ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مىسرانىم ئەھلى، تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر تاپمىغىنى بىرباش پىياز، مەنمۇ يېقىندىن بۇيان مۇنبەرنى ئانچە-مۇنچە كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. شۇڭا مەنمۇ ئوتتۇرىغا تاشلىغان بىر پارچە، لېكىن مۇھەررىر چۈشەنمىدىمۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ بىرپارچە شېئىرىم مىسرانىمدا غايىپ بولدى، شۇڭا ساندۇقتىكىدىن يەنە بىرسى، بۇنى مىلادى 2012-يىلى5-ئايدا دىيارىمىزنىڭ غۇلجا ۋىلايىتىدە يازغان، ئۆزەم غۇلجىلىق ئەمەس لېكىن ، ھۆرمىتىم، مېھرىم چوڭقۇر...كەتتى ئەمسە.
غۇلجا تەسىراتلىرى
ئاققانلىرى سۇ ئەمەس مېھىر ،
ئىلىلىقنىڭ دەريالىرىدا.
تەمبۇر كۈي ئاجايىپ سېھىر،
چاڭقىغان كۈي تەشنالىرىغا.
ئۆي-ئۆيلەردە تۇتار قەلبىنى،
شىرىنگىنە ئەتكەن چاي قىلىپ.
كۈلكە بىلەن ئۆتەر ھەركۈنى،
تۆرگە باشلاپ سېنى ئۆز بىلىپ.
كوچىلاردىن چاقچاق تۆكۈلەر،
بارچە ئادەم چاقچاق كۆتۈرەر.
چاقچاقتا بار بۈگۈن ۋە ئەتە،
چاقچاق بىلەن تارىخ پۈتۈلەر.
تەلكىدىكى قارىغايلاردەك،
ئىلىدا جىق ئۇيغۇر ياشايدۇ.
ئىزلىرىنى بېسىپ سادىرنىڭ،
ئەۋلاد ئۈچۈن بوستان ياسايدۇ.
مەنبەسى : ئۆز قەلىمىم(كۆچۈرۈپ، تارقاتسىڭىز ئەسكەرتىڭ xaxyax.com دىن سۇبات)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xaxyax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-1 03:30 PM