىنىڭ جوڭگۇغا بولغان ياخشى باھاسى ئامېركنىڭكىدىن 5ھەسسە يۇقۇرى،لىۋاننىڭ 4ھەسسە يۇقۇرى ئىكەن.
مەزكۈر جەميەتنىڭ قۇرغۇچىسى جامۇس.زۇگىبىنىڭ قارىشىچە،ئاممىۋى قاراش سودىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىنكەن.ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى خەلىقئارا سودا ئىدارىسى ئوتتۇرا شەرق سودىسىغا نىسبەتەن ئۈمۈتۋار بۇلۇپ « ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنىڭ يۇقۇرلىقى بىلەن ئوتتورا شەرقتىكى ئىستىمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرشمەكتە.» دېدى .بىراق كۆپچىلككە مەلۇم بولغىندەك، جوگڭو تۆۋەن باھا رىقابىتى ئارقىلىق ئوتتوراشەرقنىڭ سودىسىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگلەۋاتىدۇ. ئىشقىلىپ ،مەزكۈر رايۇندىكى نىفىتتىن باشقا ساھەلەر تەرەققىي قىلمىسا ،ئىنقىلاپتىن كېيىنمۇ ئىشسىزلىق نىسبىتى بارغانسىرى ئۆرلەپ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجمۇ ئېشىپ بارىدۇ. 2005-يىلدىن 2009-يىلغىچە جۇڭگونىڭ مەزكۈر رايۇنغا بولغان ئىكىسپورتى %90كە يېقىن ئاشتى. 2010-يىلى جوڭگو ئاللاچان ئامېركىدىن ئېشىپ ئوتتۇراشەرق رايۇنىغا بولغان ئىكىسپورتى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى.11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيانقى نەچچە يىلدا ئوتتورا شەرقنىڭ جوڭگو بولغان ئىكىسپورتى ئوتتورا ھىساپ بىلەن %41.1ئاشتى،بىراق ئوخشاش مەزگىلدە ئامېرىكىغا بولغان ئىكىسپورتى پەقەت %25لا ئاشقان بۇلۇپ يېقىندىن بېرى بۇ پەرىق تېخىمۇ چوڭىيۋاتىدۇ.
جوڭگو ھازىر ئامېرىكىدىن ئېشىپ ئوتتۇرا شەرقتىن نىفىت سېتىۋالغۇچى 1-نومۇرلۇق دۆلەت بولۇپ قالدى. تەھلىلچىلەر: تېخىمۇ كۆپ نىفىت بەلكىم جوڭگودا تېخىمۇ كۆپ مەسچىتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان ئەقىل ئامبىرى دپلۇماتتىيە جەمئىيتىنىڭ ئىنىرگىيە مۇتەخەسسىسى بىلايىك.كىلايتۇن مۇنداق دېدى: « جوڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن ئالدىغان نىفتىنىڭ بارغانچە ئېشىشى ئوتتۇرا شەرق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرشىغا بولغان قىزقىشىنى يەنىمۇ ئاشۇرشى مۇمكىن. بۇ خىل قىزقىش ئۆزئارا بۇلىدۇ. ئوتتۇرا شەرىق رەھبەرلىرى بېيجىڭنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا بۇرۇنقىدىن بەكرەك دىققەت قىلماقتا .»
زۇگىبىنىڭ قارىشىچە: جوڭگو ئوتتۇرا شەرىق رايۇندا بارغانچە قارشى ئېلىنۋاتقان بولسىمۇ بىراق جوڭگوغا بولغان قاراش ئۆزگىرشى مۇمكىنكەن.بۇلۇپمۇ يېقىندىن بۇيانقى بېيجىڭنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيتىگە بولغان پوزتسىيسى بەلكىم ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارشىنى 180گىرادۇس ئۆزگەرتىۋېتشى مۇمكىن . « شۇنداق بولسىمۇ جوڭگو ئوتتۇرا شەرقتە ئامېركىدەك ئۇنداق سەلبى ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالمايدۇ.»
يەرشارى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.
مەنبە:
http://oversea.huanqiu.com/political/2012-08/2974529.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-3 01:50 PM