|
|
|
|
قەشقەر شەھىرى ئۇزاق تارىخى مەدەنىيەتلىك قەدىمى شەھەر بولۇش سۈپۈتى بىلەن جاھانغا داڭلىق ، قەشقەرگە كەلگەنلەر ئەنئەنىۋى مىللى خاسلىقنى ۋە قويۇق مىللى پۇراقىنى، ئىسىل مىللىي قول ھۈنەر بويۇملىرىنى كۆرۈش.... تەملىك ئىتىلگەن ھەر خىل مىللىچە تائاملار ،مەي باغلاپ پىشقان ھەر خىل مىۋىلەرگە ئىغىز تىگىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنى يەنە ئۆزگە جەلىپ قىلىدىغان ئالاھىدە يەنە بىر نەرسە قەشقەرگە كەلگەن مىھمانلارنىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى قوزغىماقتا .... ئۇ بولسىمۇ قەشقەر كوچىلىرىنى قاپلاپ كەتكەن توك ئىسكىلىتلاردۇر يەنى电动车 قەشقەرلىكلەر توك ئىسكىلىتنى سۇۋەيرەك دەپمۇ ئاتايدۇ يەنى قەشقەر كوچىلىرىدا توك ئىسكىلىتلار خۇددى سۇۋەيرەكتەك كۆپ بولۇپ ....ئۇ پۇتۇن قەشقەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە كەڭ تارقالغان ، مەن مەمىلكەتتىكى خېلى چوڭ شەھەرلەرگە بىرىپ باققان لىكىن قەشقەردەك توك ئىسكىلىتنى كۆپ مىنىدىغانلار قەشقەردىكىدەك كۆپ بولمىسا كېرەك ، ئىككى يىل بۇرۇن قەشقەردە قاتناش تارماقلىرى ئەنگە ئالغان توك ئىسكىلىتلار 200مىڭدىن ئاشقان ئىدى بۇ يىل 300مىڭدىن ئىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ،ئەگەر قەشقەردىكى توك ئىسكىلىتلارنى بىردىن قاتار قىلسا بىر توك ئىسكىلىت 2 مىتىر يەرنى ئىگەلىسە (ئەنگە ئالمىغانلارنى قوشساق )300000دىن ئارتۇق توك ئىسكىلىتنى قەشقەردىن قۇمۇل شىڭشىشاغىچە تىزغىلى بولىدۇ، مانا بۇ سان قەشقەر قاتناش تارماقلىرىغا زور بىسىم ئىلىپ كىلىپ، بۇ قەشقەر شەھەرىدىكى بىر ئىغىر ئىجتىمائى مەسىلە بولۇپ قالدى، قەشقەردىكى قاتناش ھادىسلىرىنىڭ %80تىنى توك ئىسكىلىتلار كەلتۈرۇپ چىقارماقتا . قەشقەرنىڭ ئامىۋى قاتناش ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر ياخشى بولسىمۇ لىكىن توك ئىسكىلىتتەك قولايلىق ھەم تېز راۋان ئەمەس .شۇڭا قەشقەرلىكلەر ئامىۋى ئاپتۇۋۇزنى ئەمەس توك ئىسكىلىتنى تاللايدۇ ، سىز ئاپتوۋۇز ساخلاپ بولغۇچى توك ئىسكىلىت بىلەن مەنزىلگە يىتىپ بولۇسىز ،شۇڭا توك ئىسكىلىت قەشقەرلىكلەرنىڭ قولايلىق قاتناش قۇرالىغا ئايلىنىشدىكى تۈپ سەۋەپ شۇ ....
بۇ سۈرەتلەرنى ئادەتتىكى كۈندە تارتقان شەنبە يەكشەنبە ياكى ھىيت بايراملاردا تارتقان بولسام تىخىمۇ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى كۆرەتتىڭلار
بۇنىڭدىن قەشقەردە توك ئىسكىلىتلارنىڭ قانچىلىك كۆپلىكنى ھىس قىلالايسىز ، ئەگەر ھەممە توك ئىسكىلىتلار بىرلا ۋاقىتتا كوچىغا چىقسا ئۇ چاغدا قانداق مەنزىرە يۇز بىرىدىغانلىقنى تەسەۋۇر قىلىش تەس.
