ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر ، ھەممىڭلار سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟ مۇنبەردىشىڭلار مۇسىلىنەدىن ئېگىلىپ تۇرۇپ ئوتلۇق سالام، خاسىيەتلىك رامىزاندا ،ھەممىڭلارنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن، ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن، چېھرىڭلاردىن كۈلكىلەر ئۆچمىسۇن،باسقان قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ،يېقىننىڭياقى رامىزان ئېيىنىڭ خاسىيىتىدىن مۇنبەردە ئادەمنىڭ دىلىغا يورۇقلۇق بېرىدىغان ئېسىل تېما ۋە ئىنكاسلار (قىسمەن ساندىكى ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ئىنكاسلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا) مەيدانغا كېلىپ،مۇنبەر كەيپىياتى باشقىچە جانلىنىۋاتىدۇ، بۇ قىزغىنلىقنى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، مۇنبەر كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان ئاساستا مۇشائىرە قىلىشايلى دېگەن مەقسەتتە بۇ مۇشائىرە سورۇنىنى ھازىرلىدىم،قېنى ئەمسە،مۇشائىرەگە مەرھەمەت قىلايلى...
يېشىم قىرىققا ئۇلاشقان چاغدا،
ئويلۇدۇم قايتىدىن ھايات سىرىنى.
ھاياتلىق يولىدا تىرىشساڭ ئەگەر،
ھاياتمۇ ئەسلىدە سۆيەركەن سېنى.
تامچىلغان يامغۇر تامچىسىى،
دەرىزەمگە ئۇرۇلار ئاستا .
سېغىنىشنىڭ ئاداققى نۇرى
كۈتۈش ئىچرە يوقىلار ئاستا.
بىر كۆرۈشكە تەشنامەن سېنى،
سېنى كۆرمەي تاپمايمەن ئارام.
كېچە -كۈندۈز خىيالىم سەندە،
سەنسىز ھەركۈن مەن ئۈچۈن ھارام.
مۇشائىرە قائىدىسى:بۇ ئۈچ كۇبلىت شېئىر مەزمۇن جەھەتتىن ئايرىم –ئايرىم يېزىلغان ،يازغاندا شېئىرنىڭ ئاخىرىقى مىسراسىنى كېيىنكى كۇبلىتنىڭ باشلىنىش مىسراسى قىلىپ داۋاملاشتۇرىمىز، قايسى كۇبلىتنىڭ ئاخىرقى مىسراسىنى داۋاملاشتۇرساق بولىۋېرىدۇ،قېنى ئەمسە مەيلىڭلار بارلار مەرھەمەت....
مەنبە :قېرى ھېسلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-1 11:50 AM