تۇنجى قەدەم . (مۇخەممەس) . ئە يلىگەچ چىن ئىشتىياق بۇ قولۇمغا ئالدىم قەلەم ، دىلدىكى ئۆچمەس ھاياجان باش ئىگىپ بەرگەچ ئەلەم. ئىزدىگەچ دىلغا شىپا،روھقا قۇۋەت، بۇ تەنگە ئەم . يېڭى بىر مەنزىل ئارا ماڭدىم تامان،تارتساممۇ غەم ، مەيلىدۇر ھىچ ئارمىنىم يوق باسقىنىم تۇنجى قەدەم .
بۇ قەدەم تەغدىرگە ئىز ھەم مەنزىلمۇ شۇنچە يىراق ، بەلكى ئۇ مەۋھۇم نىشان،يوقتۇر ماياك ھەتتا چىراق . دىلدا يوقتۇر ھىچ ئەيمىنىش مەن گويا ئەھلى شىراق، مەن خوشال ،يوقتۇر ئازاپ مەن نەلەردەتارتاي پىراق . باسقىنىم تۇنجى قەدەم،زارلىنىش يوق مەندە غەم .
تەغدىرىم كاجمۇ مېنىڭ يا ،كەلمىدى ھىچبىر تەلەي ، بىر قەدەم باسسام بىراق بۇ دۈشمىنىم كۈلدى ئەتەي . سورىشىم ھاجەت ئۇنىڭدىن كۈلىشىن سېرنى بىلەي، ئۇ دېدى:- كۈلكەم شۇنىڭدىن مەن ساڭا ئېيتىپ بېرەي . ماڭغىنىڭ بىمەنە يولدۇر ئۇپراتما بىھۇدە چەم .
نە پىسەنىت قىلدىم ئۇنىڭغا ماڭغىنىم ھەقنىڭ يولى ، كۈلسىمۇ مەيلى ئىشىمغا ئاڭلىغان خەقنىڭ تولى . ئىستىدىم يېڭى نىشاننى،ناكەسنىڭ سالغان قولى ، تەۋرىتەلمەس ئىرادەمنى ، ئۇپرىماس ئىشەنچ ئۇلى . باسقىنىم باسقان قەدەمنى ياڭرىتىپ ھەريان ئايەم . بىر ئۈمۈت ئىچرە ماڭىمەن يىگانە تاڭغا قاراپ ، يانمىغاي كامىل ئىشەنچىم شۇ خەتەر ھاڭغا قاراپ . ھەممە ھەيران توۋىدا مەن كەبى ساراڭغا قاراپ ، بىر جېنى تۇرسا ئۇنىڭ ....كۈلدۇم بۇ پاراڭغا قاراپ . باسقىنىم تۇنجى قەدەم دۈشمەن بىلەن بولمايمەن جەم.
چىقمدى ماڭغان سىرى ، ماڭغان قەدەمنىڭ ئاخىرى ، ئۆچمىدى ئەمما ئۈمۈتنىڭ شاملىرى بولماي نېرى . ياندىشىپ روھقا قۇشۇلدى،بىر قەدەم ئالغان بېرى ، ئەسلىدە تەتۈر جاھانكەن،ھەق-ناھەق ھەممە يېرى. ئۆزقولۇمدا تاللىشىم خەير ، ئىشلەتمەي بولمايدۇ پەم .
بىلمىدىم بۇ قەدەمدە مەن بولدۇممۇ يا ھاماقەت ،
ئاخىرى چىقماس ئىكەن بۇ ،كەلدىمۇ ماڭا ئاپەت . دەرت چىكەيمۇ،ياق بۇلۇر بۇ ماڭا بىر چوڭ ھاقارەت ، يىتەرمەن مەنزىل ئارا ،باردۇر يولۇمدا ھىدايەت . باسقىنى باشقا ئەمەس بۇ قەدەمنى دەل ئەپچىلەم.
مەنبەسى: ئەپچىلەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-1 03:49 AM
|