كېسىلگەن تىلىمنىڭ پارچىسى نەدە
ياراممۇ قانىدى ، يۈرىكىممۇ ھەم،
دەردىمنى ئاڭلىدى كېسىلگەن توغراق.
ئاپتاپنىڭ تەپتىدە قىزارغان يۇلغۇن،
باغرىدا ، تىنىدە بىر ئۇزۇن چاڭقاش.
كېسىلگەن تىلىمنىڭ پارچىسى نەدە ؟!
ئويۇلغان كۆزۈمگە قۇملار لىق تولغان.
كېسىلگەن يىلتىزلار يىغلار بۇقۇلداپ،
قاراقلار نۇرىدىن تۆكۈلىدۇ قان.
بۇ دۇنيا بىر يۇتۇم دىمىدە خۇددى،
بۇ ھايات مەن ئۈچۈن مۇشتۇمدەڭ ئازاب.
ھەقنى دەپ تۇغۇلدۇم، ھەقنى دەپ ئۆلەي،
گۇناھكار بولغۇم يوق جاننى دەپ ياشاپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-1 08:36 AM