بەزى كىشىلەرگە توك ئىسكىتىلىت شۇنداق سۈركۇلۇپ كەتسە دوختۇرغا بىرىپ ئۇشۇقلۇق قىلىپ نا توغرا ئۇسۇللار بىلەن ھەر خىل دورا ئوكۇل يازدۇرۇپ ،ھەر خىل ئۈسكۇنىدە ،بەدىنىنىڭ تەكشۈرۈتمىگەن يىرى قالمايدۇ،ھەتتا يوق ئىشقا ئوزۇقلىنۇش پۇلى ،ئىشتىن قىلىش ھەققى بىقىش ھەققى ،روھى زىيان ھەققى دەپ بىر توقام چىقىمنى باشقىلارغا ئارتىيدىغان، ئۇشۇقلۇق قىلىپ جان بىقىش كويىغا كىرگەنلەرمۇ ساماندەك كۆپ ،شۇنداقلا مۇشۇ توك ئىسكىلىت ھەيدەپ ھەقىقەتەن ۋەقە چىقىرىپ باشقىلارغار تۆلەم تۆلەپ قاق سەنەم بوپ سورۇلۇۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ، شۇڭا يول يۈرگەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ!
ئائىلىك ئولتۇراق رايۇندىمۇ توك ئىسكىلىتنى بوش ئورۇن تىپىپ قويۇشمۇ بىر مەسىلە بوپ قالدى....
مۇشۇ ئۈرۈمچىدە نەچچە 10 يىل ماشىنا ھەيدىگەن پىشقان شوپۇرلارمۇ قەشقەدىكى توك ئىسكىلىتنىڭ كۆپلىكىدىن ماشىنىسىنى خاتىرجەم ھەيدىيەلمەي ،ماشىنسى بىر يەرگە قويۇپ قويۇپ تاكسىغا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
بىر قىزىل چىراق يىقىلغان دوقىدا ئاز دىگەندە 20دىن 30 غىچە توك ئىسكىلىت يىغىلىدۇ، بەزىلەرنىڭ قىلچىلىك قاتناش قائىدىسى ئېڭى يوق بولۇپ ،پۇرسەت تىپىپ قىزىل چىراقنى بىسىپ ئۆتىدۇ ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بىر توك ئىسكىلىتقا ئىككى ھەتتا 3 ئادەم مىنىۋالىدىغان ئىشلارمۇ مەۋجۇت ۋە ياكى توك ئىسكىلىتقا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىسىپ خەتەرلىك يول يۈرۈيدىغانلارمۇ بار. .بەزىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزگە تىزىراق يول بىرىشىنى كۆزلەپ توك ئىسكىلىتىغا ساقچى ماشىنىسىنىڭ كانىيىنى بىكىتىۋىلىپ قالايمىغان ساقچى ماشىنىسىنىڭ سىگنالنى بىرىپ باشقىلارنى چۆچۈتۇپ ئۆزگە يول ئاچىدۇ.... يەنە بەزىلەر توك ئىسكىلىتىغا يۇقۇرى ئاۋازلىق ياڭراتقۇ بىكىتىۋىلىپ دىبا مۇزىكسىغا مەستخۇش بولۇپ يول يۈرۈشىدۇ، قول تىلىفون بىرىپ تۇرۇپ شۇنچە قىستىقىستاڭچىلىقتا خەتەلىك يول يۇرۇۋاتقانلارنىمۇ كۆپ ئۇچۇرتۇپ تۇرىمىز ....مەن مۇشۇنداق قىلمىشلارنى سۈرەتكە تارتىپ ئۇلارنى تور يۈزىگە چىقىرىشنى لايىق تاپمىدىم ، مۇشۇ تېمىنى يوللاش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ ،ھاياتىنى قەدىرلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
مەنبە ئۆزۇم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-1 07:26 PM
|
|
|
|
|
|