بىر كۈنى
كۆكتە ئۇچقان قۇشلارمۇ قونىدىكەن بىر كۈنى،
چىن دوستۇڭمۇ ھەم دۈشمەن بولىدىكەن بىر كۈنى.
ياخشى چاغدا كۈلكىدىن باسالمىغان ئۆزىنى،
يامان بولۇپ كۆزىگە ياش تولاركەن بىر كۈنى .
ھىجايغانغا ئىشەنمە تۈلكە ئەپتى بەئەينى،
ياغلىما ھەم شىرىن سۆز باشقا چىقار بىر كۈنى.
سەن جان بەرگەن دوستلىرىڭ ئېچىپ ئەپتى بەشرىنى،
يىلىكىڭدىن قان شوراپ ئىچىدىكەن بىر كۈنى .
ئاھ،پاھ دىگەن مۇھاببەت ئۆزگىرىدۇ بىر كۈنى،
ئايلىنىپ ئۇ نەپرەتكە، كۆرسىتىدۇ بىر كۈنى.
ئىچ باغرىڭنى بەرسەڭمۇ سىنىڭ بولماس ئۇ ئەبەت،
خەق ئاغزىدا سۆز چۆچەك سۆزلىتىدۇ بىر كۈنى.
جىنىم بالام دەپ كۆيگەن ئەشۇ ئاتا-ئاناڭمۇ،
دەپقويمايلا تۇيۇقسىز كېتىدىكەن بىر كۈنى.
ئۆزۈڭ خان، ئۆزۈڭ بەگ بارچە بالا بىشىڭدا،
تۇرمۇش غىمى ئۈستۈڭدە قالىدىكەن بىر كۈنى.
ئىگىز تاغلار پەس بولۇپ،پاكار قىرلار ئىگىز بوپ،
غادايغانلار ئىگىلىپ ئالمىشاركەن بىر كۈنى .
كۆزگە ئىلماس پۇتاقلار يىرتىۋەتسە كۆتىنى ،
ئىگىلگەندە چىدىماي تالىشاركەن بىر كۈنى .
گۈزەل چاغدا گىدىيىپ خەقنى كۆزگە ئىلمىغان،
قېرىغاندا ئوخشاشلا سەتلىشەركەن بىر كۈنى.
پۇل بار چاغدا دوستۇم دەپ قىلمىغىنى قالمىغان،
گادايلاشساڭ تونۇماس پەسلىشەركەن بىر كۈنى
.ئۆز بىشىغا كۈن چۈشسە تەپ تارتمايلا ئىزدىيدۇ،
يىلىنىپ شۇ ئۆزگىگە ئۆتۈنەركەن بىر كۈنى.
نەپ چىقمىسا تىللايدۇ خەققە قىلىپ ئاھانەت،
ئەڭ ئالدىدا قاپقاننى كۆتۈرەركەن بىر كۈنى .
يالتايغۇزۇپ ياخشىدىن دوستلىرىڭدىن تاندۇرۇپ،
ئۆزى ئاستا قوينىغا كىرەر ئىكەن بىر كۈنى .
دوسلىرىڭغا دۈشمەن قىپ تەگ ئاستىدىن قۇترىتىپ،
سىنى يامان سېپىگە قاتار ئىكەن بىر كۈنى .
بۇ دۇنيادا ياخشى بوپ،ئەخمەق بولۇپ ئۆتسەڭمۇ،
ئاللاھىم ھەق، مەغپىرەت بىرەر ئىكەن بىر كۈنى .
ھەق ياشىغىن ئەركەكتەك جان كەتسىمۇ تەۋرىمەي،
گەر كەتسەڭمۇ قەبرەڭدىن گىياھ ئۈنەر بىر كۈنى .
خاقان
2012-يىل 5-ئاي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-1 12:11 PM